ھىجرىيە: | مىلادىي: 14 Kasım 2019

چىكىنىڭ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەج قىلىش شەكلى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەج قىلىش شەكلى

     

        جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتىدە رەسۇلۇللا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەج قىلغان شەكلىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دىگەن :

      « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەت قىلىپ 9 يىلغىچە ھەج قىلمىغان ئىدى . ئۇندىن كىيىن كىشىلەرنىڭ ھەج قىلىشىغا روخسەت قىلدى . شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بۇ يىل ھەج قىلماقچى دېگەن خەۋەر تارقىتىلدى . نۇرغۇن كىشىلەر مەدىنىگە كىلىپ ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ھەج قىلىش تەلىۋىنى قويدى .

      بىز ھەممىمىز رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەجگە نىيەت قىلىپ چىقىپ ، زىلھەلىيپە دېگەن يەرگە كەلگەندە ، ئەسما بىنت ئەيسا، مۇھەممەد بىن ئەبۇبەكرى دېگەن ئايال ساھابە تۇغدى ۋە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا ئادەم يوللاپ ، مەن ئەمدى قانداق قىلىمەن دەپ سورىغان ئىدى ، رەسۇلۇللاھ : غۇسلى قىلىپ(يۇيۇنۇپ) تازىلىق قىلىپ، ئىھرام كىيىمىنى كىيىڭ دەپ بۇيرىدى . شۇ يەردە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام 2 رەكئەت ناماز ئوقۇپ تۆگىسىگە مىنىپ ، مەككە تەرەپكە قاراپ ماڭدى . رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئەتراپىدا ئادەملەر كۆپ ئىدى . رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان چۈشۈۋاتاتتى .

 ئۇ :" لبيك اللهم لبيك ، لبيك لا شريك لك لبيك ، إن الحمد والنعمة لك والملك ، لا شريك لك ." دەپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تەھلىل ئوقۇدى ، كىشىلەر ھەممىسى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ تەھلىل ئوقۇدى .

      رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىلەن ساھابىلار بەيتۇللاغا يىتىپ كەلدى . ئۇلار ئۆمرە ئۈچۈن ئەمەس ھەج ئۈچۈن كەلگەن ئىدى . ئۇلار بەيتۇللاغا كىرىپلا رۇكۇن يامانىنى بوسە قىلىپ (يەنى ھەجەرۇلئەسۋەدنى سۈيۈپ) ، ئاندىن كەبىنى تاۋاپ قىلىشقا باشلىدى . كەبىنى 7 تاۋاپ قىلغاندىن كىيىن ئاخىرقى قېتىمدا يەنە ھەجەرۇلئەسۋەدنى سۈيۈپ ، مەقامى ئىبراھىمغا كىلىپ 2 رەكەت ناماز ئوقۇدى . ئۇندىن كىيىن ساپا تەرەپكە قاراپ مېڭىپ ساپاغا يېقىنلاشقاندا :" إن الصفا و المروة من شعائر الله " دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ ، مەن ئاللاھ باشلىغان نەرسە بىلەن باشلايمەن دەپ ساپا تېغىنىڭ ئۇستىگە چىقىپ ، بەيتۇللانى كۆرگەندە ، قىبلىگە ئالدىنى قىلىپ ، تەكبىر تەھلىل ئوقۇپ مۇنداق دېدى: " لا إله إلا الله وحده لا شريك له ، له الملك و له الحمد ، و هو على كل شي قدير. لا إله إلا الله وحده ، أنجز وعده ، و نصر عبده ، و هزم الاحزاب وحده " دېگەن دۇئانى ئوقۇپ ، باشقا دۇئالارنىمۇ ئوقۇپ ، مەرۋە تېغىغا چۈشتى .

" بطن الوادي " دېگەن يەرگە كەلگەندە يوگۈردى (ھازىرقى يېشىل چىراق بار يەر). قالغان ئورۇندا ئاستا ماڭدى . شۇنداق قىلىپ ساپا- مەرۋىنى 7 قېتىم ئايلىنىپ بولغاندا ، رەسۇلۇللا ئەلەيھىسسالام  ساھابىلارغا سۆزلەپ: مەن قۇربانلىقنى بىرگە ئېلىپ كەلمىگەن بولسام ، ئۆمرىگە نىيەت قىلىپ ئىھرامدىن چىقاتتىم . ئەمدى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا قۇربانلىق ئېلىپ كەلمىگەنلەر بولسا ، ئىھرامدىن چىقسا بولىدۇ دەپ روخسەت قىلدى .

       بەزى ساھابىلار : ئې رەسۇلۇللا بۇنداق ئۆمرە قىلىپ ئىھرامدىن چىقىپ ، ھەجگە قايتا ئىھرام باغلايدىغان ئىش بۇ يىل ئۈچۈنلا بولامدۇ ياكى ئەبەدىيمۇ؟ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: ئەبەدىي دەپ جاۋاپ بەردى .

      نۇرغۇن ساھابىلار چاچلىرىنى كېسىپ ، چۈشۈرۈپ ئىھرامدىن چىقتى . بىراق رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ۋە قۇربانلىق ئېلىپ كەلگەن ساھابىلار ئىھرامدىن چىقمىدى .

     زۇلھەجنىڭ 8- كۈنى (تەرۋىيە كۈنى) بولغاندا ، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام باشلىق ھەممە ساھابە مىناغا يۈزلەندى. يەنە لەببەيك ئوقۇپ ، تەھلىل توۋلاپ ، ئۇلاغلىرىغا مىنىپ چىقىشتى . رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ساھابىلار بىلەن مىنادا پىشىن ، ئەسىر ، نامازشام ، خۇپتەن نامازلىرىنى بامداتنىمۇ ئوقۇپ بىر ئاز تۇرۇپ كۈن چىققاندا ، ئەرەپاتقا قاراپ يولغا چىقتى . ئۇندىن كىيىن نەمىرە دېگەن يەردە بىر چىدىر تىكىشنى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بۇيرىغان ئىدى. ئەرەپاتتا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام شۇ چىدىرغا كەلدى ۋە شۇ يەرگە ئورۇنلاشتى . ئەرەپاتتا تۇرۇپ كۈن ئىگىلگەندە ، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام «بەتنىل ۋادى» دېگەن يەرگە كىلىپ ، ئەرەپاتتا تۇرغان ھاجىلارغا خۇتبە ئوقۇشقا باشلىدى . كىشىلەرگە نەسىھەت قىلدى ۋە مۇنداق دېدى : سىلەرنىڭ قانلىرىڭلار سىلىرگە مۇشۇ شەھرىڭلاردا ، مۇشۇ ئېيىڭلاردا ، مۇشۇ كۈننىڭ ھۆرمىتىدەك ھارامدۇر، جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلدىن قالدى . بىزنىڭ قانلىرىمىزدىن بىرىنچى قېتىم ئاقتۇرۇلغان قان ئىبنى رەبىئە ئىبنىل ھارىسنىڭ قېنىدۇر . جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ جازانىسى بىكار قىلنىدۇ . بىكار قىلىنىدىغان بىرىنچى جازانە ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ جازانىسىدۇر .

      ئاياللار توغرىسىدا ئاللاھتىن قورقۇڭلار ، سىلەر ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى بىلەن ئالدىڭلار، ئاللاھنىڭ سۆزى بىلەن ئۇلارنى ئۆزۈڭلارغا ھالال قىلدىڭلار ، ئۇلارنىڭ سىلەر گە بولغان ھەققى بولسا، سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا يات كىشىلەرنى يېقىنلاشتۇرماسلىقى لازىم . ئەگەر ئاياللىرىڭلار يات ئەرلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلسا ، ئۇلارنى ئۇرۇڭلار . سىلەر ئاياللىرىڭلارغا يىمەك - ئىچمەك ، كىيىم- كېچەك بىرىش مەجبۇرىيىتىڭلار بار . مەن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا شۇنداق نەرسە قويدۇمكى ، ئۇنىڭغا مۇستەھكەم ئېسىلىڭلار ئېزىپ كەتمەيسىلەر ، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاندۇر .

      سىلەر مەن توغۇرلۇق سورالساڭلار نېمە دەيسىلەر دېگەن ئىدى ، ساھابىلار: بىز شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بىرىمىزكى، سىز  بىزگە يەتكۈزدىڭىز ، نەسىھەت قىلدىڭىز . رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بارمىقى بىلەن ئاسمانغا ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ ، كىشىلەرگە: ئې ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن ، ئې ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن دەپ 3 قېتىم تەكرارلىدى .

       ئۇندىن كېيىن ئەزان ئوقۇلدى ۋە تەكبىر ئوقۇلدى . پىشىن نامىزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىمام بولۇپ ئوقۇدى. ئەسىر نامىزىنىمۇ ئوقۇدى . ئارىدا ھېچقانداق ناماز ئوقۇلمىدى .

     ئۇندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇلاققا مىنىپ ئەرەپاتنىڭ مۇزدەلىپە تەرەپتىكى بىر چېتىگە كىلىپ قىبلىگە ئالدىنى قىلىپ، ئۆرە تۇرۇپ كۈن كىرىپ كەتكۈچە دۇئا قىلدى. كۈن كىرىپ كەتكەندىن كىيىن مۇزدەلىپە تەرەپكە قاراپ يول ئالدى . ساھابىلارغا ئوڭ قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ، ئاستا- ئاستا مېڭىڭلار دەپ تەۋسىيە قىلدى . رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ساھابىلار بىلەن مۇزدەلىپەگە يىتىپ كىلىپلا ، ناماز شام بىلەن خۇپتەن نامازلىرىنى بىر ئەزان ئىككى تەكبىر بىلەن ئوقۇدى . ئىككى ناماز ئارلىقىدا تەسبىھ - تەھلىل ئېيتمىدى . ئۇندىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاڭ ئاتقۇچە مۇزدەلىپەدە ئۇخلىدى . تاڭ ئاتقاندا ئەزان، تەكبىر بىلەن بامدات نامىزىنى ئوقۇدى . ئۇندىن كىيىن مەشئەرىلھەرەمگە كىلىپ ، قىبلىگە يۈزلىنىپ دۇئا قىلدى. تەكبىر ئېيتتى، تەھلىل ئوقۇدى. كۈن چىقىشتىن بۇرۇن مىنا تەرەپكە قاراپ ماڭدى ۋە جەمرەتۇلكۇبرا دېگەن چوڭ شەيتانغا قاراپ يول ئالدى. چوڭ شەيتانغا كەلگەندە 7 تاشنى ئاتتى، ھەر بىر تاشنى ئاتقاندا ئاللاھۇ ئەكبەر دېدى . ئۇندىن كىيىن مال بوغۇزلايدىغان يەرگە بېرىپ، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۆز قولى بىلەن 63 قۇربانلىقنى بوغۇزلىدى . ئۇندىن كىيىن پىچاقنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بەردى ، ئۇمۇ بوغۇزلىدى . قۇربانلىق قىلىنغان ماللارنىڭ گۆشلىرىدىن بىر ئاز قازانغا سېلىپ پىشۇرۇپ يىيىلدى ، شورپىسى ئىچىلدى . ئۇندىن كىيىن يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاققا مىنىپ ، مەككە مۇكەررىمىگە قايتىپ ، بەيتۇللادا پىشىن نامىزىنى ئوقۇدى. ئۇندىن كىيىن ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ باللىرىنىڭ قېشىغا كىلىپ ، بىر چىلەكتە زەمزەم چىقارغۇزۇپ ئىچتى. كەبىنى 7 قېتىم تاۋاپ قىلدى . ساپا - مەرۋا ئارلىقىدا سەئيى قىلدى . يەنە قايتىپ مىناغا چىقىپ قونۇپ ، قالغان 2 كۈندە 3 شەيتانغا تاش ئېتىپ ھەجنى ئاخىرلاشتۇردى.

      مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسەلامنىڭ ئاخىرقى قېتىم قىلغان «ھەججەتۇلۋىدا» نىڭ جەريانىدۇر .

    يۇقىرىدا "پەيغەمبەر ئەلەيھى ۋەسەلەم قانداق ھەج قىلغان ؟" دېگەن ماۋزۇدا ، رەسۇلۇللا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش جەريانى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتتۇڭلار . يۇقارقى پائالىيەتلەر ھەجنىڭ ئاساسلىق پائالىيەتلىرى ھېساپلىنىدۇ .

     ئاللاھ پۈتۈن ھاجىلارنىڭ ھەجلىرىنى قوبۇل قىلىپ ، تۇغۇلغان كۈنىدەك پاك قىلسۇن ئامىن!!!

تەييارلىغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى

باشقا خىزمەتلەر