ھىجرىيە: | مىلادىي: 23 Ocak 2021
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى، ئىستانبۇلدا تەلىم ـ تەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان جەمئىيەت ۋە شەخىسلەرنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن، يېقىندىن بۇيان مىسرىدىن تۈركىيەگە كېلىپ يەرلىشىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر «خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى. بۇندىن كېيىن مىسىردىن كەلگەن ۋە كېلىدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىلەت، تۇرالغۇ، ئوقۇش، تۇرمۇش ۋە باشقا قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر گۇرۇپپا بىلەن ئالاقە قىلىشىنى سورايمىز.
شۇنداقلا بۇ خىزمەتكە ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەملىشىدىغان ھەر قانداق شەخىس ۋە ئورگانلارنىڭ مۇشۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىغا مۇراجىئەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
مەزكۇر خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ۋەكىللىك قىلغۇچى ئورگان: سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى.
ئادرېس: زەيتىنبۇرنۇ، دېپو دۇراق قارشىسى.
Yenidoğan Mah. 50/1. Sok. Bina No: 16/1 Zeytinburnu/İstanbul- Türkiye
Tel: 0090- 212- 5850177
مەسئۇل شەخىس: ئۆمەر قاراجىم.
تېل: 05050235311
ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى
سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى
ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى
قۇتادغۇبىلىك ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتى
دارۇلئىمان تەلىم-تەربىيە ۋە مەدەنىيەت خىزمەتلىرى جەمئىيىتى
باشقا خىزمەتلەر