ھىجرىيە: | مىلادىي: 19 Haziran 2021

چىكىنىڭ
ئاتا-ئانىلار ئائىلىگە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئەۋلادلىرىنى ياخشى تەربىيلەش

ئاتا-ئانىلار ئائىلىگە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئەۋلادلىرىنى ياخشى تەربىيلەش

شەيخ دوكتور/ سالىھ بىن مۇھەممەد ئالى تالىب

(2010-7-31)

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا:

 «ئاتا-ئانىلار ئائىلىگە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئەۋلادلىرىنى ياخشى تەربىيەلەپ ئۈممەتكە ياراملىق ئىنسانلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

 ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراڭلار ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇڭلار، ئائىلە تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىڭلار، توي قىلغانلار ئەخلاقى ياخشى، دىندار، تەقۋادار ئاياللارنى تاللاڭلار، ئەۋلادلىرىڭلارنى ياخشى تەربىيلەڭلار! چۈنكى، ئەۋلادلار ئۈممەتنىڭ كەلگۈسى ۋە ھىمايىچىلىرىدۇر.

ئاساسى مۇستەھكەم، پۇختا ئائىلىدە ئېسىل ئەخلاق، گۈزەل خىسلەتلەر يېتىلىدۇ، تەلەپكە لايىق ۋە ئىشەنچلىك ئەزىمەتلەر تاۋلىنىپ چىقىدۇ. ئەخلاقى ياخشى، نومۇسچان ئائىلىدە ئىپپەتلىك ئاياللار تەربىيىلىنىدۇ. ئىسلام دىنى جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكى بولغان ئائىلە تۇرمۇشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. ئىسلام يەنە ئائىلىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەۋسىيە قىلغان، ئائىلە گۈللىنىشنىڭ ئۆزىنى ياخشىلىق ۋە نېمەت دەپ سۈپەتلىگەن. ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ياخشى بولغان ۋە ئاتا-ئانا بىر ئۆيدە بولغان ئائىلىدە تەربىيەلەنگەن ئەۋلادلار، ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلماستىن، بەلكى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەكسىچە، شەيتان قانداق بىر ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى قالايمىقان قىلىپ، ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سېلىپ ئايرىۋىتەلىسە، بىرلا ئۆينى بۇزۇپ، بىر تۈرلۈك يامانلىق كەلتۈرگەن بولماستىن، بەلكى ئۇ يىراقنى كۆزلىگەن ھالدا ئىسلام ئۈممىتىنى ۋەيران قىلىش يولىدا غەلىبىلىك قەدەم ئالغان بولىدۇ.

ئائىلە تۇرمۇشىدا خاتىرجەملىك ۋە ئۈنسى-ئۈلپەت ئىنسان ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بۈيۈك نېمىتىدۇر. چۈنكى، بۇ ئۇلۇغ نېمەتنىڭ قەدرىنى ئائىلىسى ۋەيران بولۇپ پەرىشانلىق ئىچىدە ياشىغان، ئاتا-ئانا مېھرىدىن مەھرۇم بولۇپ، يېتىم قالغان ئەۋلادلاردىن باشقا ھېچكىم ياخشى چۈشىنەلمەيدۇ. ئىسلام دىنى ئۆينىڭ چوڭ-كىچىك ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن راھەتلىك، خاتىرجەملىك، كۆڭۈل ئازادىلىكى ھېس قىلىدىغان بىر مۇقەددەس ۋە ئىللىق ماكان بولۇشىنى خالايدۇ. ئەكسىچە، جېدەل-ماجىرا، ئۇرۇش-چېقىش، ئاداۋەت-خۇسۇمەت ماكانى بولۇشنى قەتئىي خالىمايدۇ. ئىسلام ئۆينىڭ ھۆرمىتىگە كاپالەتلىك قىلغان. چۈنكى، خالىغان ئادەمنىڭ قانداق ئۆي بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇنىڭغا رۇخسەتسىز كىرىشنى چەكلىگەن. قانۇنسىز ھالدا بېسىپ كىرىش ۋە ئۆي ئىچىدىكى ئىشلارنى مەخپى ھالدا كۆزىتىپ جاسۇسلىق قىلىشنى قەتئىي ھارام قىلغان.

 توي قىلىشنى پەقەتلا جىسىمنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش، ھەۋەس ۋە شەھۋەتنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا دەپ قاراش ھېسسىيات ۋە تەپەككۇردە چۈشكۈنلەشكەنلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. ئائىلە بۇنداق ماددىي قاراشلاردىن تولىمۇ ئۈستۈندۇر. ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ خاتىرجەملىك، راھەتلىك، مۇقىملىق ئىچىدە ئۆتۈشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ شۇ ھىكمىتىنى رېئال تۇرمۇشتا تەجرىبە قىلىپ، ئىناق، ئىتتىپاق، ھەمكارلىق روھى كۈچلۈك ئۆتكەن ئائىلىنىڭ مۇكاپاتى جەننەت ئىكەنلىكىدە شەك يوق.

شۇ ئاساستا ئىسلام بارچە ئىنسانىيەتنى ئائىلە قۇرۇش، ئەۋلاد يېتىشتۈرۈشكە بۇيرىغان ھەمدە ئىلگىرى ئۆتكەن بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننىتى قىلىپ بېكىتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسلام دىنى ئاتا-ئانىلارنى ئوغۇل- قىزلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ياخشى كىشىلەرنى تاللاپ ئۆيلەندۈرۈپ ئىناق ئائىلە قۇرۇپ بېرىشكە چاقىرىدۇ ھەمدە توي ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش، تويلۇق چىقىمى، مېھىر ھەققىنى ئېغىر قويىۋالماستىن توي قىلماقچى بولغان ئوغۇل-قىزلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىگە قاراپ مۇۋاپىق ھالدا توي چىقىمىنى يەڭگىللەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

توي قىلىشتا ئاساسلىق شەرت (ئەخلاق ۋە دىن) بولۇش كېرەك. ئوغۇل قىزلارغىمۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ ھالال جۈپتىنى تاللاش ئەركىنلىكى بېرىلىشى كېرەك. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوغۇل، قىزلىرىنى ئۇلار خالىمايدىغان كىشىلەرگە زورلاپ توي قىلىپ بېرىشى توغرا ئەمەس. بەزىلەر كىچىك قىزلىرىنى باي، مەنسەپدار، قېرى ئادەملەرگە مەجبۇرى ياتلىق قىلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت، بۇنداق قىلىش ئىسلامدا توغرا ئەمەس ھەمدە بۇنداق تەڭسىز توينىڭ ئاقىۋىتى پاجىئەلىك مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ھەر بىر ئاتا-ئانا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئاساسى مەقسەت قىلىشى كېرەك. ئەكسىچە، بەزى ئىنسانلارنىڭ ئوغۇل قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىن ئۆزىنىڭ ماددىي مەنپەئەتىنى كۆزلىشى ۋە شۇ پرىنسىپ بويىچە توي قىلىشى توغرا ئەمەس. ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدە ئەركىشى ئائىلىنىڭ ئىگىسىدۇر. بۇ ئىگىلىك ئەر كىشى ئۈچۈن ئابرۇي-مەنسەپ بولماستىن، بەلكى ئىلاھىي تەكلىپ ۋە مەسئۇلىيەتتۇر. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئائىلىدىن ئىبارەت مۇكەممەل تۈزۈم بولغان ئائىلە قۇرۇلۇشىنى ئىلاھىي قانۇن-پرىنسىپى بويىچە ماڭدۇرۇشتۇر. چۈنكى، ئەر كىشىنىڭ ئايال كىشىگە قارىغاندا ئېغىرچىلىقلارنى تەھەممۇل قىلىش ۋە سەۋرچانلىق قۇدرىتى كۈچلۈك بولىدۇ.

 سىراجىددىن ئەزىزى تەرجىمىسى.

باشقا خىزمەتلەر