ھىجرىيە: | مىلادىي: 23 Haziran 2021

چىكىنىڭ
ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش ئىبادەتتۇر

ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش ئىبادەتتۇر
مۇھەممەد يۈسۈپ


ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش — ئاللاھ تائالانى ئېسىدىن چىقارماسلىق، ئۇنىڭ بىزنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاش، مەدھىيەلەش، ئۇنىڭ ئىلىمى ۋە قۇدرىتى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش، نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش دېگەنلىكتۇر. ِنَّ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ لَآَيَاتٍ لِأُولِي الْأَلْبَابِ. الَّذِينَ يَذْكُرُونَ اللَّهَ قِيَامًا وَقُعُودًا وَعَلَى جُنُوبِهِمْ وَيَتَفَكَّرُونَ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ رَبَّنَا مَا خَلَقْتَ هَذَا بَاطِلًا سُبْحَانَكَ فَقِنَا عَذَابَ النَّارِ «شەكسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقلى ساغلام كىشىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئوپئوچۇق دەلىللەر بار. ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ (ۋە مۇنداق دەيدۇ:) «ئى رەببىمىز! سەن بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ. (ھېكمەتسىز ئىش قىلىشتىن) ئەلۋەتتە پاكتۇرسەن! بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنى ياد ئېتىپ تۇرىدىغان ئادەم بىلەن ئاللاھنى ياد ئەتمەيدىغان ئادەمنىڭ پەرقى تىرىك بىلەن ئۆلۈككە ئوخشاشتۇر» .
ئاللاھ تائالانىڭ ياد ئېتىش بەندىنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا بولغان باغلىنىشىنى كۈچەيتىدۇ، سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئاشۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۆزىگە يېقىن ئىكەنلىكىنى ۋە بارلىق ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇ، دىندا مۇستەھكەملىكنى، ئىماننى، ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىشەنچنى ۋە ئىستىقامەتنى كۈچەيتىدۇ.
ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىشنىڭ تۈرلىرى
ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش تىل بىلەن، دىل بىلەن ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن بولىدۇ.
1. ئاللاھ تائالانى تىل بىلەن ياد ئېتىش
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَأَمَّا بِنِعْمَةِ رَبِّكَ فَحَدِّثْ «رەببىڭنىڭ نېمىتىنى ئاغزىڭدىن چۈشۈرمە». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تىلىڭ ئاللاھقا زىكىر ئېيتىش بىلەن ھۆل بولۇپ تۇرسۇن» .
2. ئاللاھ تائالانى دىل بىلەن ياد ئېتىش
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: وَاذْكُرْ رَبَّكَ فِي نَفْسِكَ تَضَرُّعًا وَخِيفَةً وَدُونَ الْجَهْرِ مِنَ الْقَوْلِ بِالْغُدُوِّ وَالْآَصَالِ وَلَا تَكُنْ مِنَ الْغَافِلِينَ «رەببىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە _ ئاخشامدا پەس ئاۋازدا ئۇنىڭغا زىكىر ئېيتقىن، ھەرگىز غاپىللاردىن بولمىغىن» .
3. ئاللاھ تائالانى ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن ياد ئېتىش
مەيلى دۇنيالىق ياكى ئاخىرەتلىك ھەممە ئىشلىرىمىزدا، گەپ-سۆزلىرىمىزدە، مۇئامىلىمىزدە ۋە بارلىق يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز ئاللاھ تائالانى ياد ئەتكەنلىكتۇر.
ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش پەرزدۇر
ئاللاھ تائالانى كۆپ ياد ئېتىش، ئۇنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە تۇتۇش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اذْكُرُوا اللَّهَ ذِكْرًا كَثِيرًا «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئالاھنى كوپ ياد ئېتىڭلار» ، « يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا تُلْهِكُمْ أَمْوَالُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ» يەنى «ئى ئىمان ئېيتقانلار! پۇل _ ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن» دېگەن ئايەتلەر بۇنى ئىپادىلەيدۇ.
ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش بىلەن دىل ئارام تاپىدۇ
ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىشنىڭ ھەقىقىي مېۋىسى كۆڭۈلنىڭ ئارام تېپىشى، دىلنىڭ خاتىرجەملىكىدۇر.  الَّذِينَ آَمَنُوا وَتَطْمَئِنُّ قُلُوبُهُمْ بِذِكْرِ اللَّهِ أَلَا بِذِكْرِ اللَّهِ تَطْمَئِنُّ الْقُلُوبُ « ئۇلار (يەنى ئاللاھ ھىدايەت قىلىدىغان كىشىلەر) ئىمان ئېيتقان، دىللىرى ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدىغان كىشىلەردۇر. بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ» .
ئاللاھ تائالانى كۆپ ياد ئېتىشنىڭ يوللىرى
ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىشنىڭ يوللىرى ناھايىتى كۆپتۇر. مەسىلەن: قۇرئان ئوقۇش، پەرزلەرنى ئادا قىلىش، ئىلىم سورۇنلىرىغا قاتنىشىش، ئەتىگەن – ئاخشىمى ۋە ھەر نامازدىن كېيىن ئۇنىڭغا زىكىر ئېتىش، ھەر ۋاقىت ئۇنىڭغا دۇئا قىلىش ۋە مۇناجات قىلىش قاتارلىقلار.
1. قۇرئان ئوقۇش
قۇرئان كەرىم ئۆزى زىكىردۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا الذِّكْرَ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ «قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە ئۇنى ئەلۋەتتە ئۆزىمىز قوغدايمىز» دېگەن سۆزىدە ئۇنى زىكىر دەپ ئاتىغان. شەكسىزكى، قۇرئان ئوقۇغان، ئۇنى يادلىغان ۋە ئاڭلىغان كىشى ئاللاھ تائالانى ياد ئەتكەن بولىدۇ.
2. پەرز ئەمەللەر
پەرز ئەمەللەرنى ئادا قىلىش ئاللاھ تائالانى ياد ئەتكەنلىكتۇر. مەسىلەن: ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش، ھەج قىلىش قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئورۇنداش ئاللاھ تائالانى ياد ئەتكەنلىكتۇر.  إِنَّنِي أَنَا اللَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا أَنَا فَاعْبُدْنِي وَأَقِمِ الصَّلَاةَ لِذِكْرِي «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. شۇڭا، سەن ماڭىلا ئىبادەت قىلغىن، مېنى ياد قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن» .
3. ئىلىم سورۇنى
ئوقۇش، ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش، ۋەز-نەسىھەتلەرنى ئاڭلاش، ئۆلىمالارنىڭ مەجلىسلىرىگە ھازىر بولۇش قاتارلىق ئىشلارنى ھەممىسى ئاللاھ تائالانى ياد ئەتكەنلىكتۇر. چۈنكى يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداش ئۇنى ياد ئەتكەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا ئىلىم ئەھلىنى زىكىر ئەھلى دەپ سۈپەتلىگەن.  فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِنْ كُنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ «بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوراڭلار» .
4. ئاللاھ تائالانى ھەر ۋاقىت ياد ئېتىش
ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرىنى ئوقۇش، ئۆگىنىش، ئەتىگەن- ئاخشىمى، ھەر نامازدىن، ئۇيقۇغا بارغان ۋە تۇرغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالاغا زىكىر ئېيتىش، دۇئا قىلىش، ئىستىغفار ئېيتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانى ياد ئەتكەنلىكتۇر.
5. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىش
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىش ئاللاھ تائالانى ياد ئەتكەنلىككە كىرىدۇ. چۈنكى دۇرۇد ئېيتىشقا ئەمر قىلغۇچى زات ئاللاھ تائالادۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئورۇنداش ئۇنى ياد ئەتكەنلىكتۇر. إِنَّ اللَّهَ وَمَلَائِكَتَهُ يُصَلُّونَ عَلَى النَّبِيِّ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا صَلُّوا عَلَيْهِ وَسَلِّمُوا تَسْلِيمًا «شەكسىزكى، ئاللاھ پەيغەمبەرگە رەھمەت قىلىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ (ئۇنىڭ ئۈچۈن) مەغپىرەت تىلەيدۇ، ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەرمۇ ئۇنىڭغا دۇرۇد ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار» . ئەللامە ئىززۇددىن ئىبنى ئابدۇسسالام مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھقا دۇرۇد ئېيتىشىمىز بىزنىڭ ئۇنىڭغا شاپائەت قىلغانلىقىمىز ئەمەس، چۈنكى بىز رەسۇلۇللاھقا شاپائەت قىلالمايمىز. لېكىن ئاللاھ بىزنى بىزگە ياخشىلىق قىلغان كىشىگە ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرۇشقا، ئەگەر قايتۇرالمىساق، ئاللاھنىڭ قايتۇرۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلىشقا بۇيرۇغان. بىز رەسۇلۇللاھنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئاللاھ بىزنى ئۇنىڭغا دۇرۇد ئېتىشقا بۇيرۇغان» . ئىسلام ئۆلىمالىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىشنىڭ ئىبادەت ئىكەنلىكى ۋە ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرز ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن.

باشقا خىزمەتلەر