ھىجرىيە: | مىلادىي: 23 Haziran 2021

چىكىنىڭ
زىنا جىنايىتى

 زىنا جىنايىتى

 

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

زىنا ئەڭ ئېغىر سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدىغان جىنايەتلەرنىڭ قاتارىدىن بولغاچقا ۋە نەسەبنى ساقلاش، ھۆرمەتنى قوغداش، ئىنسانلار ئارا ئۆچ-ئاداۋەتتىن ساقلىنىش[1]... قاتارلىقلاردىن ئىبارەت پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىسلاھاتىغا زىت كېلىدىغان بولغاچقا، ئېغىر جىنايەتلەر قاتارىدا ئادەم ئۆلتۈرۈشنىڭ كەينىگىلا تىزىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ھەدىسىلىرىدە زىنانى قاتىللىق بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئالىدۇ.

ئىمام ئەھمەد مۇنداق دەيدۇ: «مەن قاتىللىقتىن قالسىلا زىنادىنمۇ چوڭ گۇناھ بارلىقىنى بىلمەيمەن.»

ئاللاھ تائالا زىنانىڭ ھاراملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ، كىمكى بۇ (گۇناھلار)نى قىلىدىكەن، (ئاخىرەتتە) ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ.  قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ.  پەقەت (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) (بۇ دۇنيادىكى چېغىدا) تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ئاللاھ تولىمۇ مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر.»[2]

يۇقرىقى ئايەت كەرىمىدە زىنا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈش بىلەن بىر قاتاردا قويۇلدى. ناۋادا زىناخور تەۋبە قىلىپ، ئىمانىنى كۈچەيتىپ، ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىپ گۇناھىنى يۇيۇشقا تېرىشمىسىلا، ئۇنىڭ قاتمۇ-قات ئازابلارغا مۇپتىلا بولىدىغانلىقى بايان قىلىندى.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «زىناغا يىقىنلاشماڭلار، چۇنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر.»[3] ئاللاھ تائالا بۇ ئايەت كەرىمىدە زىنانىڭ ئۆز ماھىيىتىدىمۇ ئېغىر بۇزۇقچىلىق ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلىدۇ. زىنا شۇ دەرىجىدە قەبىھ جىنايەتكى، ئۇنىڭ قەبىھلىكىدىن ھەتتا ھايۋانمۇ يىرگىنىدۇ. بۇخارىدا ئەمرى ئىبنى مەيمۇن ئەۋدىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «مەن جاھىلىيەت دەۋرىدە بىر مايمۇننىڭ يەنە بىر مايمۇن بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ئاندىن بارلىق مايمۇنلار يىغىلىپ ئۇ ئىككى مايمۇننى ئۆلگەنگە قەدەر تاشبوران قىلغانلىقىنى كۆرگەنىدىم.»

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە زىناخورلۇقنىڭ ناھايىتى يامان يول ئىكەنلىكىنى، ھالاكەت يولى ئىكەنلىكىنى، دۇنيادا نامراتچىلىق ۋە ئاخىرەتتە خورلۇق ۋە ئازاب كەلتۈرىدىغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ.

دادىسىنىڭ ئايالى بىلەن ئۆيلىنىشمۇ قەبىھ جىنايەت زىنانىڭ قەبىھراق بىر شەكلىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەقىقەتەن يامان ئىشتۇر، ئۆچ كۆرۈلىدىغان قىلىقتۇر، بۇ نېمىدېگەن يامان ئادەت!.»[4]

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ نىجاتلىقىنى جىنسىي ئەزالىرىنى ساقلاشقا قاراشلىق قىلىپ قويدى. زىنا-پاھىشىدىن ساقلانمىغان كىشىنىڭ نىجات تېپىشى مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى. ئۇلار (شۇنداق مۇئمىنلەركى) نامازلىرىدا (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن) ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر.  ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىلاردۇر. ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر. ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى (ھارامدىن) ساقلىغۇچىلاردۇر. (يەنى ئەۋرەتلىرىنى) پەقەت خوتۇنلىرىدىن، چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن ساقلىغۇچىلاردۇر (بۇلار بىلەن يېقىنلىق قىلغۇچىلار مالامەت قىلىنمايدۇ). بۇنىڭ سىرتىدىن (جىنسى تەلەپنى قاندۇرۇشنى) تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر.»[5]

 

زىناخورلار مۇنداق ئۈچ ئىشقا دۇچار بولىدۇ:

1)   نىجات تاپقۇچىلارنىڭ قاتارىدىن بولالمايدۇ.

2)   مالامەتكە دۇچار بولىدۇ.

3)   ھەقتىن ئۆتۈپ كەتكەن، تاجاۋۇزچىلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قالىدۇ.

دېمەك، جىنسىي ئەزالىرىنى ساقلىمىغان، زىنايى-پاھىشىدىن ئۆزىنى ساقلىمىغان ئادەم نىجاتلىقتىن مەھرۇم قالىدۇ، تاجاۋۇزچى دېگەن ئاتاققا قالىدۇ، مالامەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. شەھۋەتكە ھاي بېرىش، شەھۋىتىنى تىزگىنلەش جەريانىدىكى ئازاب يۇقىرىقى جازالارنىڭ ھەر بىرىدىن ئاسانراق ۋە يەڭگىلراقتۇر.

يەنە شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ ناھايىتى چىدىماس، سەۋرسىز يارىتىلغانلىقىنى، كىچىككىنە خۇشاللىقنى كۆرگەندە ئۆزىنى تۇتالماي قالىدىغانلىقىنى، كىچىككىنە خاپىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ ۋە ئۇ ئىنسانلار ئىچىدىن ئالاھىدە بىر تۈركۈم كىشىلەرنى مۇستەسنا قىلىپ چىقىرىۋالىدۇ-دە، ئۇلارنىڭ نىجاتلىققا ئىرىشەلەيدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر. پەقەت خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا، (ئۆزلىرىنىڭ خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغانلار) مالامەت قىلىنمايدۇ، (جىنىسىي تەلىۋىنى قاندۇرۇشنى) بۇنىڭ سىرتىدىن تىلىگۈچىلەر ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر.»[6]

ئاللا تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىگە مۇئمىنلەرنى كۆزلىرىنى ساقلاشقا، جىنسىي ئەزالىرىنى ساقلاشقا بۇيرۇشقا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرىنىڭ قىلغان، ئەتكەنلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇدىغانلىقىنى، ھەممە ئىشىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكە پەرمان قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ كۆزلەرنىڭ خىيانىتىنى ۋە دىللاردىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ.»[7]

زىنا-پاھىشە دەل كۆزدىن باشلىنىدىغان بولغاچقا، يۇقرىدا ئۆتكەن ئايەتلەردە كۆزنى ساقلاش جىنسىي ئەزالارنى ساقلاشنىڭ ئالدىدا قويۇلدى. شۈبھىسىزكى، ھادىسىلەر دەسلىپىدىلا كۆزدىن باشلىنىدۇ. بۇ خۇددى ئۇچقۇندىن يالقۇن شەكىللەنگەندەكلا بىر ئىشتۇر.

قاراش، خىيال قىلىش، سۆزلەش، كەينىدىن سوكۇلداش باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن خاتالىق يۈز بېرىدۇ.

شۇڭلاشقا «قاراش، خىيال قىلىش، سۆزلەش، كەينىدىن سوكۇلداش»تىن ئىبارەت مۇشۇ تۆت ئىشتىن ساقلىنالىسا دىنىنى قوغداپ قالالايدۇ، دېيىلىدۇ.

دېمەك، ھەر بىر ئادەم مەزكۇر تۆت ئىشىككە ياخشى قاراۋۇللۇق قىلىشى لازىم. بۇ ئىشىكلەرنىڭ يوچۇقلىرىدا پوستتا تۇرۇشى، ئۇنىڭدىن دۈشمەنلەرنىڭ كىرىۋېلىپ، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى زۆرۈر.



[1] چۈنكى زىنا قىلغان ئايال بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسى، ئېرى، ئانىسى، پەرزەنتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى نورمال مۇناسىۋەت بۇزۇلىدۇ. زىنا قىلغان ئايالنىڭ ئائىلىسى پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ. ئائىلىنىڭ ۋەيران بولۇشى دۇنيانىڭ خارابلىقىدىن، ۋەيرانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

[2] سۈرە فۇرقان 68،69،70-ئايەتلەر

[3] سۈرە ئىسرا 32-ئايەت

[4] سۉرە نىسا 22-ئايەت

[5] سۈرە مۇئمىنۇن 1-ئايەتتىن 7-ئايەتكىچە

[6] سۈرە مائارىج 29-30-31-ئايەتلەر

[7] سۈرە غافىر 19-ئايەت

باشقا خىزمەتلەر