ھىجرىيە: | مىلادىي: 23 Haziran 2021

چىكىنىڭ
زۇلۇم ۋە تاجاۋۇزچىلىق ئەڭ ئېغىر گۇناھلاردىن ھېسابلىنىدۇ

 زۇلۇم ۋە تاجاۋۇزچىلىق ئەڭ ئېغىر گۇناھلاردىن ھېسابلىنىدۇ

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

زۇلۇم ۋە تاجاۋۇزچىلىق ئاسمان ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىش، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋەتىلىش، كىتابلارنىڭ نازىل قىلىنىشىنىڭ تۈپ مۇددىئاسى بولغان ئادالەتكە زىت كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ نەزرىدە ئەڭ ئېغىر گۇناھلاردىن ھېسابلىنىدۇ. زۇلۇم ۋە تاجاۋۇزنىڭ گۇناھىنىڭ دەرىجىسى ئۇنىڭ كەلتۈرگەن يامان تەسىرىگە قارىتا بولىدۇ. بىراۋنىڭ مەسۇم بوۋىقىنى ئۆلتۈرۈشى قەبىھ زۇلۇم ۋە ئېغىر جىنايەت ھېسابلىنىدۇ.[1] شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە سەۋەب بولغان ئاتا-ئانىسىنى ئۆلتۈرۈش ۋە بىۋاستە ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى ئۆلتۈرۈشمۇ ئېغىر جىنايەتلەردىندۇر.

ئادەم ئۆلتۈرۈشنىڭ گۇناھىنىڭ ئېغىر – يىنىكلىكىنى بېكىتىشتە قاتىلنىڭ ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ قەبىھلىكى ۋە ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك بولۇشى، نەسىھەت ئارقىلىق تۈزىتىۋېلىش ئېھتىماللىقى بولۇش قاتارلىق تەرەپلىرىمۇ ئالاھىدە ئىتىبارغا ئېلىنىدۇ.

شۇڭلاشقا قىيامەت كۈنىدە ئەڭ ئېغىر ئازابقا مۇبتىلا بولىدىغان ئادەم پەيغەمبەرنى ئۆلتۈرگەن ياكى پەيغەمبەرنىڭ قولىدا ئۆلگەن ئادەمدۇر. كىشىلەرنى ئەدلى-ئادالەتكە چاقىرىدىغان ۋە ئاللاھ تەرىپىگە دەۋەت قىلىدىغان ئادىل پېشۋالارنى ئۆلتۈرگەنلەرمۇ يۇقىرىقىلارنىڭ قاتارىدا بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا بىر مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرگەن ئادەمنى دوزاختا مەڭگۈ قالدۇرۇش ئارقىلىق جازالايدۇ. بىر مۇئمىننى ھېچقانداق سەۋەبسىزلا قەستەن ئۆلتۈرگەن كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپى، لەنىتى ۋە ئېغىر جازاسىغا ئۇچرايدۇ.

شۇنىڭدا ئىختىلاپ يوقكى، بىراۋ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغاندىن كېيىن ئىختىيارىي ھالەتتە مۇسۇلمان بولغان بولسا ئۇنىڭغا جازا ئىجرا قىلىنمايدۇ. ئۇنداقتا بىراۋ مۇسۇلمان ھالىتىدە ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇنىڭ تەۋبىسى جازادىن ساقلاپ قالالامدۇ؟!

بۇ مەسىلىدە بىرلىككە كېلىنگەن قاراش شۇكى، قاتىللىق ئاللاھنىڭ ھەققى، ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ھەققى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىلىرىنىڭ ھەققىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ھەق-ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ناۋادا قاتىل قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىپ، ئاللاھتىن قورقۇپ، سەمىمىي توۋا قىلىپ ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىلىرى ئالدىغا ئىختىيارى ھالدا بېرىپ ئۆزىنى تاپشۇرغان بولسا، ئۇنىڭ توۋىسى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ھەققى ساقىت بولىدۇ. تۆلەم تۆلەش ياكى سۈلھى قىلىش ياكى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىشى ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىلىرىنىڭ ھەقلىرى ئادا بولغان بولىدۇ. ئەمما ئۆلتۈرۈگۈچىنىڭ ھەققى قىيامەتكە قالىدۇ. ئاللاھ توۋا قىلغان، ئۆزىنى پاكلاشقا تېرىشقان بەندىگە ۋەكالىتەن ئۆز پەزلىدىن ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىپ قويىدۇ. ئۇنداقتا ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ھەققىمۇ ۋە ئۆلتۈرگۈچىنىڭ تەۋبىسىمۇ زايا بولۇپ كەتمەيدۇ.

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم



[1] ئاللاھ تائالا ئاتا-ئانىلارغا پەرزەنتلەرگە بولغان چەكسىز مېھىر-مۇھەببەت، رەھىم-شەپىقەت ۋە كۆيۈنۈش تۇيغۇلىرىنى ئاتا قىلدى. مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزى بىلەن تاماق يېيىشىدىن ۋە بېقىپ بولالماسلىقتىن قورقۇپ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىش ئەڭ ئېغىر جىنايەتتۇر. چۈنكى، بۇ يەردە ئاللاھنىڭ «رىزىق بەرگۈچى» دېگەن سۈپىتىگە ئىشەنمەسلىك، مېھىر-شەپقەتسىزلىك، ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت بىر قانچە گۇناھ تەڭلا سادىر بولىدۇ.

باشقا خىزمەتلەر