ھىجرىيە: | مىلادىي: 23 Haziran 2021

چىكىنىڭ
شىئەلەرنىڭ ئەھل سۈننىگە تارىخ بويى خائىنلىق قىلىشى

شىئەلەرنىڭ ئەھل سۈننىگە تارىخ بويى خائىنلىق قىلىشى

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەري

 

مۇقەددىمە ئورنىدا

 

شىئەلەر ئويدۇرما ھەدىس پەيدا قىلىشتا ئالاھىدە چوڭ رول ئوينىدى. شىئەلەرنىڭ شىئە مەزھىبىنى تارقىتىش ئۈچۈن يالغان ئويدۇرما ھەدىس پەيدا قىلىشى ئىسلام ۋە ساھابىلەرگە تەنە قىلىش مەقسىتىگە يېتىشتىكى سەۋەبلىرىنىڭ بىرسى. ئەگەر ھەدىسشۇناس تەتقىقاتچى ئالىملار بولمىغان بولسا ۋە شىئە كاززاپلارنىڭ يالغانچلىقىنى ئېچىپ تاشلىمىغان بولسا ئىسلامنىڭ بۇلاردىن تارتىدىغان زىيىنى بەك كۆپ بولۇپ كەتكەن بولار ئىدى.

شىئە ئىدىيىسى 7-ئەسىردە پەيدا بولۇپ، 10-ئەسىردە جانلانغان. ئىسلام ئەقىدىسىنى بۇزۇپ تاشلاش، ئەھل سۈننىگە خىيانەت قىلىش ۋە ئەھل سۈننىنىڭ ئىلمىي ئورگانلىرىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن ئورتاق نىشانغا تەۋە تۈرلۈك ئېقىملارنى سېپىگە قوشقان.

شىئە ئىدىيىسى تارىختا «پاتىمىيۇن ۋە سەپەۋىيۇن» دۆلەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇلار ئەھل سۈننىگە بىدئەت ئىدىيىسىنى تېڭىش،ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ۋە قېنىنى تۆكۈش ئارقىلىق تۈرلۈك ئازابلارنى تېتىتقان.

«پاتىمىيۇن ۋە سەپەۋىيۇن» دۆلەتلىرى ئەھل سۈننىگە ئارقا تەرەپتىن خەنجەر سېلىش مەقسىتىدە شام دىيارىدىكى خرىستىئانلار بىلەن ئىتتىپاقلىق ئورنىتىشتىن خىجىل بولمىغان. ئابباسىيە دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى مۇئتەسىمنىڭ باش مىنىستىرى «ئىبنى ئەلقەمى»- شىئە مەزھىپىگە تەۋە بولۇپ-مۇسۇلمانلارنىڭ دىيارلىرىنى مۇستەملىكە قىلىش نىيىتىدە كەلگەن موڭغۇللارغا ياردەمچى بولغان.

21- ئەسىرگە قەدەر «ئەھلى سۈننى ئىسلام دۇنياسى» شىئەلەردىن ئىبارەت ئازغۇن خەتەرلىك ئېقىملارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

 

(1)

شىئەلەرنىڭ يالغان ھەدىس پەيدا قىلىشى توغرىسىدا

 

شىئەلەرنىڭ ئىسلام تارىخىدا ئېلىپ بارغان ئەڭ چوڭ خىيانەتچىلىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىلىدىغان يالغان ھەدىسلەرنى پەيدا قىلغانلىقىدا شەك يوق.

ئەگەر شىئەلەرنىڭ بۇ قىلمىشى مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرالىغان بولسا ئىسلامغا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز زەربە بېرىۋەتكەن بولاتتى. چۈنكى ئۇ چاغدا توغرا بىلەن خاتا ئارىلىشىپ كېتىپ، كىشىلەر ئىلاھىي ۋەھىي بىلەن ئىنسانلارنىڭ سۆزلىرىنى پەرق ئېتەلمەيتتى، نەتىجىدە دىنغا ئېتىقاد قىلىشتا خەتەرلىك تەسىرلىرى كېلىپ چىقاتتى.

ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈممىتىنى قوغداپ قالدى، شۇڭا ھەدىس شەرىپىنى يادلايدىغان ۋە ھەدىستىن يالغان سۆزلەرنى تازىلايدىغان ئالىملارنى ئاتا قىلدى. مانا قارايدىغان بولساق ئەھل سۈننىگە تەۋە ئاجايىپ كاتتا ئالىملار يالغان ساختا ھەدىس توقۇيدىغانلارنىڭ سۇيىقەستىنى ئېچىپ تاشلاش ئۈچۈن ئىككى يۆنىلىشتە يول تۇتۇپ ماڭغان. بىرىنچى يۆنىلىش: نەزەرىيە يۆنىلىشى بولۇپ ھەدىسلەرنىڭ يالغانچلىقنى ئېچىپ بېرىدىغان قائىدىلەرنى تۈزۈپ چىقىش ئىبارەت. ئىككىنچى يۆنىلىش ئەمەلىي بولۇپ: يالغان ھەدىس توقۇش بىلەن تونۇلغان ئادەملەرنى پاش قىلىش ۋە كىشىلەرگە تونۇتۇۋېتىشتىن ئىبارەت.

بىر قىسىم مەجۇسىيلار شىئە سېپىگە كېرىپ، شىئە مەزھىبىنى تۇتقا قىلىپ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىنى ياخشى كۆرگەنلىكىنى بانا قىلىپ، سەپسەتە قاراشلىرىنى ۋە ئىسلامغا قارىشى ئىدىيىلىرىنى تارقىتىشنى مەقسەت قىلىشاتتى. بۇلار مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىنى ياخشى كۆرگەنلىكىنى پەردە قىلىۋالغان.

شىئەلەرنىڭ كۆز قاراشلىرى ئىسلامنى بۇزۇش مەقسىتىدە پەيدا بولغان. شىئەلەرنىڭ بۇ كۆز قاراشلىرىنى دەسلەپتە ئاشكارلىشىشى تەس بولغانلىقى ئۈچۈن، كۆز قاراشلىرىغا «شىئە»لىك تونىنى كىيدۈرگەن، رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلىسىنى ياخشى كۆرۈش بىلەن يۆگىگەن ۋە رەسۇلۇللاھغا دېمىگەن گەپلەرنى توقۇپ چىققان.

مەسىلەن، ئابدۇلكەرىم دېگەن شىئە «بەسرە» شەھىرىنىڭ ۋالىسى مۇھەممەد سۇلايماننىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلگەندە، ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى جەزمىلەشتۈرگەندىن كېيىن 4000 يالغان ھەدىس توقۇپ چىققانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.(ئويدۇرما ھەدىسلەر- ئىبنى جەۋزى، 1- توم، 37- بەت).

شىئەلەرنىڭ ئىپلاس پىلانلىرىنىڭ قاتارىدا: ساھابىلەرنىڭ تەرجىمھالىنى سەتلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىسلامغا زىيان يەتكۈزۈش مەقسىتىدە قۇرۇق-سۆز چۆچەكلەر ۋە يالغان خەۋەرلەرنى تارقاتقان. چۈنكى ساھابىلەرنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ مۇسۇلماندارچىلىقىغا تىل تەگكۈزۈش ۋە شەكلەندۈرۈش ئەمەلىيەتتە ئىسلامنىڭ ساغلاملىقى ۋە سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىغا قىلىنغان شەكلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى.

ساھابىلەرنىڭ ئالاھىدە ئورنى بار، باشقا مۇسۇلمانلار قەدىر قىممەتتە ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى پەيغەمبىرىگە ھەمرا بولۇشقا تاللىغان كىشىلەر… ئۇلار ئاللاھ يولىدا جېنى ۋە مېلىنى ئايىمىغان كىشىلەر بولۇپ، ئىسلامنىڭ تەشۋىقاتچىلىرى ۋە شەرىئەتنى يەتكۈزگىچىلەردۇر. دېمەك، ساھابىلەرگە تىل تەگكۈزۈش قۇرئان ۋە سۈننەتكە تىل تەككۈزگەنلىك بولىدۇ.

مەشھۇر ھەدىسشۇناس ئالىم ئەبۇزەرئە مۇنداق دەيدۇ:«ئەگەر سەن بىر ئادەمنىڭ ساھابىلەرنى كەمسىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭ ئۇنىڭ «زىندىق» ئىمانىدا چاتاق بار ئىكەنلىكىنى بىلىپ قال. چۈنكى ئىسلام ئىدىيىسىدە پەيغەمبەر ھەق، قۇرئان ھەق. قۇرئان بىلەن ھەدىسنى بىزگە ساھابىلەر يەتكۈزگەن. ساھابىلەرگە تىل تەككۈزگەنلەرنىڭ مەقسىتى قۇرئان ۋە سۈننەتكە تىل تەككۈزمەكچى، شۇنىڭ ئۈچۈن ساھابىلەرگە تىل تەككۈزگۈچىلەرنى «زىندىق» ئىمانىدا چاتىقى بار دەپ ئەيىبلەش ھەقلىقتۇر».(1)

 

(2)

پاتىمىيە دۆلىتىنىڭ ئەھل سۈننىگە قىلغان خىيانىتى

 

تارىختا «پاتىمىيە» دەپ تونۇلغان شىئە دۆلىتى رىم ئىمپېرىيىسى زېمىنلىرىدا ئىسلام دۇنياسىنىڭ كېڭىيىشىگە كۆڭۈل بۆلمەستىن، ئەكسىچە ئىسلام قۇرۇلمىسىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىگە  كۈچىنى مەركەزلەشتۈردى. بۇ دۆلەت دەسلىپىدە ماراكەشتە 926-يىلى ئۇبەيدۇللاھ مەھدىنىڭ قولى ئارقىلىق قۇرۇلغان، ماراكەشتىن تارتىپ شامغىچە بولغان مۇسۇلمان دىيارلىرىدا جاسۇسلۇق قىلىپ، ئەندەلۇس (ئىسپانىيە)دىكى ئۇمەۋى دۆلىتى بىلەن قارشىلىشىپ، فرانسۇزلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن ئاۋارە قىلغان، لېكىن ئۆزلىرى رىم ئىمپېرىيىسى ئارىلىقىدا سۇلھ ئورناتقان.

ئەلى شەمەرى دېگەن شىئە پاتىمىيە دۆلىتى بىلەن رىم ئىمپېرىيىسى ئارىلىقىدا بىر قانچە قېتىم كېلىشىمنامىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ كېلىشىمنامىنىڭ بىرىنچى قېتىملىقى مىلادىيە 987- يىلى يۈز بەرگەن، 1037- يىلى پاتىمىيە دۆلىتىنىڭ رەئىسى «مۇستەنسىر» بىلەن رىم ئىمپېراتورى «مىخائىل 4 »دەۋرىدە قايتا يېڭىلانغان.(2)

پەلەستىننىڭ 1098- يىلى خىرستىئانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى شىئە پاتىمىيە دۆلىتىنىڭ شام دىيارىغا تەۋە ئىسلام مەملىكەتلىرىگە قارشى نۇرغۇن قېتىم ھۇجۇم قىلىشى سەۋەب بولغان. پاتىمىيە شىئە دۆلىتى 100مىڭ ئەسكىرى بىلەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ خېلى كۆپ زېمىنىدىكى خەرىتىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن سۈننى مەزھىپىنى كۈچ ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان.(3)

مىسىر تارىخچىسى«مەقرىزى»نىڭ بايان قىلىشىچە: قاھىرەدىكى پاتىمىيە دۆلىتى (969-يىلى قۇرۇلغان) سالاھىدىن ئەيۇبىنىڭ بېسىمى كۈچەيگەندە، پاتىمىيە شىئەلىرى سۈيىقەست قىلىپ، فىرانسۇزلارنى مىسىرغا چاقىرىپ مەكتۇپ يوللىغان. سالاھىدىنغا قارىشى فرانسۇزلارغا قوشۇلۇپ ئۇرۇش قىلغان. ئەمەلىيەتتە فرانسۇزلار مىسىرغا كېلىپ 1169- يىلى دىميات شەھىرىنى مۇھاسىرە قىلغان ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان (4)سالاھىدىن ئەييۇبى 1172- يىلى پاتىمىيە دۆلىتىگە خاتىمە بەرگەن.

 

(3)

قارامىتە شىىئەلىرىنىڭ ئەھل سۈننىگە قىلغان سۇيىقەستى

قارامىتە شىئەلىرى (899-يىلى بەھرەيندە دۆلەت قۇرغان) ئىسمائىلىيە مەزھىپىگە تەۋە سىياسى ئېقىم بولۇپ، ئابباسىيە دۆلىتىنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى ئىدى. چۈنكى ئابباسىيە دۆلىتى ئىسمائىلىيە شىئەلىرىنىڭ رادىكاللىقىغا دىققەت نەزەرى بىلەن قاراپ كېلىۋاتقان ئەھل سۈننى دۆلىتى ئىدى.

بۇ سىياسى شىئە ئېقىم كۈچەيگەن كۈنلىرىدە كۆپلىگەن ئەھل سۈننى مۇسۇلمانلىرىنى ئۆلتۈرگەن، مەسچىتلەرنى خاراب قىلغان، قۇرئانلارنى كۆيدۈرگەن، ھاجىلارنى قىرىۋەتكەن.

ئابباسىيلار خەلىپىسى مۇقتەدىر (908-932) نىڭ دەۋرىدە قارامىتىلەر باغدادقا يۈرۈش قىلىپ ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاڭ- تالاڭ قىلغان. بۇلارنىڭ رەھبىرى: بىز دۆلەت تىكلىگىلى كەلمىدۇق، بەلكى شەرىئەتنى يوقاتقىلى كەلدۇق، دېگەن.(5)

قارامىتە شىئەلىرىنىڭ قەبىھ قىلمىشلىرىنىڭ بىرسى ئۇلار ھەرەمدە ھاجىلارغا ھۇجۇم قىلغان، ھەرەمنى بۇلىغان، قارا تاشنى ئىھسا دېگەن شەھەرگە ئېلىپ قاچقان. ئۇلار قارا تاشنى مۇسۇلمانلارنى دۇنيانىڭ تەرەپ-تەرەپلىرىدىن ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان ماگىنىت دەپ ئويلاپ قالغان. مۇشۇ قېتىملىق رەزىل قىلمىشىدا مەككىلىك ئاياللاردىن 20 مىڭدەك ئايالنى ئەسىرگە ئېلىپ ئالغان. (6)

دېمەك، قارامىتە شىئەلىرى مانا مۇشۇنداق قان ئۈستىدە بارلىققا كەلگەن، قىممەت- قاراش ۋە ئەخلاق بىلەن ئويناشقان، شەھەر- يېزىلارنى ۋەيران قىلغان. ياشانغانلارنى، ئاياللارنى ۋە كېچىكلەرنىمۇ ئۆلتۈرگەن، مۇقەددەس ھەرەمنىڭمۇ ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغان. بۇ قارامىتە شىئەلىرىنىڭ ھەرىكىتى بۈگۈنكى بەزى قانخور پەلسەپە ئېقىملىرىغا ئوخشاش مۇتلەق ئەركىنلىككە چاقىرىدۇ، دىننى ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقى دۈشمىنى، دىننى يوقۇتۇش لازىم، دەپ قارايدىغان ئىدى.

 

(4)

ئىبنى ئەلقەمىنىڭ ئابباسىيە خەلىپىسىگە قىلغان خىيانىتى

 

ئابباسىيە خەلىپىسى مۇستەئسىم(1242-1258)نىڭ ئەمەلىي ھوقۇقى ياكى كۈچى يوق ئىدى. ئۇنىڭ دەۋردىكى باش ۋەزىرلىك ئىبنى ئەلقەمى دېگەن«شىئە»نىڭ قولىدا ئىدى. بۇ ۋەزىر خەلىپىگە ئەسكەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تارقىتىۋېتىش توغرىسىدا مەسلىھەت بەرگەن ۋە ئەسكەرلەردىن ئىقتىسادى تەمىناتنى كېسىپ تاشلىغان. نەتىجىدە نەچچە ئون مىڭلىغان ئەسكەرلەر ئىراقتىن كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئابباسىيە دۆلىتىنىڭ قوشۇنى 100 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇ شىئە ۋەزىرنىڭ پىلانى بىلەن 20مىڭگە يەتمىگەن ئاز ساندىكى ئەسكەر قېلىپ قالغان (7).

تارىخىي مەنبەلەرنىڭ بايان قىلىشىچە ئىبنى ئەلقەمى ھولاكو بىلەن باغداد شەھىرىنى بېسىۋېلىشقا مەخپى كېلىشىم تۈزگەن ۋە ھولاكونى قىزىقتۇرغان. ھولاكوغا مەخپى مەكتۇپ يوللاپ تۇرغان ۋە دۆلەتنىڭ ئاجىز نۇقتىلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

تارىخى مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئابباسىيە خەلىپىسى ھولاكو قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشۇش نىيىتىگە كەلگەندە ئەلقەمى ئەسكەرلەرنىڭ مائاشىنى ئۈزۈۋەتكەن، خەلىپىنىڭ ھىممىتىنى بوشاشتۇرۋەتكەن ۋە سۇلھ ئىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم، دېگەن بانا بىلەن ئۇرۇش قىلىش نىيىتىدىن ياندۇرغان. نەتىجىدە باغداد قارشىلىقسىز موڭغۇللارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھولاكو ئىبنى ئەلقەمىنى باغدادقا مۇڭغۇللار ۋەزىرى قىلىپ تەيىنلىگەن.(8)

ئابباسىلارنىڭ ئاخىرقى خەلىپىسى مۇستەئسىم قابىلىيەتسىز، تەجرىبىسىز، ھىممەتسىز، مال- دۇنياغا ئامراق، بوشاڭ ۋە ئىشلارنى باشقىلارغا تايىنىپ قىلىشقا تايىنىدىغان بىر ئادەم ئىدى. خەلىپىنىڭ بۇ پاسسىپ تەرەپلىرىدىن ئىبنى ئەلقەمى بەك پايدىلىنىپ كەتكەن.

قوماندان خەلىپىگە:ئايال-بالىلىرى ۋە خەزىنىلىرىنى كېمە ئارقىلىق دىجلە دەرياسىدىن يۆتكەشنى ئىلتىماس قىلغاندا،ئەلقەمى خەلىپىنى ئالداپ، باغدادتىن يۆتكىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق،چۈنكى مەن موڭغۇللار بىلەن سۇلھ يولىنى تەييارلاپ قويدۇم. پات ئارىدا ھولاكو ۋە موڭغۇللار ئىتائەت قىلغان ھالدا كېلىشىدۇ، دەپ خەلىپىنى قانائەتلەندۈرىدۇ.(9)

ئىبنى ئەلقەمى ھولاكونىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزىگە ئامانلىق ئېلىۋالىدۇ ۋە قايتىپ كېلىپ خەلىپىگە: ھولاكو رىمنىڭ سۇلتانىنى تەخىتتە قالدۇرغاندەك جانابلىرىنى خەلىپىلىك تەختىدە قالدۇرماقچى، قىزىنى سېلىنىڭ ئوغۇللىرى ئەبۇ بەكرىگە ئېلىپ بەرمەكچى، شۇڭا ھولاكونىڭ ئالدىغا كۈتۈۋالغىلى چىقسىلا، دەپ يول كۆرسىتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن خەلىپە ۋە ئۈچ ئوغۇللىرى باغدادتىن چىقىپ، ھولاكونىڭ قېشىغا كەلگەندە غەزەپ- نەپرىتىنى نامايەن قىلمايدۇ. ئىبنى ئەلقەمىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن خەلىپە كىشىلەرنى قورال تاشلاشقا بۇيرۇيدۇ، كىشىلەر قوراللىرىنى تاشلىغاندا ھەممىسى ھولاكو تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.

ئۇندىن كېيىن ھولاكو باغداد شەھىرىگە ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇپ كېرىپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ، ئۇچرىغانلىكى ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ، كېچىك بالىلارمۇ ساق قالمايدۇ. بىتەرەپلىمە نورمال قاراشتىكى تارىخچىلارنىڭ پەرىزى بويىچە باغداد شەھىرىدە قەتلى قىلىنغان ئادەملەرنىڭ سانى بىر مىليون سەككىز يۈز مىڭ (1،800000)دىن ئېشىپ كەتكەن.

 

 (5)

سەپەۋىلارنىڭ ئەھل سۈننىگە قىلغان خىيانەتلىرى

 

جەللات ئىسمائىل سەفەۋى(1487-1524) دېگەن رادىكال شىئە 1502- يىلى ئىراننىڭ تەبرىز شەھىرىگە كىرگەندىن كېيىن، كىم شىئە ئىدىيىسىنى رەت قىلىدىكەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ، دەپ پەرمان چىقىرىدۇ. تەبرىز شەھىرىدە 20 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلماننى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ، ئەھل سۈننىگە ئېچىنىشلىق ئېغىر ئۆلۈم جازاسى يۈرگۈزۈپ، ئەر- ئايال ۋە كىچىكلەرنىڭ ئەزالىرىنى كېسىپ تاشلايدۇ.

1510- يىلى مەرۋىدە مۇھەممەد شەيبانى دېگەن ئۆزبىكنى يېڭىگەندىن كېيىن، ئىسمائىل سەفەۋى مەرۋە خەلقىنى قىرىپ تاشلايدۇ. ھېرات شەھىرىدە- گەرچە ھېراتلىقلار ئەھل سۈننى بولسىمۇ- شىئە مەزھىپىنى رەسمى دۆلەت مەزھىپى قىلىپ ئېلان قىلىدۇ ۋە بىر قانچە شىئە مەكتىپىنى تەسىس قىلىدۇ.

سەپەۋىلارنىڭ شاھى ئابباس ئەۋۋەل(1571-1629) شىئە مەزھىپىگە قاتتىق ھېرىسمەن بولغانلىقتىن ئەھل سۈننىنى بەك كۈلپەت ياغدۇرىدۇ، پۇرسەت كەلسىلا ئەھل سۈننىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ. شاھ ئابباس ئىرانلىقلارنى ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككىگە بارماي شىئەلەرنىڭ 8- ئىمامى ئەلى مۇسانىڭ قەبرىسىنى مەشھەت شەھىرىدە زىيارەت قىلىش بىلەن چەكلىنىشكە ئۇرۇنغان. سەۋەب نېمە دېسە، ئۆزلىرىنىڭ دۈشمىنى دەپ قارالغان ئەھل سۈننى ئوسمانىلارنىڭ زېمىندىن ئۆتۈپ سالماسلىق ئۈچۈندۇر.(10)

مەككىگە ھەج قىلىشتىن مۇسۇلمانلارنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئىراننىڭ ئىسپاھان شەھىرىدىن مەشھەت شەھىرىگە مېڭىپ بېرىپ قوياتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن سەفەۋى شىئەلىرى مەككىگە بېرىشنىڭ ئورنىغا ئىراننىڭ مەشھەت شەھىرىگە ھەج قىلغىلى بېرىشقا ئادەتلەنگەن.

شاھ ئابباس ئەۋۋەل باغرى تاش بولۇپ ئوسمانلىلار ۋە ئۆزبېك ئەھل سۈننى ئەسىرلەرگە قوپال مۇئامىلە قىلاتتى. ئۆلتۈرمىگەندىمۇ ئاز دېگەندە كۆزلىرىنى ئويۇۋېتەتتى، ئەھل سۈننى مەزھىپىدىن ۋاز كەچمىگەن ھېچ قانداق بىر ئەسىرنى كەچۈرۋەتمەيتتى.(11)

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئىراندا شىئە دۆلەت تىكلىگەن سەپەۋىلەر مۇشۇ شەھەردىكى كۆپ سانلىق ئەھل سۈننى بىلەن ئۇرۇش قىلغان ۋە ئۇلارنى شىئەلىككە زورلاپ ئاز سانلىققا ئايلاندۇرۇپ قويغان.

سەپەۋىلارنىڭ ئوسمانىلارغا قارىشى ياۋروپالىقلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشى

سەپەۋىلەر ياۋروپالىقلار بىلەن ئىتتىپاق ئورناتمىسا ئوسمانلىلار خەلىپىسى بىلەن جەڭگە چۈشەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن سەپەۋىلەر ئوسمانلىلار دۆلىتىگە قارىشى ياۋرۇپا پادىشاھلىرى بىلەن توختام تۈزۈشكە ئۇرۇنغان.

ئوسمانلىلار قوماندانلىرى سەپەۋىلەر بىلەن يۈز بەرگەن ئۇرۇش سەۋەبىدىن سەپەۋىلەرنىڭ ئىلگىرىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ياۋروپادىكى ھەربى يۈرۈشلىرىدىن چېكىنىشكە سەۋەب بولغان. مەسىلەن سۇلتان سەلىم ئەۋۋەل (1512-1520 -يىلغىچە سۇلتان بولغان) ئىسمائىل سەپەۋىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپادىكى ھەربى يۈرۈشىدىن يانغان. شۇنداقلا ئىسلامنىڭ ئەڭ كاتتا سۇلتانلىرىنىڭ بىرى بولغان سۇلتان سۇلايمان (1495-1566)  نىمسانى 6 ئاي مۇھاسىرىگە ئېلىپ بولۇپ، قولغا چۈشۈرۈشكە ئاز قالغاندا، «شىئە سەپەۋىلەرنىڭ» ئەھل سۈننى ئوسمانىلار زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىش خەۋىرىنىڭ يېتىپ كېلىش سەۋەبىدىن چېكىنگەن.

دېمەك، سەفەۋى شىئەلىرىنىڭ خەتىرى ئىككى تەرەپلىمە بولغان:

1.ئازغۇن ئىسمائىل سەپەۋىلەرنىڭ ئىدىيە قارىشى ۋە ئەلىۋىي شىئەلىرىنىڭ پىتنىسى

2.ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇشلار.

ياۋرۇپا قىشتالە(ئىسپانىيەنىڭ غەربى شىمال رايونى) پادىشاھىنىڭ ئىستانبولدىكى مىنىستىرى فىريناد:«سەفەۋى شىئەلىرىنىڭ تارىختا پەيدا بولىشى ياۋرۇپالىقلارنى ئوسمانلارنىڭ قولىدا ھالاك بولۇشتىن ساقلاپ قالغان» دېگەن.(12)

شاھ ئىسمائىل ئەۋۋەلنىڭ دەۋرىدە كۆپلىگەن سۈيقەستلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىغا تارىخ گۇۋاھلىق بەردى. سەپەۋىلەر بىرىنچى قېتىم ئوسمانلىلار سۇلتانى سەلىم ئەۋۋەلنىڭ ئالدىدا جالدىران ئۇرۇشى(1514-يىلى)دا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن پورتۇگالىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكە ھەرىكەتلەنگەن ۋە كېلىشىم تۈزگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ياۋروپالىقلار ئوسمانلىلار بېسىمىدىن بىر ئاز يوچۇق تاپقان. سەفەۋى شىئەلىرى بىلەن پورتۇگالىيە ئەھل سۈننى ئوسمانلىلار دۆلىتىگە قارىشى سىياسى ۋە ئىقتىسادى دوستلۇق كېلىشىمى ئىمزالىغان.(13)

شۇنداقلا شىئە سەفەۋى دۆلىتى ئوسمانلىلار دۆلىتىگە قارىشى ئىسپانىيە ۋە گوللاندىيىگە مەكتۇپ يوللاپ ئوسمان تۈركلىرىنى يانجىپ تاشلاش ئۈچۈن بىرلىشىش ئىدىيىسى بارلىقىنى ئىپادىلىگەن.(14)

ئوسمانىلارنىڭ ئۇلۇغ سۇلتانى «سۇلايمان» مۇ دادىسىغا ئوخشاش سەپەۋى دۆلىتىنىڭ ئۈچ قېتىم ئەدىپىنى بىرىپ ئىراق، ئىران ۋە ئەزەربەيجاننى قايتۇرۋالغان. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار نىجىس سەپەۋى شىئەلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلانغان

 

خۇلاسە

ئازغۇن شىئە ئېقىملىرى تۈرلۈك ئىسىم ۋە ئوخشىمىغان ئورۇن ۋە زامانلاردا بولسىمۇ، ھەممىسى پېلان، مەقسەت، غايە ۋە ئۇسۇل- چارىلەردە ئوخشاش.

ئىسلامنىڭ كونا-يېڭى تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان بولساق شىئە مەزھەپلىرىنىڭ بىردەك نىشانى: ئەھل سۈننى مۇسۇلماندارچىلىقنى ئۆرۈپ تاشلاش، مۇسۇلمانلاردىكى ساغلام ئەقىدە پرىنسىپلىرىنى داۋالغۇتۇش، كىشىلەر ئارىسىدا بىدئەت پەيدا قىلىش ۋە ئەھل سۈننى رايونلىرىدا ئازغۇن شىئە قاراشلىرىنى تارقىتىشتىن ئىبارەت.

شىئە بىلەن ئەھل سۈننى ئارىسىدىكى كۆرەش بۈگۈنگە قەدەر داۋاملاشماقتا، ئىدىيە ئۆلمەيدۇ. شەكىل، چىراي ئۆزگىرىدۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ئەقلى ئۆزگەرمەيدۇ.

ئىككى يۈزلىمە پەردە ئارقىسىدىكى بۇ ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ زىيانكەشلىكى ئاشكارا ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ زىيانلىرىدىن بەك خەتەرلىك.

مانا قارايدىغان بولساق، شىئە ئېقىملىرى ئىسلامنى يوقۇتۇش، ئەھل سۈننىڭ رولىنى سىقىش ئۈچۈن خىرىسىتىيانلار بىلەن بىرلەشمەكتە. ئافغانىستان ۋە ئىراق بۇنىڭ بىر كۆرۈنىشى…

ئازغۇن شىئەلەر بىز ياشاۋاتقان بۇ دەۋردە ئەھل سۈننىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بىرەر ئىش قىلىپ سالغىنى يوق. ئۆزىگە پايدا تەگمەيدىغان بولسا، سۈننى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى بىلەن كارى يوق. ئەھل سۈننىگە تەۋە ئىش بولسىلا كەينىنى قىلىۋالىدۇ. بۇ  ئازغۇنلاردىن ئەھل سۈننىگە ھەرگىز پايدا كەلمەيدۇ. مەسىلەن، بوسنىيە- ھېرسەك ئۇرۇشى (1992-1995)، چېچىنىيە ئۇرۇشى(1994-1999)، كوسوفۇ(1999) ئۇرۇشى… ۋە باشقا ئاجىز مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئۇرۇشلاردىكى پوزىتسىيىسى ۋە مەيدانى ئېنىق ئىككى يۈزلىمىلىك بىلەن تونۇلغان.

ئىراننىڭ غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان «ئەھۋاز» رايونىدىكى ئەھل سۈننى مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىران شىئەلىرىنىڭ قولىدا قانچىلىك بېسىم ۋە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ.

سۈرىيەدىكى ئۇرۇشتىمۇ ئەھل سۈننىگە قارشى سۈرىيەدىكى ئەلىۋى شىئەلەردىن تەركىپ تاپقان مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى قوللاپ ئىران ۋە ئاللاھ پارتىيىسى(شەيتان پارتىيىسى) ئەسكەرلىرى ھەر كۈنى ئەھل سۈننى خەلقىنى ئۆلتۈرمەكتە. بۇنىڭدىنمۇ چوڭ پاكىت كېرەكمۇ؟

شىئەلەر كېچە- كۈندۈز ئىلگىرىكى بوۋىللىرىنى دوراپ ئەھل سۈننىگە خىيانەت قىلىش، مۇسۇلمانلارغا ئارقىدىن خەنجەر سېلىشقا  ھەرىكەت قىلماقتا. ساغلام ئەھل سۈننى ئەقىدىسىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سالماقتا.

ئەھل سۈننى مۇسۇلمانلىرى ئوسمانىلار تارىخى ۋە باشقا تارىختىن ئىبرەت ئېلىپ بۇلارغا داۋاملىق ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشى ۋە قۇرۇق شۇئارلاغا ئالدانماسلىقى لازىم. ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپال ئاساسلىرى ۋە قاراشلىرىدىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك.

دوكتۇر يۈسۈپ قەرداۋى باشچىلىقىدا بىر بۆلۈك ئىسلام مۇتەپەككۈرلىرى ئەھل سۈننى بىلەن شىئەلەرنى يېقىنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، نەتىجىگە ئېرشەلمىگەن. دوكتۇر قەرداۋى ئىراننىڭ ئەسبەق رەئىسى رەپسانجانى بىلەن 2007- يىلى جەزىرە قانىلىدا بىۋاستە مۇنازىرلەشكەندە رەپسانجانى دېگەن تۈلكە-ماجۇڭيى تۇڭگانغا ئوخشاش «تەقىييە» ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ- ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرگىلى ئۇنىمىغان…

بىز بۇ ماقالىمىزدا شىئەگە قارىتا قوپاللىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلمىدۇق، بەلكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىدىيە بىرلىكىنى پارچىلاپ، يۇرتىمىزنى شىئەلەشتۈرۈش نىيىتى بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇرماقچى. ئەگەر شىئەلەردە ياخشىلىق ۋە ئىنساپ بولىدىغان بولسا، ئورتاق بىر ئىدىيەگە تەۋە ئەھل سۈننى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنمىغان بولاتتى!…

شىئە توغرىسىدا تېخىمۇ كەڭرى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن تاتار ئالىمى مۇسا جارۇللاھنىڭ «شىئەلەرنىڭ ئەقىدىسىنى تەنقىد قىلىشتىكى يول» ناملىق كىتابىغا قاراڭ.

 

  

 شىئەلەرنىڭ ئەھل سۈننىگە تارىخ بويى خائىنلىق قىلىشى – ئەزھەرىي تورى (azheri.com)

 

(1) .رىۋايەت پەنلىرىدە يېتەرلىك بايان- خەتىب باغدادى، 49- بەت.   پەتىۋالار توپلىمى- ئىبنى تەيمىيە، 429- بەت.

(2) . شىئەلەرنىڭ دۇنيادىكى خەرىتىسى- ئەمىر سەئىد، 59- بەت.

(3) . يۇقىرىقى مەنبە، 60 بەت.

(4) . ئىش- ئىزلار- مەقرىزى، 2- توم، 2-بەت.

(5) . پەيغەمبەرلىك پاكىتلىرىنى ئىسپاتلاش- قازى ئابدۇلجاببار، 2- توم، 383- بەت.

(6) . مۇكەممەل تارىخ- ئىبنى ئەسىر، 6- توم،203 –بەت.

(7) .چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلار- ئىبنى توغرى بەردى.7- توم، 48- بەت.

(8) . ئىبرەت- ئىبنى خەلدۇن، 3- توم، 537- بەت.   سۇلتاننىڭ ئەدەب ئەخلاقلىرى- پەخرى، 338- بەت.

(9) . موڭغۇللار تارىختا- د.پۇئاد سەيياد،263- 264- بەتلەر.

(10) . شاھ ئابباس كەبىر- د. بەدى مۇھەممەد جۈمئە، 101- بەت.

(11) . يۇقىرىقى مەنبە، 103- بەت.

(12).ئوسمانلى -ئىران ئۇرۇشلىرى ۋە بۇ ئۇرۇشنىڭ ياۋرۇپاغا ئىسلامنىڭ تارقىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى- د.مۇھەممەد ھەرىدى، 61-بەت.

سەپەۋى دۆلىتى- د.ئەھمەد خۇلى، 87- بەت.

(13) . سەپەۋى دۆلىتى- د.ئەھمەد خۇلى، 87- 91- بەتلەر.

(14) . يۇقىرىقى مەنبە، 94- بەت.

 

باشقا خىزمەتلەر