ھىجرىيە: | مىلادىي: 23 Haziran 2021

چىكىنىڭ
نەپسى -خاھىش، شەھۋەتكە ئەگىشىش ئىنساننى گۇمراھلىققا ئېلىپ بارىدۇ

نەپسى -خاھىش، شەھۋەتكە ئەگىشىش ئىنساننى گۇمراھلىققا ئېلىپ بارىدۇ

 

نەپسى -خاھىش، شەھۋەتكە ئەگىشىش ئىنساننى گۇمراھلىققا ئېلىپ بارىدۇ

 

شەيخ دوكتور: سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئالى تالىب

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا:

«نەپسى-خاھىش ۋە شەھۋەتكە ئەگىشىش، ئىنساننى گۇمراھلىققا ئېلىپ بارىدۇ» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر. ئىنسانلارغا نەپسى-خاھىشقا ئەگىشىش چىرايلىق ۋە لەززەتلىك كۆرسىتىلدى.

ئىنسان ئۆز تەبىئىتىدە داۋاملىق ھەۋەسنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىشقا ئامراق كېلىدۇ. ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى تۇرمۇشنىڭ لەززەتلىرىدىن چەكلىمىگەن بولسىمۇ، تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكلىرىدىن قانداق پايدىلىنىش ھەققىدە بەلگىلىمىلەرنى بېكىتتى ۋە تۇرمۇشنىڭ گۇمراھلىق پاتقاقلىرىغا پېتىپ قېلىشتىن قانداق ساقلىنىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگەتتى ھەمدە ئىنسانغا دىنى ۋە دۇنياسىدا نېمىنىڭ پايدىلىق، نېمىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى.

ئىسلام دىنى ئىنساننى نېمىدىن چەكلىگەن بولسا، شۇ نەرسىنىڭ چەكلەنمەيدىغان يوللىرىنىمۇ كۆرسىتىپ قويدى. ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئىنسان ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرىتىدە پايدىلىق تەرىپى بولسا ئۇنى ھالال قىلدى. بەزى كىشىلەر چەكلەنمىگەن مۇباھ ئىشلارنىڭ كۆپلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن پايدىلانماستىن، ئاللاھ چەكلەپ قويغان چېگرالارنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئورۇنۇپ باقىدۇ. پەرۋانە ئوتقا ئۆزىنى ئاتقاندەك دىندا ھارام قىلىنغان گۇناھلارنى قىلىشقا ئۆزىنى ئېتىشىدۇر.

 نەپسى-خاھىش ۋە شەھۋەت توغرىسىدا ئاللاھ تۆۋەندىكى ئايەتتە مۇنداق دېگەن: {وَٱللَّهُ يُرِيدُ أَن يَتُوبَ عَلَيۡكُمۡ وَيُرِيدُ ٱلَّذِينَ يَتَّبِعُونَ ٱلشَّهَوَٰتِ أَن تَمِيلُواْ مَيۡلًا عَظِيمٗا يُرِيدُ ٱللَّهُ أَن يُخَفِّفَ عَنكُمۡۚ وَخُلِقَ ٱلۡإِنسَٰنُ ضَعِيفٗا} {ئاللاھ سىلەرنىڭ تۆۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. شەھۋەتلەرگە ئەگىشىدىغانلار توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ كېتىشىڭلارنى (شۇلارغا ئوخشاش فاجىر بولۇشۇڭلارنى) خالايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى يېنىكلىتىشنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى سىلەرگە ئاسانلاشتۇرۇشنى) خالايدۇ. ئىنسان (نەپسى خاھىشىنى يېڭىشتىن) ئاجىز يارىتىلدى}[1].

ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە نەپسى خاھىشنىڭ ئارقىسىغا ئەگىشىپ كېتىش ئاجىزلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ كۆپ ئىشلاردا ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەن. ئىسلام دىنى كېلىپ ئازغۇنلۇق يوللىرىنى تارايتىپ، پىتنە-پاسات ئامىللىرىنى ئىنساندىن يىراقلاشتۇرغان. شۇ سەۋەبتىن نەپسى-خاھىشنىڭ تەلەپلىرىنى قانۇنلۇق يوللار ئارقىلىق قاندۇرۇشنىڭ چارىسىنى كۆرسىتىپ قويغان.

ئىسلام، مۇسۇلمانلارغا ئىمكانىيىتى يار بەرگەن تەقدىردە توي قىلىش ئارقىلىق شەھۋىتىنى قاندۇرۇشنى يولغا قويدى. ھەتتاكى، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقىمۇ رۇخسەت قىلدى ھەمدە توي چىقىمى، مىھرى ھەققى چىقىملىرىدا ھەددىدىن ئاشۇرۇپ ئىسراپخورلۇق قىلىشتىن چەكلىدى. توي قىلىشتىن ئاجىز كەلگەنلەرگە بولسا، ئاللاھ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈچە سەۋر قىلىپ نومۇسىنى پاك ساقلاشقا تەشەببۇس قىلدى ۋە پاك ساقلاشنىڭ چارىسى روزا تۇتۇش، ئاددىي تاماقلار بىلەن غىزالىنىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. زىنانىڭ باشلامچىسى بولغان ناخشا-ئۇسۇللار، ھاراق-شاراپلارنى ھارام قىلدى.

 ئۆيگە كىرگەندە ئۆي ئەھلىدىن رۇخسەت سوراپ كىرىش، نامەھرەم ئاياللارغا قاراشتىن ساقلىنىش، ئاياللارنىڭمۇ نامەھرەم ئەرلەرگە زىننەت يەرلىرىنى كۆرسەتمەسلىكى پەرىز قىلىندى.

ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: {يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَدۡخُلُواْ بُيُوتَ ٱلنَّبِيِّ إِلَّآ أَن يُؤۡذَنَ لَكُمۡ إِلَىٰ طَعَامٍ غَيۡرَ نَٰظِرِينَ إِنَىٰهُ وَلَٰكِنۡ إِذَا دُعِيتُمۡ فَٱدۡخُلُواْ فَإِذَا طَعِمۡتُمۡ فَٱنتَشِرُواْ وَلَا مُسۡتَ‍ٔۡنِسِينَ لِحَدِيثٍۚ إِنَّ ذَٰلِكُمۡ كَانَ يُؤۡذِي ٱلنَّبِيَّ فَيَسۡتَحۡيِۦ مِنكُمۡۖ وَٱللَّهُ لَا يَسۡتَحۡيِۦ مِنَ ٱلۡحَقِّۚ وَإِذَا سَأَلۡتُمُوهُنَّ مَتَٰعٗا فَسۡ‍َٔلُوهُنَّ مِن وَرَآءِ حِجَابٖۚ ذَٰلِكُمۡ أَطۡهَرُ لِقُلُوبِكُمۡ وَقُلُوبِهِنَّۚ وَمَا كَانَ لَكُمۡ أَن تُؤۡذُواْ رَسُولَ ٱللَّهِ وَلَآ أَن تَنكِحُوٓاْ أَزۡوَٰجَهُۥ مِنۢ بَعۡدِهِۦٓ أَبَدًاۚ إِنَّ ذَٰلِكُمۡ كَانَ عِندَ ٱللَّهِ عَظِيمًا} {ئى مۇئمىنلەر! پەيغەمبەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرمەڭلار، پەقەت تاماققا چاقىرىلغان ۋاقتىڭلاردىلا كىرىڭلار، (باشقا ۋاقىتتا رۇخسەت بىلەن كىرگەندە) تاماقنىڭ پىشىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماڭلار، لېكىن چاقىرىلغاندىلا كىرىڭلار يۇ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن تارقاپ كېتىڭلار، تاماقتىن كېيىن) پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرماڭلار، بۇ (يەنى تاماقتىن كېيىن پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرۇش) پەيغەمبەرنى رەنجىتىدۇ، پەيغەمبەر (بۇنى ئېيتىشقا) سىلەردىن خىجىل بولىدۇ، ئاللاھ ھەق (نى ئېيتىش) تىن خىجىل بولمايدۇ، سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراپ (ئالماقچى) بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدىن سوراپ ئېلىڭلار، مۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ دىللىرىڭلارنىمۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىنىمۇ ئەڭ پاك تۇتىدۇ، سىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنى رەنجىتىپ قويۇشۇڭلار دۇرۇس ئەمەس، رەسۇلۇللاھدىن كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلارمۇ مەڭگۈ دۇرۇس ئەمەس، بۇنداق قىلىش (يەنى رەسۇلۇللاھنى رەنجىتىش ۋە ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىش) ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا چوڭ گۇناھتۇر}[2].

 ئەر-ئايال ئىككى جىنىس، ئۆز-ئارا بىر يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇش، سۆزلىشىش، بىرگە ئىشلەش دىللار ئۈچۈن پاك ئىش ئەمەسلىكى، لېكىن نەپسى - خاھىشقا مايىل؛ كۆڭۈل تارتىدىغان ھادىسە ئىكەنلىكى بارچە ئىنسان بىلىدىغان بىر ھەقىقەت. بىراق، سۆزلەشتە بولسا، ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرى سۆزلەيدۇ، ئاللاھ ئۆزىمۇ سۆزلەيدۇ، لېكىن ئاللاھنىڭ سۆزىدىن باشقا سۆزنىڭ ھېچ قىممىتى يوقتۇر. چۈنكى، ئاللاھ ھەق سۆزلەيدۇ، ئىنسانلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ. ئىسلام، نامەھرەم ئايال بىلەن يالغۇز جەم بولۇشنى چەكلىگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە:

«بىر ئەر كىشى بىر ئايال كىشى بىلەن يالغۇز بىر يەرگە كەلمىسۇن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۈچۈنجىسى شەيتاندۇر» دېگەن.

شۇ ئاساستا ئاياللارنىڭ سەپەر قىلىشىنى مەھرەمگە باغلاپ قويغان. ئاياللارنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇشىنى مۇستەھەب سانىغان. ئايال كىشىنى ئۆيىدىن چىققاندا خۇشپۇراق چېچىپ چىقىشتىن ۋە  ئۆز ئېرىگە باشقا بىر ئايالنى سۈپەتلەشتىن چەكلىگەن ھەمدە مۇئمىنلەر ئىچىدە پاھىشىنىڭ تارقىلىشىنى قاتتىق چەكلىگەن. ئەكسىچە قىلىقلارنى سادىر قىلغانلارنى دۇنيا-ئاخىرەتتە قاخشاتقۇچ ئازاب بىلەن ئاگاھلاندۇرغان. ئاللاھ يەنە ئىنسانلارنى زىناغا يېقىنلىشىشتىن چەكلەپ، زىنادىن ئۆزىنى تارتمىغانلارنى ئازابلاشقا بۇيرىغان. زىنانىڭ جازاسى شۇكى، توي قىلغانلارنى تاش-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈش. توي قىلمىغانلار بولسا، يۈز قامچا ئۇرۇپ يۇرتىدىن پالاش.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسىدە: «ھېچقانداق بىر ئىنسان مۇئمىن ھالىتىدە زىنا قىلمايدۇ، دەپ بولۇپ: ئەگەر زىنا قىلسا، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىمانى چىقىپ كېتىپ ئۇنىڭ بېشىدا سايىغا ئوخشاش تۇرىدۇ، ئەگەر زىنادىن كېيىن ھەقىقىي پۇشايمان قىلىپ شۇ زىناغا ئىككىنچى قايتماسلىققا تۆۋبە قىلسا، ئىمان ئەسلىگە قايتىدۇ» دېگەن[3].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە زىناخورلارنىڭ بەرزەختىكى ھالىتىنى تەسۋىرلەپ: «ئۇلار تونۇرغا ئوخشاش ئاغزى تەرەپ تار، ئاستى تەرەپ كەڭ ئورەكنىڭ ئىچىگە سېلىنىپ، ئاستىدىن ئوت يېقىلىدۇ، قىززىقلىق دەرىجىسى ئۆرلىگەندە لەيلەپ ئۈستىگە چىقىدۇ، پەسەيگەندە ئاستىغا چۈشىدۇ» دېگەن.

مۇشۇنداق دەھشەتلىك ئازابنىڭ بولىدىغانلىقىنى جەزمىلەشتۈرگەن مۇئمىن، قانداقمۇ بۇ گۇناھقا يەنە قەدەم قويۇشقا پېتىنسۇن!. بۇ ئۇلۇغ ئىسلام دىنى ئەگەشكۈچىلىرىنى پىتنىگە يولۇقتۇرۇشنى قەتئىي خالىمايدۇ. بۇ دىن جازا قوللىنىشتىن بۇرۇن ئەگەشكۈچىلىرىنى جازاغا مەھكۇم بولۇپ قېلىشتىن ساقلاشقا تىرىشىدىغان ئولۇغ بىر دىندۇر. ئىسلام دىنى ئىنساننىڭ ۋىجدانى، ھېسسىياتى، جىسمانىي ئەزالىرىنى ھىمايە قىلىشنى خالايدۇ. ئاللاھ ئۆزى ياراتقان ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزى ياخشى بىلىدۇ ئەمەسمۇ؟!.

ئىنسانىيەت، ئىسلامنىڭ يوليۇرۇقى ئىچىدە پاك-ساپ ياشىغان تەقدىردە، ئائىلىدە جىدەل-ماجىرا يۈز بەرمەيدۇ. ئايال ئېرىدىن خاتىرجەم، ئەر ئايالىدىن خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. خىيانەت، بۇزۇقچىلىق ھۆكۈم سۈرگەن جەمئىيەتتە بولسا، ئائىلە تۇرمۇشى خاتىرجەم بولمايدۇ، راھەت-پاراغەت ئىچىدە ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس. بۇزۇقچىلىق ۋە پاھىشىلەرنىڭ تارقىلىشى بارچە مۇسىبەت ۋە ئاپەتلەرنىڭ ئۇرۇغىدۇر. جەننەتنىڭ يولى ئۇزۇن ھەمدە قىيىن يولدۇر. بۇ يولدا تۈرلۈك توسالغۇلار، ئازدۇرۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ئازغۇنلۇقلار مەۋجۇت. سەۋر قىلغانلار، نەپسى-خاھىشىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرالىغانلار ئۈچۈن ئاخىرقى مۇكاپات جەننەتتۇر. ئاللاھ بىزلەرنى جەننەتتىن مەھرۇم قىلمىسۇن، ئامىن!!.

سىراجىددىن ئەزىزى تەرجىمىسى.



[1]  سۈرە نىسا: 27- ئايەت.

[2]  سۈرە ئەھزاب: 53- ئايەت

[3]  تىرمىزى رىۋايىتى.

 

باشقا خىزمەتلەر