ھىجرىيە: | مىلادىي: 23 Haziran 2021

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەتلەر قەلبلەرنى كور قىلىپ قويىدۇ

 گۇناھ-مەئسىيەتلەر قەلبلەرنى كور قىلىپ قويىدۇ

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

چوقۇمكى گۇناھ-مەئسىيەتلەر قەلبلەرنى كور قىلىۋىتىدۇ ياكى قەلبلەرنىڭ نۇرىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بىز ئىلگىرىكى مەزمۇنلاردا گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ قەلبلەرنى چوقۇم ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتكەنىدۇق. قاچانىكى قەلب كورلىشىپ ياكى ئاجىزلىشىپ كەتسە ھىدايەتنى تونۇيالماي قالىدۇ. قەلبنىڭ ھىدايەتكە چۆمۈشى ۋە ھىدايەتنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشى قەلبنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقى بويىچە بولىدۇ.

ئىنسانىي مۇكەممەللىك ھەق بىلەن باتىلنى ئىنىق پەرق قىلىپ، باتىلنى تاشلاپ ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى ئاساسقا تاينىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى ھەر ئىككى دۇنيالىق مەرتىۋىسى پەقەت ئۇلارنىڭ مەزكۇر ئىككى ئاساستىن ئالغان نېسىۋىسى بويىچە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مەزكۇر ئىككى ئاساس بويىچە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى مەدھىيىلىگەن: «ئىبادەتتە كۈچلۈك، (دىندا) بەسىرەتلىك بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئەسلىگىن.»[1]

يۇقىرىقى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغىنى ھەقىقەتنى ئىجرا قىلىش جەھەتتىكى كۈچ ۋە دىنى ئىشلاردىكى بەسىرەت (ئەقىل كۆزى)دۇر. دېمەك، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ھەقىقەتنى مۇكەممەل ئاڭقىرالايدۇ ۋە ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىجرا قىلالايدۇ، دەپ سۈپەتلىدى.

بۇ نۇقتىدىن ئىنسانلار تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل بولىدۇ:

  1. ھەقىقەتنى ئىجرا قىلىشتا كۈچلۈك ۋە دىنى ئىشلاردا بەسىرەت (ئەقىل كۆزى)گە ئىگە كىشىلەر. بۇلار ئاللاھنىڭ ئالدىدا باشقا مەخلۇقاتلارغا نىسبەتەن ئەڭ ھۆرمەتلىك ۋە ئۇلۇغ كىشىلەردۇر.
  2. يۇقىرىقى ئۇلۇغ، ھۆرمەتلىك كىشىلەرنىڭ ئەكسىچە، دىندا بەسىرىتى يوق، ھەقىقەتنى ئىجرا قىلىدىغان كۈچ –قۇۋۋىتى يوق ئادەملەر. ئۇلار ئىنسانلار ئىچىدە كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدۇ. ئۇلار پىكرى خۇنۈك، قىزىققان، قەلبى كېسەل ئادەملەر بولۇپ، ئۇلار يۇرت-مەھەللىلەرنى قىستاڭ قىلىش، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. ئۇلار بىلەن ئۈلپەتداش بولغانلار پەقەت نۇمۇس ۋە ھاقارەتتىن باشقىغا ئىرىشەلمەيدۇ.
  3. ھەقنى ئاڭقىرىغان ۋە تونۇغان بولسىمۇ، ئەمما ئاڭ-تونۇشى ئاجىز كىشىلەر. بۇلار بۇنداق ئاجىز ئېڭى ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىجرا قىلالمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا دەۋەتمۇ ئېلىپ بارالمايدۇ. مانا بۇ ئاجىز مۇئمىننىڭ ئەھۋالىدۇر. «كۈچلۈك مۇئمىن ئاللاھ ئالدىدا ئاجىز مۇئمىندىن ياخشىراق ۋە سۆيۈملۈكرەكتۇر».
  4. ئۆزى كۈچلۈك، ھىممەتلىك، ئىرادىلىك بولسىمۇ، لېكىن دىندىكى بەسىرىتى، ئاڭ-تونۇشى ئاجىز كىشىلەر. ئۇلار ھەتتا ئاللاھنىڭ دوستلىرى بىلەن شەيتاننىڭ دوستلىرىنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ. بەلكى ھەرقانداق قارا نەرسىنى خورما، ھەرقانداق ئاق نەرسىنى پاختا، ئېششىپ قالغان ئادەمنى سېمىز، ئاچچىق دورىنى زەھەر دەپ ئويلاپ يۈرىۋېرىدۇ.

مەزكۇر تۆت تىپ ئىچىدە بىرىنچىسىدىن باشقىلار دىنى پېشۋالىققا، يېتەكچىلىككە ۋە رەھبەرلىككە يارىمايدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار (كۈلپەتلەرگە) سەۋر قىلغان، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە جەزمەن ئىشەنگەن چاغدا، ئۇلاردىن بىر قسىم كىشىلەرنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن توغرا يول كۆرسىتىدىغان پېشۋالار قىلدۇق.»[2]

بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا دىنى پېشۋالارنىڭ پەقەت سەبىر ۋە شەكسىز ئىشەنچ ئارقىلىقلا دىنى پېشۋالىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولالايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ ۋە «سۈرە ئەسىر» دە بارلىق زىيان تارتقۇچى كىشىلەر ئىچىدىن ئۇلارنى ئايرىپ چىقىرىۋالىدۇ. «زامان بىلەن قەسەمكى،  ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر-بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر-بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر.»[3]

 مەزكۇر ئايەتتە ئاللاھ تائالا زىيان تارتمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان كىشىلەر ئۆزى ھەقىقەتنى چۈشىنىپ، ئاڭقىرىپ، سەبىر قىلىپلا توختاپ قالغانلار بولماستىن، بەلكى ئۆزئارا ھەقنى ۋە سەۋرىنى تەۋسىيە قىلغان، ئۆزئارا ھەقكە ۋە سەۋرىگە يېتەكلەشكەن ۋە قىزىقتۇرۇشقان كىشىلەردۇر.

ئۇنداقتا ھەقنى ئاڭقىرىغان ۋە سەۋرىگە تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن باشقا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى زىيان تارتىدىغان ئىش بولسا، ناھايىتى ئېنىقكى، گۇناھ-مەئسىيەتلەر گۇناھ ئۆتكۈزگۈچىلەرنىڭ قەلىب كۆزىنى ئەما قىلىپ قويىدۇ-دە، ھەقىقەتنى توغرا رەۋىشتە تونۇپ يېتەلمەيدۇ. ئۇنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى ۋە ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ-دە، ئۇ ئادەم سەبىرسىز، تاقەتسىز، چىدامسىز بولۇپ قالىدۇ. بەزىدە ئۇ ئادەمنىڭ قەلبىگە ھەر خىل گادىرماچ خىياللار كېلىۋالىدۇ. قىلىۋاتقان ئىشلىرى بىلەن ھېس تۇيغۇلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. باتىلنى ھەق، ھەقنى باتىل كۆرۈپ قالىدۇ. ياخشىنى يامان، ياماننى ياخشى دەپ قاراپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۆنىلىشلىرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئۇ، ئاللاھ ۋە ئاخىرەت يولىدىن يېنىپ كۆڭلى تارتقان باتىل يوللارغا كىرىپ كېتىدۇ. دۇنيا ھاياتىغا رازى بولۇپ، بىپەرۋا، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىدىن غاپىل ھالەتتە ياشايدۇ. ئاللاھقا ئۇچرىشىشقا تەييارلىقمۇ كۆرمەيدۇ. ناۋادا گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ مۇشۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق جازا ۋە ياساقلىرى بولمىغان بولسىمۇ، بۇ جازالار ئۇنىڭ گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈشىگە يېتەتتى. (ئاللاھ ھەممىمىزگە ھەقنى ھەق، باتىلنى باتىل كۆرۈدىغان ئاڭ، بەسىرەت ئاتا قىلغاي)

تائەت-ئىبادەت قەلبلەرنى كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم قىلىدۇ. قەلبلەرنى نۇرلاندۇرىدۇ ۋە ئۇنى جۇلالاندۇرۇپ، سۈزۈكلەشتۈرىدۇ. ھەتتا قەلبلەر گوياكى ئەينەككە ئوخشاش نۇرغا توشىدۇ. شەيتان بۇنداق قەلبلەرگە يېقىنلاشقان ھامان بۇ قەلبلەر شەيتانغا شۇنداق بىر زەربە بېرىدۇكى، شەيتان ئۇنىڭدىن گويا تۈلكە يولۋاستىن قاچقاندەك قاچىدۇ. بۇنداق قەلبكە ئىگە كىشىلەر شەيتاننى ناھايىتى تىزلا مەغلۇپ قىلىۋېتىدۇ. شەيتانلا توپلىشىپ «بۇ نېمە ئەھۋال، بۇنىڭغا ئىنسان تەرىپىدىن زەربە يېتىپتۇ» دېيىشىدۇ.

جۇلالىق ھۆر قەلىب نۇرى كارامەت،

كەلتۈرەر شەيتانغا بۇ نۇر پالاكەت.

 

بۇنداق نۇرانە قەلب بىلەن زۇلمەت باسقان، زىددىيەتلىك، شەيتان ئۇۋا قىلىۋالغان قەلبلەر ئوخشاش بولامدۇ؟! بۇنداق قەلبلەرگە شەيتان ئۇچراشقاندا «ياشاپ كەت! سەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئىرىشەلمەيدىغان بىر ھەمراھنىڭ قۇربانى بولدۇڭ» دەيدۇ.

 

ھەمراھمەن مەن ساڭا دۇنيا-ئاخىرەت،

سەن ماڭا ھەمراھسەن ھەر جايدا ئەبەت.

دوزىخىي بوپ كەتسەڭ قىيامەت كۈنى،

ئىككىمىز كۆرىمىز ئوخشاش ئاقىۋەت.

 

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى مېھرىبان ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن (يەنى قۇرئاندىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىز ئۇنىڭغا شەيتاننى مۇسەللەت قىلىمىز (شەيتان ئۇنى ۋەسۋەسە قىلىدۇ)، شەيتان ئۇنىڭغا ھەمىشە ھەمراھ بولىدۇ.  شەك-شۈبھىسىزكى، شەيتانلار ئۇلارنى (يەنى ئازغۇن كۇپپارلارنى) توغرا يولدىن توسىدۇ، ئۇلار بولسا ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ گۇمان قىلىدۇ.  كاپىر ئادەم (ھەمراھى بىلەن قىيامەت كۈنى) دەرگاھىمىزغا كەلگەن چاغدا (ھەمراھىغا): «كاشكى سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا شەرق بىلەن غەربنىڭ ئارىسىدەك ئارىلىق بولسا ئىكەن. (سەن) نېمە دېگەن يامان ھەمراھ! (چۈنكى سەن مېنىڭ بەختسىزلىكىمگە سەۋەپچى بولدۇڭ)» دەيدۇ.  (ئۇلارغا) «(دۇنيادىكى چاغدا) زۇلۇم قىلغانلىقىڭلار (يەنى شېرىك كەلتۈرگەنلىكىڭلار) ئۈچۈن بۈگۈن سىلەرنىڭ ئازابتا ئورتاق بولغانلىقىڭلار سىلەرگە پايدا بەرمەيدۇ» دېيىلىدۇ.»[4]

مەزكۇر ئايەتتە ئاللاھ تائالانى ئەسلەشتىن ۋە ئۇنىڭ كىتابىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنى؛ ئۇنىڭدىكى ھەقىقەتلەرگە كۆز يۇمغان، «قۇرئان كەرىم»نى چۈشىنىش، تەپەككۇر قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن قەلىب كۆزىنى ئىشقا سالمىغانلارنى جازالاش يۈزىسىدىن ئاللاھ تائالا شەيتاننى مۇسەللەت قىلىپ قويىدىغانلىقى؛ شەيتان ئۇلاردىن ھەر ۋاقىت ئايرىلماي، ئۇلارنىڭ ئۈلپىتىگە ۋە دوستىغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلدى. شەيتان نېمىدېگەن يامان ئۈلپەت، نېمىدېگەن يامان ھەمراھ-ھە!

 

ئېمىلداش ئۇلار، ئايرىلماسقا قەسەم ئىچىشكەن،

قەسەمگە ئانامنىڭ مەممىسى بەدەل دېيىشكەن.

 

ئاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى، جەزمەن شەيتان ھەمراھىنى، دوستىنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ۋە ئاللاھنىڭ جەننىتىگە ئۇلاشتۇرىدىغان يوللاردىن توسىدۇ. شەيتانغا جۈرە بولغان بۇ ئازغۇن شەيتاننىڭ يولىنى توغرا دەپ ئويلاپ مېڭىۋېرىدۇ. ھەتتاكى قىيامەت كۈنى ئۇ ئككىسى بىر-بىرىگە «كاشكى سەن بىلەن مېنىڭ ئارام مەشرىق بىلەن مەغرىبتەك يىراق بولۇپ كەتسىچۇ! دۇنيادىمۇ ياخشىلىق كەلتۈرمىدىڭ. ھىدايەتكە ئەگىشىپ بولغىنىمدىن كېيىن ئازدۇرۇپ، ھەقتىن توسۇپ، كۈشكۈرتۈپ ھالاكەتكە ئىتتەردىڭ، سەن بۈگۈن ماڭا نېمىدېگەن رەزىل ھەمراھ!» دەيدۇ.

دۇنيادىكى كېلىشمەسلىك ياكى پىشكەلچىلىكلەر بىرلا ئادەمنىڭ بېشىغا كەلمەي كۆپرەك ئادەمنىڭ بېشىغا كەلسە، كېلىشمەسلىككە ئۇچرىغۇچىلار بىر-بىرىگە قاراپ تەسەللى تېپىپ قالىدۇ. ئەمما ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەت كەرىمىدە «بۈگۈن سىلەرنىڭ ئازابتا ئورتاق بولغانلىقىڭلار سىلەرگە پايدا بەرمەيدۇ» دېيىش ئارقىلىق بۇ ھەمراھلارنىڭ ئۇنداق تەسەللىيلەرگە ئىرىشەلمەيدىغانلىقىنى، بىر-بىرىگە يەتكەن ئازاب ئارقىلىق ئۆزىگە تەسەللىي تاپالمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەرەبلەرنىڭ مەشھۇر شائىرەسى خەنسا ئاكىسىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى بىر قەسىدىسىدە بىر جامائەتچىلىكنىڭ بېشىغا كەلگەن ئورتاق مۇسىبەتنىڭ يالغۇز بىر ئادەمگە كەلگەن مۇسىبەتتىن يەڭگىل بولىدىغانلىقىنى مۇنداق ئىپادىلىگەنىدى:

 

كۆرمىگەن بولسام گەر نۇرغۇن كىشىنىڭ،

قېرىندىشى دەردىدە يۈرگىنىنى يىغلاپ.

(ئۆزۈمنى دەرياغا ئاتقان بولاتتىم،

ۋە ياكى) ئۆلەتتىم (ئۆزۈمنى تىغلاپ).

گەر ئۇلار يىغىسى مېنىڭدەك ئەمەس،

ۋە لېكىن تۇرىمەن ئۆزۈمنى ئالداپ.

 

ئاللاھ تائالا دوزىخىيلارنى بىر-بىرىدىن تەسەللىي تاپىدىغان راھەتتىن مەھرۇم قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈن سىلەرنىڭ ئازابتا ئورتاق بولغانلىقىڭلار سىلەرگە پايدا بەرمەيدۇ.»[5]

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

 



[1]

[2] سۈرە سەجدە 24-ئايەت

[3] سۈرە ئەسىر

[4] سۈرە زۇخرۇف 36،37،38،39-ئايەتلەر

[5] سۈرە زۇخرۇف 39-ئايەت

باشقا خىزمەتلەر