ھىجرىيە: | مىلادىي: 23 Haziran 2021

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ پالاكىتى

 

 گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ پالاكىتى

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

گۇناھ-مەئسىيەت ئۆتكۈزگۈچىلەر گۇناھنىڭ جازاسىنى ئۆزىلا تارتىپ قالماستىن ئۇنىڭ پالاكىتى، ۋابالى گۇناھ ئۆتكۈزمىگەن باشقىلارغىمۇ يېتىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ياۋا ئۆردەكلەرمۇ زالىملارنىڭ شۇملىقىدىن ئۇۋىسىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ.»

مۇجاھىد مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، مال-چارۋىلار ئاسىي ئىنسانلارغا لەنەت قىلىدۇ. ناۋادا قۇرغاقچىلىق يۈز بېرىپ، يامغۇر ياغماي قالسا، ئۇلار: بۇ ئاپەتلەر ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن بولدى، دېيىشىدۇ.»

ئىكرەمە مۇنداق دەيدۇ: زېمىندىكى مال-چارۋىلار، ھاشاراتلار ھەتتاكى قوڭغۇز ۋە چايانلارغىچە «بىز ئىنسانلارنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن قۇرغاقچىلىققا دۇچار بولدۇق» دېيىشىدۇ. گۇناھكارلار ئۆزىلا لەنەتكە قالماستىن، ئۇلارنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن باشقا بىگۇناھ ئىنسانلارمۇ لەنەتكە ئۇچرايدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

باشقا خىزمەتلەر