ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023
پاك تەبىئەت ۋە ياخشىلىققا يارىتىلغان ئىنسانلار ياخشىلىققا ئالدىرايدۇ
پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ بىن ھۇمەيد
2010 – يىلى 10 – ئاينىڭ 8 – كۈنى
ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا:
«پاك تەبىئەت ۋە ياخشىلىققا يارىتىلغان ئىنسانلار ياخشىلىققا ئالدىرايدۇ، ياخشىلىقتىن سۆيۈنىدۇ، يامانلىقتىن قاچىدۇ ۋە يامانلىق يۈز بەرسە قايغۇرىدۇ» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.
بىزنىڭ ئىسلام شەرىئىتىمىز، دىننىڭ ئۇلۇغ غايىلىرىدىن بولغان ياخشى ئەمەللەرگە ئالدىراش ۋە ياخشىلق پۇرسەتلىرىنى غەنىمەت بىلىشكە تەشەببۇس قىلغان. ئادەمنىڭ نەپسى-خاھىشى ياخشىلىققا ۋە ئىسلاھاتقا ئىنتىلىدۇ ھەمدە باشقىلارغا ياخشىلىق قىلالىسا خۇرسەن بولىدۇ. ئەكسىچە، يامانلىق ۋە كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەرسە قايغۇرىدۇ.
ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! قېنى ئېيتىڭلارچۇ! باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئىنسانغا ھۇزۇر بېغىشلىمامدۇ؟! ھەقىقىي ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە بېرىلمەستىن ئەتراپلىق ئويلاپ، ئىنسانىيەتنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتلىرىنى بىرىنجى ئورۇندا قويۇپ ئىش قىلىدۇ. ياخشىلىقنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى ئايەتى كەرىمىدە ياخشىلىقلارنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسىتىپ بەردى:
{لَّا خَيۡرَ فِي كَثِيرٖ مِّن نَّجۡوَىٰهُمۡ إِلَّا مَنۡ أَمَرَ بِصَدَقَةٍ أَوۡ مَعۡرُوفٍ أَوۡ إِصۡلَٰحِۢ بَيۡنَ ٱلنَّاسِۚ وَمَن يَفۡعَلۡ ذَٰلِكَ ٱبۡتِغَآءَ مَرۡضَاتِ ٱللَّهِ فَسَوۡفَ نُؤۡتِيهِ أَجۡرًا عَظِيمٗا} {ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتىنىڭ تولىسىدا خەيرىيەت يوقتۇر. پەقەت سەدىقىغە ياكى ياخشىلىققا ياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە ئەمر قىلغان كىشىلەر (نىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتى) بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى ئۇ (ئىش) لارنى ئاللاھ نىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بۈيۈك ئەجر ئاتا قىلىمىز}[1].
ئاللاھ يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: {ٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ فِي ٱلسَّرَّآءِ وَٱلضَّرَّآءِ وَٱلۡكَٰظِمِينَ ٱلۡغَيۡظَ وَٱلۡعَافِينَ عَنِ ٱلنَّاسِۗ وَٱللَّهُ يُحِبُّ ٱلۡمُحۡسِنِينَ} {تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا (پۇل - مال) سەرپ قىلىدىغانلار، (ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ}[2].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ مۇبارەك ھەدىسلىرىدىمۇ تۆۋەندىكىچە بايان قىلغان: «ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولسا، مۇسۇلمان قېرىندىشىڭنىڭ قەلبىنى خۇشال قىلغانلىقىڭ ياكى قەرزىنى ئادا قىلىپ قويغانلىقىڭ ياكى بولمىسا ئاچ قالغان بولسا، قورسىقىنى تويغۇزۇپ قويغانلىقىڭدۇر».
ئىمام يەنە مۇسۇلمانلارنى: قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى قۇتقۇزۇش، باشقىلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىش، زۇلۇم قىلىنغانلارغا ياردەم بېرىش، مەھرۇم قىلىنغانلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇش، يىتىم-يېسىرلارغا ياخشىلىق قىلىش، ئاداۋەتلىشىپ قالغانلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش، بىلىم-مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش، ئىش قىلغاندا پۇختا قىلىش، يولدىن ئېزىپ قالغانلارغا يولىنى كۆرسىتىپ قويۇش، ياخشى ئىشقا ۋەسىلە بولۇپ شاپائەت قىلىش، كېسەلنى يوقلاش، داۋالىتىشقا ياردەملىشىش، تۇغقانلارنى يوقلاپ تۇرۇش، سىلە رەھىم قىلىش، دەۋەت مەركەزلىرىنى قۇرۇپ دىن تەشۋىقات ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، خەيرىيەت جەمئىيەتلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق موھتاجلارنىڭ بېشىنى سىلاش ۋە بارچە ئۈممەتكە ياخشى ئىشلاردا ئۆرنەك بولۇشتەك ياخشى ئىشلارغا تەۋسىيە قىلدى.
ئىمام يەنە: ئىنسانلار ئىچىدە بۇزۇقچىلىق، پىتنە-پاسات تارقىلىشنى خالايدىغان ۋە شۇنىڭغا تەشەببۇس قىلىدىغانلارنىڭ جازاسى بەك ئېغىر بولۇپ، دۇنيادا خارلىق، ئاخىرەتتە جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇردى. بەزى ئىنسانلار باركى، ئۇلارنىڭ قەلبى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ سەركەردىلىرىگە قارىتا چىدىماسلىق ۋە ھەسەت بىلەن تولغان. ئۇنداقلار گۇناھنىڭ بېشى، تاجاۋۇزچىلارنىڭ سەركەردىسى ۋە بۆھتانچىلارنىڭ كاتتىۋېشىدۇر. ئۇلاردىن ئاز بىر قىسىم بۇزۇق ئۇنسۇرلار مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا تىل ئۇزارتقانلاردۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئاللاھ يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىدىن پاكلاپ ئايەت نازىل قىلغان.
شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە: ئەھلى ئىماننىڭ خىسلەتلىرى شۇكى، ئۇلارنىڭ دىللىرى ۋە تىللىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىغا ئۆچىمەنلىك قىلمايدۇ، دېگەن.
يامانلىق سەركەردىلىرىنىڭ يەنە بىر تۈرى، سېھيۇنىزىمچى جۇھۇدلاردۇر، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، ئۇلار ئىسلام مۇقەددەسلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ، مەسچىتلەرنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماستىن تاجاۋۇز قىلىۋاتىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنلىرىنى تالان-تاراج قىلىپ، كۆچمەنلەر لاگىرلىرىنى بىنا قىلىۋاتىدۇ، ھەق ئىگىلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە خەلقئارا قانۇن-تۈزۈملەرنى كۆزىگە ئىلماستىن ئاياغ-ئاستى قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار؛ مۇسۇلمانلار ئاجىز، ھېچنەرسە قىلالمايدۇ، دەپ خىيال چاغلىمىسۇن، چۈنكى ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى قۇدرەتلىك ئاللاھ، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى ۋاقتى كەلگەندە قاخشاتقۇچ ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ. بىز بۇ مۇنبەردە سېھيۇنىزىمچىلارنىڭ جىنايەتلىرىدىن ئاللاھ تائالاغا يېلىنىپ، دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ، شىكايەت قىلىمىز.
ئى پەلەستىندىكى قېرىنداشلىرىمىز! سىلەر سەۋر قىلىڭلار! ئاللاھنىڭ بىرلىك ۋە بارلىقىدىن ئىبارەت تەۋھىد ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرۇڭلار! ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئىشىنى پۇختا قىلغۇچى ۋە غالىبتۇر. لېكىن كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ ھەقىقەتنى بىلمەيدۇ. پەلەستىندىكى قېرىنداشلار ئۆز ئارىسىدا بىرلىك ئورنىتىپ، دۈشمەنگە پۇرسەت بەرمەسلىكى كېرەك. بىز خەيرىيەت جەمئىيەتلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىش ئارقىلىق ئۈممەتنىڭ بېشىغا كەلگەن ئوخشاش بولمىغان ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىشمىز كېرەك. ئۈممەتنىڭ كۈچىنى خورىتىۋاتقان تېرورلۇق، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەتكەسچىلىك ئاپەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بارلىق كۈچىمىز بىلەن تىرىشىشىمىز كېرەك. ھازىرقى زاماندا خەيرىيەت ئىشلىرىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىۋاتقان ئالاھىدە جەمئىيەتلەردىن بىرى ئىككى ھەرەم خادىمى خەيرىيەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك مۇئەسسەسەسى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. بۇ مۇئەسسەسەنىڭ غايىسى شەرىئەتكە خىزمەت قىلىش، ئوتتۇراھاللىق يولىنى تاللاش، رادىكالىزىم ۋە مۇتەئەسسىپلىكتىن ساقلىنىشتىن ئىبارەتتۇر.
ئاللاھ بىزلەرنى ياخشىلىققا تەلپۈنىدىغان، يامانلىقتىن ھەزەر ئەيلەيدىغان، ئۈممەتنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇندا قويىدىغان، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ماڭىدىغان مۆمىنلەردىن قىلسۇن، ئامىن!!....
سىراجىددىن ئەزىزى تەرجىمىسى.
باشقا خىزمەتلەر