ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023

چىكىنىڭ
كۆز بويامچىلىق، ئالدامچىلىق ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك ئاپەتتۇر

كۆز بويامچىلىق، ئالدامچىلىق ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك ئاپەتتۇر

شەيخ دوكتور/ ئابدۇرەھمان ئەسسۇدەيس

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا:

 «كۆز بويامچىلىق ۋە ئالدامچىلىق، ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك ئاپەتتۇر» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلغان:

 ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

مۇبارەك شەرىئىتىمىزنىڭ ئاساسىي غايىسى، مىللەتلەرنى ئىسلاھ قىلىش ۋە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. شەرىئەت ئىنسانلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى تازىلاش، مەنىۋىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ ئاساستا ئىسلام شەرىئىتى، مەسچىتلەردىن ئىبارەت ئىبادەت ئورۇنلىرىنى بىنا قىلدى.

 مىللەتلەر شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىدىكەن، شۇ مىللەت يەر شارىدىن يوقاپ كەتمەستىن مەڭگۈ ياشايدۇ، بەلكى تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىدۇ. كەلگۈسىگە بولغان ئىنتىلىشى يۈكسىلىشكە باشلايدۇ. ئەۋلادلاردا ئىخلاس بولسا، قىلغان ئىشلىرى تەرەققىي قىلىدۇ، باشقىلارغىمۇ تەرەققىياتتا ئۆرنەك بولغاندىن تاشقىرى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدۇ. يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى بىر مەدەنىيەت بەلگىلىرىدۇر.

يەنە بىر تەرەپتىن مىللەتنىڭ مەدەنىي مەۋجۇتلۇقىنى ۋەيران قىلىدىغان ئامىللارمۇ كۆپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ يامان، خەتەرلىك ھەمدە رەزىل خىسلەت بولسا، كۆز بويامچىلىق ۋە ئالدامچىلىق جىنايىتىدۇر. ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمانلارنى بۇنداق رەزىل قىلمىشتىن يىراق قىلسۇن، ئامىن!.

كۆز بويامچىلىق جىنايىتىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە كۆپلىگەن ئورۇندا يامان ئىللەت دەپ تەنقىتلىگەن. كۆز بويامچىلىق، ھەتتا يېمىرىلمەس مۇستەھكەم جەمئىيەتنىمۇ يىلتىزىدىن قورۇتۇپ تاشلايدىغان ئاپەتتۇر. شۇ ئاساستا شەرىئەت كۆز بويامچىلىقنى قەتئىي ھارام قىلغان، كۆز بويامچىلارنى دۇنيا-ئاخىرەتتە خار قىلىشقا ۋەدە قىلغان. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە مۇنۇ مەشھۇر ئايەت بار: {وَيۡلٞ لِّلۡمُطَفِّفِينَ ٱلَّذِينَ إِذَا ٱكۡتَالُواْ عَلَى ٱلنَّاسِ يَسۡتَوۡفُونَ وَإِذَا كَالُوهُمۡ أَو وَّزَنُوهُمۡ يُخۡسِرُونَ أَلَا يَظُنُّ أُوْلَٰٓئِكَ أَنَّهُم مَّبۡعُوثُونَ لِيَوۡمٍ عَظِيمٖ} {(ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا) كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي! ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا، تولۇق ئالىدۇ، كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا، كەم بېرىدۇ ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ}[1].

مەزكۇر ئايىتى كەرىمەدىن مەلۇمكى، مەيلى تارازىدا ئالداش بولسۇن، مەيلى كۆكتات، مىۋە بازارلىرىدا بىز كۈندە ئۇچرىتىۋاتقاندەك مىۋىنىڭ ياخشىلىرىنى ئۈستىگە ناچارلىرىنى ئاستىغا تىزىشتەك كۆز بويامچىلىق ۋە ئالدامچىلىقلار بولسۇن كەسكىن ھارام ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. مۇئامىلەدە ئالدامچىلىق بولسا، خېرىدارنى ئالداپ مالنىڭ ئەيىبىنى كۆرسەتمەستىن سېتىۋېلىش بولۇپ، بۇمۇ ئېغىر جىنايەتتۇر. بىز باشتا دەپ ئۆتكەندەك، بۇنداق ئەھۋاللار بازارلاردا كەڭ دائىرىدە ئۇچرايدۇ. ھەتتاكى، كۆز بويامچىلار بۇ قىلمشلىرى ئارقىلىق خېرىدارنىمۇ، ئۆزلىرىنىمۇ ئالداپ كۆندۈرۈپ قويغان، ھېچكىشى بازارلاردىكى كۆز بويامچىلىقلارنى يامان كۆرمەيدىغان، بۇ گۇناھقا قارىتا پەرۋا قىلمايدىغان دەرىجىگە كېلىپ قالغان.

ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتىقاندا ئاللاھتىن قورقمايدىغان تىجارەتچىلەر ماللارنىڭ ياخشىلىرىنىڭ ئىچىگە يامانلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئەيىبىنى يۇشۇرۇپ ساتىدىغان ئەھۋاللار تولىمۇ ئېغىر. يەنە كېلىپ بەزى تىجارەت ئورۇنلىرى خەلقنى ئالداپ 50% ياكى 80% باھاسىنى چۈشۈردۇق، دېگەن ئېلانلارنى تارقىتىپ خېرىدارنى قىزىقتۇرىدۇ. ھەقىقەتتە بۇنداق قىلغانلىق خېرىدارلارنى ئالدىغانلىقتۇر. ئەسلىدە ھېلىقى ماللار ئۆز باھاسىدا سېتىلغاندا خېرىدارنىڭ ساددىلىقىدىن پايدىلىنىپ ھەسسىلەپ پايدا ئالغان، كېيىن بازار سۇۋۇپ قالغاندا 80% باھاسىنى چۈشۈردۇق دەپ قويۇپ ئەقەللىسى 10- 20% پايدىغا مالنى ساتقان. بۇنداق قىلمىشلار ھەقىقىي كۆز بويامچىلىقتۇر. بەزى ئىنسانلار ماللىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن يالغاندىن قەسەم ئىچىىپ، ئانچە پۇلغا ئالغان، مۇنچە پۇلغا ئالغان دەپ خېرىدارنى ئىشەندۈرىدۇ. ئەمما شۇ تىجارەتچى بىلمەيدۇكى، بۇ قىلمىشى ئۇنىڭدىن بەرىكەتنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە كۈتۈلمىگەن ئاپەتلەرگە يولۇقۇپ تۈگىشىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «مالنى قەسەم ئىچىپ سېتىش، مالنىڭ سېتىلىشىغا سەۋەب بولغان بىلەن بەرىكەتنى كەتكۈزىدۇ» دېگەن[2].

ئالدامچىلىق بىلەن مال ساتىدىغان تىجارەتچىنىڭ جامائەت ئارىسىدا ئىناۋىتى ۋە قەلبىدە راھەتمۇ بولمايدۇ. يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللا ئەلەيھىسسالام: «تىجارەتچى ۋە خېرىدار بىرلىكتە مالنىڭ ئەيىبىنى ئاشكارىلاپ، ئالغۇچىمۇ ئەيىبىنى كۆرۈپ سودىلاشسا، ئۇلارنىڭ سودىسىدا بەرىكەت بولىدۇ» دېگەن.[3]

راستچىل تىجارەتچىگە شۇنداق ئۇلۇغ بىشارەت بېرىلگەن: «راستچىل تىجارەتچى قىيامەتتە پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار ۋە شېھىدلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ». ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەۋف ئىسىملىك ساھابىدىن قانداق باي بولدۇڭ دەپ سورالغاندا: «كەلگەن پايدىنى قەتئىي قايتۇرمىدىم ۋە مالنىڭ ئەيىبىنى قەتئىي يۇشۇرمىدىم» دېگەن.

ھازىرقى زاماندا بەزى ئىنسانلار كۆز بويامچىلىق ۋە ئالدامچىلىقنى ھوشيارلىق ۋە دانالىق دەپ قارايدىكەن، ئۇ قانداقمۇ دانالىق بولسۇن. ئەمەلىيەتتە كۆز بويامچىلىق ۋە ئالدامچىلىق بولسا، ئىنسان مەنىۋىيىتى چۈشكۈنلەشكەندە، رەزىللەشكەندە يۈز بېرىدىغان ئەھۋالدۇر. ئالدامچىنىڭ قەلبىدە مېھىر-شەپقەت بولمايدۇ.

 ئى كۆز بويامچىلىق قىلغانلار! بىلىڭلاركى، باشقىلارنىڭ كۆزىنى بوياپ تاپقان مالدىن ئۆزۈڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشىڭلار ۋە بالىلىرىڭلارغا يىگۈزۈشۈڭلار ھارامدۇر.

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئەۋلادلىرىڭلارغا ھارام لوقما يىگۈزمەڭلار، ئەمىرىلمۇئمىنىن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب بىر ئايالنىڭ قىزى بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى ئاڭلىغان قىسسە ھەممىگە مەشھۇر. بۇ ۋەقەلىكتە: بىر ئايال قىزىنى، ساتىدىغان سۈتكە سۇ ئارىلاشتۇرۇشقا بۇيرىغاندا قىزى ئانىسىنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىقىپ، بۇنداق قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى ئېيتىپ، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر بۇنداق قىلىشتىن توسقان دېسە، ئانا: ئۆمەر بىزنى كۆرەتتىمۇ؟ دېگەن. مۇبارەك قىز ئانىسىنىڭ يۈزىگە: ئۆمەر كۆرمىسە، ئۇمەرنىڭ پەرۋەردىگارى كۆرمەمدۇ؟! دېگەن. ئەنە شۇ شەرەپلىك، تەقۋادار قىز 5- خەلىپە ئۇمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنى تۇغقان.

ھەقىقەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالدامچىلىق ۋە كۆز بويامچىلىق، سودا- مۇئامىلە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئەقىدە، ئىبادەتلەردىمۇ يۈز بېرىدۇ. دىننىڭ ئاساسى بولغان ئەقىدە، ئىبادەتلەردە كەم-زىيادە قىلىشنىڭ ئۆزى ئالدامچىلىقتۇر. ئالدامچىلىقنىڭ ئەڭ يامىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ پۇقرالارنىڭ كۆزىنى بوياپ، ئامانەتلىرىنى بىھۇدە ۋەيران قىلىۋېتىشىدە كۆرۈلىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «ئاللاھ بىر بەندىسىگە پۇقرالارنىڭ خىزمىتىنى تاپشۇرسا، ئۇ پۇقرالارنى ئالدىغان ھالدا ئۆلۈپ كەتسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ» دېگەن.

بۇ پىرىنسىپ يالغۇز ئالماق-ساتماق، باشلىق بىلەن پۇقرا ئوتتۇرىسىدا بولماستىن ۋەقفىلەرگە مەسئۇل بولغان نازىرلاردا، ئائىلىدىكى ئاتا-ئانىلاردا، ئىدارە-جەمئىيەتلەردىكى مەسئۇللاردا، ئىشچى-خىزمەتچىلەردە تېپىلىدۇ. كىمكى، ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلماستىن باشقىلارنى ئالداشقا كۆنۈپ قالىدىكەن، ئاقىۋىتى ئىنتايىن خەتەرلىك. ۋە يەنە بەزى ئىنسانلارنىڭ ئۈممەتنىڭ پىكرىي جەھەتتىن توغرا بولغان يۆنىلىشىنى خاتاغا چىقىرىپ پىتنە پەيدا قىلىشى، ئىسلامغا زىت، پىتنىگە سەۋەب بولىدىغان پەتىۋالارنى بېرىشى، كۆز بويامچىلىقتۇر. كۆز بويامچىلىقنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئاياللارنى ھىجاپلىرىنى تاشلاپ رەستىلەرگە چىقىشقا تەرغىپ قىلىش، ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىشقا تەشەببۇس قىلىشتەك ئىشلارمۇ كۆز بويامچىلىقتۇر. ئۈممەتنىڭ بارچە ئىشلىرىدا راستچىل بولۇش ۋە سەمىمىيلىك تەلەپ قىلىنىدۇ.

 بىز بۇ كۈنلەردە ئىمتىھان زامانىدا تۇرۇۋاتىمىز، ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئاللاھتىن قورقۇشى، نىيەتنى خالىس قىلىشى، ئىمتىھانلاردا كۆز بويىماسلىقى كېرەك. ئىمتىھاندا باشقىلاردىن كۆچۈرۈش چوڭ خىيانەتتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇستازلار، ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئىمتىھانلارنى تەكشۈرۈشتە ئاللاھتىن قورقۇشى كېرەك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋاپلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئوقۇپ، توغرا نومۇر قويۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئاخىرىدا ئىمام يازلىق تەتىلدە ياشلارنىڭ ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزمەستىن دۇنيالىقى ۋە ئاخىرىتى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش، بىلىم – سەۋىيىسىنى ئاشۇرىدىغان كۇرسلارغا قاتنىشىش، ئۈممەتكە پايدىلىق ۋە ياراملىق ئىنسان بولۇشقا تىرىشىشقا چاقىردى.



[1]  سۈرە مۇتەففىفىن: 1-5 ئايەتلەر.

[2]   بۇخارى رىۋايىتى.

[3]   بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

باشقا خىزمەتلەر