ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023

چىكىنىڭ
بىز كىم؟

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلۇشى

 شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى  1436-2016 يىلى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى قۇرۇلۇش يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، (ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە) چۈشەنچىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا تۈرلۈك مەسىلىلەر ھەققىدە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالىرىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش ۋە بايانات ئېلان قىلىش  ئۈچۈن مۆتىۋەر ئۇيغۇر ئىسلام ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان  بىرلىكتۇر.

شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى:

1.  شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر، جۈملىدىن خەلقئارالىق ئىسلامى مەسىلىلەر ھەققىدە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالىرىنىڭ مەۋقەسى بايان قىلىش ۋە مەزكۇر مەسىلىلەردە ئورتاق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىش.

2.  شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسلامىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەش.

3.  شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ  قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىش.

4.  شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆلىمالار، مۇتەپەككۇرلار ۋە زىيالىيلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش.

5.  ئىسلام دىنىنى ھەقىقىي ماھىيىتى بويىچە تونۇشتۇرۇش.

6.  ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدىسىگە زىت ئېقىملارغا ۋە خاتا چۈشەنچىلەرگە تۈزىتىش بېرىش.

7.  شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەق - ھۇقۇقىنى،  دىنىي كىملىكىنى قوغداش.

8.  شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالىرىنىڭ خەلقئارادىكى مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىش.

شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قېلىۋاتقان خىزمەتلىرى:

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تۈۋەندىكىدەك گۇرۇپلار بويىچە ماددىي ۋە مەنىۋى ئىمكانىيتىنىڭ يېتىشىچە  خىزمەت قىلماقتا.

1- پەتىۋا ۋە شەرئى مەسلەھەت گۇرۇپىسى: بۇ گۇرۇپ تۈركىيەنىڭ قەھرەمان ماراش شەھىرى سۈتچى ئىام ئۈنىۋېرستىدە پىقھى دەرسى ئوقۇتقۇچى دوكتۇر ئالىمجان بۇغدانىڭ باشچىلىقىدىكى 10 ئۆلىمادىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئەتتىگەندىن تارتىپ كەچكىچە ئۆلىمالار بىرلىكى مەركىزىدە ئەڭ ئاز بەش ئۆلىما ئولتۇرۇپ خەلقىمىزنىڭ يۈزتۇرانە ياكى تېلىپۇن ئارقىلىق سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىش.

ئائىلە ياكى تۇرمۇشتا كېلىشىەلمەسلىككە ئۇچراپ ئىشخانىمىزغا مەسلەھەت سۇراپ كەلگەنلەرگە شەرئى مەسلەھەت بىرىش، ئەر- ئاياللار ئوتتۇرىسىنى ئىسلاھ قىلىش.  تىجارەت ۋە مۇئامىلە ئىشلىرىدا ئۆز-ئارا چۈشۈنۈشۈپ بۇلالمىغان ياكى مەسىلىسىنى ھەل قىلالماي قالغان تىجارەتتىكى شىركلەرگە شەرئى يول كۆرسۈتۈش ۋە ئىككى تەرەپنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق خەلقىمىز دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى دىن ۋە شەرىئەتنىڭ ھۆكمى بويىچە ھەل قىلىشتەك ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

2- دەۋەت گۇرۇپىسى:  بۇ گۇرۇپ مۇھاجىرەتتىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دىنى جەھەتتىكى ئىھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن ئىستانبۇلنىڭ سەپاكۆي رايۇنىدا ھەر 15 كۈندە بىر تەبلىغ ئېلىپ بېرىشتىن باشقا يەنە، زەيتىنبۇرنۇ، سەپاكۆي ۋە سەلىم پاشا قاتارلىق رايۇنلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارغا يۈز تۇرانا ۋەز نەسىھەت ۋە تەبلىغ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش. تىلوزۇر، پېسبوك، يوتىيوب قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىنمۇ ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە پايدىلىنىپ تەبلىغ تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا.

3- تەلىم تەربىيە گۇرۇپىسى:  بۇ گۇرۇپ ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان شەرئى بىلىملەر بويىچە يېتىشتۈرۈش مەدرىسىسىدە ئىلاھىيەت پاكولتىتلىرىدە ئوقۇۋاتقان قىز – ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارغا شەرئى پەنلەردىن دەرس بېرىش، تۈركىيەدىكى قۇرئان كۇرسلىرى ۋە مەدرىسىلەرگە ئوقۇشلۇق پروگراممىسى تەييارلاش، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ ھەمكارلىقىدا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى رايۇنلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دىنى ۋە مىللى جەھەتتىنمۇ يېتىلىشىگە ھەسسە قۇشۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلماقتا.  

4- تەتقىقات گۇرۇپىسى: تەتقىقات گۇرۇپىسى ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ قارىم باشچىلىقىدىكى 20 گە يېقىن  كىشىدىن تەشكىل قىلىنغان بىر گۇرۇپ بولۇپ، بۇ گۇرۇپ  شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسلامىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش، ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن دىنى ۋە مىللى تەىلم-تەربىيە پروگراممىسى تەييارلاپ خەلىققە سۇنۇش ۋە خەلقىمىز دۈچ كېلىۋاتقان يىڭى مەسىلىلەر ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش قاتارلىق بىر قىسىم مۇھىم خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

5- مېديا ۋە تەشۋىقات گۇرۇپىسى: بۇ گۇرۇپ شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىگە قاراشلىق http://http//www.olimalartv.com/، http://olimalar.org ۋە ئۆلىمالار بىرلىكىنڭ facebook     ئادرىسى قاتارلىق ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ دىنى، ئىلىمىي ۋە سىياسىي تەشۋىقات ساھاسىدە ئىمكانىيتىنىڭ يېتىشىچە خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

6- بايانات گۇرۇپىسى: ئۇستاز سىراجىددىن ھاجىم  باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپ بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنىچىلارغا قارىتا بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق بۇ زۇلۇمنى ئىسلام دۇنياسى ۋە خەلقئاراغا يەتكۈزۈش. بەزىبىر  ئىنچىكە ۋە مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مەۋقەسىنى ئېلان قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلماقتا.  

 

7- شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىشخانىسىدا بولىۋاتقان خىزمەتلەر: ئىستانبۇلنىڭ سەپاكۆي رايۇنىغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مەركىزىدە، بىرلىكنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئەزالىرىنىڭ ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۇچىرىشىپ ھازىرقى ۋەزىيەتتە مۇھىم دەپ قارالغان ياكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەردە بەس مۇنازىرە ۋە خۇلاسە يېغىنى ئېلىپ بېرىش، ئىستانبۇلدىكى ھەر قايسى ئۈنىۋىرىستلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغىچىلاردىن ئالاھىدە تەربىيەلەش مەقسىتىدە تاللانغان 35-40 نەپەر ئەتىراپىدا ئوقۇغۇچىغا ئايدا بىر قېتىم ئالاھىدە ئۇستاز چاقىرىتىپ مەخسۇس دەرس ۋە لىكسىيەلەر ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەر ھەپتنىڭ شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان بىر قانچە قىز ئوقۇغۇچىغا ھەدىستىن دەرس بېرىش، ھەر پەيشەنبە كۈنى خەلقىمىزنىڭ سۇئاللىرغا يۈز تۇرا جاۋپ بېرىش ۋە شەرئى مەسلەھەت كۆرسۈتۈش قاتارلىق خىزمەتلەر ئېىپ بېرىلماقتا.

بىز كىم