ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023

چىكىنىڭ
ئاتا ـ ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى

ئاتا ـ ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى

ئابدىرەشىد قاراجىم سابىت 

مەن خىتاب قىلماقچى بولغان كىشىلەر

قەدىرلىك ئەزىز مۆمىن قېرىنداشلىرىم! مەن بۇ ۋەز ـ نەسىھەتلىرىمنى مۇقەددەس دىنىمىز ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئەقىدە ۋە ئەدەب ـ ئەخلاقلىرىنى ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىنسانىيەتنىڭ شان ـ شەرەپى ۋە نۇمۇس ـ ئىپپىتى قاتارلىق ئۇلۇغۋار قەدر ـ قىممىتى ۋە مۇقەددىساتلىرىنى ساقلاش ۋە ئۇنى قوغداش ئېڭىغا ئىگە زاتلارغا ئېيتاي!...

لېكىن دۇنيالىق ھاياتى ۋە نەپسى ھەۋاسىنى دەپ ھالال ـ ھارامنى ئايرىمايدىغان، شەخسىي مەنپەئەتى ۋە ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن قىيامەتنى يادىغا ئالمايدىغان، ۋاقىتلىق ۋە چەكلىك ھاياتىغا ئالدىنىپ ياراتقۇچىسى ئاللاھنى تونىماي، ئۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان خۇداسىز كاپىر ۋە دىنسىز دەھرىلەرنى مەقسەت قىلمىدىم، چۇنكى جانابى ئاللاھ بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئاقىبىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى قۇرئان كەرىمدە مۇنۇ ئايەتلەر بىلەن بايان قىلىپ بولغان: كاپىر بولغانلار (ھاياتى دۇنيادا) خۇددى چارىپايلار يەپ ـ ئىچكەندەك دۇنيا لەززىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ ئۆتەۋىرىدۇ، ھالبۇكى بۇنداقلارنىڭ (ئاخىرەتتە) ئورۇن ئالىدىغان جايى دوزاخ [سۈرە مۇھەممەد 12 ـ ئايەت].

ئۇلارنى (يەنى كۇپپارلارنى ئۆز مەيلىگە) قويىۋەت، يەپ ـ ئىچىپ، ئويناپ ـ كۈلۈپ يۈرسۇن، ئۇلار بىھۇدە ئارزۇلار بىلەن بولىۋەرسۇن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقىنى) بىلىدۇ [سۈرە ھىجر 3 ـ ئايەت].

ئۇلارنى (ئۆز مەيلىگە) قويۇپ بەرگىن، ئۇلار ۋەدە قىلىنغان كۈنگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر (ئۆز خىيال ۋە ئارزۇلىرىغا) چۆمسۇن ۋە (دۇنياسى بىلەن) ئوينىسۇن [سۈرە زۇخرۇف 83 ـ ئايەت].

ئۆزىنىڭ دۇنياغا كېلىش غايىسىنى تونۇپ ھەقىقەتكە كۆز ئېچىپ ئىمان نۇرىدا ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى ئىبادەت بىلەن ئاۋات قىلغان قېرىنداشلار! ئاللاھ نازىل قىلغان مۇقەددەس كىتاب قۇرئان كەرىمنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئوقۇپ، تىلاۋەت قىلىپ ھەتتا يادىلاپ قەلبىدە قورقۇنچ ھاسىل بولغان تەقۋادار ۋە پەرزگار زاتلار! ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ھۇزۇرلىنىپ، دىللىرى ئېرىپ قۇرئان كەرىم مەرىپىتى ۋۇجۇدىغا سىڭىپ، ئۇنىڭ يۈكسەك ئەخلاقىنى ئۆزىدە ئۆزلەشتۈرۈپ پەرۋەردىگارىغا يېقىنلىق ھاسىل قىلغان زاتلار! پەند ۋە نەسىھەتلىرىمنى سىلەرگە ئېيتاي:

ئى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ مالائىكىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ ياخشى ـ يامان ئىش ـ ئەمەللىرىنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتى بېرىلىدىغان قىيامەت كۈننىڭ ھەق ۋە راستلىقىغا چىن قەلبى بىلەن ئىشىنىپ، ئاللاھقا بەندە ۋە ئۇنىڭ بەرھەق ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۈممەت بولۇشقا سالاھىيەت ھاسىل قىلغان زاتلار! سىلەر ھەق ئۈچۈن ھەقنى ئىزدەپ جانابى ئاللاھنىڭ سۆزى مۇقەددەس قۇرئان كەرىمنى قەلبىڭلاردا ساقلاپ سىراتى مۇستەقىم (يەنى توغرا يول) دا مېڭىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامغا ۋارىسلىق قىلغايسىلەر!...

مۇقەددەس ئەقىدە، ساپ ۋىجدان، تېتىك روھ ۋە قىزغىن كەيپىياتتا ئۆزىنىڭ خالىس نىيىتى ۋە ساپ قەلبى بىلەن ئاللاھ ئۈچۈن قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ تەلىماتلىرىغا ئەمەل قىلىپ، پۈتۈن ئىش ـ ئەمەلىدە، سۆز ـ ھەرىكىتىدە ۋە پىلانىدا پەرۋەردىگارى ئاللانىڭ رازىلىقىنى نىشان ۋە مەقسەت قىلغان ئىسلامىيەتنىڭ ئەزىز ئاۋانگارت ياشلىرى! سىلەر باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلاردا جانابى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى چىقىش قىلىپ ئىسلامىيەتنىڭ ئۇلۇغۋار تەمسىلچىلىرى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن ئىنسانلارغا ھەق ۋە ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ، نەتىجىدە ئۇلارنى كامىل ئىنسانلىق شەرىپىگە كۆتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت ـ سائادىتىگە ۋەسىيلە بولۇشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپىنىڭ ھەقىقىي ۋارىسلىرى بولۇپ جانابى ئاللاھنىڭ سادىق قۇللىرى ۋە ئۇنىڭ مەھبۇبى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپادار ئۈممەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغايسىلەر، شۇنىڭدەك ساپ ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن ھايات كەچۈرۈپ ئۆتكەن ئەجدادلىرىمىزغا ئورۇن باسار بولۇپ قالغايىسىلەر!... شۇنىڭ ئۈچۈن قۇلاقلىرىڭلارنى ۋەز ـ نەسىھەتكە، دىللىرىڭلارنى قۇرئان كەرىم ھىدايىتىگە، ئەقىل ۋە تەپەككۇرىڭلارنى ھەق ۋە ھەقىقەت ئۈچۈن قاراتقايسىلەر ۋە دۇنيادا بەخت ـ سائادەتكە ۋە ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك ھاياتقا مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن جانابى ئاللاھنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىنىڭ چاقىرقىقىغا بىجاندىل ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ ئەگەشكەيسىلەر!...

 مەزكۇر سۈپەتلەرگە قۇچاق ئېچىپ دىلبەستە بولغان زاتلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇش ـ بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگەن:

«ئۈممىتىم ئىچىدىن بىر جامائەت ھەر زامان ھەقنى قوغداپ ھەمىشە ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇرىدۇ، جانابى ئاللاھنىڭ (ئۇلار ھەققىدە) ھۆكۈم ـ پەرمانى كەلگەنگە قەدەر، ئۇلارغا قارشىلىق كۆرسەتكۈچى ھەرقانداق كۈچ ئۇلارغا (ئەسلا) زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ».

 

 

ئاتا ـ ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى

مۆھتىرەم مۇسۇلمان ئاتا ـ ئانىلار ۋە ئاتىلارچە ئىگىدارچىلىق قىلىپ ئەۋلادلىرىغا تەلىم ـ تەربىيە بەرگۈچى زاتلار! سىلەر قەلبىڭلارغا ئۇرۇنلاشقان ئىسلام، ئىمان، تەۋھىد ـ ئەقىدەڭلەرنى ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ زىممەڭلاردىكى ئىلاھىي مەجبۇرىيەتنى ۋە ئىسلام ئەھدىسى بىلەن بەرگەن ئەھدى پەيمانىڭلارنى ئۇرۇنداپ ئادا قىلدىڭلارمۇ؟

ئەۋلادلىرىمىزنىڭ قەلبىگە «ئىسلام، ئىمان ۋە تەۋھىد» قاتارلىق ئەقىدە ئاتالغۇلىرىنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشەندۈرۈپ، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىپ ئەقىدە باغلاش ھەر بىر شەخىسكە ئىنسانلىق بۇرۇچ ۋە ئۇلۇغۋار مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشىمىز لازىم. دېمەك، ئىنسان ئىسلام ئەقىدىسىنى تۇتقا قىلىپ ئىمان نۇرىدا ئىنسانلىق شەرىپىگە يۈكسېلىپ دۇنيادا بەخت ـ سائادەتكە، ئاخىرەتتە جانابى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىپ ئۇ زاتنىڭ جەننىتىگە مۇيەسسەر بولىدىغانلىقىنى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ زېھنىگە سىڭدۈرۈشىمىز لازىم. ئەمەلىيەتتە، دىندارلىق ھايات ئىنسانلىقنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك ۋە ئەڭ ئۈستۈن دەرىجىسى، ئەكسىچە دىنسىز ھايات چۈشكۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىك ۋە پەرىشان ھايات ئىكەنلىكىنى قايىل قىلارلىق نەزەرىۋىي ئاساس ۋە ئىلمى پاكىتلار بىلەن ئەۋلادلىرىمىزنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىغا سىڭدۈرىۋېتىشىمىز لازىم.

بىز ئەۋلادلىرىمىزغا ئىخلاسمەن، چىدامچان، تەقۋادار، ئىتائەتچان، سەۋرىچان، سەمىمىي، پاك، كەمتەر ۋە پۇختا بولۇشتەك بىر قاتار مەنىۋىي كۆرۈنۈشلەر ئادەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە ھەرىكەت مىزانى سۈپىتىدە رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، مەنىۋىي جەھەتتىن تەربىيە خىزمىتىنى ئاكتىپ ئىشلەپ قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرالىدۇقمۇ؟ ئۇلارغا قۇرئان كەرىمنى ئۈگىتىپ، ئۇنى داۋاملىق ئۇقۇپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئاللاھنىڭ ھەبىبى ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۈيىدىغان، ئەھلى بەيت ۋە ساھابە كىراملىرىنى دوست بىلىپ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى قىلىپ، ئىزلىرىنى بېسىپ ماڭىدىغان، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ۋە يامانلىقلاردىن ئۆزىنى تارتىشقا كۆندۈرۈپ تەربىيە بېرەلىدۇقمۇ؟

ئەۋلادلىرىمىزنى جانابى ئاللاھنىڭ ئۆيى بولغان مەسجىدلەرگە ئېلىپ كېلىپ، ناماز ئۈگتىپ روھىنى ئىبادەت خوشنۇدلىقى بىلەن يۈكسېلىشكە، ئەقىل تەپەككۇرىنى ئىلىم غىزاسى بىلەن ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دىنى تەلىم ـ تەربىيە ۋە نەسىھەتلەرنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرىۋېلىشىغا كۆندۈرەلىدۇقمۇ؟ ئەتە ـ ئاخشاملىرى بىرگە يۈرگەن ھەم تەڭ دوست ـ يارانلىرىنى كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ قىلمىش ـ ئەتمىشلىرىنى سۈرۈشتە قىلىپ تەكشۈرۈپ باقتۇقمۇ؟

يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەن تەلەپ ۋە ئىستەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەينى زاماندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىز مۇسۇلمانلارغا ئۆز تەلىماتىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدى.

بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيىلەب يېتىلدۈرىشتىن ئىبارەت ئىلاھىي مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشقا لايىقلىشىشىمىز ۋە ئىمانىمىز بىلەن ئۆز ئۈستىمىزگە ئېلىشنى ئىسلامىيەت بەلگىلىگەن كەسكىن تەلەپ ئىكەنلىكىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسىگە ئاساسلاندۇرىمىز: «ھەر بىر بالا ئىمان ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ، ئاتا ـ ئانىسى ئۇنى يا يەھۇدىي، يا ناسارا، يا مەجۇسى قىلىپ چىقىدۇ» [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان].

پەرزەنتلىرىمىزنى يەتتە ياشقا كىرىشى بىلەنلا ناماز ئوقۇشقا كۆندۈرۈپ تەربىيلەشتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسىگە ئاساسلىنىمىز: «بالىلىرىڭلارنى يەتتە ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار، ئون ياشقا كىرگەندە (ئوقۇمىسا) ئەدىبىنى بىرىڭلار ۋە ياتىدىغان يېرىنى ئايرىڭلار» [بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان].

پەرزەنتلىرىمىزنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەل قىلىپ، چەكلىگەن ئىشلىرىدىن يېنىپ، ھالالنى ھالال، ھارامنى ھارام دەپ چۈشىنىدىغان، ئاللاھقا ئىتائەتچان قىلىپ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشتە ئىبنى جەرىرنىڭ ھەزرىتى ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىگە ئاساسلىنىمىز: «ئاللاھقا بوي سۇنۇپ ئەمەل قىلىڭلار، ئۇ زاتقا ئاسىيلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، ئەۋلادلىرىڭلارنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى تۇتۇپ ئەمەل قىلىشقا ۋە توسقان ئىشلاردىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇشقا بۇيرۇڭلار، ئەنە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى دوزاختىن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ». 

پەرزەنتلىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرۈپ، ئۇ زاتنىڭ ئەھلى بەيتى ۋە ئۇرۇق ـ ئەۋلادىنى سۆيىدىغان، قۇرئان كەرىمنى ئۆگىنىپ ھەمىشە تىلاۋەت قىلىشقا قىزىقىپ تۇرىدىغان خاراكتېرىغا ئىگە قىلىب تەربىيىلەپ چىقىشىمىزدا ئىمام تەبەرىنىڭ ھەزرىتى ئەلىيدىن رىۋايەت قىلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىس شىرىپىگە ئاساسلىنىمىز: «ئەۋلادلىرىڭلارنى ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرۈشنى، ئۇنىڭ ئەھلى بەيت ـ ئەۋلادلىرىنى سۆيۈشنى، قۇرئان كەرىمنى ئۆگىنىپ تىلاۋەت قىلىش (تىن ئىبارەت بۇ) ئۈچ خىل خىسلەتلىك ئىشلارغا كۆندۈرۈپ ئەدەب ئۆگىتىڭلار. ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىمنى يادلىغان كىشى، قىيامەت كۈنى ھېچ بىر سايە يوق كۈندە ئاللاھنىڭ ئەرشىسىنىڭ سايىسى ئاستىدا پەيغەمبەر ۋە ئەۋلىيالار بىلەن بىرگە بولىدۇ»

پەرزەنتلىرىمىزنى گۈزەل ـ ئەخلاق ئىگىسى قىلىپ تەربىيىلەشتە ئىبنى ماجەنىڭ ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىسىغا ئاساسلىنىمىز: «ئەۋلادلىرىڭلارغا ئەدەب ئۆگىتىڭلار ۋە گۈزەل ئەخلاق ئىگىسى قىلىپ تەربىيىلەپ ئۆستۈرۈڭلار».

بالىلىرىمىزنى ئاللاھنىڭ ئۆيى بولغان مەسجىدكە ئاپىرىپ ئىبادەت قىلىشقا ۋە بىلىم يۇرتىغا ئاپىرىپ ئىلىم ئۆگىنىشكە كۆندۈرۈشتە، شۇنىڭدەك ئۇلارنى ئالىم ۋە دانىشمەن، دوكتۇر ۋە پەيلاسوپلارنىڭ ئىلىم سورۇنلىرىغا ۋە مۇنازىرە ـ سۆھبەتلىرىگە قاتناشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىدا ئىمام مۇسلىمنىڭ ئەبۇ ھۇرەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ تەلىمىگە ئاساسلىنىمىز: «بىرەر قەۋم ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدىن قايسى بىرىدە بولمسۇن، ئۇ زاتنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىش قىلسا ئەلۋەتتە، ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن مەنىۋىي ئاراملىق چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئۇ زاتنىڭ رەھمىتى ئۇلارنى قاپلاپ ئالىدۇ، مالائىكىلەر ھەم ئۇلارنى قورشاپ (قوغداپ) تۇرىدۇ ۋە جانابى ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز ھۇزۇرىدىكى پەرىشتىلەرگە ئەسلىتىپ تۇرىدۇ». 

پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كۈندىلىك ھايات پائالىيىتىگە كۆز قۇلاق بولۇپ، كىملەر بىلەن ئولتۇرۇش ـ قوپۇش قىلىۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىپ تۇرۇشتا، ئىمام تىرمىزىينىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان تۆۋەندىكى ھەدىسىگە ئاساسلىنىمىز: «ئىنسان ئۆز دوستىنىڭ ئەقىدىسى بىلەن بولىدۇ، سىلەردىن كىمدە كىم بولسۇن، دوستىنىڭ كىملەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتىدىغانلىقىغا قارىسۇن».

ئەجىبا بىز مەزكۇر ئايىتى كەرىمە ۋە ھەدىس شەرىپلەر تەلىماتى بويىچە ئائىلە ئىچىدە پەرزەنت تەربىيىسى ئېلىپ بارالىدۇقمۇ يوق؟

جانابى ئاللاھ ئىسلام ئۈممەتلىرىنى ئىسلام تەربىيىسى ئارقىلىق دوزاخ ئوتىدىن ساقلاپ قېلىشتەك ئۇلۇغ پەرمانىنى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ئىدى. بۇ زات بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى بىزگە يەتكۈزۈپ نۇرغۇن تەۋسىيەلەرنى قالدۇرغان ۋە بىزنى بۇ ئۇلۇغ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ، ئەۋلاد تەربىيلەشتەك بۇ مۇھىم مەسئۇلىيەتچانلىقنى بىزگە تاپشۇرۇپ ئادا قىلىشىمىزغا ئەھدى ئالغان ئىدى. بۇ مەسئۇلىيەتچانلىق بۇرچىمىزنى جانابى ئالللاھنىڭ ئامانىتى سۈپىتىدە تاپشۇرۇپ ئېلىپ، بەرگەن ئەھدى پەيمانىمىزگە ۋاپا قىلىپ ۋەزىپىمىزنى ئۇرۇندىيالىدۇقمۇ قانداق؟

 ئاللاھنىڭ ئامانىتىدىن ئىبارەت مەزكۇر ۋەزىپىمىزنىڭ ئەھدىسىدىن چىقىپ، ئادا قىلالىغان بولساق، جانابى ئاللاھقا كۆپ ھەمدۇ سانا ئېيتايلى ۋە بۇ مۇۋەپپىقىيتىمىزدە مۇستەھكەم تۇرۇپ، پۇختا ئىرادە بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئۇرۇندىشىمىزغا ئۇڭاي شارائىت يارىتىپ بېرىشنى داۋاملىق ئۇ زاتتىن تىلەيلى.

ناۋادا پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئەۋلاد تەربىيىلەشتەك مەسئۇلىيەتچانلىق بۇرچىمىزنى ئورۇندىيالمىغان بولساق، بۇ جەھەتتە ئۆتكۈزگەن خاتالىقىمىزنى ئېتىراپ قىلىپ، خالىس نىيەت بىلەن ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ ئەپۇ سورىماقتىن باشقا چارىمىز يوق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جانابى ئاللاھقا يېڭى باشتىن ئەھدى پەيمان بېرىپ، ئىسلام تۇتقۇسى ۋە ھىدايەت مەنبىئى بولغان قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس ـ شەرىپلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ، ئىسلامىيەتنىڭ بۇ مۇقەددەس ئىككى مەنبىئىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىپ، ئەخلاق ۋە ئىش ـ ئەمەللىرىمىزنى ئىسلام تەلىماتىغا ئۇيغۇنلاشتۇرىشىمىز لازىم. مۇشۇ بويىچە يېڭى باشتىن ئىسلام تەلىماتىغا كۆچمىسەك دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جانابى ئاللاھ بىزلەرگە قاراپ قويمايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن بىز خاتالىقىمىزنى تۈزىتىپ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ تەلىماتىغا ئەگىشىپ ماڭىدىكەنمىز ئەلۋەتتە، جانابى ئاللاھ بىزنىڭ قىلغان تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز رەھمىتى بىلەن نازۇ ـ نىمەتلىرىگە چۈمدۈرۈپ سىددىقلەر، شېھىتلەر، سالىھ بەندىلەر قاتارىدا قاراپ مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ ئۆز كالامى قۇرئان كەرىمدە: تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرە تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھىنى كەچۈرىدىغان ئاللاھتىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ (يەنى يۇقىرىقى خىسلەتلەرگە ئىگە كىشىلەرنىڭ) مۇكاپاتى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. بۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى نېمىدېگەن ياخشى! [ئال ئىمران سۈرىسى 135 ـ 136 ـ ئايەتلەر].

مەزكۇر تاپشۇرۇلغان ئامانەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىمىزنى ئادا قىلىشقا سەل قاراپ بىپەرۋالىق قىلساق، بىلپ قويايلىكى، قىيامەتتىن ئىبارەت بۈيۈك جازا كۈنى جانابى ئاللاھ ئەلۋەتتە، بىزدىن بىر ـ بىرلەپ ھېساب ئالىدۇ. ئەنە ئۇ كۈندە ساغلام، توغرا ـ دۇرۇست ۋە خالىس ئەمەل ـ ئىبادەتتىن باشقا ھېچ ـ قانداق نەرسە، ھەتتا مال ـ مۈلۈك ۋە ئۇرۇق ـ ئەۋلادلىرىمىزمۇ پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ئۇ كۈنى (ھېچ كىشىگە) مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. پەقەت (ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا) پاك قەلب بىلەن كەلگەن ئادەمگىلا پايدا يەتكۈزىلىدۇ [سۈرە شۇئەرا 188 ـ 189 ـ ئايەتلەر].

ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ زېھنىمىزدىن شۇنى قاچۇرماسلىقىمىز لازىمكى، جانابى ئاللاھنىڭ ئامانىتىدىن ئىبارەت پەرزەنت تەربىيىسىنى ئادا قىلشقا سەل قارايدىكەنمىز، بۇنىڭغا قارىتا جانابى ئاللاھ ئۆز كالامىدا نېمە دەپ جازا ئېلان قىلغانلىقىنى مۇنۇ ئايىتى كەرىمەدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ: ئى مۆمىنلەر! ئۆزەڭلارنى ۋە بالا ـ چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرىقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ [سۈرە تەھرىم 6 ـ ئايەت].

پۈتۈن ئىنسانىيەتكە رەھمەت بولۇپ ئەۋەتىلگەن ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆز ئۈممىتىنى نېمىگە يېتەكلەپ ھىدايەت قىلغانلىقىنى تۆۋەندىكى مۇنۇ ھەدىس ـ شەرىپتىن بىلىۋالايلى: «جانابى ئاللاھ ھەر بىر مەسئۇللۇقى بار كىشىدىن ئۆز تارمىقىدا باشقۇرلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەق ـ ھوقۇقلىرىنى ئادا قىلىپ قوغدىغانمۇ ياكى زايا قىلىۋەتكەنمۇ؟ مانا بۇلاردىن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ».

تەرجىمە قىلغۇچى: ت شەھىدى 

باشقا خىزمەتلەر