ھىجرىيە: | مىلادىي: 19 Ekim 2021

چىكىنىڭ
سەۋر ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

                                                 سەۋر ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى
مۇھەممەد يۈسۈپ
سەۋر، سەۋرچانلىق، سەۋر قىلىش دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەمما سەۋرنىڭ مەنىسىنى ھەممىلا ئادەم بىلەمدۇ؟
مەلۇمكى، كۆپ سانلىق كىشىلەر سەۋرنىڭ مەنىسىنى ئاددى ۋە دۇگما مەنىسىدە چۈشىنىدۇ. ئەمما «سەۋر» سۆزى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەنىلەرنى بىلمەيدۇ. «سەۋر» سۆزى قۇرئان كەرىمدە ئەڭ كۆپ تەكرارلانغان سۆزلەرنىڭ بىرى. بۇ ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زورلىقىدىن بولسا كېرەك.
سەۋر مۇنداق تۆت تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنچىسى، چىدامچانلىق مەنىسىدىكى سەۋر، ئىككىنچىسى، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش مەنىسىدىكى سەۋر، ئۈچىنچىسى، تەقدىرگە تەن بېرىش مەنىسىدىكى سەۋر، تۆتىنچىسى، ساقلاش ۋە كۈتۈش مەنىسىدىكى سەۋردۇر. قۇرئان كەرىمدىكى: ﴿وَلَنَجْزِيَنَّ الَّذِينَ صَبَرُواْ أَجْرَهُم بِأَحْسَنِ مَا كَانُواْ يَعْمَلُونَ﴾ «سەۋر قىلغۇچىلارغا، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز»( ) دېگەن ئايەت يۇقىرىقى سەۋر تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىگە قارىتىلغان ۋەدىدۇر.
بىرىنچىسى، چىدامچانلىق مەنىسىدىكى سەۋر
چىدامچانلىق مەنىسىدىكى سەۋر — ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداشتا، ئىبادەتتە ۋە ھەق يولىدىكى كۈرەشلەردە مەزمۇت قەدەم بولۇپ، چىدامچانلىق كۆرسىتىش دېگەنلىكتۇر. رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا فَاعْبُدْهُ وَاصْطَبِرْ لِعِبَادَتِهِ «ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ رەببىدۇر. سەن ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلغىن، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتا چىداملىق بولغىنﱠ( )، وَأْمُرْ أَهْلَكَ بِالصَّلَاةِ وَاصْطَبِرْ عَلَيْهَا »(ئى پەيغەمبەر!) ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ (ئۇنى ئادا قىلىشتا) چىداملىق بولغىن﴾ ( )، يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اصْبِرُوا وَصَابِرُوا وَرَابِطُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ «ئىمان ئېيتقانلار! چىداملىق بولۇڭلار، (دۈشمەنلەرگە قارشى) چىدامچانلىق كۆرسىتىڭلار، (جىھادقا) تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار» ( ) دېگەن ئايەتلەر بۇنىڭ مىسالى.
چىدام كۆرسىتىش مەنىسىدىكى سەۋر- مۇشەققەتلەرگە، ئوڭۇشسىزلىقلارغا بوي ئەگمەستىن، مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ھارماي تىرىشقانچانلىق كۆرسىتىش، چىداملىق بولۇش، ئارقىغا قايتماسلىق، ئىرادىلىك بولۇش دېگەنلىك بولۇپ، بۇ خىلدىكى سەۋرگە ئىگە بولغان ئادەم ھاياتىدا ئۇچرىغان چوڭ سىناقلار ئالدىدا تىت – تىت بولمايدۇ، گاڭگىراپ قالمايدۇ، تەقدىردىن ئاغرىنمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنى ئاللاھنىڭ سىنىقى دەپ چۈشىنىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش ۋە سىناقتىن ئۆتۈش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىدۇ.
بۇ دۇنيا سىناق ۋە ئىمتىھان دۇنياسى بولغانلىقتىن، ئىنسان باشتىن كەچۈرگەن ھەر بىر سىناق ھەرخىل سىناقلار ئىچىدىكى بىر ھالقىدۇر. ئېغىر سىناقلارنىڭ سەۋەبلىرىمۇ يوشۇرۇن بولىدۇ. شۇڭا ئىنسان ئۆزىنى جەڭ مەيدانىكى ئەسكەردەك ھەر سىناققا ھازىر تۇتۇشى زۆرۈردۇر. كىشىلەر ئادەتتە سەۋردىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويۇپ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ڭاگگىراپ قالىدۇ. بىئارام بولىدۇ. ئىنسان ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا، بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كەلسە كەڭ جاھان ئۇنىڭغا تارىيىدۇ. كۈنلەر قىيىنلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىشنى تېزرەك بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. سەۋرچانلىق بۈيۈكلۈكنىڭ نامايەندىسى، مۇكەممەللىكنىڭ بەلگىسى، روھنىڭ ئەتراپتىكى ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر». چىدامچانلىق تۇرمۇشقا ئادىل قارايدىغان كىشىلەرنىڭ شوئارى، پىشىپ يېتىلگەنلەرنىڭ تۇرمۇش مىزانىدۇر.
ئىككىنچىسى، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش مەنىسىدىكى سەۋر
ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش مەنىسىدىكى سەۋر— ئاچچىقىنى بېسىۋېلىش، كىشىلەرگە يامانلىق قىلىشتىن، گۇناھ سادىر قىلىشتىن ساقلىنىش دېگەنلىكتۇر. ﴿فَاصْبِرْ عَلَى مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ ﴾ «(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتقىن» ( ) ﴿وَإِنْ عَاقَبْتُمْ فَعَاقِبُوا بِمِثْلِ مَا عُوقِبْتُمْ بِهِ وَلَئِنْ صَبَرْتُمْ لَهُوَ خَيْرٌ لِلصَّابِرِينَ ﴾ «(ئى ئىمان ئېيتقانلار!) ئەگەر ئىنتىقام ئالماقچى بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا قىلىنغان يامانلىق قانچىلىك بولسا، (ئاشۇرۇۋەتمەستىن) شۇنچىلىك ئىنتىقام ئېلىڭلار، ئەگەر سەۋر قىلساڭلار، بۇ سەۋر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر» ( ) دېگەن ئايەتلەر بۇنىڭ مىسالى.
ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش مەنىسىدىكى سەۋر كۆڭۈل ھاۋايى – ھەۋەسنى ۋە گۇناھ ئىشلارنى قىلىشنى ئىشتىھا قىلىپ تۇرسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە ۋە ئەقىلنىڭ نىداسىغا قولاق سالغان ھالدا، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئۈمىد قىلىپ، يامان ئىشلاردىن، گۇناھ-مەسىيەتلەردىن ئۆزىنى تارتىش، نەپسىنى باشقۇرۇش دېگەنلىك بولۇپ، مۇنداق سەۋرنىڭ مۇكاپاتى ئالاھىدە چوڭ بولىدۇ. بۇ خۇددى رامىزاندا روزا تۇتقان مۇسۇلمان ئادەم كۈننىڭ ئوتتەك ئىسسىقى ۋە ئۇزۇن كۈنلىرىدە كۆڭلى مۇزدەك سۇنى قاتتىق ئىشتىھا قىلىپ تۇرسىمۇ، نەپسىنى يىغىپ، ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ، كۆز ئالدىدىكى مۇزدەك سۇنى ئىچىپ راھەتلىنىشتىن ۋازكەچكىنىگە، بىراۋنىڭ نەپسىي گۇناھ-مەسىيەت ئىشلەشنى تەلەب قىلىپ تۇرسىمۇ، نەپسىنى ئەقلىگە بويسۇندۇرۇپ، يامان ئىشتىن ساقلانغىنىغا ئوخشاش ئىشتۇر. ئاللاھ تائالا بۇنداق سەۋر قىلغۇچىلار توغرۇلۇق قىيامەت كۈنىدە دەيدۇكى،  إِنِّي جَزَيْتُهُمُ الْيَوْمَ بِمَا صَبَرُوا أَنَّهُمْ هُمُ الْفَائِزُونَ يەنى بۈگۈن مەن ئۇلارغا سەۋر قىلغانلىقلىرىنىڭ مۇكاپاتىنى بەردىم، ئۇلار ھەقىقەتەن مەقسەتكە ئېرىشكەنلەردۇر ( ).
ئادەتتە ئۆزى قىزىقىپ كەتمەيدىغان پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش، قىزىقىدىغان نەپسانىيەتچىلىكتىن ئۆزىنى تارتىش پەقەت سەۋرچانلىق بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. چۈنكى ئىرادىلىك كىشىلەر ئۇلۇغۋار غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا، نەپسىنىڭ ۋاقىتلىق ئىستەكلىرىنى سەۋرچانلىقىنىڭ سايىسىدا قايرىپ قويالايدۇ ۋە يولىغا داۋام قىلىدۇ.
ئۈچىنچىسى، تەقدىرگە رازى بولۇش مەنىسىدىكى سەۋر
تەقدىرگە رازى بولۇش مەنىسىدىكى سەۋر— بالا-قازاغا ئاھ ئۇرۇپ كەتمەسلىك، قايتۇرۇپ كېلىش مۇمكىن بولمايدىغان قولدىن بېرىشلەرنى ئۇنتۇپ كېتىش دېگەنلىكتۇر. وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ. الَّذِينَ إِذَا أَصَابَتْهُمْ مُصِيبَةٌ قَالُوا إِنَّا لِلَّهِ وَإِنَّا إِلَيْهِ رَاجِعُونَ  «ئۆزىگە بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، بىز چوقۇم ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىمىز» دەيدىغان سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن» ( )، فَاصْبِرْ صَبْرًا جَمِيلًا «چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن» ( ). بۇ ئايەتلەردىكى سەۋر بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىپ، ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىش مەنىسىدە كەلگەن.
بۇ قايتۇرۇپ ئېلىش مۇمكىن بولمايدىغان قولدىن بېرىشلەرنى ئۇنتۇپ كېتىش مەنىسىدىكى سەۋر بولۇپ، ئۆلۈم-يېتىمگە، بالايىئاپەتكە ئوخشىغان تەقدىرگە تەن بەرمەستىن باشقا چارىسى بولمىغان مۇسىبەتلەر ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ ئۆزىنى تۈگەشتۈرمەستىن، ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىش ئارقىلىق ھاياتىنى داۋام قىلدۇرۇش ھەسرەت ۋە نادامەتسىز داۋام قىلدۇرۇش دېگەنلىكتۇر. شۇنداقلا ھاياتلىق مۇساپىسىدىكى كۈلپەتلەرگە، ئوڭۇشسىزلىقلارغا، كېسەللىكلەرگە، نامراتلىققا چىداشلىق بېرىپ، ئۆزىنى يوقاتماسلىقمۇ بۇ تۈردىكى سەۋرنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ.
تۆتىنچىسى، ساقلاش ۋە كۈتۈش مەنىسىدىكى سەۋر
ساقلاش ۋە كۈتۈش مەنىسىدىكى سەۋر— بىرەر ئىشنىڭ نەتىجىسىنى تىزلا كۆرۈشكە ئالدىراپ ئۇ ئىشنى بۇزۇپ قويماسلىق ۋە ھەر نەرسىنىڭ قانۇنىيىتىگە بويسۇنۇپ ئىش كۆرۈش دېگەنلىكتۇر. چۈنكى ساقلاش ۋە كۈتۈشلەر دۇنيا قانۇنىيىتى ۋە رەت تەرتىبىدۇر. مەسىلەن: يەرگە ئۇرۇق سېلىپ بولغۇچىلا ئۈنمەيدۇ. ئۈنسىمۇ ھامان ھوسۇل بەرمەيدۇ. بەلكى ئۈنۈپ، ئۆسۈپ يېتىلىپ پىشقىچە كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. تۆرەلمىمۇ تولۇق ئىنسان بولۇشى ئۈچۈن ئانىنىڭ قورسىقىدا بىر قانچە ئاي تۇرىدۇ. ۋاقىت دۇنيادىكى ھەر بىر ھەرىكەت ۋە جىملىقنىڭ كىيىمى. ئەگەر بىز ۋاقىتتىن ھالقىپ چىدامسىزلىق قىلساق، چىدىماسلىقنىڭ ئوتىدا ئازابلانغاندىن باشقا قانۇنىيەت بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغان شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىدىن ھېچ نەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيمىز.
كىرىزىس كۈچىيىپ مۇرەككەپلەشسە، قىيىنچىلىق ئېغىرلىشىپ زۇلمەتلىك كېچە ئۇزارسا، پەقەت سەۋرلا ئىنسانغا گاڭگىراشتىن قوغدايدىغان نۇر، چۈشكۈنلۈك ۋە ئۈمىدسىزلىكتىن قۇتۇلدۇرىدىغان يول ئاتا قىلىدۇ. سەۋر ھەر قانداق ئىنسان دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا ئېھتىياجلىق بولغان پەزىلەت. ئىنساننىڭ ئىش – ھەرىكىتى، ئارزۇ ئۈمىدلىرى، سەۋرچانلىق ۋە چىدام بىلەن يۇغۇرۇلغان بولۇشى زۆرۈر. بىر ھەدىستە: «سەۋر - چىراقتۇر» دەپ كەلگەن. چىراق قاراڭغۇنى يورۇتقاندەك، سەۋرچانلىقمۇ ئىنساننىڭ توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.
ئۈرۈكنى پىشىشتىن بۇرۇن قېقىۋەتكەن باغۋەن مول ھوسۇلدىن مەھرۇم قالىدۇ. شۇڭا «سەۋر قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پۈتىدۇ» دېگەن ھېكمەت بار. ئىنسان ئۆزىنى سەۋر بىلەن قوراللاندۇرۇپ، قىيىنچىلىقلار ئالدىدا تەمتىرەپ قالمايدىغان، مەنزىل يىراق بولسىمۇ ئۈمىدسىزلەنمەيدىغان، مەسئۇلىيەتچانلىق قانچىلىك ئېغىر بولسىمۇ ئۈستىگە ئېلىشتىن قورقمايدىغان، ئىرادىلىك، پاراسەتلىك، قىيىنچىلىقتىن كېيىن ھامان ئوڭايلىقنىڭ، قاراڭغۇلۇقتىن كېيىن يورۇقلۇقنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان ئۈمىدۋارلىق، يىراقنى كۆرەر، تەدبىرلىك بولۇشى لازىم.
سەۋرچانلىق پىشىپ يېتىلگەنلىكنىڭ ئالامىتى
ھاياتلىقنىڭ سىناقلىرىغا تۇترۇقسىز ئادەملەر بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئادەتتە بىراۋدا يۆتكىمەكچى بولغان ئېغىر يۈك بولسا، ئۇ كىچىك بالا، كېسەلچان ياكى ئاۋاق كىشىلەرنى ئىشلەتمەيدۇ. بەلكى كۈچلۈك ئەرنى تاللايدۇ. ھاياتلىقمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ھاياتلىقنىڭ ۋەزىپىسى ھاياتلىقنى بىر باسقۇچتىن يەنە بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈشنى پەقەت ئەڭ چىداملىق، سەۋرچان، پىشقان كىشىلەرلا ئۈستىگە ئالالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يېتەكچى ۋە يولباشچىلارنىڭ سىناق ۋە مۇشەققەتلەردىكى نېسىۋىسى باشقىلارنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ.
سەۋرچانلىقنىڭ ئەھمىيىتى
سەۋرچان ۋە چىداملىق بولۇش ھەرقانداق بىر ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك ئېسىل ئەخلاق ۋە ئالىيجاناب پەزىلەتلەرنىڭ بىرى. سەۋر بىلەن چىدام ئىنسان ئۆزىنىڭ روھى ۋە نەپسىي خاھىشى بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئېرىشىدىغان گۈزەل ئەخلاق بولۇپ، بىر ھەدىستە: «ھېچكىمگە سەۋردىن ئارتۇق كەڭ سوۋغا بېرىلگىنى يوق» دەپ كەلگەن. سەۋرچانلىق بىلەن چىدامچانلىق ئىنساننىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
ئىنسان رېئال تۇرمۇشتا تەقدىرنىڭ نۇرغۇن سىناقلىرىغا ئۇچرايدۇ. بەزىلىرى شۇ ئوڭۇشسىزلىقلارغا ۋايساپ تەقدىردىن ۋە زاماندىن ئاغرىنىدۇ، سىناقلار ئالدىدا تەمتىرەيدۇ، بۇنى ھەرگىزمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن سىناق دەپ قارىمايدۇ. نەتىجىدە شۇ سىناقلاردىن ئۆتەلمەي بىر ئۆمۈر قايمۇقىدۇ. بەزىلەر بولسا سىناق ۋە كۈلپەتلەرگە دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا، بۇ سىناق ۋە كۈلپەتلەرنى يېڭىش ئۈچۈن بارلىق سەۋەبلەرنى ۋە تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ئاللاھنى ئەسلەيدۇ، ئۇنىڭدىن ياردەم سورايدۇ. نەتىجىدە ئاللاھ ئۇنىڭ مۇشكىلاتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ، سىناقلاردىن ئۆتۈشكە ياردەم قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ سەۋر قىلغانلىقىغا ۋە چىداملىق بولغانلىقىغا كاتتا ئەجىر ۋە ساۋاب بېرىدۇ.
ناھەقچىلىككە سۇكۇت قىلىش سەۋرچانلىق ئەمەس
سەۋر كۆپلىگەن كىشىلەر چۈشەنگەندەك، ناھەقچىلىككە، زۇلۇمغا ۋە يامانلىققا كۆز يۇمۇپ جىم تۇرۇش دېگەنلىك ئەمەس، ئەكسىچە، يامانلىقنى قايتۇرۇش، زۇلۇمنى يوق قىلىش ۋە ھەققانىيلىقنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھارماي – تالماي ئىشلەش ۋە بۇ يولدا چىداملىق بولۇش سەۋرنىڭ جەۋھىرىدۇر.
نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھ تائالا ساۋاب ۋە كۆپ ئەجىر بېرىشنى ۋەدە قىلغان سەۋرچانلىقنى توغرا چۈشەنمەستىن، زۇلۇمغا، ناھەقچىلىككە ۋە ئېزىلىشكە رازى بولۇپ قاراپ تۇرۇش قاتارلىقلارنى سەۋردىن سانايدۇ. بۇ ئىنتايىن خاتا چۈشەنچە بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق قىلغۇچىلارنى يامان كۆرىدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى: «ئۆزلىرى مىڭلارچە تۇرۇقلۇق، ئۆلۈمدىن قورقۇپ، يۇرتلىرىدىن قېچىپ چىققان كىشىلەردىن خەۋىرىڭ يوقمۇ؟( ) ئاللاھ ئۇلارنى "ئۆلۈڭلار" دېدى (ئۇلار ئۆلدى). ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى تىرىلدۈردى، ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى (ئاللاھنىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلمايدۇ»( ) دېگەن ئايەتتە قىسسىسى بايان قىلىنغان ئىنسانلارمۇ زۇلۇمغا رازى بولۇپ، ئۇنىڭغا قارشى چىقىشنى تەرك ئەتكەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغانلار ئىدى.

 
 
 

باشقا خىزمەتلەر