ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
ئەپۇ قىلىش ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى
مۇھەممەد يۈسۈپ
«العَفُوّ» (ئەپۇ قىلغۇچى) ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى بولۇپ، گۇناھنىڭ ئەسىرىنى يۇيۇۋەتكەنلىكنى ۋە يوق قىلىۋەتكەنلىكنى بىلدۈرىدۇ. وَكَانَ اللَّهُ عَفُوًّا غَفُورًا « ئاللاھ ئەزەلدىن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر» . عَفُوّ (ئەپۇ قىلغۇچى) بىلەن غَفُور (مەغپىرەت قىلغۇچى) ھەر ئىككىسى ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىدىن بولۇپ، گەرچە ئىككىلىسى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىپ ئۇلارنى جازالىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىسىمۇ، ئىككىسىنىڭ مەنىسى بىر ئەمەس. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ غَفُور دېگەن ئىسمى گۇناھلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يۆگەيدىغانلىقىنى ۋە بەندىلىرىنى مەزكۇر گۇناھلىرى سەۋەبلىك جازالىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىسە، عَفُوّ دېگەن ئىسمى ئاللاھ تائالانىڭ گۇناھلارنى ئۆچۈرۈپ يوق قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئالدىنقىسىدا گۇناھ مەۋجۇت، ئەمما جازا يوق، ئىككىنچىسىدە گۇناھمۇ يوق، جازامۇ يوق. عَفُوّ دېگەن ئىسىم غَفُور دېگەن ئىسىمدىن كۈچلۈكتۇر.
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئىنتايىن مېھرىبان ۋە كۆيۈمچان بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: اَللَّهُمَّ اِنَّكَّ عَفُوٌّ تُحِبُّ الْعَفْوَ فاَعْفُ عَنّيِ يەنى «ئى ئاللاھ! سەن ھەقىقەتەن گۇناھلارنى ئەپۇ قىلىدىغان ۋە ئەپۇ قىلىشنى ياقتۇرىدىغان زاتسەن، گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغايسەن» دەپ دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەن. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى بىر-بىرىنى ئەپۇ قىلىشقا، بىر-بىرىنىڭ ئەيىبلىرىنى يۆگەشكە ۋە ئۆزرىلىرىنى قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇغان.
ئاللاھ تائالادىن ئۆزىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ يوق قىلىنىشىنى ۋە مەغپىرەتنى تىلىگەن ئادەم ئەلۋەتتە كۆڭلى – كۆكسىنى كەڭ تۇتۇپ باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى ۋە يامانلىقىنى ئەپۇ قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىشى لازىم. چۈنكى باشقىلارغا شەپقەت كۆرسەتمەي تۇرۇپ، قانداقمۇ ئاللاھ تائالادىن شەپقەت تىلىگىلى بولسۇن؟!
ئىنسانلار ئارىسىدا بىر-بىرىنى ئەپۇ قىلىش ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنچىسى سۆكۈلىدىغان تۈردىكى ئەپۇ قىلىش، ئىككىنچىسى ماختىلىدىغان تۈردىكى ئەپۇ قىلىش، ئۈچىنچىسى رەھىم-شەپقەت قىلغانلىقتىن ئەپۇ قىلىشتۇر.
1. سۆكۈلىدىغان تۈردىكى ئەپۇ قىلىش
سۆكۈلىدىغان تۈردىكى ئەپۇ قىلىش — ھەقسىزلىككە، زۇلۇمغا بوي ئىگىپ، زالىملارنىڭ قىلمىشلىرىغا رازى بولۇش، قارشىلىق بىلدۈرمەسلىكتۇر. ئىسلام دىنى بۇ خىلدىكى تەسلىمىيەتچىلىكنى قاتتىق سۆكىدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنى ھۆرمەت ۋە ئىززەت دىنى بولغانلىقتىن، مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە بارلىق ئىنسان ئەۋلادىنىڭ خورلۇق كۆرىشىنى، ئېزىلىشىنى، بوزەك قىلىنىشىنى قەتئىي ياقتۇرمايدۇ. زۇلۇمغا ۋە ھەقسىزلىككە قارشى تۇرۇشنى، شۇنداقلا زالىم ھۆكۈمدارلار ئالدىدا ھەق سۆزنى دادىل قىلىشنى ئەڭ ئۇلۇغ مەرتىبىلىك جىھاد قاتارىدىن سانايدۇ. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «ئەڭ ئەۋزەل جىھاد زالىم ھۆكۈمدارنىڭ ئالدىدا ھەق سۆزنى قىلىشتۇر»( ) دەپ كۆسەتكەن.
بىراۋ ئۆزىدىن كۈچلۈك بىرىنىڭ ھەقسىزلىكىگە ئۇچراپ، ئۇنىڭغا كۈچى يەتمىگەنلىك سەۋەبتىن ئۇنىڭدىن ھەققىنى تەلەب قىلىشتىن ۋاز كەچسە، ئۇنىڭ بۇ قىلغىنى ئەپۇ قىلغانلىق سانالمايدۇ. بەلكى ھەقسىزلىكنى قوبۇل قىلغانلىق ۋە تەسلىمىيەتچىلىك سانىلىپ سۆكۈلۈشكە يۈز تۇتىدۇ. ئەگەر ئۇ كۈچى يەتمىگەنلىكتىن ھەققىنى تەلەب قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، بۇ قىلغانلىقىنى ئەپۇ قىلغانلىق دەپ دەۋا قىلسا، ئۇ راستىنلا يالغانچىدۇر. چۈنكى ئۇ ئەپۇ قىلغانلىق ئەمەس، بەلكى ئاجىزلىق قىلغانلىق، ئۆزىنىڭ ھۆر ئىنسانلىق خىسلىتىگە لايىق ئىش قىلمىغانلىق ۋە ناھەقچىلىككە كۆز يۇمۇش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ شۇنداق ھەقسىزلىككە ئۇچرىشىغا يول ئاچقانلىق، زالىملارنىڭ ھەقسىزلىكىنى، جەۋر-زۇلۇملىرىنى قوللىغانلىق ۋە ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا تەشەببۇس قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ھەقىقىي مۇسۇلمان ئادەم باشقىلارغا ھەقسىزلىك قىلمايدۇ ۋە باشقىلارنىڭ ھەقسىزلىكىنىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ، ھەقسىزلىككە ۋە زۇلۇمغا قارشى چىقىدۇ، ئادالەتنى جارى قىلدۇرىدۇ، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنى يۆلەيدۇ ۋە ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ. مۇسۇلماننىڭ ئەزىزلىقى، كارامىتى ۋە قەدىر-قىممىتى مانا بۇ يەردە!
2. ماختىلىدىغان تۈردىكى ئەپۇ قىلىش
ماختىلىدىغان تۈردىكى ئەپۇ قىلىش- ھەقسىزلىك قىلغۇچىغا كۈچى يېتىدىغان تۇرۇپ، ئۇنى كەچۈرىۋېتىشتۇر. مانا بۇ، ھەقىقىي ئەپۇ ۋە ھەقىقىي كەچۈرۈش بولۇپ، ئىسلام ئۆلىمالىرى ئۇنى «ئۆچ ئېلىشقا كۈچى يېتىدىغان تۇرۇپ كەچۈرىۋېتىش» دەپ تەرىپلىگەن.
مانا بۇ، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىجرا قىلغان ئەپۇ ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ ساھابىلىرىغا ئىنسان چىداپ تۇرالمايدىغان ئېغىر زۇلۇملارنى سالغان، ئۇلارنى ئەڭ ۋەھشى قىيىن – قىستاقلارغا ئالغان، ھەتتا ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقارغان، بۇنى ئاز دەپ ئۇلارنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى خالىغانچە تالان – تاراج قىلغان، ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان قۇرەيش قەبىلىسى باشچىلىقىدىكى مەككىلىك ئەرەبلەر مەككە ئازات بولغان كۈنى بىر تەرەپتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى قانداق ئېغىر جازالارغا تارتىدىغانلىقىنى كۈتسە، يەنە بىر تەرەپتىن مېھرى – شەپقىتى ھەممىگە ئومۇم بولغان بۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ شەپقىتىگە تەلمۈرۈپ، قاتتىق قورقۇنچ ئىچىدە تۇرۇشقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى: «تارقىلىڭلار، ئازاتسىلەر!» دېگەنلىكى، مەككىنىڭ ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىدىن بىرى بولغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئىسلام دىنىغا قاتتىق ئۆچمەنلىكى بىلەن تونۇلغان ۋە بارچە ئېغىر جىنايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىگەننىڭ سىرتىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئۇرۇپ قورسىقىدىكى بۇۋىقىنى چۈشۈرۋەتكەن ھىبار ئىبنى ئەسۋەد دېگەن ئادەمنى كەچۈرىۋەتكەنلىكى ئىنسانىيەت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر كەچۈرۈم بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ كەڭ قورساقلىقى ۋە ئېسىل پەزىلەتلىرىدىن تەسىرلەنگەنلىكتىن ئەرەبلەر توپ– توپ بولۇپ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىسلام دىنىغا كىرىشكە باشلىغان ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىسلام دىيارىغا ئايلانغان.
3. رەھىم-شەپقەت قىلغانلىقتىن ئەپۇ قىلىش
رەھىم-شەپقەت قىلغانلىقتىن ياكى ئىچ ئاغرىتقانلىقتىن ئەپۇ قىلىش – ئۆزىدىن ئاجىز ياكى قول ئاستىدا ئىشلەيدىغان بىرىنىڭ خاتالىقىنى، تەنتەكلىكىنى ئەپۇ قىلىپ، جازالاشتىن ۋاز كېچىش دېگەنلىكتۇر. بۇ پەقەت قەلبى ئىمان بىلەن تولغان، رەھىم-شەپقەتلىك بولۇشنى ئادەت قىلغان، ھەر زامان ۋە ھەركىمگە يۇمشاق مۇئامىلىدە بولىدىغان، ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارنىڭ ھالىغا يېتىدىغان، ئېسىل ئەخلاقلىق مۇسۇلماننىڭلا قولىدىن كېلىدۇ.
ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى، بارچە ئېسىللىكلەر ۋە گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ ئۇستازى پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاجىزلار سىيلاش، ئۇلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ۋە خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىش، قول ئاستىدىكىلەرگە ئەڭ يۇمشاق ۋە سىلىق مۇئامىلە قىلىشتا ئىنسانىيەتكە جانلىق ئۆرنەكتۇر. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئون يىل خىزمەت قىلدىم. بۇ جەرياندا ئۇنىڭدىن بىرەر قېتىممۇ يامان سۆز ئاڭلىمىدىم، قىلىڭ دېگەن ئىشنى قىلمىغان بولسام، "نېمىشقا ئۇنى قىلمىدىڭ" دەپ سورىمايتتى، قىلماڭ دېگەن ئىشنى قىلىپ سالغىنىمدا، "نېمىشقا ئۇنداق قىلدىڭ"دەپ سورىمايتتى، ئائىلىسىدىكىلەرگىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مېھرىبان بىرەر كىشىنى كۆرمىدىم»( ).
ئائىلىنىڭ ھۇزۇرى ۋە تىنچلىقى ئاياللارنىڭ خاتالىقلىرىنى، تەنتەكلىرىكلىرىنى ۋە كەمچىلكلىرىنى ئەپۇ قىلىش بىلەن تەمىن ئېتىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ماۋزۇدىمۇ ئىنسانىيەتكە ئۈلگە ئىدى. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان، ئەڭ ئۈلگىلىك بىر ئەر، ئەڭ شەپقەتلىك بىر ئاتا ۋە ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچان بىر ئائىلە باشلىقى ئىدى. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ساھابىلارنىڭ: «ئاياللارغا مېھرىبانلىق قىلىشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئارتۇق بىراۋنى كۆرمىدۇق»( ) دېگەنلىكى قەيت قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقىلارنىمۇ بۇ ياخشى ئەخلاققا چاقىرىپ: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار، ئۆز ئەھلىگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلاردۇر. مەن ئۆز ئەھلىگە ئەڭ مېھرىبان كىشىڭلارمەن»( ) دېگەن.
باشقا خىزمەتلەر