ھىجرىيە: | مىلادىي: 24 Temmuz 2021

چىكىنىڭ
نەدە ئىدۇق، نەگە كېلىپ قالدۇق؟ نېمە قىلىش كېرەك؟

نەدە ئىدۇق، نەگە كېلىپ قالدۇق؟ نېمە قىلىش كېرەك؟

مۇھەممەد يۈسۈپ

   شەكسىز ھەقىقەت شۇكى، ئىسلام دىنى قەد كۆتۈرۈش دىنى، ئەزىز ياشاش دىنى ۋە خارلىق-زەبۇنلۇققا خاتىمە بېرىش دىنىدۇر. بۇ ھەقىقەلەرنى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدىن، ساھبىلەرنىڭ سىرىتىدىن ۋە ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدە ياشىغا مۇسۇلمانلارنىڭ قۇدرىتىدىن كۆرۈپ كېلىۋاتىمىز.

بىز نەدە ئىدۇق؟

ئاللاھ تائالا  پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا: ﴿وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا رَحْمَةً لِّلْعَالَمِينَ يەنى «بىز سېنى ئالەملەرگە پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق»( ) دەيدۇ. يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە جىمى مۇئمىنلەرگە وَأَعِدُّوا لَهُمْ مَا اسْتَطَعْتُمْ مِنْ قُوَّةٍ وَمِنْ رِبَاطِ الْخَيْلِ تُرْهِبُونَ بِهِ عَدُوَّ اللَّهِ وَعَدُوَّكُمْ وَآَخَرِينَ مِنْ دُونِهِمْ لَا تَعْلَمُونَهُمُ يەنى «(دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن) ئۇلارغا قارشى قولۇڭلاردىن كېلىشىچە كۈچ، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر»  دەپ قۇدرەت تېپىشقا، كۈچلىنىشكە بۇيرۇغان. رەھمەت دېگەن سۆز كۆيۈنۈش، مېھرىبانلىق كۆرسىتىش، ياخشىلىق قىلىش، رەھىم –شەپقەت قىلىش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ دىن رەھىم-شەپقەت قىلىش، ياخشىلىق قىلىشنى تەرغىب قىلىدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۈشمەنلەرگە قەتئىيلىك قىلىدىغان، بوزەك قىلىشقا ۋە بوزەك قىلىنىشقا يول قويمايدىغان، ئاجىزلارنى قوغداپ، زالىملارنى جازالايدىغان دىندۇر. ئاللاھ تائالا كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن غەلىبىنى ئىمان بىلەن باغلىنىشلىق قىلغان  وَلِلَّهِ العِزَّةُ وَلِرَسُولِهِ وَلِلمُؤمِنِينَ يەنى «غەلىبە ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە مەنسۇپتۇر» .

بىزنىڭ دىنىمىز مۇسۇلمانلارنى كۈچلۈك بولۇشقا، بىر قولىدا قۇرئان، يەنە بىر قولىدا قىلىچ تۇرۇپ كۈرەش قىلىشقا بۇيرۇغان دىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «كۈچلۈك مۇئمىن ئاجىز مۇئمىندىن ياخشى ۋە ئاللاھقا ئەڭ يېقىملىقتۇر، ھەممىسىدە ياخشىلىق بار»  دېگەن سۆزى بۇنى ئىپادىلەيدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى قانۇنى بار بولۇپ بىرى، تەبىئەت قانۇنى، يەنە بىرى شەرىئەت قانۇنىدۇر.

   تەبىئەت قانۇنى — ئاللاھ تائالا كائىناتتا بېكىتىۋەتكەن قانۇنىيەت بولۇپ، ئۇ «ئىنسان پەقەت ئۆزى ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ» ياكى «ئىشلىگەن چىشلەيدۇ» دېگەن تەبىئىي قانۇنىيەتكە مەركەزلىشىدۇ. بۇ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلغانلار قايسى مىللەتتىن ۋە قانداق دىندا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ دۇنيادا نەتىجە قازىنالايدۇ ۋە قىلغان ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىنى كۆرەلەيدۇ، بۇ قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلغانلار قىلمىشىنىڭ جازاسىنى بۇ دۇنيادا ھەرخىل بەختسىزلىكلەرگە ئۇچراش ئارقىلىق تارتىدۇ.

  شەرىئەت قانۇنى — قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ياكى سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن بەلگىلەنگەن شەرىئەت ئەھكاملىرى بولۇپ، بۇ «قىل» ۋە «قىلما» دېگەن ئىككى سۆزگە مەركەزلىشىدۇ. شەرىئەتتە «قىل» دەپ بۇيرۇلغان ئىشلارنى مۇكەممەل ئورۇنداش، «قىلما» دەپ مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى قەتئىي قىلماسلىق ھەربىر مۇئمىن، مۇسۇلمانغا پەرزدۇر. شەرىئەت قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت- سائادەتكە، ھۇزۇر- ھالاۋەتكە ئېرىشىدۇ، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار قىلمىشىنىڭ جازاسىنى ئاۋۋال بۇ دۇنيادا، ئاندىن ئاخىرەتتە تارتىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشۇ قانۇنىيەت بويىچە ئىش كۆرگەن بولۇپ، بىر تەرەپتىن مۇسۇلمانلارنى ئىمان ۋە ئەخلاق جەھەتتىن يېتىشتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى كۈچ-قۇۋۋەت تەرەپتىن يېتىشتۈرگەن. نەتىجىدە، چارەك ئەسىرگە يەتمەيدىغان بىر ۋاقىت ئىچىدە ئىسلام دىنىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئومۇملاشتۇرۇپ بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن خەلىپىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭغانلىقتىن توختىماي ئىلگىرلەش ۋە كۈچلىنىش نەتىجىسىدە شۇ ۋاقىتتا دۇنيانى تىترىتىدىغان ئەڭ كۈچلۈك رىم ۋە پارىس ئېمپىراتورلۇقلىرىنى مەغلۇب قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئېزىلگەن خەلقلەردىن ئىنسانلارغا چوقۇنۇشنىڭ خارلىقىدىن ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئەزىزلىقىغا چىقارغان. يەنە شۇ يولدا ئىزچىل مېڭىپ ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئىدى.

ئۇلار ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىش بىلەن سەۋەب قىلىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ناھايىتى ياخشى چۈشەنگەن ۋە بارلىق ئىشلىرىنى مۇشۇ چۈشەنچە ئۈستىگە قۇرغان ئىدى. چۈنكى ھەقىقىي تەۋەككۈل قولىدىن كەلگەن سەۋەبلەرنى قىلىش بىلەن بىللە ئاللاھ تائالاغا تايىنىشتۇر. ئاددىي بىر دېھقاننىڭ ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىشى ئالدى بىلەن يەرگە ئۇرۇقنى سېلىپ، ئۇنى سۇغىرىپ، ئۇنىڭغا يېتەرلىك ئۇغۇت قاتارلىقلارنى سېلىپ، دېھقانچىلىققا كېرەك پەرۋىشلەرنى تولۇق قىلىپ، ئاندىن ئاشلىقنىڭ چىقىشىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەۋەب بىلەن تەۋەككۈلنى بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «احْرِصْ عَلَى مَا يَنْفَعُكَ وَاسْتَعِنْ بِاللَّهِ» يەنى «ئۆزۈڭگە مەنپەئەتلىك ئىشقا تىرىشقىن ۋە ئاللاھتىن ياردەم تىلىگىن» . بۇ ھەدىستىكى «ئۆزۈڭگە مەنپەئەتلىك ئىشقا تىرىشقىن» دېگەن جۈملە مەيلى دۇنيالىق بولسۇن ياكى ئاخىرەتلىك بولسۇن، ئۆزۈڭگە پايدىلىق بولغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قولۇڭدىن كېلىدىغانلىكى سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلغىن، نىيىتىڭدە، ھىممىتىڭدە، ئىش- ھەرىكىتىڭدە ۋە تەدبىرلىرىڭدە ئاكتىپ ۋە جىددىي بولغىن دېگەننى، «ئاللاھتىن ياردەم تىلىگىن» دېگەن جۈملە ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە ۋە ساڭا ياردەم قىلىدىغانلىقىغا چىن دىلىڭدىن ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا تايانغىن، ئىشىڭنىڭ نەتىجىسىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرغىن، دېگەنلىكتۇر. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن «ئاۋۋال تۆگەمنى باغلاپ ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلايمۇ ياكى تۆگەمنى قويۇپ بېرىپ ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلايمۇ؟» دەپ سورىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئاۋۋال تۆگەڭنى باغلىغىن، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن»  دېگەن. سەۋەبكە چوقۇنۇش كۇفرىلىق، تەييارتاپلىق ئاسىيلىق، سەۋەب قىلىش بىلەن بىللە ئاللاھقا تايىنىش ھەقىقىي مۇئمىنلىكتۇر.

ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدە ئىلىملەر دىنىي ئىلىم، پەننىي ئىلىم دەپ ئايرىلمايتتى. ئۆز ۋاقتىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىن چىققان جابىر ئىبنى ھەييان، ئەبۇ بەكرى رازى، بىيرۇنىي، خارەزمىي، فارابىي، ئىبنى رۇشدى، ئىبنى ھەيسەم، ئىبنى سىنا قاتارلىق سان ـ ساناقسىز ئۆلىمالارنىڭ ھەربىرى دىندا ئالىم بولغاننىڭ سىرتىدا، پەلسەپە، مېدىتسىنا، ماتېماتىكا، خېمىيە، ئاسترونومىيە، فېزىكا، بىئولوگىيە قاتارلىق ئىلىم ـ پەن ساھەلىرىدە ئەڭ ئاۋۋال پىكىر يۈرگۈزۈپ، بۇ پەنلەرنىڭ نەزەرىيىۋىي ئاساسلىرىنى تۇرغۇزغان كىشىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپلىرى دىنىي ساھەلەردە كىتاب يازغاندەك يۇقىرىقى ئىلىم-پەن ساھەلىرىدىمۇ كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان. دېمەك، ئۇلار ئىلىمنى دىنىي ئىلىم، پەننىي ئىلىم ياكى دۇنيالىق ئىلىم، ئاخىرەتلىك ئىلىم دەپ ئايرىمىغان، ھەممىنى ئوقۇغان ۋە ھەممىگە كۆڭۈل بۆلگەن.

— مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى دوختۇرخانىسى مىلادىيە 706- يىلى ئەمەۋىلەر خەلىپىسى ۋەلىد ئىبنى ئابدۇلمەلىك دەۋرىدە دەمەشىقتە بارلىققا كەلگەن بولسا، ئەنگىلىيەدە تۇنجى دوختۇرخانا 14 – ئەسىردە بارلىققا كەلگەن.

— مۇسۇلمانلار مىلادىيە 707- يىلى دەمەشىقتە تۇنجى ئاق كېسەللەر دوختۇرخانىسىنى سالغان بولسا، ياۋروپادا 1313- يىلى پادىشاھ فىلىب دەۋرىدە ئاق كېسەللەرنى بىر يەرگە توپلاپ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش ھەققىدە قارار چىقىرىلغان ئىكەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېتىقادى بويىچە ئاق كېسەللەر ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە دۆلەتكە شۇملۇق كەلتۈرىدىغان ئاپەتلەر دەپ سانىلىدىكەن.

— مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى ئۇنۋېرستېتى مىلادىيە 737- يىلى تۇنىس شەھىرىدە قۇرۇلغان زەيتۇنە ئۇنۋېرستېتى بولۇپ، ھازىرمۇ مۇشۇ ئىسىم بىلەن داۋاملىشىپ كەلمەكتە. 830- يىلى باغدات شەھىرىدە بەيتۇل ھېكمەت  بىلىمگاھى، مىلادىيە 859- يىلى ماراكەشنىڭ فاس شەھىرىدە قەرەۋىن ئۇنىۋېرستېتىنى، 970- يىلى قاھىدە ئەزھەر ئۇنىۋېرستېتى قۇرۇلغان. بۇ ئۇنۋېرستېتلەر ھازىرمۇ مۇشۇ  ئىسىم بىلەن داۋام قىلىپ كەلمەكتە. ياۋروپادا تۇنجى قۇرۇلغان ئۇنىۋېرسـتېت 1090- يىلى بولۇپ، پادىشاھ رۇجىر2 مۇسۇلمانلاردىن ئىلھاملىنىپ قۇرۇپ چىققان ئىكەن، ئاندىن 1222- يىلى ئىتالىيەدە بادۇۋا ئۇنىۋېرستېتى قۇرۇلغان ئىكەن.

— مۇسۇلمانلار مىلادىيە 751 - يىلى تالاس (ھازىرقى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جامبۇل ۋىلايىتى تاراز شەھىرى) ئۇرۇشىدا خىتايلارنى يەڭگەندىن كېيىن، ئۇرۇشقا قاتناشقان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن قەغەز  ئىشلەپچىقىرىش سەنئىتىنى ئۆگىنىۋېلىپ سەمەرقەند شەھىرىدە تۇنجى قەغەز زاۋۇدىنى قۇرغان (ئەرەب مەنبەلىرىدە تالاس ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلار ئەسرىگە چۈشكەن خىتايلاردىن قەغەز ئىشلەپچىقىرىشنىڭ سىرىنى ئۆگىنىۋالغان دەپ قەيت قىلىنىدۇ).

— مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى باسمىخانىسى مىلادىيە 900- يىلى باغداتتا بارلىققا كەلگەن. ئاندىن دەمەشىق، فاس، ئەندۇلۇس قاتارلىق جايلاردا  باسمىخانىلار ۋە كۇتۇبخانىلار قۇرۇلغان بولسا، بۇ تەرەققىياتنى مۇسۇلمانلار ياۋروپاغا 13- ئەسىردە ئېلىپ بارغان.

— 10- ئەسىرگە كەلگەندە، ئىسپانىيە (ئەندۇلۇس) تىكى قۇرتۇبە شەھىرىدە، 700 مەسجىد، 60 مىڭ قەسر، 70 كىتابخانا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇ كىتابخانىلاردا 600 مىڭدىن كۆپرەك كىتاب بولغان. شۇ ۋاقىتتا قاھىرە كىتابخانىلىرىدا ئىككى مىليوندىن ئارتۇق كىتاب بولغان ئىكەن.

— ئىسلام بىناكارلىقىنىڭ ئىزلىرى ئىسپانىيەدە ھازىرمۇ ئۆزىنى نامايان قىلىپ تۇرماقتا، ھەر كۈنى كىڭلارچە ساياھەتچى زىيارەت تۇرىدۇ.

— جابىر ئىبنى ھەييان (721-815م) شام دىيارىنىڭ شەرقىدە دۇنياغا كەلگەن مۇسۇلمان  ئەرەب ئالىم.  خېمىيەدە دۇنيانىڭ ئۇستازى دەپ نامى بار، خېمىيەدىن باشقا يەنە پەلسەپە، ئاسترونومىيە، تېبابەت قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنىڭ تۇنجى نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. جابىر ئىبنى ھەييان دۇنيا تارىخىدا تۇنجى قېتىم خېمىيەنى قوللانغان ئالىم ھېسابلىنىدىكەن.

   — ئەبۇ بەكرى رازى (865-925م) ئارىستۇ ۋە گالىنۇس قاتارلىقلارنىڭ ئىنسان جىسمىنىڭ تەركىپلىنىشى ھەققىدىكى نەزەرىيەلىرىنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلاپ چىقان ئىرانلىق مۇسۇلمان ئالىم. پەلسەپە، مەنتىق، خېمىيە، ئاسترونومىيە، ئەرەب ئەدەبىياتى، ماتېماتىكا قاتارلىق ساھەلەردە نۇرغۇن كىتابلارنى يازغان. ئۇنىڭ مەشھۇر كىتابلىرىدىن بىرى «تارىخى تىب» (تېبابەت تارىخى) دەگەن كىتابىدۇر.

— ھەسەن ئىبنى ھەيسەم (965-1040م) مېدىتسىنا، فىزىكا، ئاسترونومىيە، پەلسەپە، كۆز دوختۇرلۇقى ساھەسىدە دۇنياغا تونۇلغان ۋە دۇنيادا تۇنجى قېتىم كۆز ئوپېراتسىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئالىم.

—ئىبنى سىنا (980-1045م) مېدىتسىنا ساھەسىدە دۇنيادا تۇنجى قېتىم كىتاب يازغان مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئالىم. ئۇنىڭ «ئەل قانۇن فىتتىب» ناملىق ئەسىرى دۇنيانىڭ ئەڭ مەشھۇر ئۇنۋېرستېتلىرىدە دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتۇلغان. 12-ئەسىردە ئەرەبچىدىن لاتىنچىگە تەرجىمە قىلىنغان. بۇ كىتاب ياۋروپدا 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر مېدىتسىنادا ئاساس بولۇپ كەلگەن ئىكەن.

— ئىبنى رۇشدى (1126-1198م)  ئەندۇلۇستا دۇنياغا كەلگەن مۇسۇلمان ئەرەب ئالىم، پەلسەپە، فىزىكا، تېبابەت، تىل-ئەدەبىيات، فىقھ، ئاسترونومىيە قاتارلىق پەنلەردە مۇكەممەل يېتىشكەن ۋە دۇنياغا تونۇلغان ئالىم. مۇشۇ پەنلەرنىڭ ھەممىسىدە كىتاب يازغان بولۇپ كىتابلىرىنىڭ سانى 58 گە يەتكەن. ياۋروپادا «كۇللىيات فىتتىب» (تېبابەتتە ئاساسلار) دېگەن كىتابى، ئىسلام دۇنياسىدا «بىدايەتۇل مۇجتەھىد ۋە نەھايەتۇل مۇقتەسىد» دېگەن كىتابى مەشھۇردۇر.

— فارابى (874-950م) پەلسەپە، ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، مەنتىق، مۇزىكا، مېدىتسىنا، مېتافىزىكا قاتارلىق ساھەلەردە تونۇلغان مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئالىم. ئارىستودىن كېيىنكى ئىككىنچى مۇئەللىم دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىىشكەن.

— بىيرۇنى (973-1048م) پەلسەپە، مېدىتسىنا، ئاسترونومىيە، دارىگەرلىك، جىيولۇجىيە، ماتېماتىكا،  خېمىيە، جۇغراپىيە، تارىخ قاتارلىق ئىلىم ساھەلىرىدە مۇكەممەل يېتىشكەن مۇسۇلمان ئۆزبېك ئالىم. زېمىن ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدۇ دېگەن نەزەرىيەنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇ ماۋزۇدا 120 بەتلىك كىتاب يازغان كىشى.

— مەھمۇد كاشغەرىي (1008-1105م) ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بۈيۈك ئالىم، مەشھۇر ئېنسىكلوپېدىك، ئەدىب، دۇنيا تىل سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقىنىڭ ئاساسچىسى. ئۇ بىر قانچە يىللىق ئۆمرىنى تۈركى خەلقلەرنىڭ تىلىنى تەتقىق قىلىشقا ئاتاپ، ئاخىر دۇنياغا داڭلىق مەشھۇر ئەسەر «دىۋانۇ لۇغاتۇت تۈرك» (تۈركىي تىللار دىۋانى) نى بارلىققا كەلتۈرگەن، ئۇنى 1072- ۋە 1074- يىللىرى ئارىسىدا ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى باغدات شەھىرىدە تاماملىغان ۋە ئۇنى خەلىپە مۇئتەسىمگە تەقدىم قىلغان. ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي قاراخىيلار دۆلىتىنىڭ خان جەمەتىدىن كەلگەن شاھزادە ۋە دۇنياغا تونۇلغان ئالىم بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2008- يىلنى «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» دەپ بېكىتكەن.

— يۈسۈپ خاس ھاجىپ (1085-1019م) قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى، بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئالىم، پەيلاسۇپ، تالانتلىق ئەدىپ ۋە شائىر. بۈيۈك ئالىم  يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ دۇنياغا داڭلىق مەشھۇر ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك»نى مىلادىيە 1096-يىلى قەشقەردە تاماملاپ، قاراخانىيلار خانى ھەسەن بۇغرا خانغا تەقدىم قىلغان. قاراخانىيلار خانى بۇ ئەسەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ، مۇئەللىپكە خاس ھاجىپلىق ئۇنۋانى بېرىپ، ئۇنى ئۆزىگە ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچى، ھاكىمىيەت تايانچىسى قىلغان. ھەسەن بۇغراخان ھاكىمىيەت بېشىدا 40 يىلدىن ئارتۇق تۇرۇپ، قاراخانىيلار تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈمرانلىق قىلغان خاقان بولۇپ قالغان. بۇنىمۇ ئىسلام پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا بارلىققا كەلگەن تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە گۈللىنىشنىڭ نەتىجىسى، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

 

 نەگە كېلىپ قالدۇق؟

 

 ئاللاھ تائالا بىزگە (دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن) ئۇلارغا قارشى قولۇڭلاردىن كېلىشىچە كۈچ، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر  دەپ بۇيرۇغان. ئايەتتىكى «دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر» دېگەننىڭ مەنىسى: سىلەر كۈچلۈك، قۇدرەتلىك بولساڭلار سىلەرگە خىرىس قىلماقچى بولغانلار ۋە سىلەرنى بوزەك قىلماقچى بولغانلار سىلەردىن ئەيمىنىپ، سىلەردىن قورقۇپ، سىلەرگە چېقىلالمايدۇ دېگەنلىكتۇر. پەيغەمبىرىمىز ۋە ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدە ياشىغان مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالانىڭ بۇ كۆرسەتمىسىنىڭ مەنىسىنى ئوبدان چۈشەنگەن ۋە تولۇق ئەمەل قىلغان. ئۇلار شۇ زامانلارنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ۋە كۈچلۈك قوراللىرى بىلەن قوراللانغان. شۇڭا، ئۇلار ئۈچ قىتئەدە ئىسلام بايرىقىنى لەپىلدەتكەن. ھازىرقى زاماندا كۈچ پەقەتلا پەن – تېخنىكا بىلەن بولىدۇ. پەن – تېخنىكا ئىلىم – پەننى ئوقۇش بىلەنلا قولغا كېلىدۇ. ئايەتتىكى «كۈچ» دېگەن سۆز ھەرقانداق ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچلەرنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، قورال كۈچى، ئىلىم كۈچى قاتارلىق ھەرقانداق كۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەپسۇسكى، بىز مۇسۇلمانلار 16- ئەسىردىن كېيىن تەركىدۇنيالىق تەرغىباتىغا بېرىلىپ كېتىپ،  ئىلىمنى دىنىي ئىلىم ۋە پەننى ئىلىم ياكى ئاخىرەتلىك ئىلىم ياكى دۇنيالىق ئىلىم دەپ ئايرىۋالغان، ئىلمى كالام، پەلسەپە دېگەندەك ئايىغى چىقمايدىغان ئىلىملەرگە چۆكۈپ كېتىپ، پەن – تېخنىكا ئۆگىنىشنى پۈتۈنلەي قولدىن بەرگەندىن كېيىن، بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ئايەتتە كۆرسىتىلگەن «قورقۇتۇش»تىن «قورقۇش»قا ئۆزگىرىپ قالدى. بىز دۈشمەندىن قورقۇپ مۇشۇ ھالغا كېلىپ قالدۇق. پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى دۈشمەنلىرىدىن قورقۇپ، ئۇلارغا قويۇپ بېرىپ مۇشۇ ھالغا كېلىپ قالدى.

ئىسلام دىنى ئۆزىنىڭ توغرا ئەقىدىسى ۋە ئىلغار شەرىئىتى بىلەن ھاياتلىقنىڭ پۈتۈن ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھاكىمىيەت تۈزۈمى ھەقىقىي دېموكراتىيىنىڭ جەۋھىرىنى تەشكىل قىلغان، ئىنسانلارنىڭ - مەيلى ئۇلار مۇسۇلمان بولسۇن ياكى باشقا دىنلارغا ئېتىقاد قىلسۇن – ھەممىسىنىڭ بەختلىك ۋە پاراۋانلىق ئىچىدە ئۆمۈر سۈرۈشىگە كاپالەت قىلغان، تەرەققىياتقا، ئىلىم – پەنگە قاتتىق تەشەببۇس قىلىدىغان، ھەر تەرەپتىن مۇكەممەل بىر دىندۇر. ياۋروپا خەلقى مۇستەبىت چىركاۋلارنىڭ بېسىمدارلىقىدىن قۇتۇلغاندىلا ھاياتلىقنىڭ تەمىنى تېتىيالىغان بولسا، مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىنىڭ روھىدىن يىراقلاشقان، سىياسەتنى باشقىلارغا بېرىپ قويۇپ ئۆزلىرى تەركىيدۇنيالىقنى تاللىۋالغاندىن كېيىنلا خار- زەبۇنلۇق، ئاجىزلىق، ئېزىلىش، مۇستەملىكە قىلىنىش، كۈچلۈكلەرگە بېقىنىش، ئۆزلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم بولۇش، باشقىلار سىزىپ بەرگەن ئەندىزە ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇش قاتارلىق بەختسىزلىكلەرگە گىرىپتار بولدى. خىرىستىيانلارنىڭ ئەكسىچە، مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەر ۋە خورلۇقلارنىڭ ھەممىسى بۇ دىننى ھاياتلىق ساھەلىرىدە تولۇق جارىي قىلدۇرالمىغانلىقتىن، ئەجدادلىرىنىڭ ئۈچ قىتئەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئالتۇن دەۋرلىرىدىكىگە ئوخشاش تەتبىق قىلالمىغانلىقتىن بولغان.

  11- ئەسىردە يېزىلغان ۋە بىز شۇنچە چوڭ بىلىدىغان، ھەتتا ئۆلىمالار ھەممە ئىلىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل كىتاب دەپ تەرىپلەپ كەلگەن «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن» دېگەن بىر قانچە توملۇق قەدىمىي ئەسەرنى ئوقۇغان ئىدىم. بۇ ئەسەرنىڭ بىرىنچى بابى «مال _ دۇنيانى سۆيۈشنىڭ يامانلىقى» دەپ باشلانغان. ئەپسۇسكى، شۇ زامانلاردا تەركىدۇنيالىق تەرغىباتى ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەن. ئاللاھ تائالا  قۇرئان كەرىمدە مال - دۇنيانى «خەير» يەنى (ياخشىلىق) دەپ ئاتىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ياخشى مال-دۇنيا ياخشى ئادەم ئۈچۈن نېمىدېگەن ياخشى» دەپ ماختىغان تۇرسا، بىزنىڭ ئۆلىمالىرىمىز مال- دۇنيانى كىشىلەرگە ئەڭ رەزىل نەرسىدەك قىلىپ كۆرسەتكەن. مال- دۇنيا شۇنداق يامان كۆرسىتىلگەن يەردە، ئىلىم- پەن تېخىمۇ بەك يامان كۆرسىتىلگەن. ئۆز ۋاقتىدىكى جاھالەت كۈچلىرى ئاسترونومىيەدە نەتىجە قازانغا ئۆزبېك ئالىمى ئۇلۇغبېكنى مۇرتەد بولدى دەپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئوغلىغا ئۆلتۈرگۈزگەنلىكى ۋە ھاياتىنى خەلقىمىزنى جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىغا بېغىشلىغان بۈيۈك ئالىم ئابدۇلقادىر داموللام باشلىغان ئاقارتىش ھەرىكىتىنى جەدىدىزم دەپ ئەيىبلەپ، مەرھۇم ئالىمنى بىر ساتقۇننىڭ قولى قەتئى قىلغانلىقى بۇنىڭ مىسالى.

بىز ئۇيغۇرلارنىڭ چۆكۈشى بارچە ئىسلام دۇنياسىنىڭ چۆكۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىسلام دۇنياسىدا ئومۇملاشقان ئىسلام ئەقىدىلىرىدىن ياتلىشىش، ئىسلامنىڭ مەقسەت ۋە غايىلىرىدىن يىراقلىشىش، خۇراپاتلارنى دىن دەپ قوبۇل قىلىش، ئىلىم – پەن بىلەن مال-دۇنيانى يامان كۆرۈش ۋە يامان كۆرسىتىش قاتارلىق سەلبىي خاھىشلار بىز ئۇيغۇرلارغىمۇ تەسىر قىلغان.

ئۆز ۋاقتىدا ئىسلام ئەخلاقى ۋە ئىسلام پىرىنسىپلىرى بويىچە ئىش كۆرۈپ، تازا كۈچلەنگەن ۋە 11- ئەسىردە ھاكىمىيىتىنى ئاسىياغا قەدەر كېڭەيتكەن قۇدرەتلىك قاراخانىيلار دۆلىتى 13- ئەسىردىن كېيىن ئاجىزلىشىشقا ۋە مۇنقەرىز بولۇشقا قاراپ يۈز تۇتقاندەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى، ئەخلاقى ۋە ئۆزگىچىلىكى پۈتۈنلەي خاتا، ئازغۇن ئىدېئۇلوگىيەنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قېلىپ، توغرا ئېتىقاد، توغرا سىياسەت ۋە توغرا پىرىنسىپلاردىن يىراقلاشتۇرۇلغان. «قۇتادغۇبىلىك» ئىدېيەسى بىلەن «تۈركىي رىللار دىۋانى» ئىدېيەسى كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىردىكى تەسەۋۋۇپ ئىدېيەۋى ئېقىمىنىڭ قاتتىق تەقىپ قىلىشىغا ئۇچرىغان.

«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن«تۈركىي رىللار دىۋانى» نىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد كاشغەرىي ئىسلامنى ۋە ئىسلامنىڭ مەقسەت-غايىلىرىنى قۇرئان ۋە ھەدىستە كۆرسىتىلگەن بويىچە توغرا چۈشەنگەن زاتلار ئىدى. قاراخانىيلارنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار 950- يىللاردىن باشلاپ ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى دەپ قوبۇل قىلغان. شۇ چاغلاردا ياشىغا ئۇيغۇرلاردا ئىسلام دىنى مەركەزلىكىدىكى مەدەنىيەت جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان. بۇ ئىككى بوۋىمىز تەقۋادار، ئۆلىما زاتلار ئىدى. ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان. مەھمۇد كاشغەرىي بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ يەرلىك شېۋىلىرىنى توپلاپ چىقىپ، ئەرەبلەرنىڭ ۋە باشقا مىللەتلەتلەرنىڭ تۈرك تىلىنى ئۆگىنىشى ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭمۇ ئۆز تىلىنى قوغداپ قېلىشى ئۈچۈن دۇنياغا مەشھۇر «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ئەسىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى ۋە ئاخىرقى ئۆمرىنى قەشقەرنىڭ ئۇپال دېگەن يېرىدە تالىپلارنى ئوقۇتۇش بىلەن ئۆتكۈزدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بولسا ئىسلام ئىدېئۇلوگىيەسىنى، ئىسلام ئەخلاقىنى ۋە ئىسلام پىرىنسىپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل بەخت - سائادەت ئاچقۇچىنى قالدۇرۇپ كەتتى. «قۇتادغۇبىلىك» ئائىلە ئەخلاقىدىن باشلاپ دۆلەت تۈزۈمىگىچىلىك، ھەربي بىلىملەر، دۆلەتنىڭ باشقا ئەللەر بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار بىلىملەر، ئادالەتنى بەرپا قىلىش ھەققىدە پىرىنسىپلار قاتارلىق ئىنسانىيەتكە كېرەك بولغان بىلىملەرنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

  بۇ ئىككى بۈيۈك ئالىمنىڭ پەرزەنتلىرى بولغان بىز ئۇيغۇرلار 13- ئەسىردىن بېرى ئۇلارنىڭ بۇ ئىككى مەشھۇر ئەسىرىدىن خەۋەرسىز ياشاپ كەلگەن بولۇپ، پەقەت 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا تۈركىيەدىن كەلتۈرۈلگەن فاكسمېل نۇسخىلىرى ئارقىلىقلا ئۇلار بىلەن تونۇشتۇق. بۇ ئىككى بۈيۈك ئەسەر توغرۇلۇق ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا كۆپلىگەن ئىلمىي يىغىنلار ئۇيۇشتۇرۇلدى، بۇ ئىككى ئەسەرنى تونۇشتۇرۇپ يۈزلەرگە ماقالىلار يېزىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىز ئۇيغۇرلار بۇ ئىككى بۈيۈك بوۋىمىزنىڭ بارلىقىنى بىلىپ، ئۇلار بىلەن چوڭقۇر ئىپتىخارلانغان بولساقمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ قىممەتلىك ئەسەرلىرىلىرىدىن بەھرى ئېلىشقا تىرىشمىدۇق، بولۇپمۇ «قۇتادغۇبىلىك»تىكى ئىلىم- ھېكمەت دۇردانىلىرىدىن، بىزگە سائادەت يولىنى كۆرسەتكەن ئۈگۈتلەردىن پايدىلىنىپ ھاياتىمىزنى ئەۋزەللىككە قاراپ ئۆزگەرتىشكە ئىنتىلمىدۇق. بىز قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ روھىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بۇ شانلىق ئەسەرنىڭ ۋارىسلىرى بولغان تۇرۇپ، ئۇنىنغا ۋارىسلىق قىلالمىدۇق. ئەسلىدە «قۇتادغۇبىلىك»تىكى مەزمۇنلارنى باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىدىن تارتىپ، ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىگىچە بالداقمۇ بالداق كىرگۈزۈپ، ئەنئەنىۋى تەلىم-تەربىيەنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلاندۇرۇش دەۋرىمىز تەقەززا قىلىۋاتقان مۇھىم زۆرۈرىيەت ئىدى. بۇ ئىش ھازىرغىچە قىلىنمىدى. ئەمدى بۇنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مەكتەپ ۋە مەدرىسىلىرىدە قىلىشقا تامامەن بولىدۇ.

 «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ كۆزىتىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار بۇ قىممەتلىك ئەسەر بىلەن تونۇشقان بولسىمۇ، بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي نۇسخىسىنى تولۇق ئوقۇپ چىققان ئادەم ئومۇمىي ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 0.01 پىرسەنتىگىمۇ يەتمەيدىكەن. ئەپسۇسكى، بىز بۇ قىممەتلىك ئەسەر بىلەن پەخىرلىنىشنىلا بىلىپتۇق، ئەمما ئۇنىڭدىكى ھېكمەتلەردىن بەھرى ئېلىشنى بىلمەپتۇق. بۇ بىزدىكى كىتاب ئوقۇش نىسبىتىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەنلىكىدىن بولسا كېرەك.

بىز ئىسلامنى توغرا چۈشىنىپ، ئىسلام بىلەن قۇدرەت تاپقان ۋە ئىسلام بويىچە ياشاپ ئەزىزلىققا ئېرىشكەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ يولىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، بىزدىكى ئەزىزلىق خارلىققا، مۇستەقىللىق بېقىندىلىققا، كۈچ-قۇدرەت ئاجىزلىققا ئايلىنىپ قالدى. بارچە ئىسلام ئەللىرى ھەر خىل شەكىلدىكى مۇستەملىكىلەرگە ئۇچرىغاندەك، بىزمۇ ئىككى ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى مۇستەملىكىدە قالدۇق.

 

ئەمدى نېمە قىلىش كېرەك؟

 

1. ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئەقىدىسىنى، ئەخلاقىنى، ئىسلامىي تەسەۋۋۇرىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىز كېرەك. بۇ قۇرئان ۋە ھەدىسقا مۇراجىئەت قىلىش ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ روھى بويىچە قەد كۆتۈرۈشكە قاراپ قەدەم بېسىش بىلەن بولىدۇ.

2. ھەر قايسى ئىلىم ساھەلىرىدە، ئىقتىسادتا، تەشۋىقاتتا ۋە زامانىمىز تەقەززا قىلىۋاتقان ھەممە ساھەلەردە كۈچلىنىشىمىز كېرەك. چۈنكى بېشىمىزغا كەلگەن كۈلپەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاجىزلىقىمىز سەۋەبتىن كەلگەن.

3.  ھازىرقى مۇشۇ پەيتتە مۇسۇلمانلارنىڭ، خۇسۇسەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پەن – تېخنىكا ئىگىلىشىمىز تەپسىر، ھەدىس ۋە فىقھى ئوقۇغانغا ئوخشاش زۆرۈر ۋە مۇھىمدۇر. شۇڭا، پەرزەنتلىرىمىزنى ھەم دىندا ھەم پەندە ئوقۇتۇشىمىز لازىم.

4. بىز ئانا ۋەتەندىكى «مەكتەپ» ئۇقۇمى بىلەن تۈركىيەدىكى ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىدىكى «مەكتەپ» ئوقۇمىنى ئايرىۋېلىشىمىز لازىم. ئانا ۋەتەندە مەكتەپ دېيىلگەن ھامان ئاتېئىزىمچىلارنىڭ ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئورۇن ئېسىمىزگە كېلىدۇ. ئەمما تۈركىيەدە ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىدە «مەكتەپ» ھەم پەننىي ھەم دىنىي بىلىملەرنى بېرىدىغان ئورۇندۇر. شۇڭا بالىلار دىپلوم بېرىدىغان رەسمىي مەكتەپلەردە ئوقۇشى لازىم. ئىلىم بىر قورال، دىپلوم بىر قورال. ھازىر دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە مۇشۇ ئىككى قورال بىلەن دىنىمىزغا، ۋەتىنىمىزگە خىزمەت قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئىلىم بولمىسا زادى بولمايدۇ، ئىلىم بولۇپ دىپلوم بولمىسا، يەنە بولمايدۇ. چۈنكى دىپلوم بولمىسا، شۇ ئىلىمنى ئۆگەتكىلى سەھنە ھازىرلىغىلى بولمايدۇ. ھازىرقى دۇنيا كىشىلەرنىڭ قورقىسىقىدىكى بىلىمىنى قولىدىكى دىپلوم ئارقىلىقلا بىلىدۇ. دىپلومى بولمىسا، ئىلمىي ساھەدە ئىش قىلغىلى قويمايدۇ. شۇڭا، ئىلىممۇ كېرەك، دىپلوممۇ كېرەك.

5. ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى كىتابى بار بولۇپ، بىرى «قۇرئان كەرىم»، يەنە بىرى «تەبىئەت»دۇر. بىز مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالانىڭ ھەر ئىككى كىتابىنى ئوقۇشقا بۇيرۇلغان. ئاللاھ تائالانىڭ «قۇرئان» ناملىق كىتابىنى ئوقۇش ئەقىدىمىزنى ۋە ئەخلاقىمىزنى توغرىلايمىز، «تەبىئەت» ناملىق كىتابىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى، گۈزەل سەنئەتلىرىنى تونۇيمىز. ئاللاھ تائالانىڭ «تەبىئەت» ناملىق كىتابىنى ئوقۇغان ئالىم بىرتال قار دانىسىدا ئىلاھىي سەنئەتنى، مۇكەممەل لايىھىلەنگەن گۈزەللىكنى كۆرىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ماھارىتىنى ۋە ھېكمەتلىك ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما شەيئىيلەرگە يۈزەكى باقىدىغان ئالىم قار دانىسىنى «مۇزلىغان سۇ» دەپلا كۆرىدۇ، بەس. دېمەك، پەننىي ئىلىمنى يولىدا ئىشلەتسە، ئۇ ئاللاھ تائالانى تونۇتىدۇ.

  ئەنگىلىيەلىك پەيلاسۇپ ھېربېرت سپىنسىر مۇنداق دېگەن: «تەبىئىي پەن ئىلىملىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىبادەتتۇر. چۈنكى تەبىئىي پەن ئىلىملىرىگە ئىچكىرىلەپ كىرىش بىز سىرلىرىغا يېتىپ بولالماي دەرتلىنىۋاتقان ۋە ئاستا ـ ئاستا بىلىۋاتقان شەيئىيلەرنىڭ ئېسىللىكىنى ئېتىراپ قىلىش، ئاندىن ئۇلارنى ياراتقان زاتنىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى تونۇش دېمەكتۇر. بۇ ئاغزاكى تەسبىھ ئەمەس، ئەمەلىي تەسبىھتۇر. بىر تامچە سۇنى كۆرگەن ئالىم ئۇنىڭ ئوكسگېن بىلەن ھېدروگېندىن مەلۇم نىسبەتتە تەركىب تاپقان سۇ ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ نورماللىقىدىن ئۆزگىرىپلا كەتكەندە، سۇ ئەمەس، باشقا نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى ۋە ھېكمەت بىلەن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.

نەدە ئىدۇق، نەگە كېلىپ قالدۇق؟ نېمە قىلىش كېرەك؟ (dinhayat.com)

باشقا خىزمەتلەر