ھىجرىيە: | مىلادىي: 28 Kasım 2023

چىكىنىڭ
ۋاقىت — ئۆمۈردۇر

ۋاقىت — ئۆمۈردۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

ِبسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ. وَالْعَصْرِ. إِنَّ الْإِنْسَانَ لَفِي خُسْرٍ. إِلَّا الَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَتَوَاصَوْا بِالْحَقِّ وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْر «زامان بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئىنسان چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر. پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر – بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان ۋە (ئۇنىڭدا) چىداملىق بولۇشنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەرلا زىيان تارتمايدۇ».

ئاللاھ تائالا ئىنسان ئۈچۈن زامان (يەنى ۋاقىت) بىلەن قەسەم قىلدى. ئەمەلىيەتتە ئىنسان زاماننىڭ ئۆزىدۇر. چۈنكى ئىنساننىڭ ئۆمرى كۈنلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتىدىن ئۆتكەن ھەربىر كۈن ئۇنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىپ ماڭىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ئىنسان چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر﴾ دېگەنلىكىنىڭ مەنىسى شۇكى، ۋاقىت ئىنساننىڭ دەسمايىسى، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش پۇرسىتى، جەننەتنى قازىنىدىغان سەرمايىسى بولۇپ، ئىنساننىڭ ھاياتىدىن ئۆتكەن ھەربىر دەقىقە، ھەربىر مىنۇت ۋە ھەربىر سائەت ئۇنىڭ ئۆمرىنى يەپ ماڭىدۇ. چۈنكى ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۆمرىنى بىللە ئېلىپ كېتىدۇ. مانا بۇ ھەقىقىي زىياندۇر. تىجارەتتىكى ھەقىقىي زىيان تىجارەتكە سالغان دەسمايىدىن ئايرىلىپ قېلىش بولغاندەك، ئىنساننىڭ ھاياتىدىكى ھەقىقىي زىيان ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ، ئۆمرىنىڭ مەنىسىز، بىكارغا ئۆتۈپ كېتىشىدۇر. شۇڭا ئۆمرىنى ۋە ۋاقتىنى ئىمان بىلەن، ياخشى ئەمەللەر بىلەن، بىر-بىرىگە ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشنى، بۇ يولدا چىداملىق بولۇشنى تەۋسىيە قىلىشىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىنسان زىياندىن مۇستەسنادۇر. چۈنكى بۇنداق ئىنسان ئۆمرىنى زايە قىلىۋېتىشتىن ساقلانغان ۋە ھاياتىنى يۇقىرىقى ياخشى ئەمەللەر بىلەن تولدۇرغان بەختلىك ئىنساندۇر.

 

ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىدە زامان بىلەن قەسەم قىلىش ئارقىلىق، ئىمان ئېيتقان، شۇ ئىمانىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر- بىرىگە ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشنى ۋە تائەت- ئىبادەتتە، ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتا، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداشتا چىدامچان بولۇشنى تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن باشقىلارنىڭ زىيان ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. دېمەك، يۇقىرىدىكى تۆت ئىشنى قىلغانلار قەتئىي زىيان تارتمايدۇ.

.1  ئىمان

ئىمان ئىنساندىن ئىبارەت ئۆزى ئاجىز، ئۆمرى چەكلىك بىر مەخلۇقنىڭ كائىناتنىڭ ئىگىسى بولغان مەڭگۈلۈك قۇدرەتلىك زاتقا باغلايدىغان ھالقا بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتقان ئىنسان ئۆزىنىڭ چەكلىك دۇنياسىدىن ھالقىپ چەكسىز ئالەمگە، ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىدىن چىقىپ قۇدرەتلىك ئىلاھىي مۇتلەقكە باغلانغان بولىدۇ. بۇ باغلىنىش ئىنسانغا كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلغاندىن باشقا، ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئامانلىق ۋە سائادەتنى بېغىشلايدۇ. ئىنسان بىر ئاللاھقا باغلىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچلۈك ھېس قىلىدۇ. ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارغا خارلىنىشتىن ئۆزىنى ۋە پىكرىنى ئازاد قىلغان بولىدۇ.

2   .  ياخشى ئەمەل

ياخشى ئەمەل ئىماننىڭ مېۋىسى ۋە نامايەندىسىدۇر. چۈنكى ئىمان ئىنساننى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ئېنېرگىيە بولۇپ، ئۇ ھەر زامان ئۆزىنى نامايان قىلىشقا تىرىشىدۇ. شۇڭا ئىمان قەلبتە مۇستەھكەم ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مېۋىسى بولغان ياخشى ئەمەل ئوتتۇرىغا چىقماي قالمايدۇ. چۈنكى «قاپاقتا نېمە بولسا، تېشىغا ئاشۇ تەپچىرەيدۇ» دەيدىغان ھېكمەت بار. ناۋادا قەلبتىكى ئىمان ئادەمنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرەلمىسە، ئۇ ھەقىقىي ئىمان ئەمەس، بەلكى يالغان ئىمان ياكى ئۆلۈك ئىماندۇر.

3  . ھەقىقەتنى تەۋسىيە قىلىش

ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش ئوڭاي ئەمەس، چۈنكى ھاياتتا ئادەم ئۆز غايىسىدىن ئاداشتۇرۇشقا، يولىدىن ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان نەرسىلەر ئاز ئەمەس. نەپسى خاھىش، شەيتان، شەخسىي مەنپەئەت، مۇھىتنىڭ تەسىرى، خىزمەت بېسىمى، ئائىلە قىيىنچىلىقلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ پائالىيەتچانلىقىغا سەلبىي كۆرسەتمەي قالمايدۇ. شۇڭا، مۇسۇلمانلار بىر – بىرىگە ھەقىقەتنى تەۋسىيە قىلىشقا موھتاج. ئۇلار بىر-بىرىنى غەپلەتتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداشقا تەرغىب قىلىپ تۇرۇش ئارقىلىق بىر-بىنى تولۇقلايدۇ ۋە بىر-بىرىگە مەدەت بېرىدۇ. مۇئمىن ئادەم ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرسە، بىر-بىرىگە ھەقىقەتنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن باشقىلارنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى روناق تاپىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە لاياقەتلىك بولىدۇ.

4  .  چىداملىق بولۇشنى تەۋسىيە قىلىش

ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيانى ئىمتىھان ۋە سىناق دۇنياسى، شۇنداقلا ھەقىقەت بىلەن باتىل ئېلىشىدىغان مەيدان قىلىپ ياراتقان بولۇپ، سىناقلاردىن ئۆتۈش ۋە باتىل ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، كۈچلۈك، چىداملىق ۋە سەۋر-تاقەتلىك بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا، باتىل كۈچلەرگە، شەيتاننىڭ نەيرەڭلىرىگە، نەپسىمىزنىڭ خاھىشىغا تاقابىل تۇرۇش، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنداش يولىدا بىر-بىرىمىزگە چىداملىق بولۇشنى تەۋسىيە قىلىشقا موھتاجمىز.

ۋاقىت باشقۇرۇش

ۋاقىت باشقۇرۇش دېگەنلىك قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىشقا تېگىشلىك ۋاقىتتا قىلىش دېگەنلىكتۇر. ھەر ئىشنى ئۆز ۋاقتىدا قىلىش، ئاۋۋال نىشاننى بەلگىلەش ئاندىن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋاقىتنى ئەڭ ياخشى باشقۇرغانلىقتۇر. ئەقىللىق كىشىلەر بىر مىنۇت ۋاقتىنىمۇ بىكارغا ئۆتكۈزۈۋەتمەيدۇ. ئەگەر بىز ۋاقتىمىزنى بىكارغا ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولساق، ئۇنى زايە قىلىۋەتكەن بولىمىز. ئەگەر ئۇنىڭدىن پايدىلانغان بولساق، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى بۈگۈن، ئەتە، كېلەچەكتە چوقۇم كۆرىمىز، بىزدىن كېيىنكىلەرمۇ كۆرىدۇ. ۋاقىت مۇسۇلمان ئادەمنىڭ نەزىرىدە داۋاملىشىۋاتقان ئىبادەتتۇر، چۈنكى مۇسۇلمان ئادەم ۋاقىتنى دەسمايە قىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ غايىسى ئاللاھ تائالا بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشلىرى، گەپ - سۆزلىرى، رىزىق ئۈچۈن ئىشلىشى، ھەتتا دەم ئېلىشى .... ۋەھاكازالارنىڭ ھەممىسى ئىبادەت بولۇپ پۈتۈلىدۇ.

مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ھاياتىدا ۋاقىت _ ئىبادەتتۇر. چۈنكى مۇسۇلمان ئادەم ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلىش (يەنى ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە ھايات كەچۈرۈش) ئۈچۈنلا بۇ دۇنيادا مەۋجۇتتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ )وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْإِنْسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ( «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپلا ياراتتىم»[1] دېگەن سۆزى بۇنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ، خۇسۇسەن، ماتېرىيالىزمچىلارنىڭ ئېڭىدا «ۋاقىت _ پۇلدۇر» دېگەن پەلسەپە ھۆكۈم سۈرىدۇ. بۇ پەلسەپىنى ھەسەن بەسرىينىڭ «مەن ھاياتىمدا ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ئالتۇن، كۈمۈشتىن قىممەتلىك بىلىدىغان كىشىلەرنى كۆردۈم» دېگەن سۆزىگە سېلىشتۇرغىنىمىزدا، مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدا، ۋاقىتنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك، نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىمىز. چۈنكى ئالتۇن، كۈمۈش زايە بولۇپ كەتسە، ئۇنى ئىشلەپ تاپقىلى بولىدۇ، ئەمما ئۆمۈر زايە بولۇپ كەتسە، ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولمايدۇ.

ئەقىللىق بولۇش

ئەقىللىق مۇسۇلمانغا نىسبەتەن ۋاقىت پۇل- مالدىن ئەلۋەتتە قىممەتلىكتۇر. چۈنكى پۇل-مالنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولىدۇ، ئەمما ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدۇ. كىشىلەر جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىنىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغاندا، ھايات ياشايدىغان ۋاقتىم ئۇزىراپ قالارمىكىن دېگەن ئۈمىد بىلەن ئۆي - جايلىرىنى سېتىپ بولسىمۇ ئوپېراتسىيە قىلدۇرىدۇ. مانا بۇ ۋاقىتنىڭ پۇل-مالدىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. بىراۋ بىر سىقىم پۇلنى كۆيدۈرۈۋەتسە، ئۇنى چوقۇم ساراڭ دەيمىز، ئەپسۇسكى، پۇلدىن قىممەتلىك بولغان ۋاقتىنى زايە قىلىۋەتكەن كىشىلەرنى ھېچكىم ساراڭ دېمەيدۇ. ئەسلىدە پۇلنى كۆيدۈرۈۋەتكەن ساراڭدىن ۋاقتىنى زايە قىلىۋەتكەن ساراڭ بەكرەك ساراڭدۇر.

ئادەتتە كىشىلەر كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدىغان قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدىمۇ نەتىجىسى ئاددىي بولمىغان كاتتا ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: بىر مىنۇتلۇق ۋاقىت ئىچىدە بىر سەھىپە قۇرئان ئوقۇغىلى بولىدۇ ياكى ئىككى بەت كىتاب ئوقۇغىلى بولىدۇ. بىر مىنۇتلۇق ۋاقىت ئىچىدە ئاللاھ تائالاغا زىكىر ئېيتىپ قاتمۇقات ساۋاب تاپقىلى بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى كۈندە يۈز قېتىم )سُبْحاَنَ اللهِ وَبِحَمْدِه(ِ يەنى [ئاللاھ تائالا بارچە نۇقسانلاردىن ئەلۋەتتە پاكتۇر، ھەمدۇسانا ئۇنىڭغا خاستۇر] دەيدىكەن، ئۇنىڭ دېڭىزنىڭ كۆپۈكىدەك كۆپ گۇناھلىرى بولسىمۇ بارلىق گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»([2]). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «تىلغا يېنىك مىزاندا سالماق كېلىدىغان ۋە ئاللاھقا ئەڭ يېقىملىق ئىككى كەلىمە بار، ئۇلار: )سُبْحاَنَ اللهِ وَبِحَمْدِهِ، سُبْحاَنَ اللهِ العظيْمِ( [ئاللاھ تائالا بارچە كەمچىلىكلەردىن ئەلۋەتتە پاكتۇر، ھەمدۇسانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇلۇغ ئاللاھ جىمى نۇقسانلاردىن پاكتۇر] دېگەن كەلىمەدۇر»([3]).

ۋاقىت ھاياتنىڭ ئاساسى ۋە خام ماددىسى بولۇپ، بارچە مەدەنىيەتلەر، تەرەققىياتلار ۋە پەن-تېخنىكىلار ۋاقىت بىلەن ۋە ۋاقىت چىقىرىپ ئىشلەش بىلەن قولغا كېلىدۇ، جەننەتكىمۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەل - ئىبادەت قىلىش بىلەن ئېرىشكىلى بولىدۇ. كاتتا ئىشلارنى قىلىشقا ۋاقتى يەتكەن كىشىلەرنىڭ ئەلۋەتتە رەببىنى تونۇش، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنمۇ ۋاقتى يېتىدۇ. چۈنكى مۇنداق كىشىلەر ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى بىلگەنلىكتىن، ئۇنى قەتئىي زايە قىلمايدۇ ۋە ئۆمرىنىڭ ھەربىر لەھزىسىنى نەتىجىلىك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئەمما قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشلارغىمۇ ۋاقتى چىقمايدۇ. ۋاقىتنى پۇلغا سېتىۋالغىلى ياكى كىراغا ئالغىلى ۋە ياكى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ، پەقەتلا ئۇنى جايىدا ئىشلىتىپ پايدىلانغىلى بولىدۇ.

ۋاقىت كاتتا نېمەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى بايان قىلىپ: «نۇرغۇن كىشىلەر قىممىتىنى بىلەلمەي قالىدىغان ئىككى نېمەت بار. بىرى تەن ساقلىقى، يەنە بىرى ۋاقىتتۇر»[4] دەپ كۆرسەتكەن.

ۋاقىت چوڭ مەسئۇلىيەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەندىنىڭ قەدىمى قىيامەت مەيدانىغا تاشلىنىشىم بىلەنلا ئۇنىڭ ئۆمرىنى نېمە ئىش بىلەن تۈگەتكەنلىكى، ئۆگەنگەن ئىلمى بىلەن نېمە قىلغانلىقى، پۇل-مالنى نەدىن تېپىپ، نېمىگە ئىشلەتكەنلىكى ۋە بەدىنىنى نېمە ئىشقا ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە سوراق-سوئال قىلىنىدۇ »]5. [

ۋاقىت دىن ۋە دۇنيالىق ئۈچۈن تىرىشىپ، تىرمىشىپ ئىشلەشنىڭ بىردىنبىر پۇرسىتى بولغاندەك، ئەمەل –ئىبادەتلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن بېرىلگەن نېمەتتۇر. ئەللامە ئىبنى قەييىم جەۋزى مۇنداق دېگەن: «ئەقىللىق ئادەم ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى بىلگەن ئادەمدۇر. ناۋادا ئۇنىڭ ۋاقتى زايە بولۇپ كەتسە نۇرغۇنلىغان مەنپەئەتلىرى زايە بولۇپ كېتىدۇ، بارلىق مەنپەئەتلەر پەقەت ۋاقىتتىن كېلىپ چىقىدۇ، ۋاقىت قولدىن كېتىپ قالسا، ئۇنىڭغا قايتا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ئىنساننىڭ ۋاقتى ئۇنىڭ ئۆمرىدۇر. ۋاقىت ئۇنىڭ ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك نېمەتكە ئېرىشىشىگە ياكى مەڭگۈلۈك ئازابقا قېلىشىنىڭ سەرمايىسىدۇر. ۋاقىت بۇلۇتتىنمۇ تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەربىر ئىنساننىڭ ۋاقتىنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن ۋە ئاللاھ بىلەن بولغان چاغلىرىلا ئۇنىڭ ھەقىقىي ھاياتى ۋە ئۆمرىدۇر. بۇنىڭدىن باشقىسى ئۇنىڭ ھاياتىدىن سانالمايدۇ. ئەگەر ئۇ شۇنداق غەپلەت ئىچىدە ياشىسا، ئۇ پەقەت ھايۋانلارنىڭ ھاياتىنى ياشىغان بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ۋاقتىنى غەپلەت بىلەن، شەھۋەت بىلەن ۋە قۇرۇق ئارزۇلار بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئۇيقۇ ۋە بىكارلىق بىلەن ئۆتكۈزگىنى ياخشىراق بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئىنساننىڭ ھايات تۇرغىنىدىن ئۆلگىنى ياخشىراق بولىدۇ. ئىنسان نامازدا تۇرغىنىدا، ئەقلى – ھوشى بىلەن تۇرغان ۋاقتىلا نامازغا ھېسابلانغان يەردە، ئۇنىڭ ئۆمرىدىن ئاللاھ بىلەن بولغان ۋاقىتلىرىدىن باشقىسى ئۇنىڭ ئەمەس» ] 6. [

 

ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ

ۋاقىت چىرايلارغا قورۇق، بەدەنلەرگە ئاجىزلىق، چاچ ۋە ساقاللارغا ئاقلىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىللە ئەجەلنىمۇ چاقىرىپ كېلىدۇ. ۋاقىتنى توختىتىپ قالغىلى بولمايدۇ. ئىنسان قۇدرىتى ئۇنى ئارقىغا چېكىندۈرەلمەيدۇ. مانا بۇ – ۋاقىت. مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزى بىلىم ئېلىش، ئىجاد قىلىش، دىنى، مىللىتى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەش، ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش پۇرسىتىدۇر.

دېمەك، بۇ ھاياتلىق مۇساپىسى ئۇزۇن مۇسابىقىلەرگە تەييارلانغان مەيدان بولۇپ، ۋاقىتنى قەدىرلەشنى بىلگەنلەر ۋە ئۇنى چىڭ تۇتۇپ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ۋاقىتدا ۋە مۇكەممەل قىلىش ئارقىلىق نەتىجە يارىتىش بىلەن ئاللاھنى ۋە خەلقىنى مەمنۇن قىلالايدىغانلار ئۇتۇپ چىقىدىغان مۇسابىقىدۇ.

ۋاقىت _ ھايات، ۋاقىت _ پۇل، ۋاقىت _ ئىلىم، ۋاقىت _ سالامەتلىك، ۋاقىت _ پەن _ تېخنىكا، ۋاقىت _ قىممەتلىك ھەر نەرسە. بەزى شىركەتلەر ئاخىرقى بىر مىنۇتلۇق ۋاقىت ئىچىدە ھەسسىلەپ پايدىغا ئېرىشسە، بەزىسىنىڭ بىر مىنۇت كېچىكىشى سەۋەبلىك ۋەيران بولىدىغانلىقى، جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق بەزى كېسەللەرنىڭ داۋالاشقا بىر مىنۇت كېچىكىش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمۇ بىر رېئاللىق.

ئىنساننىڭ ئىلكىدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ۋاقىتتۇر. ۋاقىت ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ دەسمايىسىدۇر. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئەقىل ئىگىسى بولغان ئىنسان ۋاقىتنىڭ قەدرىنى بىلىشى، ئۇنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىكى، ئۇنى ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىشنى بىلىشى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ۋاقتىنىمۇ زايە قىلماسلىقى لازىم.

ئۈلگۈرەلمەسلىكنىڭ سەۋەبى

قانداقلا بىر ئىشنى ۋاقتىدا قىلالماسلىق، بىرەر ۋەزىپىنى بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا ئورۇندىيالماسلىق ۋە قانداقلا بىر ئىشقا ياكى بىرەر جايغا ئۆلگۈرەلمەسلىكنىڭ بىرلا سەۋەبى بار. ئۇ بولسىمۇ، «تېخى ۋاقىت بارغۇ» دەپ ئۆزىنى ئالداشتىن ئىبارەتتۇر. ھەممە ئىشنى ئەڭ ئاخىرقى ۋاقتىدا ئالدىراپ- تېنپ قىلىدىغان ئادەملەر ھەقىقەتەن ئۆزىنى بىھۇدە ئازابلايدىغان ئەخمەقلەردۇر. مۇنداقلارنىڭ قىلغان ئىشى ھەمىشە كەمتۈك، چولتا بولىدۇ، ھەرگىز غەلىبىلىك بولمايدۇ. چۈنكى ۋاقىتقا رىئايە قىلمايدىغان ئادەم ھەرقانداق بىر ئىشقا «ۋاقتىم بار» مۇئامىلىسىنى قىلىپ، باشقا ئىشلار بىلەن بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە قىلىدىغان ئىشىنى كېچىكتۈرۈپ قويىدۇ، بارىدىغان يېرىگە كېچىكىپ بارىدۇ. بۇ ئارىدا كۆپ ئىزتىراپ چېكىدۇ، ئىشىنى ئالدىراپ - تېنەپ چالا _ پۇچۇق قىلىدۇ. ئەمما ۋاقىتقا رىئايە قىلىدىغان ئادەم ھەرقانداق ئىشنى ۋاقتىدا ئادا قىلىدۇ، بارىدىغان يېرىگە ۋاقتىدا بارىدۇ، ئىزتىراپ چەكمەيدۇ، كېچىكىپ قېلىپ ئاقىزادە بولمايدۇ، ھەممە ئىشنى تەمكىنلىك بىلەن قىلىدۇ. مۇنداق ئادەم ھۇزۇر ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە بولىدۇ.

 

نەتىجە قازانغانلار ۋاقىتنىڭ تارلىقىدىن دەرتلىنىدۇ

چوڭ ئىشلارنى قىلغان ۋە كاتتا نەتىجىلەرنى ياراتقان ئىنسانلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلار ھەمىشە ۋاقىتنىڭ تارلىقىدىن دەرتلىنىدىكەن، بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويمايدىكەن. چۈنكى ئۇلار دىلىدۇكى، تىرىشچان ئادەملەر ئۈچۈن ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەتلىكتۇر. تىرىشچان ئادەملەر ھەمىشە ۋاقىتنىڭ تارلىقىدىن دەرتلىنىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلىغۇسى كېلىدۇ. ئەمما بىكار تەلەپلەر ئۈچۈن كۈن ئۆتسە، سائەت توشسا بولدى. ۋاقىتنىڭ قەدرىنى بىلمىگەنلەر ھەمىشە باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئوغرىلايدىغان بىپەرۋالاردۇر.

 

ۋاقىت ئوغرىسى پۇل _ مال ئوغرىسىدىن ياماندۇر

باشقىلارنىڭ پۇل _ مېلىنى ئوغرىلىغان ئادەمنى كىشىلەر ئوغرى دەپ ئەيىبلەيدۇ، ئەپسۇسكى، كىشىلەرنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئوغرىلايدىغان بىپەرۋالارنى ھېچكىم ئەيىبلىمەيدۇ. ھالبۇكى، ۋاقىت ئوغرىسىنىڭ قىلمىشى مال ئوغرىسىنىڭ قىلمىشىدىن ئەلۋەتتە ئېغىردۇر. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ ۋاقتىنى ئوغرىلىغانلىق ئۇنىڭ ئۆمرىنى ئوغرىلىغانلىقتۇر. بۇ ئۇنىڭ پۇل _ مېلىنى ئوغرىلىغاندىن ياماندۇر، ئەلۋەتتە.

سائەت مانچىگە دەپ ۋەدە بېرىپ قويۇپ، ۋەدىلەشكە جايغا ۋاقتىدا بارماسلىق ئەڭ قەبىھ ئەخلاقسىزلىق ۋە باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى، ئۆمرىنى ئوغرىلىغانلىقتۇر.

 

ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى بىلمەسلىكنىڭ جازاسى

ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى بىلمىگەن ئادەم ئىككى قېتىم قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ ۋە شۇ چاغدا ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى بىلىدۇ، ئەمما ئۇ چاغدا بىلگەننىڭ ئۆزىگە قىلچە پايدىسى بولمايدۇ.

بىرىنچىسى، سەكراتقا چۈشكەندە ئۆزىگە ۋاقىت بېرىلىشىنى ۋە گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋېلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: )يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا تُلْهِكُمْ أَمْوَالُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ وَمَنْ يَفْعَلْ ذَلِكَ فَأُولَئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ . وَأَنْفِقُوا مِنْ مَا رَزَقْنَاكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ فَيَقُولَ رَبِّ لَوْلَا أَخَّرْتَنِي إِلَى أَجَلٍ قَرِيبٍ فَأَصَّدَّقَ وَأَكُنْ مِنَ الصَّالِحِينَ( «ئى ئىمان ئېيتقانلار! پۇل _ ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئەنە شۇنداقلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر. سىلەر بېشىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: ‹ئى رەببىم! مېنىڭ ئەجىلىمنى بىرئاز كېچىكتۈرگەن بولساڭ، مەن سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم› دەپ قېلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە بەرگەنلىرىمىزدىن بىر قىسمىنى سەدىقە قىلىڭلار»[7].

ئىككىنچىسى، ئاخىرەتتە دوزاخ ئەھلى بولغانلار بۇ دۇنياغا قايتىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ جەننەتكە لايىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا كاپىرلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ھالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ) وَالَّذِينَ كَفَرُوا لَهُمْ نَارُ جَهَنَّمَ لَا يُقْضَى عَلَيْهِمْ فَيَمُوتُوا وَلَا يُخَفَّفُ عَنْهُمْ مِنْ عَذَابِهَا كَذَلِكَ نَجْزِي كُلَّ كَفُورٍ . وَهُمْ يَصْطَرِخُونَ فِيهَا رَبَّنَا أَخْرِجْنَا نَعْمَلْ صَالِحًا غَيْرَ الَّذِي كُنَّا نَعْمَلُ أَوَلَمْ نُعَمِّرْكُمْ مَا يَتَذَكَّرُ فِيهِ مَنْ تَذَكَّرَ وَجَاءَكُمُ النَّذِيرُ فَذُوقُوا فَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ نَصِيرٍ( «كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلارغا كەلسەك، ئۇلار دوزاخ ئوتىغا مەھكۇم بولىدۇ، ئۇلارنىڭ (ئۆلۈم بىلەن ئارام تېپىپ قالماسلىقى ئۈچۈن) جانلىرى ئېلىنمايدۇ، ئۇلاردىن ئازابمۇ يېنىكلىتىلمەيدۇ، كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقان ھەرقانداق كاپىرنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز. ئۇلار دوزاختا: ‹رەببىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ (دۇنيادا) قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقىچە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋالساق› دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. (ئۇلارغا) ‹سىلەرگە ۋەز _ نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز _ نەسىھەت ئالالىغۇدەك بىر ئۆمۈر ۋاقىت بەرمىدۇقمۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلدىغۇ، (نېمىشقا ئىمان ئېيتمىدىڭلار؟) ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ياردەم بەرگۈچى يوق› دېيىلىدۇ »[8].

 

ھاياتنىڭ بەرىكىتى پىلانلىق ياشاشتا

ئامېرىكىنىڭ ھارۋارد ئۇنىۋېرستېتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، دۇنيادا كۆپ سانلىق ئىنسانلار پىلانسىز، غايىسىز، بولۇشىغا ياشاشنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۆزىنىڭ ھاياتى ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ، شۇ پىلان بويىچە ماڭىدىغانلارنىڭ نىسبىتى ئاران 3%نى، ئەمما بىرەر پىلان ياكى غايە تۇرغۇزماستىن ياشايدىغانلارنىڭ نىسبىتى97%نى تەشكىل قىلىدىكەن.

 

كىشلەر نېمە ئۈچۈن پىلان تۈزۈشتىن قاچىدۇ؟

كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ بىرەر پىلان ۋە غايە تۇرغۇزۇشتىن قېچىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە:

1  . تۈزگەن پىلانغا ئەمەل قىلالماسلىقتىن قورقۇش

ئىنسانلار بۇ قورقۇنچنى ئېغىزى بىلەن سۆزلىمىسىمۇ، بىرەر پىلان تۈزۈپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلالماي ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىشىدىن ۋە شۇنىڭ بىلەن روھىي مەنىۋىيىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ كۆپ سانلىقى قانۇن-پىرىنسىپلارنى ياخشى كۆرگىنى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بۇ قانۇن-پىرىنسىپلار دائىرىسىدە ياشىشىنى ياقتۇرمايدۇ. چۈنكى ئىنسان ھۆرلۈكنى ۋە ئەركىنلىكنى كۆپرەك ياقتۇرىدۇ. ئەمما ھاياتتا ئۆزىگە مەلۇم پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىپ، شۇ پىلانلار بويىچە ئىش كۆرگەن ئادەمنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئادەم ئىكەنلىكىدە شەك يوق.

2  . ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالماسلىق

بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى ۋە ئىرادىسىزلىكىنى يوشۇرۇش ۋە ئۆزىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن «ھەممە ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدۇ، ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغىنى ئەڭ ياخشىسىدۇر» دەيدۇ. دۇرۇس، بۇنىڭغا ئىمانىمىز كامىل. چۈنكى ھەممە ئىش ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى ۋە ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ. ئەمما ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالمايدىغان مەزكۇر كىشىلەر ئېسىلىۋالغان بۇ سۆز ھەق سۆز بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن باتىل مەقسەت قىلىنغان. چۈنكى ئاللاھ تائالا بىزنى «ئۈژمە پىش ئاگزىمغا چۈش» دەپ سەۋەب قىلماي ئولتۇرۇشتىن توسقان ۋە پىلانلىق، غايىلىك ياشاشقا بۇيرۇغان. ئىنسان پىلانلىق ياشاشقا يارىتىلغان مەخلۇقاتتۇر.

3  . كېچىكتۈرۈش

قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئۆز ۋاقتىدىن كېچىكتۈرگەنلىك ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىنى ۋە بەخت - سائادىتىنى كېچىكتۈرگەنلىكتۇر. كېچىكتۈرۈش مىكروبلىرىغا ئۇچرىغان ئۇچرىغان ئادەم ھاياتتا ھەممە ئىشنى كېچىكتۈرىدۇ، ئەتە قىلىمەن، ئۆگۈن قىلىمەن، دەيدۇ-يۇ، ھەرگىز قىلمايدۇ. ئۇ شۇنداق قىلىپ، ئۆز نەزىرىدىكى مۇناسىپ پۇرسەتنى كۈتۈش جەريانىدا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدۇ.

4  . پىلانلىق ياشاش ۋە پىلان تۈزۈشنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشەنمەسلىك

كۆپ ئادەملەر پىلانسىز، بولۇشىغا ياشاشنى ئەۋزەل كۆرگەنلىكتىن، پىلاننى ياقتۇرمايدۇ ۋە پىلانلىق ياشاشنىڭ پايدىلىرىغىمۇ ئىشەنمەيدۇ. بەزىلىرى دەيدۇ: «مەن يىللاردىن بىرى پىلانسىز ئىشلەپ كېلىۋاتىمەن. ئەمما ئىشلىرىم غەلىبىلىك كېتىپ بارىدۇغۇ» دەيدۇ. بۇ دېگەن ئاندا- ساندا بولۇپ قالىدىغان ئىش. بۇنداق ئايرىم ھالەتلەر قائىدىگە كىرمەيدۇ. ئەمما ھاياتنى مۇنداق ئاندا- ساندا ئىشقا ئېشىپ قالىدىغان مەجھۇل تەلەي ئۈستىگە قۇرۇش خەتەرلىكتۇر.

5  . پىلان تۈزۈشنى بىلمەسلىك

بەزى كىشىلەر ھاياتتا پىلان تۈزۈپ، شۇ پىلان بويىچە ئىش كۆرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلسىمۇ، قانداق پىلان تۈزۈشنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىگە بىرى كېلىپ پىلان تۈزۈپ بېرىشىنى كۈتۈپ ئالەمدىن كېتىپ قالىدۇ.

نېمە ئۈچۈن پىلان تۈزىمىز؟

ھاياتلىق ئىشلىرىدا پىلان تۈزۈش ۋە شۇ پىلان بويىچە ئىش كۆرۈش تولىمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر. ھاياتىمىزدا پىلان تۈزۈشنى زۆرۈر قىلىدىغان مۇنداق بەش چوڭ سەۋەب بار:

1.        ئۆزىنى ئىدارە قىلىش

ئىنساننىڭ بىرەر مۇكەممەل پروگراممىسى ۋە بىرەر مۇنتىزىم پىلانى بولسا، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ۋە ئاقىۋىتىنى ئۆز كونترولى ۋە ئۆز باشقۇرۇشى ئاستىدا تۇتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ-دە، پۈتۈن ھاياتلىق ساھەلىرىدىكى ھەممە ئىشتا يېتەرلىك كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە بولىدۇ. ئىنساننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن پىلان تۈزۈشتىن ئالىدىغان كۈچ-قۇۋۋىتى ئەلۋەتتە چوڭ ۋە ئەھمىيەتلىكتۇر. مۇنداق كۈچ-قۇۋۋەت ھاياتلىقنىڭ مۈشكىلاتلىرىنى يېڭىشتە چوڭ ياردەمچى بولىدۇ. چۈنكى ھەر ئىشنى پىلانلىق ئېلىپ بارغان ئادەم ئىشلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان، مەخپى تەرەپلىرىنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ-دە، ئۇنىڭغا قارشى تەدبىرىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭ نىشانغا يېتىش يولىدا تۈزگەن پىلانلىرى ئۇنىڭ بارچە مۈشكىلىنى ۋە توسقۇنلارنى يېڭىشى ئۈچۈن زاپاس قۇدرەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ. پىلان بىلەن ئىش كۆرگەن ئادەم ھاياتنىڭ قىيىنچىلىقلىرىدىن ھۇزۇر-ھالاۋەت ھېس قىلىدۇ. خۇددى ئارىستوتېل ئېيتقاندەك: «باشقىلار مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىق نېمدېگەن گۈزەل-ھە!».

.2  ئۆزىگە ئىشىنىش

پىلانىڭىزنى ئوچۇق قىلىپ يېزىشىڭىزنىڭ ئۆزىلاسىزگە كۈچ ۋە ئىلھام بېغىشلايدۇ ۋە ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز ئاشۇرىدۇ. ئاندىن ھاياتلىق ئىشلىرىڭىزنى ئۆز كونترولىڭىزدا تۇتۇپ پىلانىڭىز بويىچە ئىش كۆرگىنىڭىزدە، بۇ ئىشەنچ ھەسسىلەپ ئاشىدۇ ۋە سىزنى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىتتىرىدۇ. نەتىجىدە، سىزنى كۆزلىگەن مەقسەتكە ۋە زور ئۇتۇقلارغا ئېلىپ بارىدۇ. ئۆزىگە ئىشەنگەن ئادەمنى ھېچكىم توختىتالمايدۇ ۋە يولىدىن توسۇپ قالالمايدۇ.

3       . قىممەت يارىتىش.

ئىنساننىڭ ھاياتلىقتىكى قەدىر - قىممىتى ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەن بەلگىلىنىدۇ. قىممەت يارىتىش پىلانلىق ھالدا ئىزچىل ئىشلەش ۋە تۇرماستىن ئىلگىرىلەش بىلەن بولىدۇ. پىلان بويىچە ئىش كۆرۈپ نەتىجە قازىنىشنىڭ ئۆزى ئىنساننىڭ ئۆزىنى قەدىرلىگەنلىكى ۋە ئۆز قۇدرىتىگە ئىشەنگەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. بۇ ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتىنى كۆتۈرىدۇ.

4  . ۋاقىتنى تېجەش

ئىنسان قىلىدىغان ئىشلىرىنى ئالدىن پىلانلىۋالغاندا، كۆپ ۋاقتىنى زايە بولۇشتىن ساقلاپ قالغان ۋە ئۇنى تېجەپ قالغان بولىدۇ. چۈنكى مۇنداق ئادەم ئاۋۋال نېمە قىلىش لازىملىقىنى ئوبدان بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا ۋاقىت سەرپ قىلمايدۇ ۋە قىلىشقا تېگىشلىكلەرنى ئالدى بىلەن قىلىدۇ. ئىنساننىڭ ۋاقتىنى بىھۇدە زايە قىلغانلىقى ئۆزىنى ئۆلتۈرگىنىگە تەڭدۇر. چۈنكى ۋاقىت ئۆمۈر، ۋاقىت ھاياتلىقتۇر.

5  . ئىزتىراپتىن ساقلىنىش

ھاياتىدا بىرەر پىلانى ۋە مۇئەييەن بىرەر مۇددىئاسى بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھاياتى ئىزتىراپ ۋە خاتىرجەمسىزلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ. بۇلارنىڭ ئەكسىچە، ھاياتىنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە پىلان بىلەن ئىش كۆرىدىغان ئادەملەرنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم، ئۆزلىرى بەختلىك كېلىدۇ. مۇنداقلا ھاياتنىڭ تەمىنى بارچە لەززەتلىرى بىلەن تولۇق تېتىغان بولىدۇ. چۈنكى مۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى زاپاس ئېنېرگىيە ئۇلارنى ھاياتنىڭ تەمىنى تېخىمۇ تولۇق تېتىشقا ئىتتىرىدۇ. خۇددى روزۋېلت ئېيتقاندەك: «سائادەت پىلانلارنىڭ ۋە ئىجاد يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان».

ھاياتتىكى پىلانىڭىزنى قانداق تۈزىسىز؟

ھاياتلىقتىكى ئۇتۇق ماددىي جەھەتتىكى ئۇتۇقلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. مۇنداق بىر ئۇتۇققا تەن ساقلىقنىڭ ياخشى بولۇشى بىلەنلا ياكى دوستلارنىڭ كۆپ بولغانلىقى بىلەنلا ياكى ئالىي دىپلومغا نائىل بولۇش بىلەنلا يەتكىلى بولمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھاياتتا ئېرىشكىلى بولىدىغان ئۇتۇقنىڭ بىرەردىن پارچىسىدۇر، بەس. ئەمما ھەقىقىي ئۇتۇق ھايات ساھەلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل ئۇتۇقتۇر. شۇڭا ھايات قايناملىرىدا غەلىبىلىك بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەڭپۇڭلۇقنى ئاساس قىلغان مۇكەممەل بىر پىلان تۈزۈش ۋە تۆۋەندىكى بەش چوڭ ئاساسقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1 . مەنىۋى تەرەپ. ھەر تەرىپى تەڭپۇڭلاشقان بىر ھاياتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەھمىيەتلىك تەرەپلىرىنىڭ بىرى ئۇنىڭ روھانىي تەرىپىدۇر. بۇ ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئىمانى، ئېتىقادى، قىممەت قارىشى ۋە پىرىنسىپلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھاياتتا ئۆزىنىڭ ئاز-تولا ئۇتۇقلىرى بىلەن ماختىنىپ، ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ ھەققىنى ئۇنتۇغانلار خام خىيال ئىچىدە ياشىغۇچىلاردۇر. ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى جايىدا بولغانلار ھەمىشە خاتىرجەملىك، كۆڭلى توق ۋە تولۇق بىر سائادەت ئىچىدە ياشايدۇ. چۈنكى بۇ مۇناسىۋەت ئۇلارغا شۇنداق ھۇزۇر-ھالاۋەتلىك بىر ھاياتنى تەقدىم قىلىدۇ. مۇنداق ئادەم ھاياتلىق سەپىرىدىكى مۈشكىلاتلارغا قارشى كۈچ-قۇۋۋىتىنى ۋە يېتەرلىك مەدەدنى ئاللاھ تائالاغا بولغان يېقىنلىقىدىن تەمىن ئېتىدۇ. سۇڭا ئۇ ھاياتلىقنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە مۇكەممەك ئۇتۇقلارنى قازىنالايدۇ.

2 . شەخسىي تەرەپ. بۇ تەرەپ شەخسنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئوقۇش، ئۆگىنىش، كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇشۇ ئىشلارنىمۇ ئالدىن تۈزۈلگەن پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

3 . كەسىپ ۋە ئىش - خىزمەت. بۇ شەخسنىڭ كېلەچېكىگە مۇناسىۋەتلىك كەسپى ياكى خىزمىتى ۋەياكى تۇرمۇشىنى ياخشىلاش يولىدا بىلىم ئېلىش، كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا بولغان قۇدرىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

4 . ماددىي تەرەپ. بۇ شەخسنىڭ كىرىمى، مائاشى ۋە قولغا كەلتۈرۈشى پىلانلانغان مال-دۇنياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

5 . تەن ساقلى تەرەپ. بۇ شەخسنىڭ يېمەك-ئىچمەكتىكى تەرزى، پىرىنسىپى ۋە ئادىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يۇقىرىقى بەش ئاساسقا ئەھمىيەت بېرىپ، بۇلار ھەققىدە تۈزگەن پىلانلارنى ئورۇنداش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ ئۆزى ئىنساننى بەختلىك قىلىشقا يېتەرلىكتۇر.

 

باشقا خىزمەتلەر