ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
فەقىھ ۋە مۇھەددىس سەمەرقەندلىك پاتىمە
ئاتاۋۇللا سەئىد
نام-شۆھرەت، ئىززەت- ھۆرمەت ئەرلەرگىلا خاس، جاھاندىن نام-نىشانسىز، ئىزسىز ئۆچۈش ئاياللارغىلا باقىۋەندە ئەمەس.
نۇرغۇن ئاياللار ئىلىم-پاراسىتى، ئىپپەت-نۇمۇسى، باتۇرلۇقى بىلەن تارىخ بەتلىرىگە ئىسىملىرىنى ئالتۇن ھەل بىلەن نەقىشلىگەن. ئۇلار كېيىنكىلەر ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە بولۇپ قالغان. ئەنە شۇ مەشھۇر ئاياللارنىڭ بىرى شانلىق قاراخانىيلار دۆلىتىمىز ئالىملىرىدىن فەقىھ (فىقھىشۇناس)، مۇھەددىس (ھەدىسشۇناس)، ئادىل پادىشاھ نۇرۇددىننىڭ مەسلىھەتچىسى سەمەرقەندلىك پاتىمەدۇر.
پاتىمە سەمەرقەندلىك ئالائۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەدنىڭ قىزى بولۇپ، غەربىي قاراخانىيلار دۆلىتى تۇپرىقى ئالىملارنىڭ ماكانى بولغان تۈركىستانغا تەۋە كاسان[1] شەھىرىدە تۇغۇلغان.
ئۇنىڭ دادىسى ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ كاتتا فەقىھلىرىدىن بىرى «تحفة الفقهاء» (فەقىھلەرگە ھەدىيە) ناملىق مەشھۇر كىتابنىڭ مۇئەللىپى ھىجرىيە 536-يىلى ۋاپات بولغان سەمەرقەندلىك ئەبۇ بەكرى مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەددۇر. ئۇ ئۆز ھاياتىنى ئىلمىي خىزمەتكە ئاتىغان، كۈندۈزلىرى ئىلىم ئۆگىتىش، كىتاب يېزىش، كېچىلىرى تەھەججۇد ئوقۇش بىلەن ئالدىراش ئىبادەتگۇي، زاھىد، ئۆز ئەۋلادلىرىنى تەربىيەلەشكىمۇ سەل قارىمىغان. ئائىلىسى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇمىغان ئالىم ئىدى. ئۇ قىزى پاتىمەنى ئىلىملىك، ئەخلاقلىق، ھايالىق قىلىپ تەربىيەلىگەن.
ئىلىم سۆيەر، تىرىشچان پاتىمە فىقھى(ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى) ئىلمىنى دادىسىدىن ئۆگەنگەن. دادىسىنىڭ ئىلمى بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالماستىن، يەنە باشقا ئۆلىمالاردىنمۇ ئىلىم ئۆگىنىپ، ئىلمىنىڭ يۇقىرىلىقى، پىكىرىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، زېرەكلىكى ۋە گۈزەللىكى بىلەن مەشھۇر بولغان. دادىسىنىڭ «تحفة الفقهاء»(فەقىھلەرگە ھەدىيە) دېگەن كىتابىنى تولۇق يادلىغان.
رۇم پادىشاھلىرى (ئاناتولىيە تەرەپتىكى سالجۇقىيلارنى دېمەكچى)، كاساننىڭ يۈز-ئابرۇيلۇق، باي كىشىلىرى ئەلچى بولۇپ كېلىشكە باشلىغان[2]. لېكىن ئۆزىنى ئىلىمگە بېغىشلىغان، ئىلىمنى ھەقىقىي بايلىق دەپ بىلىدىغان دادىسى ئالىم ئەبۇ بەكرى مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد سەمەرقەندىي زامانىمىز ئەھلى ئىلىملىرىنىڭ ئەكسىچە، ھەممىسىنى رەت قىلغان. ئىلىم سۆيەر، ئەخلاقلىق، ھايالىق پاتىمەمۇ دەۋرىمىز قىزلىرىنىڭ ئەكسىچە بايۋەتچە، يۈز-ئابرۇيلۇق كىشىلەرگە تىگىمەن دەپ دادىسىغا قارشى چىقمىغان. دادىسىنىڭ شاگىرتلىرى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالائۇددىن كاسانىيمۇ بار ئىدى. پاتىمە دادىسىنىڭ شاگىرتى «ئۆلىمالار شاھى» دەپ نام بېرىلگەن ئەنە شۇ ئالائۇددىن كاسانىيغا ياتلىق بولغان.
ئالائۇددىن كاسانىي «تحفة الفقهاء» (فەقىھلەرگە ھەدىيە)نى شەرھلەپ، ئىسمىنى «بدائع الصنائع في ترتيب الشرائع» (شەرئىي ھۆكۈملەرنى رەتلەشتىكى ئېسىل ھۈنەرلەر) دەپ ئاتىغان. بۇ كىتاب ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ مۇھىم كىتابلىرىنىڭ بىرىدۇر.
ئەللامە سەمەرقەندىي ئۇنىڭ بۇ ئىشىنى مۇكاپاتلاپ ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسى، ئالىمە، فەقىيھە قىزى پاتىمە خانىمنى ئۇنىڭغا نىكاھلاپ بەرگەن. كىشىلەر ئارىسىدا (تحفة)سىنى شەرھلەپ قىزىنى ئالدى، دېگەن سۆز تارقالغان.
ئەللامە ئابدۇلقادىر قۇرەشىي مۇنداق دەيدۇ: «كاسانىي سەمەرقەندكە كېلىپ، سەمەرقەندىينى ئۇستاز تۇتۇپ، ئىلىم ئۆگەنگەن. «تحفة»نى شەرھلەپ، ئۇستازىغا كۆرسەتكەن، ئۇستازى ناھايىتى خۇرسەن بولۇپ قىزى پاتىمەنى نىكاھلاپ بەرگەن ۋە «تحفة»نىڭ شەرھىسىنى قىزىنىڭ تويلۇقىغا ھېساب قىلغان»[3].
پاتىمە ھەدىس، فىقھى ئىلىملىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن ئالىم، فەقىھ ئايال بولۇپ، نۇرغۇن ئۆلىمالاردىن ئىلىم ئۆگەنگەن ۋە نۇرغۇن ئۆلىمالارغا ئىلىم ئۆگەتكەن.
سەمەرقەندىيدىن بىرەر پەتىۋا سورالسا، پىكىرىنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن قىزىغا مەسلىھەت سالاتتى. پەتىۋا ئۇنىڭ ۋە دادىسىنىڭ مۆھۈرى بېسىلغاندىن كېيىن قايتۇرۇلاتتى. توي قىلغاندىن كېيىن، ئېرىنىڭ قوشۇلۇپ، ئۈچەيلەننىڭ مۆھۈرى بېسىلغاندىن كېيىن قايتۇرۇلىدىغان بولغان.
ئەللامە ئابدۇقادىر قۇرەشىي «الجواهر المضيئة في طبقات الحنفية»(ھەنەفىي ئۆلىمالىرىنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدىكى نۇرلۇق گۆھەرلەر) ناملىق كىتابىدا تارىخشۇناس ئىبنى ئەدىمدىن نەقىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «دادامنىڭ دەپ بېرىشىچە، پاتىمە مەزھەپلەرنىڭ قاراشلىرىنى ياخشى نەقىل قىلالايتتى. ئېرى پەتىۋا ئىشلىرىدا خاتالاشسا، توغرىسىنى كۆرسىتىپ قوياتتى. خاتالىشىش سەۋەبىنى بىلدۈرۈپ قوياتتى-دە، ئېرى ئۇنىڭ سۆزىگە كىلەتتى. ئېرىگە پەتىۋا بىرەتتى، ئېرى ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلاتتى ۋە ئىززەتلەيتتى. پاتىمە ۋە ئېرى ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ مەشھۇر ئالىملىرىدىن ئىدى. پەتىۋا كەلسە، ئۇنىڭ ۋە دادىسىنىڭ مۆھۈرى بېسىلىپ قايتۇرۇلاتتى. توي قىلغاندىن كېيىن، ئېرىنىڭ قوشۇلۇپ، ئۈچەيلەننىڭ مۆھۈرى بېسىلغاندىن كېيىن قايتۇرۇلىدىغان بولدى. پاتىمە خەتنى چىرايلىق يازىدىغانلىقى بىلەنمۇ مەشھۇر ئىدى»[4].
پاتىمە مىھماندوست، خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ئايال ئىدى. ھەلەب شەھىرىدىكى ھەلاۋىيە مەدرىسىسىنىڭ مۇدەررىسىلىرىدىن بىرى داۋۇد ئىبنى ئەلى مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ رامىزاندا فەقىھلەرگە ئىپتارلىق بېرىشنى باشلاپ بەرگەن. بۇ ئادەت زامانىمىزغا قەدەر داۋام قىلماقتا. پاتىمە قولىدىكى ئىككى بىلەيزۈكنى سېتىپ، ئۇنىڭ پۇلىغا ھەر كۈنى ئىپتارلىق بەرگەن»[5]. پاتىمە ئېرى كاسانىي بىلەن بىرگە رۇم (ھازىرقى تۈركىيە) شەھەرلىرىگە سەپەر قىلغان. رۇم شەھەرلىرىدە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، ئېرى بىلەن رۇم دۆلىتى (شۇ ۋاقىتتا تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان سالجۇقىيلار دۆلىتى)نىڭ فىقھىشۇناس ئالىمى شەئرانىي ئارىسىدىكى مۇنازىرىدىن كېيىن، سالجۇقىي سۇلتانى مەسئۇد قىلىچ ئارسلانخان ئۇنى ھەلەب شەھىرىگە ئادىل پادىشاھ نۇرۇددىن زەنكىينىڭ يېنىغا ئەۋەتىۋەتكەن. نۇرۇددىن زەنكىي كاسانىي ۋە ئايالى پاتىمەنى ناھايىتى ئىززەت- ئىكرام بىلەن كۈتۈۋالغان ۋە كاسانىينى ھالاۋىيە مەدرىسىسىنىڭ ئۇستازلىقىغا تەيىنلىگەن[6]. شام، مىسىر، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ پادىشاھى ئادىل پادىشاھ نۇرۇددىن زەنكىي پاتىمەنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيتتى. بەزى ئىچكى ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا مەسلىھەت سالاتتى. فىقھى مەسىلىلەردە ئۇنىڭ پىكىرىنى كۆپ ئالاتتى. ئۇنىڭغا كۆپ ياخشىلىق قىلاتتى.
تارىخشۇناس رىزا كەھالە «مەشھۇر ئاياللار» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «پاتىمە ئالىمە، فىقھىشۇناس، ھەدىسشۇناس، ئەخلاقلىق ئايال بولۇپ، نۇرغۇن ئۆلىمالاردىن ئىلىم ئۆگەنگەن ۋە نۇرغۇن ئۆلىمالارغا ئىلىم ئۆگەتكەن. فىقھى، ھەدىس ساھەسىدە بىر نەچچە پارچە كىتابمۇ يازغان. ئادىل پادىشاھ شېھىت نۇرۇددىن زەنكىي بىلەن دەۋرداش بولۇپ، نۇرۇددىن بەزى ئىچكى ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا مەسلىھەت سالاتتى. فىقھى مەسىلىلەردە ئۇنىڭ پىكىرىنى كۆپ ئالاتتى. ئۇنىڭغا كۆپ ياخشىلىق قىلاتتى»[7].
پاتىمە ئېرى بىلەن ئىككىيلەن ھەلەب شەھىرىدە سۇلتان نۇرۇددىننىڭ يېنىدا خىزمەت قىلغان. ئەللامە ئابدۇقادىر قۇرەشىي تارىخشۇناس ئىبنى ئەدىمدىن نەقىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىمام كاسانىي ئايالى پاتىمەنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن ھەلەبتىن يۇرتىغا قايتىپ كەتمەكچى بولغان. سۇلتان نۇرۇددىن بۇنى بىلىپ، ئۇنى چاقىرىپ، يېنىدا ھەلەبتە قېلىشنى تەلەپ قىلغان. كاسانىي قايتىپ كىتىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەن ۋە ئۇستازىنىڭ قىزى ئايالىنىڭ گېپىنى يىرالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىمام كاسانىي سۇلتان نۇرۇددىن بىلەن ئورتاق پىكىرگە كېلىپ، ئايالى پاتىمەگە سۇلتاننىڭ تەلىپىنى ئوقۇپ بېرىشكە خىزمەتچى ئەۋەتكەن. خىزمەتچى پاتىمەنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ، كىرىشكە ئىجازەت سورىغان. پاتىمە ئىجازەت بەرمىگەن ۋە ئۆزىنى دالدىغا ئالغان ۋە ئېرىگە: سەن فىقھى ئىلمىدىن شۇ دەرىجىدە يىراقلىشىپ كەتتىڭمۇ؟ بۇ خىزمەتچىنىڭ ماڭا قارىشىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى بىلمەمسەن؟ بۇ خىزمەتچى بىلەن باشقا ئەرلەر ئارىسىدا نېمە پەرق بار؟-دەپ خەت ئەۋەتكەن. خىزمەتچى قايتىپ بېرىپ، سۇلتاننىڭ ھۇزۇرىدا ئىمام كاسانىيغا بۇ خەتنى يەتكۈزگەن. كېيىن ئۇلار سۇلتان نۇرۇددىننىڭ خېتىنى بىر ئايالدىن ئەۋەتكەن. ئايال خەتنى پاتىمەگە ئوقۇپ بەرگەن. پاتىمە سۇلتاننىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ، ھىجرىيە 581-يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر ھەلەبتە تۇرۇپ قالغان[8]. ئىمام كاسانىي ۋاپات بولغانغا قەدەر ھەر جۈمە كېچىسى ئايالىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاشنى داۋاملاشتۇرغان. ھىجرىيە 587-يىلى ۋاپات بولۇپ، ئايالىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان. ئۇ ئىككىسىنىڭ بىر ئوغۇل پەرزەنتى بولۇپ، ئۇنى سۇلتان زاھىر تەربىيەلىگەن. ئۇمۇ فىقھى ئىلمى بىلەن مەشغۇل بولغان»[9].
[1] كاسان — ئۆزبىكىستاندىكى قەدىمىي، مەشھۇر شەھەرلەرنىڭ بىرى. سەمەرقەنتنىڭ 137كلومىتىر غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. پاتىمەنىڭ تەرجىمىھالىدا ئۇنىڭ كاساندا توغۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
[2]رىزا كەھالە «مەشھۇر ئاياللار» 4-توم 94-بەت.
[3]ئەللامە ئابدۇقادىر قۇرەشىي «الجواهر المضيئة في طبقات الحنفية» (ھەنەفىي ئۆلىمالىرىنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدىكى نۇرلۇق گۆھەرلەر) 2-توم، 244-بەت.
[4]يۇقىرىقى كىتاب، 2-توم 278-بەت.
[5]يۇقىرىقى كىتاب، 2-توم 278-بەت.
[6] «اختيارات الإمام الكاساني في كتابي الطهارة والصلاة» 24-25-بەتلەر.
.[7]رىزاكەھالە «مەشھۇرئاياللار» 4-توم 94-بەت
.[8]«الجواهر المضيئة» 2-توم 278-بەت
.[9]يۇقىرىقى كىتاب، 2-توم 246-بەت
باشقا خىزمەتلەر