ھىجرىيە: | مىلادىي: 24 Temmuz 2021

چىكىنىڭ
كىتاب ۋە سۈننەتتىن ئىبارەت ۋەھىي مەنبىيىنىڭ بىرلىكى ئىسلام ئۈممىتىگە بولغان ئاللاھنىڭ بۈيۈك ئىنئامىدۇر

كىتاب ۋە سۈننەتتىن ئىبارەت ۋەھىي مەنبىيىنىڭ بىرلىكى ئىسلام ئۈممىتىگە بولغان ئاللاھنىڭ بۈيۈك ئىنئامىدۇر

ھۆرمەتلىك ئۇستاز دوكتور/ سالىھ بىن ئابدۇللا بىن ھۇمەيد

 

2011 – يىلى 7 – ئاينىڭ 15 - كۈنى

 

ئىمام ئاللاھ تالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «كىتاب ۋە سۈننەتتىن ئىبارەت ۋەھىي مەنبىيىنىڭ بىرلىكى، ئىسلام ئۈممىتىگە بولغان ئاللاھنىڭ بۈيۈك ئىنئامىدۇر» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار، تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئاللاھ تائالا ئەھلى ئىسلام ئۈچۈن ۋەھيىدىن ئىبارەت نۇرلۇق چىراقنى ئەۋەتىش ئارقىلىق، ئۇلارنى قايمۇقۇپ قېلىش ۋە ئېزىپ كېتىشتەك ئاقىۋەتلەردىن ساقلاپ قالدى. ئىسلام ئەقىدىسى، ئەھكاملىرى ۋە ئۇنىڭ ھىدايەت يوللىرى روشەن ۋە ئوچۇق بولۇپ، ئۈممەت ھېچقاچان يولىنى تاپالماي گاڭگىراپ قالمايدۇ. چۈنكى، دىنىنى ئۆگىنىدىغان مەنبە ئېنىق، ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىم خاتالىق ۋە نۇقسانلاردىن پاكتۇر. ئىككىنجى مەنبە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى بولۇپ، ئۇمۇ ئىنسان ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەتكە ئېرىشىش مەنبەسىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە كېيىنكى كۈنلەردە  پىتنىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى، ئەھۋاللارنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقى، ئاخىر زامان ئەھۋاللىرى ۋە قان تۆكۈلۈشنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، شۇنداق ۋاقىتلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىنى ئىبادەت بىلەن مەشغۇل قىلىشى توغرۇلۇق يوليورۇقلارنى بەرگەن.

ئىمام يەنە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنى كېچە-كۈندۈز خەۋەر-تەھلىللەر بىلەن مەشغۇل قىلىدىغانلىقى، بەزى كىشىلەرنىڭ شۇنداق خەۋەرلەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلىقى، كېچىنى-كۈندۈزگە ئۇلاپ بېرىلىۋاتقان خەۋەر-تەھلىللەرنىڭ تىلىۋېزۇر ئالدىدا سائەت-سائەتلەپ ئولتۇرىدىغانلار ئۈچۈن ئانچە ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى سۆزلەپ، ئۆزىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان تەھلىللەر بىلەن ئاۋارە بولماي، ۋاقتىنى ياخشى ئەمەللەر ۋە ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل قىلىش ۋە ئۈستىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن چىقىشنىڭ پايدىسى كۆپ بولىدىغانلىقىنى ئەسلەتتى.

پىتنە ئەۋجىگە چىققان زامانلاردا، ياخشى ئەمەللەر،( دىنغا نۇسرەت بېرىش،؟) مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى ساقلاش، نامازنى كۆپ ئوقۇش، سەدىقىنى كۆپ قىلىش، ھەج، ئۆمرە ۋە زىيارەت بىلەن مەشغۇل بولۇش، ئىنسانلارغا خەيرى-ئېھسان قىلش، ياخشىلىققا بۇيرۇپ-يامانلىقتىن توسۇشتەك ئىشلارنىڭ ئۈممەتنىڭ ئاقىۋىتىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان چوڭ-كىچىك ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى شەرىئەت ئۆلچىمىگە توغرىلاشنىڭ ۋە ئۇنىڭغا شەرئىي ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ ھاجىتى يوقتۇر. چۈنكى ئەتراپىمىزدا كۆپلىگەن ھادىسە ۋە ۋەقەلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئۇنىڭغا قۇرئان-ھەدىستىن ئوچۇق ھۆكۈم تاپالماسلىقىمىز ھەم مۇمكىن، تارىخىمىزدا چوڭ-چوڭ ۋەقەلىكلەر ۋە ھادىسىلەر يۈز بەرگەن بولۇپ، ئالىملىرىمىز ئۇنىڭغا ئايەت-ھەدىستىن ھۆكۈم ئىزدەپ ئولتۇرمىغان. بىزدىن تەقدىرگە تەقدىر ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش ۋە ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سەۋەب قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

ھىدايەت بەلگىلىرىدىن بىرى ئەھلى-ئىلىملارغا بولغان ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەش، ئالىملارنى قەدىرلەش ۋە ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسىنى كۆتۈرۈشتۇر. گەرچە ئالىملار خاتالاشمايدىغان مەسۈم پەرىشتىلەر بولمىسىمۇ، ئۇلار باشقىلار بىلمىگەننى بىلىدۇ ۋە باشقىلار ھېس قىلمىغاننى ھېس قىلىدۇ. ئالىملارنىڭ مەرتىۋىسىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇش، ئۇلارنى كۆزگە ئىلماسلىق، نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالماسلىق، سەن ئالىم بولساڭ، سەن بىلگەننى مەنمۇ بىلىمەنغۇ دەپ ئالىملارغا قۇلاق سالماسلىق، ئەڭ چوڭ پىتنىدۇر. پىتنە يۈز بەرگەن زاماندا قارايدىغان بولسىڭىز، ھەممە ئادەم سىياسىيون ۋە ھەممە ئادەم بىلەرمەن بولۇپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالىسىز، خۇددى ھەممە كىشى ئۈممەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن باش قاتۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، ئەمەلىيەتتە كۆپ كىشىلەر ھېچ ئىش قىلماي گەپ ساتىدۇ.

مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىتنىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى، دىننى خاتا چۈشەنگەنلىك ۋە ھەقىقەتنى بىلىش يولىدا ئىزدەنمىگەنلىكتۇر. ئەتراپنى پىتنە قاپلاپ كەتكەن زامانلاردا مۇسۇلمانلاردىن ئاللاھقا ئىخلاس قىلىش، ئېھسان قىلىش، نەسىھەتنى قولدىن بەرمەسلىك، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق، سەۋرچان بولۇش، تىلىنى ساقلاش، راستچىل-سەمىمىي بولۇش، ئاللاھقا تۆۋبە-ئىستىغفارنى كۆپ قىلىش، قۇرئان-ھەدىسنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇش ۋە ئېغىر كۈنلەرگە سەۋر قىلىشتەك خىسلەتلەر تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئاللاھ بىزلەرنى پىتنىلەر كۆپ بولغان زاماندا ئازغۇنلىقتىن ساقلىسۇن، قۇرئان-ھەدىسنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇشقا نېسىپ قىلسۇن، ئامىن!!.

تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى

باشقا خىزمەتلەر