ھىجرىيە: | مىلادىي: 19 Ekim 2021

چىكىنىڭ
ئەقىل ئىگىسى ئۆتمۈشتىن ئىبرەت ئېلىپ كەلگۈسىگە ئۈمىتلىك بولىشى كېرەك

ئەقىل ئىگىسى ئۆتمۈشتىن ئىبرەت ئېلىپ كەلگۈسىگە ئۈمىتلىك بولىشى كېرەك

 

ھۆرمەتلىك ئەللامە دوكتور/ ئۇسامە بىن ئابدۇللا خەييات

 

(28/12/1431هـ 4/12/2010م)

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا:

«ئۆتكەن يىلنى ئۇزىتىپ يىڭى يىلنى قارشى ئېلىۋاتىمىز، ئەقىل ئىگىسى ئۆتمۈشتىن ئىبرەت ئېلىپ كەلگۈسىگە ئۈمىتلىك بولىشى كېرەك» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

بىز بۇ كۈنلەردە ئۆتكەن يىلنى ئۇزىتىپ يىڭى يىلنى كۈتىۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز. ئەقىل ئىگىلىرى كۈنلەر، يىللارنىڭ ئۆتىشىدىن ئىبرەت ئالىدۇ. ھەر  بىر كۈن قۇياش مەشرىقتىن ئۆرلەپ مەغرىپتە ئولتۇرۇشتەك ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت بىلەن نىھايىتىگە يەتكەن بولىدۇ. ھىلال ئاينىڭمۇ كىچىك قىياقتەك تۇغۇلۇپ، تولۇن ئاي بولۇپ، يەنە كىچىكلەپ ئەسلى قىياپىتىگە قايتىپ غايىپ بولغانلىقىنى كۆرىمىز. خۇددى قۇياش چىقىپ تىزلا غايىپ بولغاندەك، يىلمۇ باشلانغاندەك قىلىپلا ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ بىر ھەقىقەتنى ئوچۇقلايدۇكى، ئىنساننىڭ ئۆمرى خۇددى ئېچىلىپ توزىغان گۈلگىلا ئوخشايدۇ. ئادەم بالىلىرىنىڭمۇ ھاياتى شۇنداق باشلانغاندەك قىلىپلا نىھايىتىگە يېتىپ قالىدۇ. بۇ ھەر قانداق ئەقىل ئىگىسى ئىنكار قىلالمايدىغان ھەقىقەت. لېكىن غەپلەت كۆزى بۇنداق ھەقىقەتلەرنى ئالدىراپ كۆرمەيدۇ. كۆپلىگەن ئىنسان ئارزۇ- ھەۋەسنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، خىيال دۇنياسىغا غەرق بولۇپ، دۇنياغا قارىتا خۇددى ئۆلمەيدىغاندەك ھېرىسمەنلىك بىلەن ياشايدۇ.

ئىنسان ھايات مۇساپىسىنىڭ بۇ دەرىجىدە قىسقا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان بولسا ئىدى، ئاندىن يىل ئاخىرى كەلگەندە بىر يىل ئىچىدە نېمە قىلدىم؟ كىملەرگە پايدا يەتكۈزدۈم، كىملەرگە زىيان سالدىم، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن قايسىنى قىلدىم، قايسىنى قىلالمىدىم؟ دېگەن سوئاللارنى ئۆزىگە قويغان بولاتتى. خاتالاشقان يەرلىرىنى ئوڭشاشقا، ئەگرى يەرلىرىنى رۇسلاشقا، كەم قالغان يەرلىرىنى تولۇقلاشقا تىرىشقان بولاتتى.

 ئۆتمۈشنىڭ خاتالىق ۋە كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاشقا ياردەمچى بولىدىغان ئەڭ مۇھىم ياردەمچى، ئاللاھ بۇيرىغان تۆۋبە نەسۇھادىن ئىبارەتتۇر، ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن:

{... وَتُوبُوٓاْ إِلَى ٱللَّهِ جَمِيعًا أَيُّهَ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ}

{ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار اﷲغا تۆۋە قىلىڭلار}[1].

ئۆتكەنگە پۇشايمان قىلىش، ئۆگىنىپ قالغان گۇناھلاردىن قول ئۈزۈش ۋە گۇناھنى قايتا سادىر قىلماسلىققا ئىرادە باغلاش توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەشھۇر ھەدىسىدە بىر كىشىگە مۇنداق تەۋسىيە قىلغان:

«بەش ئىش يۈز بېرىشتىن بۇرۇن بەش تۈرلۈك ئىشنى غەنىمەت بىلگىن؛ ياشلىقىڭنى قېرىلىقتىن بۇرۇن، سالامەتلىكىڭنى كېسەللىكىڭدىن بۇرۇن، بايلىقىڭنى كەمبەغەللىكتىن بۇرۇن، بوش ۋاقتىڭنى مەشغۇللىقىڭدىن بۇرۇن، ھاياتىڭنى ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن غەنىمەت بىل».

 شۇڭا ھەقىقىي ئەقىل ئىگىسى مەزكۇر بەش تۈرلۈك پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويماي، غەنىمەت بىلىپ، ھاياتنىڭ قىممىتىنى تونۇيدۇ. ياشلىق ھاياتىنى مەنىسىز ئۆتكۈزگەن ئادەم، دىنى ۋە دۇنيالىقىنى بىھۇدە، پايدىسىز ئۆتكۈزگەن بولىدۇ.

يىڭى يىلنى قارشى ئېلىشتا ئەڭ ياخشى مۇقەددىمە ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان تائەت-ئىبادەتلەردۇر. يىڭى يىلنىڭ ئەڭ گۈزەل باشلىنىشى مۇھەررەم ئېيىنىڭ روزىسىنى تۇتۇشتۇر. مۇھەررەمنىڭ ئاشۇرا كۈنى روزىسى رامىزان روزىسىدىن قالسا، ئەڭ ئەۋزەل روزىدۇر. يىلنىڭ ئاخىرىنى ھەج ئىبادىتى بىلەن ئۆتكۈزۈش، ھەج قىلمىغانلار بولسا، ئەرەفات كۈنى روزا تۇتۇش، يىلنىڭ بېشىنى تائەت-ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش يىل بويى ئىبادەت قىلغانلىقتۇر. شۇ سەۋەبتىن كۈنلەر، ئايلار ۋە يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىزلەر ئۈچۈن ئەجەل يېقىنلاشقانلىقىنى ئويلاشتىن ئىبارەت ياخشىلىقنىڭ سەۋەپچىسى بولىشى كېرەك. يىلنىڭ باشلىنىشى بىزلەرنى ئۆز-ئۆزىمىزدىن ھېساب ئېلىشقا، خاتالىقلىرىمىزدىن قول ئۈزۈشكە، دىللىرىمىزنىڭ يۇمىشىشىغا، ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلىشىمىزغا تۈرتكە بولىشى كېرەك. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يىڭى يىل كىرگەندە مونۇ دۇئالارنى كۆپ قىلاتتى:

«ئى ئاللاھ! ھاياتىمنى مەن ئۈچۈن ياخشىلىقنى كۆپ قىلىدىغان پۇرسەت قىلىپ بەرگىن، ئۆلۈمنى مەن ئۈچۈن ھەر قانداق يامانلىقتىن راھەت ئالىدىغان پۇرسەت قىلغىن».

مۇئمىن يىڭى يىلنى قارشى ئالغاندا ئۆمرىگە ۋە ئىشلىرىغا بەرىكەت، كەلگۈسى ئۈچۈن ئىززەت-شەرەپ ۋە ئاقىۋىتى ئۈچۈن ياخشىلىق تىلىشى كېرەك.

 ئاللاھ يىڭى يىلدا بىزلەرگە تائەت-ئىبادەت بىلەن ئۆتۈش، ۋاقىتنى قەدىرلەش، قىسقىغىنە ھاياتمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكنى نېسىپ قىلسۇن، ئۆمرىمىزگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن، ئامىن!.

سىراجىددىن ئەزىزى تەرجىمىسى.



[1]  سۈرە نۇر: 31- ئايەتنىڭ بىر قىسمى

 

باشقا خىزمەتلەر