ھىجرىيە: | مىلادىي: 24 Temmuz 2021

چىكىنىڭ
مۆمىن ئۆزىدىن ۋە پەرۋەردىگارىدىن مەمنۇندۇر

مۆمىن ئۆزىدىن ۋە پەرۋەردىگارىدىن مەمنۇندۇر

د. يۈسۈپ قەرەداۋىي

 

مۆمىن ئۆز مەۋجۇدىيىتى ۋە ئالەمدىكى ئورنىدىن مەمنۇن بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ پارچە - پۇرات ئەرزىمەس نەرسىدەك تاشلىۋىتىلگەن مەخلۇق ئەمەسلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ نۇرىنىڭ بىر ئۈلۈشى، ئاللاھنىڭ روھىنىڭ بىر ھەسسىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. مۆمىن ئۆز رەببىدىن مەمنۇن، چۈنكى ئۇ رەببىنىڭ مۇكەممەل ۋە ئادىللىقىغا، رەھمىتىگە ئىشەندى. مۆمىن ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىنمۇ ئەۋزەل ئىكەنلىكىگە، ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئاتا – ئانىسىدىنمۇ بەك كۆيىندىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇ جانلىقلارغا، ئەتراپىدىكىلەرگە قاراپ، ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز رەھمىتىنى ھېس قىلىدۇ – دە، ئۇ رەببىگە مۇنداق دەپ پىچىرلايدۇ: «ئېيتقىنكى: ‹پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاللاھ، خالىغان ئادەمگە پادىشاھلىقنى بېرىسەن، خالىغان ئادەمدىن پادىشاھلىقنى تارتىپ ئالىسەن؛ خالىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن، خالىغان ئادەمنى خار قىلىسەن؛ ھەممە ياخشىلىق (نىڭ خەزىنىسى يالغۇز) سېنىڭ قولۇڭدىدۇر، سەن ھەممىگە قادىرسەن›.»[1] ياخشىلىق ئاللاھنىڭ قولىدا، يامانلىق ئاللاھقا مەنسۇپ ئەمەس. كىشىلەر تەبىئەتتە يامان دەپ ئويلىغان نەرسە ئەمەلىيەتتە يامان ئەمەس. ئەگەر ئۇنى يامان دەپ ئاتاش كېرەك بولسا، يامانلىق بارلىق ئومۇمى ياخشىلىقنىڭ بىر تەرىپىگە يوشۇرنۇپ ياتقان بىر تەركىب. بۇ تەركىبى قىسىم تەبىئەت شەيئىلىرىنىڭ ئۆز ئارا تۈرتكىچانلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بۇ توغرىسىدا ئۇستاز ئەققاد مۇنداق دەيدۇ:

بۇ خىل ئۆز ئارا تۈرتكىچانلىققا ئىشەنگۈچىلەرنىڭ قارىشىچە يامانلىق ئۆز ماھىيىتىدە ياخشىلىققا زىت كەلمەيدۇ. يەنى ئاپەت ئامەتكە زىت كەلمەيدۇ. لېكىن ئۇ ئاپەت ئامەتنى تولۇقلىغۇچى بۆلەكچە ياكى ئامەتنىڭ قولغا كېلىشى لازىم بولغان شەرت. خەتەردە سىنالمىغان باتۇرنىڭ، ھاجەتتە سىنالمىغان سېخىنىڭ، باشقا كۈن چۈشكەندە تاقەت قىلالمىغان سەبرنىڭ، ئاپەتسىز كەلگەن ئامەتنىڭ مەنىسى بولمايدۇ. بۇ لوگىكا بىزنىڭ پسىخىك پەزىلەتلىرىمىز، ئەقلى ئېھتىياجلىرىمىز، ھېسسى لەززەتلىرىمىزنىڭ ھەرقاندىقىدىن خالىي ئەمەس، چۈنكى بىز ئاچلىق ئەلىمىنى تېتىمىساق توقلۇق لەززىتىنى ھېس قىلالمايمىز. تەشنالىق ئەلىمىنى تارتمىساق قېنىش تۇيغۇسى بىلەن ھوزۇرلىنالمايمىز، بىز كۆرۈمسىز مەنزىرىنى كۆرۈپ سەسكىنىپ بولغاندىن كېيىن گۈزەل مەنزىرىگە قارىمىساق، گۈزەل مەنزىرىمۇ بىزگە ياقمايدۇ.»



[1]  ئال ئىمران سۈرىسى  26- ئايەت.

باشقا خىزمەتلەر