ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023

چىكىنىڭ
بىزدە ئۇنتۇلۇپ كەتكەن سۈننەت ئەمەل

بىزدە ئۇنتۇلۇپ كەتكەن سۈننەت ئەمەل
مۇھەممەد يۈسۈپ
 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مَنْ رَأَى شَيْئًا فَأَعْجَبَهُ، فَقَالَ: مَا شَاءَ اللَّهُ، لَا قُوَّةَ إِلَّا بِاللَّهِ، لَمْ يَضُرَّهُ الْعَيْنُ» يەنى «بىراۋ (ئۆزىدە ياكى پەرزەنتلىرىدە ، ياكى پۇل _ مېلىدا ۋە ياكى باشقىلاردا ) خۇشاللىنارلىق بىر نەرسىنى كۆرگىنىدە:﴿ماشائاللاھ لاھەۋلە ۋەلاقۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ!﴾ دېسۇن، زىيان _ زەخمەتتىن ساقلىنىپ قالىدۇ»( ). شۇڭا مۇسۇلمانلار ئۆزىدە ياكى باشقىلاردا خۇشاللىنارلىق قانداقلا بىر ئىشنى كۆرگىنىدە بۇ گۈزەل سۆزنى ئېيتىشقا بۇيرۇلغان. مىڭ ئەپسۇسكى، بىز ئۇيغۇرلاردا بۇ گۈزەل سۆزنى ئېيتىش ئومۇملاشمىغان. بۇ بىزنىڭ ئىسلامىي تەلىم _ تەربىيەدىن قانچىلىك يىراق ياشىغانلىقىمىزنىڭ بىر ئەمەلىيىتىدۇر. بىراۋ ئۆزىنىڭ ياكى باشقا بىرىنىڭ ئۇماق بالىسى بىر تاتلىق گەپ قىلىپ بەرسە ياكى چىرايلىق كىيىم كىيگەن بولسا، «بەك تاتلىق گەپ قىلدى»، «كىيىمى بەك يارىشىپتۇ» دەيدۇيۇ، «ماشائاللاھ!» دېمەيدۇ. شەكسىزكى، بۇ بىزدىكى چوڭ نۇقسانلىقتۇر. چۈنكى كۆزنىڭ تېگىدىغانلىقى راستتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «العين حق ولو كان شيء سابق القدر لسبقته العين» يەنى «كۆزنىڭ تېگىشى راستتۇر، ئەگەر تەقدىرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىدىغان نەرسە بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە كۆز بولغان بولاتتى»( ) دېگەن. بۇنىڭ مەنىسى يامان كۆز ئادەمگە زىيان يەتكۈزەلەيدۇ، ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسىنىڭ سىرتىدا ئىش بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا ساقلىسا ھچكىم ھېچكىمگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.
بىزگە ئاتا _ بوۋىلىرىمىز ئىسلام دىنىمىزنىڭ تەلىماتلىرىدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەتكەن بولسىمۇ، خۇشاللىنارلىق بىر ئىشنى كۆرگەندە «ماشائاللاھ» دەيىىشنى بىز ئۆگەنمىگەنمۇ ياكى ئۆگىنىپ ئۇنتۇپ قالغانمۇ؟ بۇ تەرىپى ئېنىق ئەمەس. شۇنداقتىمۇ، بىز ئۇيغۇرلار «مۇبارەك بولسۇن» دېگەن سۆزنى دىنىي تۈستە ئەمەس، پەقەت مىللىي ئەنئەنە ئورنىدا ناھايىتى تار دائىرىدە قوللىنىپ كەلگەن ئىكەنمىز. نۇرغۇن كىشىلەر سىزنىڭ بىرەر نەتىجىڭىزنى ياكى سىزدىكى بىرەر نېمەتنى كۆرگىنىدە، «ۋاي بۇ چوڭ ئۇتۇق»، «ۋاي نېمىدېگەن تەلەيلىك» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىدۇ، ئەمما كۈتۈپ تۇرسىڭىزمۇ ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن «مۇبارەك بولسۇن!» ياكى «ماشائاللاھ» دېگەن سۆز چىقمايدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلاردىن باشقا بارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەر بۇ سۆزلەرنى ناھايىتى كەڭ ئىشلىتىدۇ. بىز ئۇچراشقان مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئاغزىدىن «ماشائاللاھ» دېگەن سۆزنى ناھايىتى كۆپ ئاڭلايمىز. ئويلاپ قالدىم، بىز دىنىمىزنى قاچان ئۆگىنىپ بولارمىز؟!

باشقا خىزمەتلەر