ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
ھالال يېيىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ھارامدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىلىرى
مۇھەممەد يۈسۈپ
ھالال_ھارام ئەڭ قەدىمىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كائىناتنىڭ بارلىق ئىشلىرى ۋە ھاياتنىڭ مىزانىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلىدۇر. ئاللاھ تائالا ئىنساننى يەر يۈزىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئورۇنباسارقىلىپ ياراتقان بولۇپ، ئىنسانلار يەر يۈزىدە بىر-بىرىنىڭ ئورنىنى بېسىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاللاھ تائالانىڭ يەر يۈزىنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئاۋاتلاشتۇرۇش ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئورۇنباسارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا يېمەك – ئىچمەك، نەسلىنى داۋام قىلدۇرۇش ئامىللىرى، بەختلىك ھايات كەچۈرۈشنىڭ چارىلىرى قاتارلىق ياشاشنىڭ پۈتۈن ۋاسىتىلىرىنى تولۇقلاپ بېرىش بىلەن بىرگە ياشاشنىڭ قانۇن _ پىرىنسىپلىرىنى بەلگىلىگەن. چۈنكى ھەرقانداق بىر ئۇستا ئۆزى ياسىغان نەرسىسىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ۋە ئۇنى قانداق ئاسراش كېرەكلېكىنى ئۇبدان بىلگىنىگە ئوخشاش، ياراتقۇچى ئاللاھ تائالا ئۆزى ياراتقان مەخلۇقاتىنىڭ خاراكتېرىنى ۋە ئۇلار ئۈچۈن نېمىنىڭ پايدىلىق ۋە نېمىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلېكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ بەھۇزۇر ھايات كەچۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بىر قىسىم قانۇن – پىرىنسىپلارنى بەلگىلىگەن. بۇ قانۇن – پىرىنسىپلار «قىل» ۋە «قىلما» ياكى «ھالال» ۋە «ھارام» دېگەن ئىككى سۆزگە مەركەزلەشكەن.
ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئايالى ھەۋۋانى جەننەتتىن يەر يۈزىگە چىقىرىشتىن ئاۋۋال بۇ ئىككىسىنى ھالال – ھارام بىلەن سىنىغان. بۇ سىناق ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا «ھالال – ھارام» نى ئۆگىتىشتىكى تۇنجى مەشق ئىدى. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئىككىسىگە جەننەتتە ھەممە نەرسىنى ھالال قىلىپ بېرىپ، پەقەت بىر تال دەرەخنىڭ مېۋىسىنىلا ھارام قىلغانلىقى ئۇلارغا ھالال – ھارامنىڭ پەلسەپىسىنى بىلدۈرگەنلىكى ئىدى. دېمەك، ھالال – ھارام مەسىلىسى ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئايالى ھەۋۋا ئىككىسى جەننەتتىكى ۋاقتىدىلا باشلانغان.
ھالال _ ھارامنى بەلگىلەش پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىدۇر. ئاللاھ تائالا ھالال بىلەن ھارامنى ھېكمەت بىلەن بەلگىلىگەن. خۇددى تېلېۋىزىيە، كىر ئالغۇ، ئۈن ئالغۇ ۋە سىن ئالغۇ قاتارلىق جىھازلارنى ياساپ چىققانلار بۇ جىھازلارنى قانداق يوسۇندا ئىشلىتىش ۋە بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش دېگەندەك تەلىماتلىرى يېزىلغان بىرەردىن كىتابچىنى بۇ جىھازلارنى ئالغۇچىلارغا قوشۇپ بەرگىنىگە ئوخشاش، ئاللاھ تائالامۇ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقاتىنى ۋە ئۇلارغا نېمىلەرنىڭ پايدىلىق، نېمىلەرنىڭ زىيانلىق ئىكەنلېكىنى، ئىنسانلار قانداق قىلغاندا ھاياتىنى بىخەتەر ئۆتكۈزۈپ بەختلىك بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا ساماۋى كىتابلارنى چۈشۈرۈپ، «ھالال_ھارام» نامى ئاستىدا تەلىماتلىرىنى ئۆگەتكەن. ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتىگە ئاساسەن ھالال – ھارام توغرۇلۇق قانۇن – پىرىنسىپلارنى بەلگىلەشتە ئىنساننىڭ سەۋر– تاقەتتىكى قۇدرىتىگە ۋە ئىمكانىيىتىگە تولۇق رىئايە قىلغان. شۇڭا ئىنسانلار نەپەس ئالىدىغان ھاۋادا ھالال – ھارام بەلگىلىمىگەن. چۈنكى ئىنسان ھاۋاسىز ياشىيالمايدۇ. ئەمما يېمەك – ئىچمەكلەردە ھالال – ھارامنى بەلگىلىگەن. چۈنكى ئىنسان ھارام يېمەستىنمۇ ھاياتىنى داۋام قىلدۇرالايدۇ. ئاللاھ تائالا ھالال بىلەن ھارامنى بەلگىلىگەندە، بىزگە نېمىلەرنىڭ پايدىلىق ۋە نېمىلەرنىڭ زىيانلىق ئىكەنلېكىنى بىلدۈرگەن. شۇڭا بىز ئۈچۈن پايدىلىق بولغانلىرىنى ھالال پېتى بويىچە بەلگىلىگەن. ئەمما بىز ئۈچۈن —ئەقلىمىز، دىنىمىز،جىسمىمىز، تەن ساقلىقىمىز ۋە ھاياتىمىز ئۈچۈن — زىيانلىق بولغانلىرىنى ھارام قىلىۋەتكەن. بۇ خۇددى نېفىت ئايرىش زاۋوتىدىكىلەرنىڭ بېنزىننى تۈرلەرگە ئايرىغىنىغا ئوخشايدۇ. ئاپتوموبىل ئۈچۈن مەخسۇس قىلىنغان بېنزىننى ئايروپىلانغا قاچىلىغاندا، ئايروپىلان ۋەزىپىسىنى ئۆتىيەلمەيدۇ. ئۇچقان تەقدىردىمۇ چۈشۈپ كېتىدۇ. ئادەم ئۆلىدۇ..... خۇددى شۇنىڭدەك، سىزگە مەخسۇس قىلىنغان ھالال تائامنى يېمەستىن، ھارام تائامنى يېسىڭىز ئاللاھ تائالانىڭ قانۇنى بىلەن زىتلاشقان بولىسىز، تەن ساقلىقىڭىزغا زىيان يەتكۈزىسىز_ دە، زەھەرلىنىپ ئۆلىسىز، ئۆلمىگەن تەقدىردىمۇ، كېسەل بولىسىز. شۇنىڭ بىلەن ھاياتتىكى ۋەزىپىڭىزنى ئۆتەشتىن ئاجىز قالىسىز. ھارام دېگەن ئەنە شۇنداق زىيانلىق نەرسە.
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ھالالدىن رىزىق بېرىشنى، بارلىق جان ئىگىلىرىنى، ھەتتا ئۆزىنىڭ رىزقىنى تېپىپ يېيىشتىن ئاجىز كېلىدىغان جانىۋارلارنىمۇ رىزىقلاندۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بارلىق جان ئىگىلىرىنى ئوز رىزقىنى تېپىپ يېيىش يولىدا سەۋەب قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغان بولسا، ئىنسانلارنى ئىشلەشكە ۋە ھالال رىزىق ھاسىل قىلىش ئۈچۈن سەۋەب قىلىشقا بۇيرۇغان.
رىزىق — ئىنسان ھاجەت بولىدىغان ۋە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەر دېگەنلىكتۇر. رىزىق پۇل-مال ۋە يېمەك- ئىچمەك بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭدۇر. مەسىلەن: تەن ساقلىقى، ياخشى جور، پەرزەنتلەر، ۋاپادار دوست، شۇنداقلا ئىمان، ئىلىم، گۈزەل ئەخلاق، تەقۋالىق ۋە ياخشى ئەمەل قاتارلىقلارمۇ رىزىقتۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېرىلگەن رىزىق ۋە ئاتا-ئېھسانلاردۇر. چۈنكى ئىسلام نەزىرىدە رىزىق ئاللاھ تائالانىڭ نېمىتى ۋە ئىنئامىدۇر. رىزىق بەرگۈچى پەقەتلا ئاللاھ تائالا ئىكەنلېكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭغا چىن ئىشىنىش مۇئمىن ئادەمنىڭ ئىمانىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسىدۇر.
رىزىق ھاسىل قىلىشنىڭ پىرىنسىپى
ئىسلام نەزىرىدە رىزىقنى ھاسىل قىلىشنىڭ پىرىنسىپى ئۈچ بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
ئىسلام ئۆلىمالىرى ھالال پۇل بىلەن ھارام پۇلنى مۇنداق تونۇشتۇرغان: «پۇلنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇنى ھاسىل قىلىش يوللىرى ھالال بولسا، يەنى پۇلنى ئىسلام شەرىئىتى كۆرسەتكەن يول بىلەن تاپقان بولسا، بۇنداق پۇل ھالال پۇلدۇر. ئەكسىچە، پۇلنىڭ مەنبەسى ۋە تېپىش يوللىرى ھالال بولمىسا، يەنى ئىسلام شەرىئىتى مەنئى قىلغان يوللار بىلەن تاپقان پۇل بولسا، بۇنداق پۇل ھارام پۇلدۇر»[4].
ھارامدىن پۇل تېپىشنىڭ مىساللىرى:
— ئوغرىلىق قىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، كىشىلەرنى قورقۇتۇپ پۇلىنى ئېلىۋېلىش.
— باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش، خۇسۇسەن، يېتىملەرنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش.
— بانكىدا پۇل قويۇپ، ئۇنىڭ ئۆسۈمىنى ئېلىش، قەرز بېرىپ ئۆسۈم ئېلىش.
— زىنا قىلىپ، زىناغا دەللاللىق قىلىپ ياكى سايە قىلىپ پۇل تېپىش.
— قىمار ئويناپ ياكى ئۇنىڭغا دەللاللىق قىلىپ پۇل تېپىش.
— ئۆزىنىڭ ئىش ئورنىدىن پايدىلىنىپ يولسىزلىق قىلىپ پۇل تېپىش، پارا ئېلىش.
— ھاراق، تاماكا، زەھەرلىك چېكىملىك ياكى ئىچىملىك سودىسى قىلىپ پۇل تېپىش.
— يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ ياكى يالغان دىپلوم، ھۆججەت قاتارلىقلارنى ياساپ پۇل تېپىش.
— كىلودا ياكى ئۆلچەمدە كەم تارتىپ بېرىپ پۇل تېپىش.
— گۇناھسىز كىشىلەرگە قارا چاپلاپ ياكى چېقىشتۇرۇپ پۇل تېپىش.
— ئىسلامدا سېتىش ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى سېتىپ پۇل تېپىش.
— زالىملارغا، مۇستەملىكىچىلەرگە ھەمكارلىشىپ پۇل تېپىش.
— سودىدا يالغان ئېيتىپ، كۆزبوياپ پۇل تېپىش.
رىزىقتا بەرىكەت ھاسىل قىلىش يوللىرى
رىزىقتا بەرىكەت ناھايىتى مۇھىمدۇر. چۈنكى بەرىكىتى بولمىغان رىزىقنىڭ ۋە ھەرقانداق ئىشنىڭ مەنپەئەتى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ، راۋاجى بولمايدۇ. بەرىكەت ھاسىل قىلىشنىڭ يوللىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئىخچاملاشقا بولىدۇ:
ھالال يېيىشنىڭ ئەھمىيىتى
ھالال يېيىش ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ياخشى زاتلارنىڭ ئەخلاقىدۇر. ھارام يېيىش ئىبادەتلەرنىڭ قوبۇل بولماسلىقىغا ۋە دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولماسلىقىغا سەۋەب بولىدۇ.
بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى شۇكى، بىراۋ ئەڭ بېچارە قىياپەتتە ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلغان ۋە ئۇ شۇ ھالىتى بىلەن دۇئاسى ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ تېگىشلىك بولغان تۇرسىمۇ، ئۇ ھارامدىن ئوزۇقلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ. ساھابىلار يېمەك – ئىچمەكلىرىنىڭ ھالالدىن بولىشىغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرەتتى، ئۇلار ھالاللىقى ياكى ھاراملىقىدا ئازراق شۈبھە بولغان نەرسىلەردىنمۇ خۇددى ئوتتىن قاچقاندەك قاچاتتى. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇنىڭ بىر كىشى تەرىپىدىن ھەدىيە قىلىنغان يېمەكنى يەپ سېلىپ، ئۇنىڭ ھالاللىقىدا شۈبھە بارلىقىنى بىلگىنىدىن كېيىن، قولىنى ئاغزىغا تىقىپ تۇرۇپ ناھايىتى تەسلىكتە ئۇنى ياندۇرىۋەتكەنلىك قىسسىسىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ھارام يېيىشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكە يېتەرلىكتۇر. ئەللامە ھافىز ئىبنى رەجەب مۇنداق دېگەن: «بۇ ھەدىس ھارام يېيىشنىڭ ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشىغا توسقۇن بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. چۈنكى ھالالدىن يېمىگەن كىشىنىڭ ئەمەللىرى قوبۇل بولمايدۇ، ھارام يېيىش ئەمەلنى بۇزىدۇ ۋە ئۇنىڭ قوبول بولۇشىنى توسىدۇ».
ھارامدىن پاكلىنىش
ھەرقانداق بىر گۇناھتىن كېيىن، ئاللاھ تائالاغا سەمىمىي تەۋبە قىلىپ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراش پەرز بولغاندەك، ھارامدىن پاكلىنىش ۋە ئۇنىڭ گۇناھىدىن تازىلىنىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا سەمىمىي تەۋبە قىلىش پەرزۇدۇر. ئىنسانلار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان گۇناھ ۋە قىلمىشلار يا ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە قارشى سادىر قىلىنغان بولىدۇ، ياكى مەخلۇقاتلارنىڭ ھەققىگە قارشى سادىر قىلىنغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ «قىل» ۋە «قىلما» دېگەن ئەمر- پەرمانلىرىنى ئورۇنلاش ئۇنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەققى بولۇپ، بۇلارنى بەجا كەلتۈرۈش ئىنسانلارنىڭ بۇرچىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى گۈزەل سۈرەتتە يارىتىپ، ئۇلارنى يەر يۈزىنىڭ خوجايىنى قىلدى، ئۇلارنى ئەڭ ھۆرمەتلىك قىلدى، ئۇلارغا تۈرلۈك سان- ساناقسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلدى، باشقا مەخلۇقاتلارنى ئۇلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يارىتىپ بەردى. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەقلىرى كۆپتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر- پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئۇنىڭ ھەققىگە قارشى قىلمىش سادىر قىلغان بولىدۇ. مەخلۇقاتلارنىڭ، خۇسۇسەن ئىنسانلارنىڭ ھەققى ئىنسانلار تەرىپىدىن زىيان - زەخمەتلەرگە ئۇچرىتىلماسلىقىدۇر. ئىنسانلارنى زىيان- زەخمەتلەرگە ئۇچرىتىش، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى يەۋېلىش ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ھەق- ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق بولىدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە قارشى سادىر قىلىنغان گۇناھ - مەئسىيەتلەرنىڭ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئۈچ شەرت بار، ئۇلار:
1. قىلغان گۇناھ - مەئسىيەتلەر ئۈچۈن پۇشايمانلىق ھېس قىلىش.
2 . بۇرۇن قىلغان گۇناھ- مەئسىيەتلەرنى قايتا قىلماسلىققا چىن ئىرادە باغلاش.
3. گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن قەتئى قول ئۈزۈش.
ئەمما ئىنسانلارنىڭ ھەققىگە قارشى سادىر قىلىنغان قىلمىشلار ۋە يامانلىقلارنىڭ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن يۇقىرىقى ئۈچ شەرت بىلەن بىرگە، ھەق ئىگىسىنى رازى قىلىش شەرت قىلىنىدۇ. ھەققىنى يەۋالغان بولسا، ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىش، تۆھمەت قىلغان ياكى ئابرۇيىنى تۆككەن ۋە ياكى قانداقلا بىر يامانلىق قىلغان بولسا، ئۇنىڭدىن رازىلىق ئېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ خىلدىكى ھەق ئاللاھ تائالانىڭ ھەققى بولماستىن، ئىنسانلارنىڭ ئۆز ھەقلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار قىلمىشكارلىرىنى ئۆزلىرى كەچۈرمىگۈچە ئاللاھ تائالا كەچۈرمەيدۇ ۋە تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ. مانا بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئادالىتىدۇر.
ئىستىغفار ــ ئاللاھ تائالادىن گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىشىنى تىلەش دېگەنلىكتۇر.
تەۋبە – سادىر قىلىنغان گۇناھلارغا پۇشايمان قىلىپ، قايتا گۇناھ قىلماسلىققا بەل باغلاپ، توغرىلىققا قايتىش دېمەكتۇر.
قۇرئان كەرىم بىزگە تەلىم بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار، ئۈمىدكى، رەبببىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ»([9]).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىستىغفارنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئىستىغفار ئېيتىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان ئادەمگە ئاللاھ ھەرقانداق قىيىنچىلىقتىن چىقىش يولى ۋە ھەرقانداق غەم - قايغۇدىن خۇشاللىق يارىتىپ بېرىدۇ، ئۇنىڭغا كۈتۈلمىگەن يەردىن رىزق بېرىدۇ»([10]).
ئەزھەر ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئۇستازلىرىدىن دوكتور ئابدۇلھەي فەرماۋى «سائادەتنىڭ يولى ئاللاھقا تەۋبە قىلىشتۇر» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «تەۋبىنىڭ ھەقىقەتەن زور پايدىلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىسى تۆۋەندىكىچە:
— تەۋبە بارچە ياخشىلىقلارغا تۈرتكە بولىدۇ.
— تەۋبە ئىنساننىڭ مەنىۋى قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.
— تەۋبە بەخت-سائدەتنىڭ يولىدۇر.
— تەۋبە ئىنساننى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېلىپ بارىدۇ.
— تەۋبە بەندىنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىتائەتمەنلېكىنى ئاشۇرىدۇ.
— تەۋبە قەلبنى ئاللاھتىن قورقىدىغان قىلىدۇ.
— تەۋبە توغرا يولدىن چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ يولىنى توغرىلاپ بېرىدۇ»[11].
ھارامدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى
بارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرى ھارام مالدىن دەرھال قۇتۇلۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىدە ئىتتىپاقتۇر. ھارامدىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرى ۋە چارىلىرى ھەققىدە ئەمەلىي ئەھۋال ۋە شارائىتقا قاراپ ئۆلىمالارنىڭ ھەرخىل كۆزقاراشلىرى مەۋجۇت. ئەللامە قۇرتۇبى مۇنداق دېگەن: «ئۆلىمالىرىمىز قولىدىكى ھارام مالنىڭ تەۋبىسى ئۇنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش بىلەن بولىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۇ ھارام مال بىراۋدىن ئالغان ئۆسۈم (جازانە) ياكى زۇلۇم ۋە يولسىزلىق بىلەن ئالغان مال بولسا، ئۇنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش، ئەگەر ئىگىسىنى تاپالمىسا، يوقسۇللارغا سەدىقە قىلىۋېتىش بىلەن بولىدىغانلىقىنى، ئەگەر قولىدىكى پۇل-مالنىڭ قانچىلىكى ھالال ۋە قانچىلىكى ھارام ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قالسا، ئۆزىنىڭ گۇمانىنىڭ كۈچلۈك تەرىپىنى ھېسابقا ئېلىپ ئىش كۆرسە بولىدىغانلىقىنى، ئەگەر زىممىسىدىكى ھەقلەر كۆپ بولۇپ ئۇنى تۆلەشكە كۈچى يەتمەيدىغان دەرىجىدە بولسا، ئۇنىڭ تەۋبىسى قول ئىلكىدە بار بولغان نەرسىلەردىن بىر قۇر كىيىم ۋە يېمەك-ئىچمەكلىرىنى ئېلىپ قېلىپ قالغىنىنى سەدىقە قىلىۋېتىش ياكى ئومۇمىي مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق بولغان جايلارغا ئىئانە قىلىش بىلەن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان»[12].
ئىمام شافىئىي مۇنداق دېگەن: «ھارام مالدىن تەۋبە قىلىشنىڭ شەرتى زىممىسىدىكى ھارام مالنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش، ناۋادا مال ئىگىسى بولمىسا، ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ بېرىش، ئەگەر ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا بېرىش، ۋارسلىرى بولمىسا، مۇسۇلمانلارنىڭ جەمئىيەتلىرىگە، ئۇلارمۇ بولمىسا يوقسۇللارغا بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. ھارام مالدىن قۇتۇلماقچى بولغان ئادەم قۇتۇلۇش نىيىتى بىلەن ئۆلۈپ كەتسە، ئاللاھنىڭ ئۇنى مەغپىرەت قىلىشى ئۈمىدلىكتۇر»[13].
ھارام ئارىلىشىپ قالغان مالنى پاكلاش مەسىلىسى
بەزى كىشىلەر ھالال كەسىپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھارام ئىشلارنىمۇ قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ كەسىپتىن تاپقان ھالال پۇلغا ھارام پۇل ئارىلىشىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پۇل-مالغا ئارىلىشىپ قالغان ھارامنى ئايرىپ چىقىرىۋەتمىگەندە، قولدىكى ھالال پاكلانمايدۇ. قولدىكى ھالال ھارامدىن ۋە شۈبھىلىك ئىشلاردىن پاك-پاكىز بولمىسا، ئەمەل ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولۇشىغا، دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىغا توسقۇن بولىدۇ.
ھالالغا ھارام ئارىلىشىپ قالىدىغان ئىشلاردىن بەزى ئۆرنەكلەر
— ئىسلام شەرىئىتىدە سېتىشقا رۇخسەت قىلىنغان ھالال نەرسىلەرنى سېتىش بىلەن بىرگە تاماكا، ھاراق، ، چوشقا گۆشى، ئاق چېكىملىك دېگەندەك ھارام نەرسىلەرنىمۇ سېتىش ياكى بەزى ماللارغا باشقىلارنىڭ ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ماركىلىرىنى ئوغرىلىقچە چاپلاپ سېتىش ۋە ياكى سودىدا ئالدامچىلىق قىلىش قاتارلىقلار.
— مېۋە، كۆكتات، ئاشلىق قاتارلىقلارنى ساتىدىغانلارنىڭ ياخشىسىنى ئۈستىگە، ناچارلىرىنى ئاستىغا تىزىپ سېتىشى.
— قىلغان ئىشى ياكى كەسپى گەرچە ھالال بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ھەققىدىن زىيادە ھەق ئېلىش.
— مېھمانخانىلارنىڭ مېھمانلار ئۈچۈن تەقدىم قىلىدىغان خىزمەتلىرى ئىچىدە ھارام ئىشلارنىمۇ قىلىشى ياكى ھارام نەرسىلەرنى تەقدىم قىلىشى.
— بانكىلارنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرىئەت ھارام قىلغان جازانە دېگەندەك ھارام ئىشلارنىمۇ قىلىشى.
— بەزى شىركەتلەرنىڭ ھالال ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا جازانە قىلىدىغان بانكىلاردا پۇل قويۇش دېگەندەك بەزى ھارام ئىشلارنىمۇ قىلىشى ۋە باشقىلار.
ھارام ئارىلىشىپ قالغان مالنى پاكلاش ئۇسۇلى
ئىسلام ئۆلىمالىرى ھارام ئارىلىشىپ قالغان مالنى پاكلاشتا مۇنداق قائىدىنى ئوتتۇرىغا قويغان[14]:
— ھالالغا ئارىلىشىپ قالغان ھارام ھەممىنى ھارام قىلىۋەتمەيدۇ.
— ھالالغا ئارىلىشىپ قالغان ھارامنى ئايرىپ چىقىپ، يوقسۇللارغا ياكى مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق جەمئىيەتلەرگە بېرىش لازىم.
— ھالال بىلەن ھارام ئارىلىشىپ قالىدىغان ئىشلاردىن كەسىپلەردىن ۋە مۇئامىلىلەردىن يىراق تۇرۇش تەقۋالىقنىڭ تەلىپىدۇر.
ھالال مالدىن ھارامنى ئايرىپ چىقىش قىيىن بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟
كۆپ سانلىق ئۆلىمالارنىڭ ئىتتىپاقى بويىچە، بانكىدا قويغان پۇلغا، شىركەت ھەسسىدارلىقىغا ۋە باشقا مۇئامىلىلەرگە ئارىلىشىپ قالغان ھارامنى ئايرىپ چىقىش قىيىن بولغاندا، بۇ ھەقتە ئىختىساس ئىگىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىش لازىم كېلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھېسابلاپ بېرەلەيدۇ. بۇنداق قىلىش دىنىمىزدا يولغا قويۇلغان ئۇسۇل بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زىرائەت ۋە مېۋىلەرنىڭ زاكىتىنى، ھەتتا تېخى يىغىۋېلىنمىغان مېۋىلەرنىڭ زاكىتىنى ھېسابلاشتا قوللانغان چارىدۇر. بۇنى فىقھى كىتابلىرىدا «خەرس» دەپ ئاتايدۇ.
ھارام مالنى ئىبادەت ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟
ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ كۆپ سانلىقى ھارام مالنى ھېچقانداق بىر ئىبادەت ئۈچۈن قوللىنىشقا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. ھەتتا بەزى ئۆلىمالار ھارام پۇلغا قۇرئان سېتىۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلار ھارام مالنى پېقىرلارنى ۋە مىسكىنلەرنى تائاملاندۇرۇش، قەرزىسىنى تۆلىيەلمىگەنلەرنىڭ قەرزىسىنى تۆلەپ بېرىش، ھەر قايسى ئىلىم ساھەلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا، تەتقىقاتچىلارغا ۋە ياشلارنىڭ ئۆيلىنىش ئىشلىرىغا ياردەم قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلەتسە بولىدۇ دەپ قارايدۇ[15].
ھارام مال بىلەن ھەج قىلىشقا بولامدۇ؟
ھەنەفىي مەزھىپى ئۆلىمالىرىنىڭ ۋە باشقا كۆپ سانلىق ئۆلىمالارنىڭ ئىتتىپاقى بويىچە، ھارامدىن پۇل تاپقان ئادەمنىڭ ئاشۇ ھارام پۇل بىلەن قىلغان ھەججى قوبۇل بولمايدۇ ۋە قىلغان ھەججىدىن ئۇنىڭغا ھېچقانداق ساۋاب بولمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن ھەج پەرزى ساقىت بولىدۇ. ھەج پەرزى ساقىت بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇ كىشى نامازنى تەرك ئەتكەن ئادەم جازالانغاندەك ھەج پەرزى ئۈچۈن جازالانمايدۇ[16].
ھارام ئارىلىشىپ قالغان مالنىڭ زاكىتى قانداق ئادا قىلىنىدۇ؟
ھالال مالغا ھارام مال ئارىلىشىپ قالغاندا، ھالال مالنىڭ مىقدارى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بولسا، ھالال مالنىڭ زاكىتى بېرىلىدۇ. چۈنكى ھارام مالغا زاكات كەلمەيدۇ. ئەگەر ھالال مالنىڭ مىقدارى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتمىگەن بولسا زاكات كەلمەيدۇ. ھاراملىقى ئېنىق ئەمەس، ھالاللىقىدا شۈبھە بولغان مالغا زاكات كېلىدۇ[17].
مەنبەسى ھارام ياكى ھارام ئارىلىشىپ قالغان مىراسنى ئېلىشقا بولامدۇ؟
ئاللاھ تائالا بىزنى مىراسنى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن مىقدار بويىچە تەقسىم قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە مىراس ئىلمىنى ئۆگىنىشنى پەرز قىلغان. شۇڭا مىراس ئىلمى «علم الفرائض» (پەرزلەر ئىلمى) دەپ ئاتالغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى تەكىتلەپ: «مىراس ئىلمىنى ئۆگىنىڭلار، چۈنكى ئۇ ئىلىمنىڭ يېرىمىدۇر، ئۇ تېز ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئەڭ ئاۋۋال سۇغۇرۇلۇپ كېتىدىغان ئىلىم مىراس ئىلمىدۇر»[18] دەپ كۆرسەتكەن.
مىراس قالغان پۇل-مال ھالال بولسا، ۋارىسلارنىڭ ئۇ مىراستىن بەھرىمەن بولۇشىدا ھېچقانداق چەكلىمە يوقتۇر. ناۋادا مىراس قالغان پۇل-مال ھارام ياكى ھارام ئارىلىشىپ قالغان بولسا، ئۇنىڭ ھۆكمى مۇنداق بولىدۇ:
— ۋارىسلار ئۆزلىرىگە قالغان مىراسنىڭ مەنبەسى ھاراق، تاماكا، ئاق چېكىملىك، چوشقا گۆشى دېگەندەك نەرسىلەرنى سېتىپ تاپقان ياكى ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق، قويمىچىلىق دېگەندەك ھارام يوللار بىلەن باشقىلاردىن ئېلىۋالغان ھارام مال ئىكەنلىكىنى بىلسە، بۇ مالنى ئىشلىتىش ئۇلارغا ھالال بولمايدۇ. ئۇ مالدىن چوقۇم قۇتۇلۇشى كېرەك. بۇ ھالدا ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئىككىلا يول بار بولۇپ، بىرى، باشقىلاردىن ئېلىۋالغان مالنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش، مال ئىگىلىرىنى تاپالمىسا ياكى كىملەرنىڭ ھەققى ئىكەنلىكىنى بىلمىسە، ئومۇمىي مۇسۇلمانلار مەنپەئەتلىنىدىغان ئورۇنلارغا ئىئانە قىلىۋېتىشتۇر.
— مىراسنىڭ مەنبەسى ھالال بولۇپ، تىجارەتتە ئالدامچىلىق، يالغانچىلىق، كۆز بوياش ۋە يالغاندىن قەسەم قىلىش ئارقىلىق ھارام قوشۇلۇپ قالغان بولسا، مۇنداق ھارامنى ھالالدىن ئايرىش قىيىن بولغانلىقتىن، ۋارىسلار مىراستىن مەھرۇم قىلىنمايدۇ. ئەگەر ۋارىسلار گۇناھتىن ۋە ھارامدىن پاكلىنىشنى خالىسا، مىراستىن ئۆزى ھارام دەپ تەخمىن قىلغان قىسمىنى ياخشىلىق يوللىرىغا، يوقسۇللارغا بەرسە بولىدۇ. ئەگەر مىراسنىڭ كۆپ قىسمى ھالال ۋە ئاز قىسمىلا ھارام بولسا، ۋارىسلار يەنىلا مىراستىن مەھرۇم قىلىنمايدۇ، مىراستىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش ھەققى بار. بەزى ئۆلىمالار ئاشۇ ئاز قىسىم ھارامنى ئايرىپ چىقىپ ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. ئەمما بۇ توغرىدا بىرلىككە كېلىنگەن فىقھىي دەلىل يوق. ئەللامە يۈسۈپ قەرداۋىغا ئوخشىغان بەزى ئۆلىمالار مىراسنى ۋارىسلارغا ھالال قىلىدىغان ھارامنىڭ مىقدارى ئومۇمىي مىراسنىڭ يۈزدە 25 پىرسەنتىدىن ئارتۇق بولماسلىقى شەرت دېگەنلەرمۇ، ئومۇمىي مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئارتۇق بولماسلىقى شەرت دېگەنلەرمۇ بار. ھەربىرىنىڭ ئۆز ئىجتىھادىنى كۈچلەندۈرىدىغان دەلىللىرى بار»[19].
يېتىملەرنىڭ مېلىغا ئارىلىشىپ قالغان ھارام مەسىلىسى
يېتىملەرنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغان ئادەم (ۋەسىي) بەزىدە يېتىملەرنىڭ پۇل-مېلىنى بانكىدا قويۇپ ساقلاشقا ھاجەت بولىدۇ. يېتىملەر ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلالىغۇدەك ياشقا كەلگەندە، ۋەسىي ئۇلارنىڭ پۇل- مېلىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن، پۇلنى بانكىدىن ئالىدۇ. ئۇ چاغدا ئەسلىدىكى پۇل بىلەن بانكىدا يىللاردىن بېرى ئۆسكەن پۇل قوشۇلۇپ كەتكەن بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، يېتىملەرنىڭ پۇلىنى ئۇنىڭغا كىرىپ قالغان ھارامدىن قانداق پاكلاش كېرەك؟
ئۆلىمالار بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: «يېتىملەر ئۆزلىرىنىڭ پۇل-مېلىدىكى ھارامنى ياكى شۈبھىلىك مىقدارنى ئايرىپ چىقالىسا، ئاشۇ ئايرىغان مىقدارنى يوقسۇللارغا ياكى ئومۇمىي مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەتلىك ئورۇنلارغا ئىئانە قىلسا بولىدۇ. ئەگەر ئۆزلىرى بىلەلمىسە، بانكىدىن ئەسلى پۇل بىلەن ئۆسكەن پۇلنىڭ مىقدارىنى سورىسا، ئۇلار ھېسابلاپ بېرىدۇ. ئاشۇ ھېسابلاپ بېرىلگەن ئۆسۈم مىقدارىنى يۇقىرىقى ئېھتىياجلىق تەرەپلەرگە ئىئانە قىلىۋەتسە بولىدۇ. ناۋادا مەزكۇر يېتىم (ياكى يېتىملەر) يوقسۇل بولۇپ، ئۇلارغا زاكات ئېلىش دۇرۇس بولىدىغان دەرىجىدە بولسا، ئۆسكەن پۇلنى ئۆزى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، ئەمما ئۆسۈمدىن قۇتۇلغىنى ئەۋزەلدۇر»[20].
پۇل – مېلىغا ھارام قوشۇلۇپ قالغان ئادەمگە قىز بېرىشكە بولامدۇ؟
ھالالدىن پۇل تېپىش، ھالال يېيىش ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى ۋە ساغلام ئائىلىنىڭ كاپالىتىدۇر. ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان دىيانەتلىك، ئەخلاقلىق ۋە بەختلىك ئۆتەلەيدىغان بىرىگە ئۆيلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ھالال لوقما ئەخلاقلىق ۋە ئەقىللىق پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرۈشنىڭ يولىدۇر. شۇڭا، قىز-يىگىتلەرنى ئۆيلەندۈرۈشتە قۇدىلاشقۇچى ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ھالال كەسىپ قىلىدىغانلىقىغا ۋە ھالالدىن يەپ-ئىچىدىغانلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە بۇ ئىشنى سۈرۈشتە قىلىشى لازىم. ئەللامە مۇھەممەد راتىب نابلىسى ئېيتقاندەك، «ئەڭ ئېغىر ئىجتىمائىي زۇلۇم ئۆزىنىڭ دىيانەتسىز ئوغلىغا دىيانەتلىك قىز ئېلىپ بېرىشكە ئۇرۇنۇشتۇر».
ئاق چېكىملىك، ھاراق، تاماكا، چوشقا گۆشى دېگەندەك ھارام نەرسىلەرنى ئېلىپ ساتىدىغان، قىمارخانىلاردا، تانسىخانىلاردا ئىشلەيدىغان، سودىدا ئالدامچىلىق ۋە يالغانچىلىق قىلىدىغان، قويمىچىلىق قىلىدىغان يىگىتلەر دىيانەتلىك قىزلارغا خېرىدار بولۇپ كىرسە قانداق قىلىش كېرەك؟
بەزى ئۆلىمالار بۇنداق يىگىتلەرگە ھارام ئىشلار يۈز بېرىدىغان جايلاردا ئىشلەشتىن ۋاز كېچىشنى، ھالالدىن پۇل تېپىش يولىغا كىرىشنى تەۋسىيە قىلىش لازىم. ئەگەر ۋاز كەچسە ۋە ھالال ئىش قىلىپ پۇل تېپىش يولىغا كىرسە، ئۇنىڭغا قىز بېرىشكە بولىدۇ، ناۋادا نەسىھەتنى قوبۇل قىلمىسا ۋە ئۆزىنىڭ ئىش ئورنىدا ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، ئۇنىڭغا قىز بەرمەسلىك كېرەك، دەپ قارايدۇ.
ئىسلام فىقھىي ئالىملىرى قىز تەلەپ قىلغۇچى يىگىتنىڭ دىيانەتلىك ۋە ئەخلاقلىق بولۇشى شەرت ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: )وَالطَّيِّبَاتُ لِلطَّيِّبِينَ وَالطَّيِّبُونَ لِلطَّيِّبَاتِ( « پاك ئاياللار پاك ئەرلەرگە لايىقتۇر، پاك ئەرلەر پاك ئاياللارغا لايىقتۇر»[21] دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر سىلەر ئۇنىڭ دىيانىتىگە ۋە ئەخلاقىغا قايىل بولساڭلار، ئۇلارنى دەرھال ئۆيلەندۈرۈڭلار، ئەگەر شۇنداق قىلمىساڭلار، يەر يۈزىدە پىتنە- پاسات ۋە چوڭ بۇزغۇنچىلىق تۇغۇلىدۇ»[22] دەپ كۆرسەتكەن.
ئۆلىمالارنىڭ ھارامدىن پۇل تاپىدىغان ئادەمگە قىز بەرمەسلىك لازىم دېگەنلىكىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۆيلىنىش ئىبادەتتۇر. چۈنكى ئۆيلىنىش ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى تۇقانلىق ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغانلىقتۇر. ئاللاھ تائالاغا قىلىنىدىغان ئىبادەت ھارام بىلەن بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، ئاساسى ھارامدىن قۇرۇلغان بىر ئائىلىگە ئاللاھ تائالا قانداقمۇ بەرىكەت ئاتا قىلسۇن؟!
بۇ ماقالىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى: ئۇبۇلقاسىم ئەھمەدى.
[1]زارىيات سۈرىسى: 58-ئايەت.
[2] مۇلك سۈرىسى: 15- ئايەت.
[3] بەقەرە سۈرىسى: 172- ئايەت.
[4] دوكتور ھۈسەين شاھاتەنىڭ «تطهير الأرزاق في ضوء الشريعة الإسلامية» ناملىق ئەسىرى، 45- بەت.
[5] ئەئراف سۈرىسى: 96- ئايەت.
[6] ئىبراھىم سۈرىسى:7- ئايەت.
([7]) ئىمام مۇسلىمرىۋايىتى.
([8]) ئىمام مۇسلىمرىۋايىتى.
([9]) تەھرىم سۈرىسى8- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([10]) ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.
[11] دوكتور ئابدۇلھەي فەرماۋىنىڭ «طريق السعادة ... التوبة إلى الله» ناملىق ئەسىرى، 23- بەت.
[12]«الجامع لأحكام القرآن»3- توم، 366- 367- بەتلەر.
[13]«المنثور في القواعد للزركشي»2- توم، 425-426- بەتلەر.
[14]دوكتور ھۈسەين شاھاتەنىڭ «تطهير الأرزاق في ضوء الشريعة الإسلامية» ناملىق ئەسىرى،56- بەت.
[15] دوكتور ھۈسەين شاھاتەنىڭ «تطهير الأرزاق في ضوء الشريعة الإسلامية» ناملىق ئەسىرى، 65- بەت.
[16]ئەللامە ھۈسەين مۇھەممەد مەخلۇفنىڭ «فتاوى شرعية» ناملىق ئەسىرى، 2- توم، 7-8 بەتلەر.
[17] دوكتور ھۈسەين شاھاتەنىڭ «تطهير الأرزاق في ضوء الشريعة الإسلامية» ناملىق ئەسىرى، 71- بەت.
[18]ئىبنى ماجە ۋە دارا قۇتنى رىۋايىتى.
[19]قاتارنىڭ «صندوق الزكاة» ناملىق زاكات فوندى تەرىىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىلمى تەتقىقات دوكلاتى، 2004- يىلى.
[20][20]دوكتور ھۈسەين شاھاتەنىڭ «تطهير الأرزاق في ضوء الشريعة الإسلامية» ناملىق ئەسىرى، 76- بەت.
[21] نۇر سۈرىسى: 26- ئايەت.
[22] ئىمام تەبەرانى رىۋايىتى.
باشقا خىزمەتلەر