ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023

چىكىنىڭ
مەككە شەھىرىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ بۇرچىدۇر

 

 

ھۆرمەتلىك دوكتور/ سەئۇد بىن ئىبراھىم شۈرەيم ئۇستاز.

 

( 14/11/1431ھـ 24/10/2010م)

 

 

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا:

 

«ئاللاھ تائالا مەككە شەھىرىنى ئۇلۇغ قىلدى.مەككە مۇكەررەمەگە شەھەرلەرنىڭ ئانىسى دەپ نام بېرىلدى، مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى قىلىپ بېكىتىلدى.مەككە شەھىرىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ بۇرچىدۇر» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

 

 ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

 

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كېلىپ قويۇپ كەتكەن ئانا ۋە ئۇنىڭ قۇچىقىدىكى بوۋاقتىن ئىبارەت كىچىك بىر ئائىلە بىلەن مەككە شەھرىدە ئادىمىزات ياشاشقا باشلىغان. ھاجەر، ئوغلى ئىسمايىل ئەلەيھىسسالام بىلەن مەككىدىن ئىبارەت بۇ ۋادىدا كىچىك بىر خالتىدا خورما ۋە بىر ئاز سۇ بىلەنلا قالغان، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئىمانى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇنداق سۇسىز ۋە گىياھسىز ۋادىدا قېلىپ قالساق، ئاقىۋىتىمىز نېمە بولار دەپ قورقمىغان، ھاجەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن: «ئاللاھ ساڭا بىزنى بۇ يەردە تاشلاپ كېتىشكە بۇيرىدىمۇ؟» دەپ سورىغاندا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: «شۇنداق» دېگەننى ئىشارەت قىلىپ بېشىنى لىڭشىتقان ۋە كېتىپ قالغان.

 

مەككە مۇكەررەمە ئۇلۇغ شەھەردۇر. مەككىنىڭ پەزىلىتى، ئەھمىيىتى ۋە ئورنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرىدۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مەككە مۇكەررە مەنى ئۇلۇغ شەھەر قىلدى. مەككە شەھەرلەرنىڭ ئانىسى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسىدۇر. دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلار كۈندىلىك نامازلىرىدا مەككىگە يۈزلىنىدۇ. مەككىنى ئۇلۇغلاش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈستىگە ۋاجىپتۇر. مەككە شەھرىدە ياشايدىغان ھەر بىر كىشى شۇ مەككىنىڭ ھۆرمىتىگە لايىق ئەدەب-يوسۇنلىرىغا بويسۇنىشى كېرەك. مەككە شەھىرىنى ئۇلۇغلاش بولسا، ئاللاھنى ئۇلۇغلىغانلىقتۇر.

 

ئاللاھنىڭ مېھمانلىرى بولغان ھاجىلار مەككە شەھىرىگە بۇ يىللىق ھەج ئىبادىتى ئۈچۈن كېلىشكە باشلىدى. ھاجىلارمۇ مەككە شەھرىنىڭ قەدرىنى بىلىشى لازىم. ھېچ كىشىنىڭ مەككىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلماسلىقى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. مەككىگە كەلگەن ھاجىلار مۇشۇ ئۇلۇغ شەھەردىكى بىر قانچە كۈنلۈك ئىبادەت ئۈچۈن ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ كەلگەن، ئەلۋەتتە شۇ بەدەلنىڭ نەتىجىسىدە مۇقەددەس شەھەر مەككىنى ئۆز لايىقىدا ئۇلۇغلىشى كېرەك. مەككىنى ئۇلۇغلاش دېگەنلىك، مەككىدە گۇناھ-مەئسىيەت سادىر قىلماسلىق، دېگەنلىكتۇر.

 

ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: {ٱلۡحَجُّ أَشۡهُرٞ مَّعۡلُومَٰتٞۚ فَمَن فَرَضَ فِيهِنَّ ٱلۡحَجَّ فَلَا رَفَثَ وَلَا فُسُوقَ وَلَا جِدَالَ فِي ٱلۡحَجِّۗ وَمَا تَفۡعَلُواْ مِنۡ خَيۡرٖ يَعۡلَمۡهُ ٱللَّهُۗ وَتَزَوَّدُواْ فَإِنَّ خَيۡرَ ٱلزَّادِ ٱلتَّقۡوَىٰۖ وَٱتَّقُونِ يَٰٓأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِ لَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ جُنَاحٌ أَن تَبۡتَغُواْ فَضۡلٗا مِّن رَّبِّكُمۡۚ فَإِذَآ أَفَضۡتُم مِّنۡ عَرَفَٰتٖ فَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ عِندَ ٱلۡمَشۡعَرِ ٱلۡحَرَامِۖ وَٱذۡكُرُوهُ كَمَا هَدَىٰكُمۡ وَإِن كُنتُم مِّن قَبۡلِهِۦ لَمِنَ ٱلضَّآلِّينَ} {ھەج ۋاقتى مەلۇم بىرقانچە ئايدۇر (يەنى شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئون كۈنىدۇر). بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان (يەنى ئېھرام باغلىغان) ئادەمنىڭ جىنسي ئالاقە قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جاڭجال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، سىلەر قانداقلىكى ياخشى ئەمەلنى قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ (ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن) زاد - راھىلە ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى زاد - راھىلە تەقۋادارلىقتۇر. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۈمىدە تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزق تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەرەفاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا مەشئەرى ھەرامدا (يەنى مۇزدەلىفەدە) ئاللاھ نى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ياد ئېتىڭلار، ئىلگىرى سىلەر ھەقىقەتەن گۇمراھ ئىدىڭلار (يەنى ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلىشتىن ئىلگىرى گۇمراھلار قاتارىدا ئىدىڭلار؟}[1].

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ھەج قىلغان ئادەم بۇزۇقچىلىق قىلمىسا ۋە جىدەل-ماجىرا قىلمىسا، ھەجدىن قايتقاندا ئانىسىدىن تۇغۇلغان ۋاقىتتىكىدەكلا گۇناھتىن پاكلىنىدۇ».

 

ئى ئاللاھنىڭ مېھمانلىرى بولغان ھاجىلار! ھەرەمدە بۇزۇقچىلىق قىلماڭلار! گۇناھ-مەئسىيەت سادىر قىلماڭلار! جىدەل-ماجىرا قىلماڭلار!ئاللاھ پەيغەمبەرلىك مۇشۇ شەھەردىن تارقىلىش شەرپىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدى، شۇنىڭىدىن بىرى ئاللاھنىڭ بەيتى قىلىپ بېكىتىلدى ۋە زەمزەم قۇدۇقىنى ئاتا قىلدى. ئاللاھ ئۆز ھىكمىتى بىلەن زەمزەم سۈيىنى ئۇلۇغ قىلدى، زەمزەم ھەقىقەتەن بىر مۆجىزەدۇر. مەككە، دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبى داۋاملىق تەلپۈنۈپ تۇرىدىغان، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىن كەلگەن ئىنسانلار ئۇچرىشىدىغان، تىل، ئىرىق، مىللەت ئايرىماستىن ھەممە ئادەمنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، بىر-بىرىگە تونۇشتۇرىدىغان ئۇلۇغ شەھەردۇر.

 

ھەج ئىبادىتى ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىنىڭ بىرىدۇر. ھەج ئىبادىتىنى ۋە ئۇنىڭ پەرىزلىكىنى ئىنكار قىلغان ئادەم، دىندىن چىقىپ، كاپىر ھېسابلىنىدۇ. مەككە شەھىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بارلىق شەھەرلەردىن پەرقلىق، ئالاھىدە خۇسۇسىيەتكە ئېگىدۇر. قۇرئان كەرىم مەككىدە نازىل بولغان، مۇسۇلمانلار كۈندە 5 ۋاقىت نامازلىرىدا ئۇنىڭغا يۈزلىنىدۇ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن ياشىغان ئۇلۇغ شەھەردۇر. بارلىق ئەھلى ئىسلام ئالىملىرى يەر يۈزىدە ئەڭ ئۇلۇغ زېمىن مەككە ئىكەنلىكىگە ئورتاقلاشقان. مەككىدىن قالسا 2- ئۇلۇغ شەھەر مەدىنە شەھىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ مېڭىشتىن بۇرۇن مۇنداق دېگەن: «ئى مەككە! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن ماڭا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ سۆيۈملۈك زېمىندۇرسەن، سەن مىنىڭ ۋەتىنىم. سەندىن مەجبۇرى چىقىرىۋېتىلمىگەن بولسام، ھەرگىزمۇ سەندىن چىقمىغان بولاتتىم».

 

مەككىنىڭ ئۇلۇغلىقى شۇكى، ئاللاھ ئىككى ئورۇندا مەككە بىلەن قەسەم قىلغان. ئاللاھ مەككىدە ئىنسانلارنىڭ قان تۆكۈشىنى ھارام قىلغان، باشقا ھېچقانداق شەھەرنى ھارام قىلمىغان بولۇپ، ئاللاھ شەھەردە قان تۆكۈشنى تا قىيامەت كۈنىگىچە ھارام قىلغاندۇر. مەككىنىڭ ئوت-چۆپلىرى يۇلۇنمايدۇ، دەرەخلىرى كېسىلمەيدۇ، جانلىقلىرى ئۆلتۈرۈلمەيدۇ، چۈشۈپ قالغان نەرسىلىرى تېپىۋېلىنمايدۇ. مەككە ئەڭ بىخەتەر ۋە تىنىچ شەھەردۇر. مەسجىدىلھەرەمدە ئوقۇلغان بىر رەكئەت ناماز، باشقا يەردە ئوقۇغان 100 مىڭ رەكئەت نامازغا باراۋەردۇر. مەككىنىڭ ئولۇغلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاجەت قىلغاندا قىبلىگە ئالدىنى قىلماسلىق، ئارقىسىنىمۇ قىلماسلىققا بۇيرىغان. قىسقىسى ئاللاھ ۋە ئاللاھنى ياخشى كۆرگەن ئادەم ئۈچۈن، مەككە ئەڭ مۇقەددەس شەھەردۇر.

 

ئاللاھ بىزنى مەككىنى سۆيىدىغان، مەككىگە ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە گۇناھ-مەسىيەتلەردىن يىراق تۇرىدىغان ئىنسانلاردىن قىلسۇن، ئامىن!. .

سىراجىددىن ئەزىزى تەرجىمىسى.

 



[1]  بەقەرە سۈرىسى: 197- ۋە 198- ئايەت.

 

باشقا خىزمەتلەر