ھىجرىيە: | مىلادىي: 19 Ekim 2021

چىكىنىڭ
سەۋەب قانۇنىيىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىكى خاتالىقلار

سەۋەب قانۇنىيىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىكى خاتالىقلار

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

نەتىجىلەر مۇقەددىمىسىگە يەنى سەۋەبلىرىگە باغلىقتۇر. سەۋەبلەر ماددىي ياكى مەنىۋىي بولىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ قانۇنىيەتنى چۈشىنەلمەسلىكى ئۈممەتنىڭ ئارقىدا قېلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبدۇر.

1 . ماددىي سەۋەبلەرگە سەل قاراش:

ماددىي سەۋەبلەر ئاساس، مەنىۋىي سەۋەبلەر ماددىي سەۋەبلەر ئارقىلىق ھەرىكەت قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ بىر ساھابىگە:«تۆگەڭنى باغلاپ قويۇپ، ئاندىن ساقلاشتا ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن»دەپ نەسىھەت قىلغان. (تىرمىزى رىۋايىتى).

ماددىي سەۋەبلەرنى قىلىش تەۋەككۇل قىلىشنىڭ قاتارىدىن، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ماددىي سەۋەبلەرنى قىلىش زۆرۈر. چۈنكى«ئاللاھ بىر ئادەمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ»(بەقەرە سۈرىسى، 286-ئايەت). شۇڭا پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىش لازىم، پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىش بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىغا مۇھتاج بولىدۇ.

2 . قىيىنچىلىق سەۋەبلىرىنى خاتا تەكشۈرۈش:

(1) . گۇناھ سادىر قىلغان ئىنسان ئاللاھنىڭ جازاسىدىن ئەجەبلەنمەسلىكى كېرەك، چۈنكى ئۇ گۇناھى ئارقىلىق جازانى ئۆزى سۆرەپ كەلدى. قايسى بىر مىللەت ئىتائەت يولىدا مېڭىشتىن گۇناھ يولغا كىرىپ كەتسە، ئاللاھ ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان نەرسىنى يامان كۆرىدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرىۋېتىدۇ. قايسى بىر مىللەت گۇناھ ھالىتىدىن ئىتائەت ھالىتىگە يۆتكەلسە، ئاللاھ ئۇلار يامان كۆرىدىغان نەرسىنى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ. چۈنكى ئىنساندىن يۈز بەرگەن گۇناھ بالا-قازا، مۇسىبەت ۋە غەمنى سۆرەپ كېلىدۇ. بۇ خىل ھالەتتە ئۆزلىرىنى تۈزەتمەي ۋە تەۋبە قىلماي تۇرۇپ دۇئا قىلسا، دۇئالىرى ئىجابەت بولمايدۇ.

(2) . ئۈممەت مەدەنىيەت جەھەتتە ئارقىدا قېلىشتىن قۇتۇلماقچى بولسا سىياسىي، تەربىيىۋىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن ئۈچ تەرەپلىمە ئومۇميۈزلۈك پىلان تۈزۈشى كېرەك. بەزىلەر سىياسىي كۈچ مۇھىم، چۈنكى ئاللاھ سۇلتاننىڭ كۈچى ئارقىلىق قۇرئان بىلەن توسالمىغان نەرسىلەرنى توسىدۇ، دەپ قارايدۇ، بۇ توغرا قاراش ئەمەس. چۈنكى ئادەمنى ئىسلاھ قىلىشتا ئىمان كۈچى ئەڭ مۇھىمدۇر. ئىسلاھ قىلىشتا سۇلتاندىن ئىبارەت يەككە كۆز-قاراشتىن ئومۇميۈزلۈك ئىجتىمائىي قاراشقا يۆتكىلىشكە تېگىشلىكتۇر. چۈنكى ئىجتىمائىي مۈشكۈلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈش ۋاقىتنى تېجەيدۇ ۋە ئۆزگەرتىش قەدەملىرىنى تېزلىتىدۇ، شۇنداقلا جەمئىيەتتە بۇ ساھەلەر ئۈچۈن ئىقتىدارلىق ئادەملەر كۆپ تېپىلىدۇ.

(3) . بەزىلەر بىز دۇچ كېلىۋاتقان مۈشكۈلىنىڭ سەۋەبىنى سىرتنىڭ سۈيقەستىگە ئارتىپ قويىدۇ. قۇرئان كەرىم بولسا بىز دۇچ كېلىۋاتقان مۈشكۈلىنىڭ سەۋەبىنىڭ بىزنىڭ خاتا ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز ئىكەنلىكىنى تەلىم بېرىدۇ:«سىلەرگە مۇسىبەت كەلگەندە، سىلەر:«بۇ مۇسىبەت قەيەردىن كەلدى؟ سەۋەبى نېمە»دېدىڭلار. ئېيتقىنكى،«ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزلىرىڭلاردىن بولدى، سەۋەبچىسى سىلەر»(ئال ئىمران، 165-ئايەت).

«سىلەرگە ھەر قانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ (ئەپۇ قىلمايدىغان بولسا، بالا ۋە مۇسىبەتتىن ھېچ قۇتۇلالماس ئىدىڭلار)»(شۇرا سۈرىسى، 29-ئايەت).

(4) . بەزىلەر سەۋەبىنى قىلىپ، نەتىجىسىگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. نەتىجە ئاللاھدىن بولسىمۇ، نەتىجىنى سۈرۈشتە قىلىش ۋە قايتا تەكشۈرۈش لازىم. بەلكىم مۈشكۈلىنىڭ سەۋەبلىرىنى بەلگىلەشتە خاتالىق بولىشى مۇمكىن ياكى تەتبىقلاشتىكى نۇقسان مەغلۇبىيەتكە باشلاپ بېرىشى مۇمكىن.

3 . ئىلمىي تەتقىقاتقا سەل قاراش:

قۇرئان كەرىم بىزگە سەۋەبلەرنىڭ سىرتقى ئىزاھاتىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ھەقىقىي سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىمىزنى تەلىم بەرمەكتە. چۈنكى كېسەلنى بىلىشتە خاتالىشىش، داۋالاشتا چوقۇم خاتا نەتىجىگە باشلاپ بارىدۇ. قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىف ئىجتىمائىي كېسەللەر بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىش ئارىسىدىكى ئالاقىنى تەقدىم قىلىشقا كېپىل بولغان. مەسىلەن، ئىجتىمائىي كېسەللەر بىلەن تۇرمۇشنىڭ تەسلىكى، مۇستەبىتلىك، يوقسۇزلۇق ۋە كىشىلەرنىڭ ھەققىنى يەپ كېتىش ئارىسىدىكى ئالاقە نېمە؟ رەسۇلۇللاھ بۇ توغرىدا:«بىر مىللەت جىڭ-تارازىدا باشقىلارنىڭ ھەققىنى كېمەيتىپ قويسا قۇرغاقچىلىق، تۇرمۇشنىڭ تەسلىكى ۋە سۇلتاننىڭ زۇلۇم قىلىشىغا ئۇچرايدۇ»دېگەن(ئىبنى ماجە رىۋايىتى).

ئەگەر بىز بۇ كېسەللەردىن قۇتۇلماقچى بولساق، ھەر قايسى ساھەدە مەجبۇرىيەتنى شەرىئەتنىڭ يوليورۇقىغا ئۇيغۇن ھالدا تولۇق ئادا قىلىشتەك دىنىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كۆرسەتمىلىرىگە مۇراجىئەت قىلايلى. شۇنداق بولغاندىلا ئىمكانىيەتنىڭ ئازلىقى ۋە سىياسىي مۇستەبىتلىكتىن كېلىپ چىقىۋاتقان مۈشكۈلىلەردىن جەمئىيەت ھىمايە قىلىنىدۇ. چۈنكى ئىجتىمائىي كېسەل تارقالسا، كىشىلەر مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا سەل قاراپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ئامراق بولۇپ كېتىدۇ.

4.   مەنىۋىي سەۋەبلەر ماددىي نەتىجىلەرنى كۆپلەپ قولغا كەلتۈرىدۇ:

 دەسلەپكى مۇسۇلمانلار قولايلىق بولغان بارلىق سەۋەبلەرنى قوللانغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن مەدەنىيەتلىك بىر دۆلەتكە ئايلانغان.

تارىخقا نەزەر تاشلىساق، مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبى پەقەت ماددىي سەۋەبكىلا باغلىنىپ قېلىپ، مەنىۋىي سەۋەبلەرنى ئۇنتۇپ قالسا،گەرچە ئۇلار سان جەھەتتە كۆپ بولسىمۇ مەغلۇبىيەتنىڭ ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن.

سەۋەب قانۇنىيىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىكى خاتالىقلار – ئەزھەرىي تورى (azheri.com)

باشقا خىزمەتلەر