ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023

چىكىنىڭ
ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ئاخىرقى غايىسى جەننەتكە كىرىش بولسا، ھەج ئىبادىتىنىڭ مۇكاپاتى جەننەتتۇر

ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ئاخىرقى غايىسى جەننەتكە كىرىش بولسا، ھەج ئىبادىتىنىڭ مۇكاپاتى جەننەتتۇر

ھۆرمەتلىك دوكتور/ ئۇسامە بىن ئابدۇللا خەييات ئۇستاز

 

(21/11/1431هـ 29/10/2010م)

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ئاخىرقى غايىسى جەننەتكە كىرىش بولسا، ھەج ئىبادىتىنىڭ مۇكاپاتى جەننەتتۇر» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

 ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ غايىسى جەننەتكە كىرىش ۋە ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىش ئىكەنلىكىدە شەك يوق. ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ئەجرى كۆپ ئەمەل بولسا ھەج ئىبادىتىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بۇ ھەقىقەتنى ئوچۇق بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۆمرە يەنە بىر ئۆمرە ئارىلىقىدىكى گۇناھلارغا كاپارەتتۇر، مەقبۇل بولغان ھەجنىڭ مۇكاپاتى جەننەتتۇر».

گۇناھ ئارلاشمىغان پاك ھەج ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇللۇق دەرىجىسىگە يەتسە، بەندە جەننەت ئەھلى بولۇشقا لاياقەتلىك بولىدۇ. ئىخلاس ۋە سەمىمىيەت بولغان ھەمدە گۇناھ-مەئسىيەتتىن يىراق بولغان ھەج، مەقبۇللۇق دەرىجىسىگە يېتىدۇ. دەرۋەقە بارلىق ئىشلار ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئاللاھ بېرىدۇ ياكى توسۇپ قويىدۇ، پايدا-زىيان ۋە ئۆلتۈرۈش-تىرىلدۈرۈش ئاللاھنىڭ ئېلكىدىدۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق مەخلۇقتا باشقىلارغا پايدا-زىيان يەتكۈزۈش قۇدرىتى ۋە ئۆلتۈرۈش ياكى ھاياتلىق بىرىش قۇدرىتىمۇ يوق. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلايدۇ، ئاي، كۈننى بويسۇندۇرىدۇ، ئاي، كۈن بەلگىلەنگەن لىنىيىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ. شۇڭا ئاللاھتىن باشقىغا يېلىنىپ، يۈزلەنسەك ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولۇپ قالىمىز.

ئىبادەتلەرنىڭ توغرا بولىشى ۋە مەقبۇل بولىشى ئۈچۈن بارلىق ئىبادەتلەرنى، جۈملىدىن ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە مۇكەممەل ئەگىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە بۇيرۇپ پەرىز قىلغان ۋە مۇنداق دېگەن: {... وَمَآ ءَاتَىٰكُمُ ٱلرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَىٰكُمۡ عَنۡهُ فَٱنتَهُواْۚ ...} {پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەنگە مۇستەھكەم ئېسىلىڭلار، توسقاندىن دەرھال قول ئۈزۈڭلار}[1].

ھاجى قېرىنداشلار بارلىق ئىبادەتلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە مۇۋاپىق ئادا قىلغاندا، ئۆزىمۇ ئىبادىتىنىڭ توغرا بولغانلىقىدىن خاتىرجەم بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ھەججەتۇلۋىدادا: «ئىبادەتلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى مەندىن ئۆگىنىڭلار!» دېگەن.

ئاللاھنىڭ مېھمانلىرى بولغان ھاجىلار ھەج پائالىيەتلىرى جەريانىدا ھەجگە دەخلى يەتكۈزىدىغان، ياكى ئەجرىنى كەمەيتىدىغان، ياكى ئۇنى بۇزىدىغان قىلىقلاردىن يىراق بولىشى ۋە ھەزەر ئەيلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «سەت گەپ قىلمىغان، بۇزۇقچىلىق قىلمىغان ھالدا ھەج قىلغان ئادەم، ئانىسىدىن تۇغۇلغان ۋاقىتتىكىدەك گۇناھتىن پاك ھالدا قايتىدۇ».

بۇ ھەدىسنىڭ ئەرەپچىسىدە كەلگەن «رەفەس» سۆزىنىڭ مەنىسى، شەھۋانىي، ھاياسىز گەپلەرنى قىلىش، نامەھرەم ئاياللارغا شەھۋانىلىق بىلەن تىكىلىپ قاراش دېمەكتۇر. «فۇسۇق» دېگەن سۆز بولسا، يالغان ئېيتىش، غەيۋەت قىلىش، گەپ توشۇش، تىللىشىش ۋە باشقىلار بىلەن جىدەللىشىشكە ئېلىپ بارىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ھاجى قېرىنداشلارھەر بىر قەدەمدە ئۆزىنىڭ مۇقەددەس جايدا تۇرىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلۇغ ئىبادەت بولغان ھەج پەرزىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلسا، گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلىشقا جۈرئەت قىلمايدۇ. زامان، ماكان ۋە ئىبادەتنىڭ شەرىپىگە لايىق پوزىتسىيىدە بولغان ئادەم، ھېچقاچان گۇناھ قىلىشنى ئويلىمايدۇ ۋە گۇناھغا يېقىنلاشمايدۇ.

ھاجى مۇقەددەس زىمىنلاردا بولغان ۋاقىتلىرىنى تائەت-ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش، قۇرئان تىلاۋەتنى كۆپ قىلىش، نامازنى كۆپ ئوقۇش، زىكىر-تەسبىھنى كۆپ قىلىش، تاۋاپنى كۆپ قىلىش، ياخشىلىقلارنى كۆپ قىلىش ۋە ئاللاھ يولىدا كۆپ چىقىم قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ھەج يولىدا چىقىم قىلىنغان پۇل چوقۇم ھالال پۇللار بولىشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ پاكتۇر، پاك، ھالال پۇلدىن باشقىنى قوبۇل قىلمايدۇ.

ھاجى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن ھاياتىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىلگىرىكى خاتالىقلىرىنى تاشلاپ، نامازغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ياخشىلىقلارغا ئالدىرايدىغان، جىدەل-ماجرا قىلمايدىغان، گۇناھ-مەسىيەتلەرگە يېقىنلىشىشتىن قورقىدىغان ئەھۋال پەيدا بولسا، بىلىشى كېرەككى، ئۇنىڭ ھەججى قوبۇل قىلىنغاندۇر. ئەكسىچە، ھاجىنىڭ ھاياتىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يۈز بەرمىگەن بولسا، ئىلگىرى سادىر قىلىپ كېلىۋاتقان گۇناھلارنى يەنە سادىر قىلىۋەرسە، نامازغا سۇسلۇق قىلىدىغان ئادىتى بولۇپ، ھەجدىن كېيىنمۇ شۇ سۇسلۇق داۋام قىلسا، ئۇنداق ئادەمنىڭ ھەججى قوبۇل بولمىغان بولىدۇ. ھەجنىڭ مەقبۇل بولىشىنىڭ بىرىنچى شەرتى، بارلىق ھەج پائالىيەتلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە مۇۋاپىق ئادا قىلىش بىلەن بولىدۇ. ھەج ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان مەبلەغ چوقۇم ھالال پۇل بولۇشى كېرەك. شۈبھىلىك، رۈشۋەت (پارا)  ئارقىلىق كەلگەن پۇللار ھالال پۇل ئەمەستۇر.

ھاجى، سەپەر مۇشەققىتىنى چىكىپ، ئائىلىسىنى تاشلاپ، بالا-چاقىلىرىدىن ئايرىلىپ كەلگەن ئىكەن، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ھەجنى مۇكەممەل، سۈننەتكە لايىق ئادا قىلىشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەجنىڭ سەپەر مۇشەققىتىنى تەسۋىرلەپ: «سەپەر ئازابتىن بىر پارچىدۇر، سەپەر ئىنساننى يىمەك-ئىچمىكىدىن، ئۇيقۇسىدىن مەھرۇم قىلىدۇ» دېگەن. ئاللاھنىڭ مېھمانلىرى بولغان ھاجىلار شۇنداق ئېغىر بەدەل تۆلىگەن بولغاچقا، ھەججىنىڭ مەقبۇل بولىشى ئۈچۈن بارلىق شەرتلەرنى ھازىرلىشى ۋە بارلىق ھەرىكەتلىرىدە دېققەت قىلىشى كېرەك.

ھاجىلارنىڭ زامان، ماكان ۋە پائالىيەتنىڭ شەرىپىگە لايىق ھەرىكەت قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا ھەرەمدە تۇرۇش جەريانىدا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ زىكىر  - تەسبىھنى كۆپ قىلىش، قۇرئاننى كۆپ ئوقۇش ۋە تاۋاپنى كۆپ قىلىش لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەسۋىرلىگەندەك، ئانىسىدىن تۇغۇلغان بوۋاقتەك گۇناھلاردىن پاكلىنىپ، ئاندىن بۇ مۇقەددەس زىمىندىن خوشلىشىشقا تىرىشىش، ھەر بىر ھاجىنىڭ بىردىن بىر ئارزۇسى بولىشى لازىم.

ئاللاھ ھاجىلارنىڭ ئىبادەتلىرىنى ئۆز دەرگاھىدا قوبۇل قىلسۇن! ھاجىلارغا ئىككى ھەرەم دىيارىدىن يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقتەك پاك ھالدا ۋەتىنىگە ساق-سالامەت قايتىپ بېرىشنى نېسىپ قىلسۇن، ئامىن!!.

سىراجىددىن ئەزىزى تەرجىمىسى.



[1]  ھەشىر سۈرىسى: 7- ئايەت.

باشقا خىزمەتلەر