ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
تاھىرجان ئابباس
ئىسلام ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن باشلىنىپ، ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن تاكامۇللاشقان بىردىنبىر ھەق ۋە تەۋھىد دىنىنىڭ ئاساسىدۇر. پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە كەلگەن دىننىڭ ئەسلى ماھىيىتى بىر بولۇپ، شەرىئەت ئەھكاملىرى پەرقلىق بولسىمۇ، ئەقىدە مەسىلىلىرى بىردەكتۇر. تارىختىن بېرى، پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ئۆز ئۈممەتلىرىنى دائىم بىر ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا چاقىرىپ كەلگەن. ھەزرىتى نوھ، ھەزرىتى ئىبراھىم، ھەزرىتى ياقۇب، ھەزرىتى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالاملارغا ئوخشىغان نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرىمۇ مۇسۇلمان بولۇشقا بۇيرۇلغان. دېمەك، «ئىسلام» خۇددى ئىززەت بىگوۋىچ ئېيتقاندەك، مۇبارەك تەسلىمىيەت، يەنى ئۆزىنى مۇتلەق ئاللاھقا تاپشۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.
«ئىسلام» ئاتالغۇسى ئەرەبچە بىر ئىبارە بولۇپ، لۇغەتتە تىنچلىق، كېلىشىش، بويسۇنۇش، ئىتائەت قىلىش دېگەندەك مەنىلەردە كېلىدۇ.
ئىسلامنىڭ مەزكۇر لۇغەت مەنىسىنى مۇتلەقلەشتۈرۈپ ئېتىبارغا ئالىدىغان بولساق، مەيلى باتىلغا بوي ئىگىش بولسۇن، مەيلى ھەقىقەتكە بوي ئىگىش بولسۇن، ياكى بىر ئاللاھقا بوي ئىگىش بولسۇن مۇتلەق بوي ئىگىپ ئىتائەت قىلىش دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. لېكىن ئاتالغۇ ياكى قۇرئان كەرىمدە كەلگەن «ئىسلام» دېگەن سۆز پەقەتلا بىر ئاللاھقا بوي ئىگىپ، ئىتائەت قىلىش دېگەن ئۇقۇمنى كۆرسىتىدۇ.
ئىسلام ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن باشلىنىپ، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسى ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن كۈچلەنگەن ”تەۋھىد، يەنى يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىشىنىش“ ئاساسى ئۈستىگە قۇرۇلغان ۋە ”ھەنەپىلىك _ توغرا يول“ ئىسمى بېرىلگەن ھەق ۋە توغرا دىندۇر.. ئاخىر زامان پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ توغرا دىن ھەققىدە ئۆز ئۈممىتىىگە نەسىھەت قىلىپ: «توپ توغرا تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭدىن ئەسلا ئايرىلماڭلار» دېگەن بولسا، جانابى ئاللاھ ئۆز كىتابىدا: ﴿ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نوھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار، مۇشرىكلارغا سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە (يەنى تەۋھىد) ئېغىر كەلدى، ئاللاھ تەۋھىدكە خالىغان ئادەمنى تاللايدۇ، ئاللاھنىڭ (تائىتىگە) قايتىدىغان ئادەمنى تەۋھىدكە باشلايدۇ﴾[1] دېگەن، يەنە ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 18 ـ ۋە 19 ـ ئايەتلىرىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن[2] ئىسلام، جانابى ئاللاھنىڭ، ئۇنىڭ پاك پەرىشتىلىرىنىڭ ۋە ئادالەتنى ياقىلايدىغان ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ گۇۋاھلىقى بويىچە، ئۇ _ بىر ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىشقا، قۇللۇق بىلدۈرۈپ، يېلىنىپ يالۋۇرۇشقا لايىق ھېچبىر ئىلاھ يوق دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان، جانابى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە قوبۇل قىلىنغان ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ توغرا دىن دېگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر.
دېمەك، مەزكۇر ئايەتلەرنىڭ روھى بويىچە بولغاندا، دۇنياغا كېلىپ كەتكەن پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن دىنىنىڭ نېگىزى «ئاللاھنىڭ بىرلىكى _ تەۋھىد» ئاساسى ئۈستىگە قۇرۇلغان. پۈتۈن نەبى ۋە رەسۇل - پەيغەمبەرلەر بۇ تەۋھىد ئەقىدىسى ئەتراپىغا مەركەزلىشىپ، ھەممىسى ئۈممەتلىرىنى شۇ ئورتاق بىرلا ھەقىقەتكە دەۋەت قىلىپ ئالەمدىن ئۆتكەن.
لېكىن شۇ بىر ھەقىقەتكى، پۈتۈن دىنلاردا ئەسلا ئۆزگەرمەيدىغان تەۋھىد ۋە ئەخلاق كاتېگورىيەسىدىن باشقا ئىقتىساد، كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ئالاقىدار شەرىئەت ئەھكاملىرىدا زامان ۋە ماكاننىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلى، ئۇسلۇب ۋە مېتود جەھەتتە قىسمەن پەرقلىقلەر يۈز بەرگەن.
ئەسلىدە بۇ تۈر پەرقلىقلەر ۋە ئوخشاشماسلىقلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ناھايىتى تەبىئىي ئەھۋال. بىز بۇ ئوخشاشماسلىقلارنى شارائىت، مۇھىت ۋە تەرەققىيات نەتىجىسىدە ئىنسانىي ئېھتىياجدىن كېلىپ چىققان بىر ئۆزگىرىش دەپ قارىساق بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئىنسانلىق ئالىمىدە ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان بىر ھەقىقەت.
ئەسلىدە پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ غايىسى خالىس تەۋھىد ئاساسىدا، ئىنسانلارنى ئىسلاھ قىلىش، ئەخلاق، ئىش – ئەمەل ۋە ئىبادەتلىرىنى تۈزىتىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئېلىپ كەلگەن شەرىئەت ئەھكاملىرى ئارىسىدا، يەنىلا بىر قىسىم ئوخشىماسلىقلارنىڭ كۆرۈلۈشى، ھەربىر پەيغەمبەر ئۆزى ئەۋەتىلگەن قەۋم ۋە مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئەنئەنىسى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىدىن، دىننىڭ ئېتىقاد، ئەخلاق ۋە ئىبادەت پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن بولغانلىرىنى قويۇپ، ئۇيغۇن بولمىغانلىرىنى چەكلىگەنلىكى تۈپەيلىدىن بولغان. بۇ خىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغاندا ھەر قەۋم ۋە مىللەتلەرنىڭ چۈشەنچە، ئاڭ ۋە مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئۇيغۇن ئۇسلۇب ۋە مېتود قوللىنىلغان. شۇ ۋەجىدىن دىننىڭ ئەسلى ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، شەرىئەت مەسىلىلىرىدە پەرقلىقلەر يۈز بەرگەن.
ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر قانچىلىغان سەۋەبلەر تۈپەيلى زاماننىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۆز ئېتىقادچىلىرى تەرىپىدىن مەقسەتلىك ۋە مەقسەتسىز ھالدا، بۇرمىلاش ۋە ئۆزگىرىشلەرگە دۇچ كەلگەن بۇرۇنقى ساماۋى دىنلاردىكى ئورتاق ھەقىقەتلەرنى ئىلمىي قىممەت ئۆلچىمى بويىچە كۈچلەندۈرۈپ، قىيامەتكىچە كېلىدىغان پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ چۈشەنچە ۋە ئاڭ سەۋىيەلىرىگە مۇناسىپ شەكىلدە، ئىنتايىن ئېنىق بايان ۋە تەپسىلىي ئىزاھلىغان؛ بىر قىسىم شەرىئەت مەسىلىلىرىدە زامان ۋە ماكان شەرتلىرىنى نەزەرگە ئالغان؛ ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ۋە دائىملىق بىر روھ ئىچىدە يۈكسىلىپ، تەرەققىياتقا يۈزلىنىشى ئۈچۈن نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىجتىھاد يولىنى ئوچۇق قويغان. شۇنىڭدەك شەخسلەرنىڭ ئىستېدات ۋە قابىلىيىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.
ئېتىقاد، ئىبادەت ۋە ئەخلاققا مۇناسىۋەتلىك ماۋزۇلاردا ساماۋى كىتابلاردىكى ئوخشاشلىقلار ئۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرلا مەنبەدىن كەلگەنلىكىنى ۋە ھەممىسىنىڭ بىرلا غايىدە بىرلىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەيلى ئورىگىنال تەۋرات ياكى ئورىگىنال ئىنجىل بولسۇن، مەيلى قۇرئان كەرىم بولسۇن، ھەممىسى جانابى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن، مەنبەسى بىر، غايىسى ئوخشاش كىتابلار بولۇپ، ھېچبىر دىن مەنسۇبىنىڭ بۇ ھەقىقەتلەرنى ئىنكار قىلىشىغا ئورۇن يوق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىز پەيغەمبەرلەر ئوخشاش دىنغا ئىگە بىر ئائىلىنىڭ ئەۋلادلىرىمىز» دېگەن. بۇ ھەدىس بىزگە، پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ پەقەتلا بىر ئاللاھنىڭ ھىمايىسىدە ئايرىلماس بىر جامائە كىشىلىرى ئىكەنلىكىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭمۇ ئەسلىدە بىر ئېتىقاد ئاساسىدا بىرلىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما زامان، ماكان ۋە شەرت – شارائىتقا ئەگىشىپ، كېيىنكىلەرنىڭ ئىلاھىي ئەمىرلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇپ كېتىشى، ياكى بۇ ئەمىرلەرنى باشقىلارغا توغرا ۋە تولۇق شەكىلدە يەتكۈزمىگەنلىكى ۋە ياكى دۇنيا مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋاز كېچىشى دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىختىلاپلىشىپ، پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكى قۇرئان كەرىمنىڭ يۇنۇس سۈرىسى 19 ـ ئايىتىدە، بەقەرە سۈرىسىنىڭ 253 – ئايەتلىرىدە[3] ئېنىق بايان قىلىنغان.
بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام دىنى ھېچ شۈبھىسىزكى، بۇرۇن ئۆتكەن پۈتۈن پەيغەمبەرلەر تەرىپىدىنمۇ تەبلىغ قىلىنغان بىر ئالەمشۇمۇل دىندۇر. دېمەك، ھەربىر پەيغەمبەرنىڭ تەبلىغ قىلغان دىنى ئالدىنقى پەيغەمبەرنىڭ تەبلىغ قىلغان دىنىنى تاماملىغۇچى، زامان ۋە ماكاننىڭ شەرتلىرىگە مۇناسىپ كەلمىگەن ھۆكۈم ۋە بىر قىسىم ئەھكاملارغا تۈزىتىش بېرىپ قېلىپلاشتۇرغۇچى بىر پورمىدۇر. بۇ بىزگە پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ «تەۋھىد ـ لائىلاھە ئىللەللاھ» دېگەن ھەقىقەت ئاساسىدا بىرلىشىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىدۇ.
قۇرئان كەرىم بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارغا ئىشىنىپ ئەگەشكەنلەر ھەققىدە توختالغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ رەببى، ئىلاھى پەقەت بىرلا ئاللاھ ئىكەنلېكىنى، ھەممىسىنىڭ قانۇن ۋە ھۆكۈملىرىنىڭ ئوخشاش مەنبەدىن كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر ئۈممەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. چۈنكى ئىماننىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى ۋە ئەخلاق ئۆلچەملىرى توغرىسىدا ھېچبىر پەيغەمبەر ئۆزىدىن باشقا پەيغەمبەرنىڭكىدىن پەرقلىق بىر پىرىنسىپ ۋە ئۆلچەم ئېلىپ كەلگەن ئەمەس. ھەممە پەيغەمبەر ئوخشاش ئاساس ۋە ئوخشاش پىرىنسىپلار ئۈستىدە توختالغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشى ئىش قىلىشقا، ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە ۋە ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۇلارنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بويىچە (كىشىلەرنى بىزنىڭ دىنىمىزغا) يېتەكلەيدىغان پېشۋالار (يەنى پەيغەمبەرلەر) قىلدۇق، ئۇلارغا بىز ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى، ناماز ئوقۇشنى، زاكات بېرىشنى ۋەھىي قىلدۇق، ئۇلار بىزگە خالىس ئىبادەت قىلاتتى﴾[4]. ماددىغا باغلىنىپ چېكىدىن ئاشقان دۇنيا مۇھەببىتى، دۈشمەنلىك، ئەخلاقسىزلىق، تىجارەتتە ھىلە ئىشلىتىشتەك يامان ئىشلار بۇرنقى پەيغەمبەرلەر تەرىپىدىنمۇ ئەيىپلىنىپ چەكلەنگەن. بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ: ﴿كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرنى (يەنى قايسى يول بىلەن بولمىسۇن) كەم بەرمەڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پىتنە ـ پاسات تېرىماڭلار.﴾[5] دېگەن. شۇنىڭدەك، كىشىلەرنى ياخشىلىققا يۈزلەندۈرۈش، ياخشىلىققا ئۈندەش، ياخشىلىق يولىدا جاپا - مۇشەققەتلەرگە چىداش، كىشىلەرگە رەھىم ـ شەپقەتلىك ۋە كەمتەر بولۇشتەك نۇرغۇن ئىشلار بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرىگىمۇ بۇيرۇلغان. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە ھەزرىتى لوقماننىڭ ئۆز ئوغلىغا قىلغان نەسىھىتىدە:﴿ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى ۋاقتىدا (تەئدىل ـ ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، (كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرىغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن، (چۈنكى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغۇچى ئەزىيەتلەرگە ئۇچرايدۇ)، بۇ ھەقىقەتەن قىلىشقا ۋە ئىرادە تىكلەشكە تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر﴾[6] دېيىلگەن.
پۈتۈن بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ يىغىندىسى توپلانغان مۇقەددەس كىتاب قۇرئان كەرىمنىڭ ئەنبىيا سۈرىسىدە مۇسا، ھارۇن، ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب، نوھ، لۇت، داۋۇد، سۇلەيمان، ئەييۇب، زۇلكىفل، يۇنۇس، زەكەرىييا، يەھيا ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالام قاتارلىق پەيغەمبەرلە زىكىر قىلىنغان. بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن بۇ قىسسىلەرنىڭ بۇ شەكىلدە بايان قىلىنىش غايىسى يەنە شۇ سۈرىنىڭ 92 – ئايىتىدە مۇنداق ئىپادىلەنگەن: ﴿(ئى پەيغەمبەرلەر جامائىسى!) سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىندۇر، مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار.﴾ بۇ سۈرىدە بىر گۇرۇپپا پەيغەمبەرلەرنىڭ بىردەك بايان قىلىنىشنىڭ غايىسى، بىرىنچى قىلىپ، قۇرئان كەرىم خىتاب قىلغان بىز ئىنسانلارغا پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلار ئېلىپ كەلگەن دىنلارنىڭ ئەسلى مەنبەسى بىر ئىكەنلېكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. ئىككىنچى قىلىپ، باشقا دىنىي ئۇقۇم، دىنىي ئاڭ ۋە دىنىي پىرىنسىپلارنى ئۇلارنىڭ قىسسىلىرىنىڭ ئىچىدە تەقدىم قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ دىن يولىدا دۇچ كەلگەن قىيىن ۋە ئىبرەتلىك ھال - ئەھۋاللىرىنى بىز ئىنسانلارغا بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
بۇ ماۋزۇدا سۈرە شۇئەرادا ئارقىمۇ- ئارقا زىكىر قىلىنغان قىسسىلەرنىڭ مۇھىم بىر نۇقتىنى دىققىتىمىزگە سۇنغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ نۇقتىدا سۈرىدە بايان قىلىنغان نوھ، ھۇد، سالىھ، لۇت ئەلەيھىسسالام قاتارلىق پەيغەملەرنىڭ قەۋملىرى ۋە شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بولغان ئەيكەلىكلەرنىڭ ئۆز پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئىپادىلەنگەندە، ھەر قېتىم ئەرەبچىدە «رەسۇل» (پەيغەمبەر) دېگەن سۆزنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولغان «ئەلمۇرسەلىن ـ ئەلچىلەر ـ يەنى پەيغەمبەرلەر» سۆزىنى ئىستېمال قىلىپ بايان قىلىش تەلەپ قىلىنغان. بۇ مەسىلىدە ھەر قەۋمنىڭ ئۆز پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ئەمەلىيەتتە پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلىقى ئىكەنلېكىنى بىلدۈرۈش بىر تاسادىپىيلىق ئەمەس. بۇنىڭ تۈپكى مەقسىتى، پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ۋەھيىنىڭ ماھىيىتى ئۆزگەرمىگەنلېكىنى، تۈپ يىلتىزىنىڭ بىر ئىكەنلېكىنى، شۇڭا پەيغەمبەرلەردىن بىرىنى ئىنكار قىلغانلىق بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلىق ئىكەنلېكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈندۇر.
خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا، «ئىسلام» ئاتالغۇسى قۇرئان كەرىمنىڭ ئىپادىسى بويىچە، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىننىڭلا ئىسمى ئەمەس. بەلكى، ئۇ _ تۇنجى ئىنسان ۋە دەسلەپكى پەيغەمبەر ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ، ئاخىرقى پەيغەمبەر ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە ئۆتكەن پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ چاقىرىقى ۋە بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ ئەگەشكەن ئىنسانلارنىڭ، ھەتتا جىن تائىپىلىرىنىڭمۇ ئورتاق دىنىدۇر.[7] شۇنىڭ ئۈچۈن قايسى تىلدا، قاچان ۋە قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاللاھ تائالادىن كەلگەن پۈتۈن ۋەھيىلەرگە، نازىل قىلىنغان پۈتۈن كىتاب - سەھىپىلەرگە ۋە ئەۋەتىلگەن پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە چىن ئىشىنىش پۈتۈن ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ زۆرۈرىيىتىدۇر.
دېمەك، بۇ ھەق دىن، يەنى ئىسلام دىنى تۇنجى ئادەم ۋە دەسلەپكى پەيغەمبەر ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن باشلىنىپ، ئاخىرقى پەيغەمبەر ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن تاكامۇللاشقان، زاماننىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ كەتكەن دىنىي پىرىنسىپلارنى يېڭىدىن ئەسلىگە كەلتۈرگەن، شۇنىڭدەك، ئۆزگىرىپ كېتىش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ئىختىلاپ ۋە دە - تالاشلارنى يوق قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت – سائادىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، جانابى ئاللاھ ئۆزى رازى بولۇپ تاللىغان بىردىنبىر ھەقىقەت ۋە ھىدايەت مەنبەسىدۇر.
بۇ نوقتىدا ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش زۆرۈر بولغان مۇھىم بىر مەسىلە شۇكى، قۇرئان كەرىمنىڭ بۇرۇنقى كىتابلارنىڭ ئۆزگەرتىلگەن تەرەپلىرىنى ئەسلىگە ئۇيغۇن تۈزۈتىشى ۋە تۇغرا تەرەپلىرىنى تەستىقلاپ قوبۇل قىلىشى، شۇنىڭدەك پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنى ئاللاھنىڭ بەرھەق ئەلچىلىرى دەپ كۆرسىتىشى بىر مەسىلە بولسا، پرىنسىپ جەھەتتىن پەقەتلا ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىش، ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىپ، قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكمىگە بوي سۇنۇش دەپ كۆرسىتىشى ئايرىم بىر مەسىلە؛ چۈنكى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مونۇ ئايەتلەرنى ئوتتۇرىغا قىلغان: ﴿(ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرى (ساماۋى) كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى ھەق كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدۇق. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان (ئەھكامى) بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن ھەقتىن بۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن﴾[8]. ﴿بۇ بىز نازىل قىلغان (قۇرئان) مۇبارەك كىتابتۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغۇچىلاردىن بولۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، (ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ساقلىنىڭلار﴾[9] ﴿(ئى ئىنسانلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار، ئاللاھنى قويۇپ، (جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان، سىلەرنى ئازدۇرىدىغان) دوستلارغا ئەگەشمەڭلار، سىلەر ۋەز ـ نەسىھەتنى ئاز قوبۇل قىلىسىلەر﴾[10].﴿(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ئەلچىسى ئۈممى پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار﴾[11] ﴿(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»،﴾[12].
بۇ ئايەتلەردە جانابى ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتۈن ساماۋى كىتابلارنىڭ شاھىدى، يەنى بۇرۇنقى كىتابلارنىڭ ئۆزگەرتىلگەن تەرەپلىرىنى توغرىلاش، توغرا تەرەپلىرىنى تەسدىقلاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ھۆكۈم مەسىلىسىدە قۇرئان كەرىمىنڭ ھۆكمى بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا ئەمرى قىلغانلىقىنى، قۇرئان كەرىمنىڭ مۇبارەك كىتاب ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغۇچىلارنىڭ چوقۇم ئۇ كىتابقا ئەگىشىشتىن باشقا ئەمەسلىكىنى، شۇنىڭدەك يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پۈتۈن ئىنسانلارغا ئورتاق پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەنلىكىنى، توغرا يول ۋە ھىدايەت تېپىش پەقەت ئۇ زاتقا ئەگەشكەندە ئاندىن ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىدە ھەزرىتى مۇھەمەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈپ، ئۇ ئېلىپ كەلگەن شەرىئەتكە ئەمەل قىلماي تۇرۇپ، قۇتۇلۇش ۋە توغرا يول تېپىش بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
قىسقىسى قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكمىگە بوي سۇنۇش ۋە ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىگە ئەگىشىش پۈتۈن ئىنس ۋە جىنلارنىڭ، توغرىسى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ قەرزى ۋە پەرزىدۇر. مۇھەممەدكە ئىشىنىمەن، قۇرئانغا ئىشەنمەيمەن، ياكى ئاللاھقا ئىشىنىمەن مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنمەيمەن دېگەندەك قاراش ۋە چۈشەنچىلەر ھەممىسى كۇپرانىي سۆز ۋە باتىل قاراشتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەينى ۋاقىتتا دۆلەت رەئىسلىرىگە بۇتپەرەس ياكى خىرىستىيان لىدەرلىرىگە ئەۋەتكەن ئىسلامىي دەۋەت چاقىرىقىنىڭ مەزمۇنى: جانابى ئاللاھنىڭ بىرلىك ۋە بارلىقىغا ئىشىنىش ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىش ئاساس قىلىنغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، مەيلى ئەينى چاغدا بولسۇن ياكى بۈگۈنكى دەۋردە بولسۇن ھەر قانداق شەخىس مەيلى ئۇ شەخىس ئەھلى كىتابدىن بولسۇن ياكى باشقا تائىپىلەردىن بولسۇن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پۈتۈن ئىنسنلارغا ئەۋەتىلگەن ئاخىرزامان پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىسە، ئۇ ئېلىپ كەلگەن شەرىئەتكە ئەمەل قىلىپ، قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكمىگە قايىل بولمىسا، بۇنداق كىشىلەرنىڭ دىنى ياكى قىلغان ئەمەل ئىبادىتى ئاللاھ ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلىنمايدۇ. بۇ ھەقىقەت ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ سەككىزىنچى ئايىتىدە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ: ﴿چوقۇمكى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا مەقبۇل دىن ئىسلام دىنىدۇر، كىمكى ئىسلام (دىنىدىن) باشقا دىننى تىلەيدىكەن، ئۇ ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئادەم ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر﴾.
مانا بۇ بىر ھەقىقەت، ھېچقانداق بىر پىكىر ياكى ئىدىيىۋى قاراش ياكى دىن مەنسۇبى بۇنى ئەسلا ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بۇنىڭغا مۇشۇ بويىچە ئىشىنىپ، مۇشۇ بويىچە ئەمەل قىلىش ھەر بىر مۇسۇلمان ئىگىسىنىڭ ئېتىقادىي مەجبۇرىيىتىدۇر. پەرۋەردىگارىمىز ھەممىمىزنى مۇشۇ ئېتىقاد بويىچە ئەمەل قىلىپ، مەھشەردە ھوزۇرىغا قوبۇل قىلسۇن، ئامىن.
داۋامى كېيىنكى ساندا....
بۇ ماقالىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى: ئابدۇلئەھەد ھافىز
( [1] ) سۈرە شۇرا 13 ـ ئايەت.
[2]{ئاللاھ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. پەرىشتىلەرمۇ، ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [18]. ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى) دۇر. كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىنلا ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى (يەنى ئىسلامنىڭ ھەقلىقىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلېكىنى روشەن پاكىتلار ئارقىلىق بىلىپ تۇرۇپ، كۆرەلمەسلىكتىن ئىنكار قىلىشتى)، كىمكى ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن (ئاللاھ ئۇنى يېقىندا جازالايدۇ)، ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر}(سۈرە ئال ئىمران، 18 – ۋە 19 – ئايەتلەر)
[3]{ئىنسانلار (ئەسلىدە) بىر دىن (يەنى ئىسلام دىنى) دا ئىدى. كېيىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى (يەنى دىنلار كۆپەيدى،) پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىن ئالا ئېيتقان سۆزى (يەنى جازالاشنى قىيامەتكە قالدۇرۇشتىن ئىبارەت تەقدىرى) بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلاتتى (يەنى دىندا ئىختىلاپ قىلىشقانلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇ دۇنيادىلا جازا بېرىلەتتى.) (سۈرە يۇنۇس، 19 – ئايەت.)
{ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى، بەزىسى ئىمان ئېيتتى، بەزىسى كاپىر بولدى. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ}(بەقەرە سۈرىسى، 253 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.)
[4].ئەنبىيا سۈرىسى، 73 – ئايەت.
[5].سۈرە شۇئەرا، 183 – ئايەت.
[6].سۈرە لوقمان، 17 – ئايەت.
4. تەپسىرۇل مەنار 3 ـ قىسىم 257 ـ ئايەت.
[8] . سۈرە مائىدە 48 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[9] . سۈرە ئەنئام 155 – ئايەت.
[10] . سۈرە ئەئراف 3 – ئايەت.
[11] . سۈرە ئەئرف 158 – ئايەت.
[12] . سۈرە ئال ئىمران 31 . ئايەت.
باشقا خىزمەتلەر