ھىجرىيە: | مىلادىي: 24 Eylül 2021

چىكىنىڭ
ئىرادە ۋە نىيەتلەردىكى شېرىك

 ئىرادە ۋە نىيەتلەردىكى شېرىك

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

ئىرادە ۋە نىيەتلەردىكى شېرىك ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، ئۇنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا بۇ شېرىكتىن ساقلىنىپ قالالايدۇ.

كىمكى قىلغان ئەمەللىرىدە ئاللاھ رازىلىقىدىن باشقا نەرسىنى ئىرادە قىلغان بولسا، ئاللاھقا يىقىنلىشىشنى كۆزلىمىگەن بولسا ۋە ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ مۇكاپاتىنى تەلەپ قىلغان بولسا، بۇ ئادەم ئاللاھقا ئىرادە ۋە نىيەتتە شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ.

بەندىلەر گەپ-سۆزلىرى، ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە ئىرادە، نىيەتلىرىنى ئاللاھقىلا خالىس قىلىشى كېرەك. مانا بۇ، ئاللاھ بەندىلىرىنى ئەگىشىشكە بۇيرۇغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدۇركى، ئىنسانلاردىن بۇنىڭدىن باشقا دىن قوبۇل قىلىنمايدۇ. مانا بۇ ھەقىقى ئىسلامدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئىسلام (دىنىدىن) غەيرى دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر.»[1] مانا بۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدۇركى، بۇ دىندىن ئەڭ ئەقىلسىز، ئەڭ ھاماقەت ئادەملەرلا يۈز ئۆرۈيدۇ.

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم



[1] سۈرە ئال ئىمران 85-ئايەت

باشقا خىزمەتلەر