ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023
تەبلىغ ۋە دەۋەت
ئابدۇرىشىد قاراجىم سابىت
دەۋەت، بىز مۇسۇلمانلارغا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەرىپىدىن تاپشورۇلغان مۇقەددەس ئامانەت بولۇپ، ئۆتەشكە تېگىشلىك ئىنتايىن مۇھىم ۋە جىددىي بىر مەجبۇرىيەت.
تەبلىغ ۋە دەۋەتتىن مەقسەت، ھەق دىن بولغان ئىسلامىيەتنىڭ ئەھكام ۋە پرىنسىپلىرىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈش ۋە ئۇلارنى ھەقىقىي «كامىل» ئىنسان قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىشتىن ئىبارەت.
ھەقىقەتتە بۇ بىر ئىلاھىي ئامانەت بولۇپ، ئەينى چاغدا دۇنياغا كېلىپ كەتكەن پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە يۈكلەنگەن ۋە ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىش غايىسنىڭ ئاساسى ئىدى. بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ بۇ رىسالەت ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىپ، داۋاملاشتۇرۇشنى بىز ئۈممەتكە تاپشۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ زات ھەججەتىل ۋىداغا ھازىر بولغان 100 مىڭدىن ئارتۇق ساھابە كىراملارغا سۆز قىلغان ۋە سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «بۇ يەرگە ھازىر بولغانلار ھازىر بولمىغانلارغا (مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى) يەتكۈزسۈن» دەپ تاپىلىغان.
جانابى ئاللاھ بۇ ۋەزىپىنى بىزگە قۇرئان كەرىمدە: «بىر ـ بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان» دېگەن سۆزى ئارقىلىق ئىنسانلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشقا بۇيرۇيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىز ئۈممەتكە تاپشۇرغان بۇ مۇقەددەس ئامانىتىنى ئادا قىلىشقا سەل قاراپ، ۋەسىيىتىگە ۋاپا قىلىپ ھۆددىسىدىن چىقالمىساق، ئاقىۋەتتە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئېغىر مەسئۇلىيەت ئاستىدا قالىمىز.
بىز بۇ ئەھدىمىزگە ۋاپا قىلىشىمىز ئۈچۈن تەبلىغ ۋە دەۋەتنى ئاۋۋال باشلاپ ئۆز بالا ـ چاقا ۋە ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىمىزدىن باشلىشىمىز لازىم. ئۇلارغا قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىس شەرىپلىرىدىن دەرس بېرىپ، دىن ـ دىيانەت، ئەقىدە ۋە ئەخلاق توغرىسىدا چۈشەنچە ھاسىل قىلدۇرۇپ دىنى مەلۇماتقا ئىگە قىلايلى.
ئەۋلاد تەربىيەسى تەبلىغ ۋە ئىرشادنىڭ ئاساسى ئۇلى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا دىن ۋە ئەقىدىنى توغرا ۋە دۇرۇس شەكىلدە چۈشەندۈرۈپ، ئىسلامنىڭ ئەھكام ۋە قانۇن پرىنسىپلىرىنى ئۈگتىپ دىن ـ دىيانەتنى قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، شۇ بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىپ ھايات كەچۈرىشىگە كۆندۈرەيلى. ئۇلارغا مۇشۇ چۈشەنچە ۋە مۇشۇ تۇيغۇ بىلەن ھەرىكەت قىلىپ ھايات كەچۈرگەندە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئىرىشىدىغانلىقىنى، بۇ پرىنسىپتىن چەتنەپ كەتكەندە ھەر ئىككى دۇنيادا خار ۋە زار بولۇپ، ئالاھنىڭ ھوزۇرىدا ئېغىر جازا ۋە ئازابقا لايىق بولۇپ ئىلاھىي رەھمەتتىن مەھرۇم قېلىپ جەننەتكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرەيلى.
بۇ ھەقتە ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتا ئاددى ـ ساددا ياشاپ ئۆتكەنلىكى، تەبلىغ ۋە دەۋەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش جەريانىدا تارتقان جاپا ـ مۇشەققەتلىرىنى، بۇ جاپا ـ مۇشەققەتكە قارىتا ئۇ زاتنىڭ سەۋر قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ھەر زامان ئۇلارغا سۆزلەپ بېرىشىمىز لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ساھابە كىراملارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان مۇھەببىتىنى، ئۇ زاتنىڭ دەۋەتىنى قوغداش ئۈچۈن جان ـ ماللىرىنى پىدا قىلىپ، بالا ـ چاقا ۋە ئۆي ـ ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھ ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن، پەيغەمبىرى ئۈچۈن جانلىرىنى ئايىماي خىزمەت قىلىشتەك پىداكارلىق روھىنى باللىرىمىزغا سۆزلەپ بېرىپ؛ مانا مۇشۇنداق پىداكارلىقلارنىڭ بەدىلىگە قىسقا بىر زامان ئىچىدە پۈتۈن دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ قۇدرەتلىك بىر دۆلەت قۇرۇپ جاھالەت ۋە زۇلمەتكە تولغان بىر دۇنيادا ھەق ۋە ھەقىقەتنى تۇرغۇزۇپ ئادالەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك بەرپا قىلىپ، دۇنيا مىللەتلىرىگە نەمۇنە ۋە ئۆرنەك بولۇپ تونۇلغانلىقىنى ئۇلارنىڭ زېھنىگە سىڭدۈرىشىمىز لازىم! شونىڭدەك ساھابە كىراملارنىڭ ئۆزىنى، ئائىلىسىنى ۋە بالا چاقىلىرىنى ئونۇتقان ھالدا بىر ـ بىرىگە كۆيۈنۈپ ئومۇمىي مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن جان ـ مېلىنى ئايىمايدىغان، ئالىي جاناپ، ھىممەتلىك، جاسارەتلىك، ئىپپەت نومۇسى ۋە شان ـ شەرىپىگە جېنىنى پىدا قىلىش خىسلىتىگە ئىگە، ئۆزىگە ئۆزى خوجا ئېزىز بىر ئۈممەت بولۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولۇش بىلەن ھەر تەرەپتىن جانابى ئاللاھنىڭ زور رەھمىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ھەتتا جانابى ئاللاھ ئۆز كالامى قۇرئان كەرىمدە ئۇلارنى «شۇھەدا، سىددىقىن، سالىھىن» دېگەن ئۇنۋان بىلەن زىكىر قىلغانلىقىنى بالىلىرىمىزغا ئەسلىتىشىمىز لازىم.
ئەۋلادلىرىمىز قۇرئان كەرىمنى ئۆگىنىش بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىماتىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈپ، ساھابە كىراملارنىڭ ئىش ـ ئىزلىرىنى بېسىپ ئۇلارنىڭ دىن ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىق خىسلەتلىرىنى تۇتقا قىلىپ ماڭىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە، جانابى ئاللاھ ئەينى چاغدا ساھابە كىراملارغا ئاتا قىلغان چوڭقۇر رەھمىتىنى ۋە زور ئاتا ـ ئېھسانلىرىنى ئۇلارغىمۇ مەرھەمەت قىلىشى مۇقەررەر.
شۇنىڭدەك پەرزەنتلىرىمىزگە ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۈرك ئىرقى تارىخىدا تۇنجى ئىسلامىي دۆلەت قۇرۇپ پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا دەۋران سۈرىگەنلىكىنى (840 ـ 1123 يىلدىكى ئۇيغۇر قاراخانىيلار سەلتەنەتى كۆزدە تۇتىلىدۇ)، ئەخلاق پەزىلەت ۋە ئەنئەنىۋىي ئۆرپ ـ ئادەتلىرىنى ئەسلىتىپ ئۇلارنىڭ قەلبىگە تۆۋەندىكىدەك سوئال ئالامەتلىرىنى قويىشىمىز لازىم:
بىز قانداق قىلغاندا ئاتا ـ بوۋۇلىرىمىزغا ۋارىسلىق قىلالايمىز؟ ئەجدادلىرىمىز ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن دىن ـ دىيانەت، ئەخلاق پەزىلەتلىرىنى، ئەنئەنەۋىي ئۆرپ ـ ئادەتلىرىنى بۇزماي ساقلاپ ئۆتكەن ئىكەن؛ بىز نېمە ئۈچۈن بۇلاردىن ۋاز كېچىپ يات مىللەت ۋە غەيرى دىندىكىلەرنىڭ ئۆرپ ـ ئادەت ۋە رەسمىيەتلىرىگە زوقلىنىمىز؟ ئىنسانىي قىممىتىمىزنى دەپسەندە قىلىدىغان، مىللىي ئەنئەنەلىرىمىزنى پۈچەكلەشتۈرىدىغان بىر تۈركۈم غەيرى رەسمىي ئىشلارنىڭ مۇخلىسلىرى بولۇپ قېلىشىمىزنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئەجدادلىرىمىزنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئەنئەنەۋىي مىراسلىرىنىڭ ھەقىقىي مىراسخورلىرى بولالىدىقمۇ يوق؟ ئۇلارنىڭ ئەخلاق ـ پەزىلەت قارىشىنى تاشلاپ، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئۆرپ ـ ئادەتلىرىمىزگە يات ۋە ئىسلام پرىنسىپلىرىغا زىت ئەجنەبىي خەقلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئادەت ـ قائىدىلىرىگە تۇتقۇن بولۇپ قېلىشىمىز نېمە ئۈچۈن؟ بىز بۇ ناكەس ۋە ناتىۋان ھالىمىز بىلەن مەھشەردە ئۇلارغا قانداق يۈز كېلەلەيمىز؟ قىسقىسى ياراتقۇچىىمىز جانابى ئاللاھ ئالدىدا نېمە دەپ جاۋاب بېرىمىز؟ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىككى دەستۇرىمىز بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ھايات پىروگراممالىرىمىزنى قانداق ئورۇنلاشتۇرغان؟ نېمە ئۈچۈن بىز بۇ مۇقەددەس دەستۇرلىرىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن چەتنەپ كەتتۇق؟
مانا بۇ مەزكۇر سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن جانابى ئاللاھتىن قورقايلى، دىندارلىق ۋە تەقۋادارلىقنى ئۆزىمىزنىڭ ھايات مۇساپىمىزنىڭ قىبلەنامىسى قىلايلى. جانابى ئاللاھتىن قانچىكى قورقساق شۇنچە تەقۋا، شۇنچە دىندار ھايات بىزگە نېسىپ بولىدۇ. ھەممىگە ئالىم ۋە ھەممىگە قادىر ئاللاھ بىز ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت ـ سائادىتى ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن زامان ـ ماكان ئايرىماي ئىنسان تەبىئىتىگە تامامەن ماس كېلىدىغان دىني ئەھكام ۋە شەرىئەت پرىنسىپلىرىنى ئۆز ئارا بىر ـ بىرىمىزگە يەتكۈزۈپ، دىندار ۋە تەقۋادار مۇسۇلمانلىقىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىماتى بويىچە ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىپ، ھەر جەھەتتە باشقىلارغا ئۆلگە بولايلى! ساغلام ۋە دۇرۇس مۆمىن مۇسۇلمانلىقىمىز ئەمەلىي ئىش ـ ھەرىكەت پائالىيىتىمىزدە ئىسپاتلانسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە بەرگەن ئەھدى پەيمانىمىزغا ۋاپا قىلىپ ئىلاھىي ئامانىتىمىزنى بىجا كەلتۈرگەن بەندىلەردىن بولۇپ قالساق ئەجەپ ئەمەس!...
بۇنىڭ ئۈچۈن ئەھلى ـ ئەۋلاد ۋە بالا ـ چاقىلىرىمىزدىن ئاللاھ ھوزۇرىدا مەسئول ئىكەنلىكىمىزنى ئىسىمىزدىن چىقارماي، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپتە ئەۋلاد تەربىيىسى ھەققىدە كۆرسىتىلگەن قائىدە ۋە پرىنسىپلارنى پۇختا ئۆگىنىپ، شۇ بويىچە ئەۋلادلىرىمىزغا تەلىم ـ تەربىيە بېرىپ، بۇلارنىڭ ئىسلامىي پەرزەندىلىك ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلدۇرايلى!
قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ بىزلەرگە ئەھلى ـ ئەۋلادلىرىمىزنى كېچىكىدىنلا ناماز ئوقۇشقا كۆندۈرۈپ ئىسلام ئەخلاقى بىلەن تەربىيىلەپ ئۆستۈرىشىمىزنى، ئۇلار ئاق ـ قارىنى پەرق ئەتكىدەك بولغاندا، ياتاق يېرىنى ئايرىشىمىزنى، قىزلىرىمىز ئۆزلىرىنى پەردە ـ ھىجاپ ئارقىسىغا ئېلىپ يۈرىشىگە كۆندۈرۈپ تەربىيىلەپ چىقىشىمىزنى بۇيرىغان ئىدى.
بىز مۇقەددەس دىنىمىزنىڭ دەستۇرى بولغان بۇ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەرنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئۆزىمىزدە ئۆزلەشتۈرۈپ كۈندىلىك مەشغۇلاتىمىزنى ئۇنىڭغا كۆرە ئېلىپ بارالمىدۇق، ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزلەرگە مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن تەبلىغ ۋە دەۋەت ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن تېخى چىقالمىدۇق. شۇ سەۋەبلىك ئەھلى ئەۋلادلىرىمىز ئىسلامىيەتنىڭ قائىدە پرىنسىپلىرىدىن ۋە مۇسۇلمانچە ئەخلاق قاراشلىرىدىن كۈنسېرى ئۇزاقلاشتى، نەتىجىدە جەمئىيىتىمىزدىكى ياشلىرىمىز ئىسلام ئەخلاقىغا زىت، مىللىي ئۆرپ ـ ئادىتىگە يات خىلمۇ-خىل ئەجنەبى قىلمىش ۋە ئەتمىشلەرگە نورمال قارايدىغان، بەلكى زوقلىنىپ ئۆزىنى ئاتىدىغان ئادەت شەكىللەندى.
بىز مۇسۇلمان مىللەت، مۇسۇلمانچە تەپەككۇر قىلىپ جەمئىيەتكە نەزەر سالايلى!... قىز بالا ـ چاقىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرەيلى!... ئۇلارغا ئىستىلى بوزۇق، مەرەز كىشىلەرنىڭ نامەھرەم كۆزلىرى چۈشسە ئاتىلىق ياكى ئاكىلىق ۋىجدانى ھېسسىياتىمىز ئازابلانماي تۇرالامدۇ؟!! ئۇلارنىڭ ئىززەت ـ شەرەپى ۋە نۇمۇس ـ ئىففىتى بىزنىڭ ئىززەت ـ شەرىپىمىز ئەمەسمۇ؟! ئۇلارنىڭ مۆمىنەلىك ئىززەت شەرىپىگە بىز ئاتا ـ ئانىلار ئىگە چىقىپ كۆز قۇلاق بولمىساق، كىم ئىگە بولىدۇ؟ ئۇلارنى كىم قوغدايدۇ؟!
بىزدە ئىسلامىيەت ۋە ئىنسانىيەت شەرىپىگە لايىق كۈندەشلىك غۇرۇر ۋە ۋىجدانىي ھامىيەت بولسۇن، دىنى ئەقىدىمىز ۋە دىيانىتىمىزنىڭ ئىجابى بويىچە ئاياللىرىمىز، ھەمشىرە ۋە قىز بالىلىرىمىزنى يات ـ نامەھرەم كۆرۈنۈشتىن توسايلى!.. بۇلارمۇ مۇسۇلمانچە ئالاھىدىلىككە ئىگە نومۇسچان ۋە شەرم ـ ھايالىق شەرىپىگە ئىگە مۆمىنە خانىملاردىن بولسۇن. ئۆزىنىڭ ئىمانلىق جامالىنى يات، يامان ۋە ئىستىلى بوزۇق كىشىلەرگە كۆرسىتىپ ئۆزىنى خارۇ ـ بىئىززەت قىلمىسۇن!
يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئايىتى كەرىمە ۋە ھەدىس شەرىپلەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىمىزگە تەتبىقلاپ، شۇ بويىچە ئەۋلادلىرىمىزغا ئۆگىتىپ، ئىسلامىي ئەقىدە ۋە ئىسلامىي ئەخلاقنى ئۇلارنىڭ زېھنىگە سىڭدۈرۈپ تەربىيە بېرىدىغان بولساق، شۈبھىسىزكى، جانابى ئاللاھ بىزلەرنى ئۇلۇغۋار مۆمىن ۋە ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىيامەتتە ھېساب قىلماستىن ئۆز جەننىتىگە مۇشەررەپ قىلىدۇ.
جانابى ئاللاھ بۇلارغا مۇنۇ ۋەدىدە بولغان: «ئۇلار مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى، خوتۇنلىرى ۋە ئەۋلادىنىڭ ئىچىدىكى ياخشىلارمۇ جەننەتكە كىرىدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارنى (مۇبارەكلەش ئۈچۈن جەننەتنىڭ) ھەر بىر دەرۋازىسىدىن كىرىدۇ (ۋە ئۇ دۇنيادا) «سەۋرنى دوست تۇتقانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن! ئاخىرەتلىكنىڭ ياخشى بولۇشى نېمىدېگەن ئوبدان!» دەيدۇ» [رەئد سۈرىسى 23 ـ 24 ـ ئايەت] يەنى ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ، ئىلاھىي ئامانەت بولغان تەبلىغ دەۋىتىنى يەتكۈزگەنلەر ئەبەدىيلىك جەننەتكە كىرىدۇ. بۇ يەرگە سالاھىيەت ھاسىل قىلغان ئاتا بوۋىلىرى ۋە ئايال ۋە ئەۋلادلىرى ھەم بىرگە كىرىدۇ، بۇلارنىڭ يېنىغا مالائىكىلەر ئىشىك ـ ئىشىكتىن كىرىپ، سالام بېرىپ : «دۇنيادا ئىسلام ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئۆلچىمىگە چۈشۈپ، شەرىئەت پرىنسىپلىرىغا بوي سۇنۇپ، ئىجتىمائىي غايىسىنى قوبۇل قىلىپ، غەربنىڭ ئىدېئولوگىيىسى ۋە يىراق شەرقنىڭ سىياسىي بېسىمى ئاستىدا ئېغىپ كەتمەي سەۋرچانلىق بىلەن ساباتلىق كۆرسىتىپ تۇرغانلىقىڭلارنىڭ بەدىلىگە ئاتا قىلىنغان بۇ جەننەت نېمە دېگەن گۈزەل ئىستىقباللىق ئورۇن؟!» دەپ تەبرىكلىشىدۇ.
ئېزىز مۇسۇلمان قېرىنداشلار! بۇ كىتابچىنى كىچىك كۆرمەي ئىچىدىكى ئايەت كەرىمە ۋە ھەدىس شەرىپلەرنى ئوقۇپ، مۇلاھىزە قىلىپ ئەھلى ـ ئەۋلادىمىزغا ئىسلامىي تەربىيە بېرىپ ھىدايەتكە كىرگۈزەيلى! ھەرگىزمۇ ئۇلارنى نوقۇل مەكتەپ تەربىيىسىگە تاشلاپ قويمايلى، ياكى جەمئىيەتكە چىققاندا مەجبۇرىي ئادەم بولىدۇ دەپ سەل قارىمايلى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ مەكتەپتىن ئالىدىغان تەربىيىسى ھەممىمىزگە مەلۇم!... ياشاۋاتقان جەمئىيىتىمىز تامامەن بوش، نى ـ نى ياخشى ۋە تەقۋادار كىشىلەرنىمۇ ئازدۇرۇپ تاپتىن چىقارغىلى تاس قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دەسلەپكى تەربىيە يەنى ئائىلە تەربىيىسىگە قەتئى سەل قارىماسلىقىمىز، سەھەرلەردە تۇرۇپ ئىنساپ ـ تەپىق ۋە ھىدايەت تېپشىغا جانابى ئاللاھتىن تىلىشىمىز لازىم. قۇرئانى كەرىم بىزنى بۇ ھەقتە مۇنداق ئىرشاد قىلىدۇ: «ئۇلار: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى (يەنى بىزگە ساڭا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتا قىلىشىڭنى) تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پىشىۋاسى (يەنى تەقۋادارلارنىڭ نەمۇنىسى، ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى) قىلغىن» دەيدۇ[ [فۇرقان سۈرىسى 74 ـ ئايەت].
ئاتا ـ ئانا بولۇش بىر ئىلاھىي مەجبۇرىيەت، بۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشقا ھەرگىزمۇ بىپەرۋالىق قىلماسلىق كېرەك، چۈنكى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ دىنسىز ـ دەھرىي ياكى يەھۇدىي ياكى خرىستىئان بولۇپ چىقىشىدا بىز ئاتا ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيتى ئىنتايىن زور. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك: «ھەر بىر بالا ئىمان ئۈستىگە توغىلىدۇ، ئۇنى ئاتا ـ ئانىسى يا يەھۇدى، يا ناسارا، يا مەجۇسى قىلىپ چىقىدۇ» [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان].
بىزنىڭ سەۋەبىمىز بىلەن جانابى ئاللاھ بىر ئادەمگە ھىدايەت بېرىپ قالسا، بۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن زور مۇۋەپپىقىيەت ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سېنىڭ تەشەببۇسىڭ بىلەن جانابى ئاللاھنىڭ بىرەر كىشىنى ھىدايەت قىلغانلىقى، سېنىڭ دۇنيا ۋە دۇنيادىكى پۈتۈن نەرسىگە ئىگە بولغانلىقىڭدىن ياخشىراق» دېگەن بېشارىتىگە سازاۋەر بولغان بولىمىز.
بىزنى ئىنسان يارىتىپ ئۆزى رازى بولغان دىن يەنى ئىسلام دىنىغا ھىدايەت قىلغان خالىقىمىز ۋە پەرۋەردىگارىمىز جانابى ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسەنالار بولسۇن ۋە بىزنى بۇ مۇقەددەس دىندىن ئايرىمىسۇن، ئاخىرقى نەپسىمىزنى ”لائىلاھە ئىلاھە ئىللەللاھۇ“ دىن ئىبارەت ئىمان كەلىمىسى بىلەن ئۈزۈپ، باشلىنىشى بار، ئاخىرى يوق ھەقىقىي يۇرتىمىز بولغان ئاخىرەت مەنزىلىمىزگە ساغلام قەلب بىلەن كەتكىلى نىسىپ قىلسۇن، ئامىن!
تەرجىمە قىلغۇچى: ت شەھىدى
باشقا خىزمەتلەر