ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەرنىڭ بىرى تۆۋبە قىلىشتۇر
ھۆرمەتلىك ئۇستاز دوكتور/ سالىھ بىن ئابدۇللا بىن ھۇمەيد
2011 – يىلى 8 – ئاينىڭ 20 - كۈنى
ئىمام ئاللاھ تالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەرنىڭ بىرى تۆۋبە قىلىشتۇر» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.
دىننىڭ بەلگىسى، ئاللاھقا ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا ئىخلاس قىلىش بولسا، شۈكۈر ئېيتىشنىڭ بەلگىسى، قازاغا رازى بولۇش ۋە قەدەر(تەقدىر)گە بويسۇنۇشتۇر. مۇھەببەتنىڭ بەلگىسى، مەھبۇبىنى كۆپ ياد ئېتىشتۇر.
ئې ئاللاھنىڭ بەندىسى! ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگەشكىن، بىدئەت پەيدا قىلما. تەۋەززۇلۇق بول، تەكەببۇرلۇق قىلما. روھىيەتنىڭ پاكلىقى، ئۇنى ئىسلاھ قىلىش ۋە دىللارنى تازىلاش بولسا، ياخشى تۇرمۇش ئۈچۈن دەرۋازىلارنى ئاچىدۇ، روھلار قاچان ئاللاھ ئۈچۈن پۈكلىنىدىكەن، ئارزۇسىغا يېتىدۇ.
ئاللاھقا ئەڭ سۈيۈملۈك، ئىنسانغا يۇقىرى ماقام بەخش ئېتىدىغان، دىلدا مۇھەببەت پەيدا قىلىدىغان، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىنى قوزغايدىغان ۋە گۇناھلارغا كاپارەت بولىدىغان ئىبادەت تۆۋبە ئىبادىتىدۇر. تۆۋبە، ئاللاھ تەرىپىگە قايتىش بولۇپ، ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا ئاللاھ ياخشى كۆرمەيدىغان ئەمەللەردىن يىراق بولۇش دېمەكتۇر. دۇئا بولسا، خارلىق، ئاللاھنىڭ چەكسىز قۇدرىتىگە قايىل بولۇش، ئادالىتى، ھېكمىتى، پەزىلىتى ۋە رەھمىتىنى ئىقرار قىلىش ۋە ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىغا تەن بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. تۆۋبە، گۇناھنى تەرك ئېتىش، قىلىپ سالغان گۇناھلارغا نادامەت قىلىش، قايتا تەكرارلىماسلىققا ئىرادە باغلاش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق ھاسىل بولغۇسىدۇر. ھەر بىر بەندە تۆۋبىگە موھتاج بولۇپ، ھېچقانداق بىر بەندە تۆۋبىدىن بىھاجەت بولالمايدۇ، تۆۋبە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەخلاقىدۇر. ئۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ، تا قىيامەتكىچە ئىنسانغا ھەمراھ بولىدىغان نەرسىدۇر. تۆۋبە ئارقىلىق بەندە گۇناھ-مەسىيەتتىن تائەت-ئىبادەتكە، ۋەيرانچىلىقتىن ئىسلاھاتقا ۋە زۇلۇمدىن ئادالەتكە يۆتكىلىدۇ. تۆۋبە پىتنە-پاسات ئالدىغا قالقان بولىدىغان بىر تۇغدۇر.
دۇنيادا ئىنساننىڭ گۇناھ-مەسىيەتلىرى قانچە كۆپ بولسۇن تۆۋبە ئارقىلىق ئۆزىنى پاكلاش مۇمكىنچىلىكى بار. چۈنكى بەندىنىڭ تۆۋبىسىدىن ئاللاھ ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ، ئاللاھ تۆۋبىنى ئۆزىنىڭ مۇھەببىتى ئۈچۈن ۋەسىلە قىلغان ۋە قۇرئان كەرىمدە: «ئاللاھ تۆۋبە قىلغۇچىلارنى ۋە ئۆزىنى پاكلىغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ»، دېگەن.(بەقەرە222)
تۆۋبە گۇناھلارنى ئۆچۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى گۇناھ-مەسىيەتلەرنى ياخشىلىقلارغا ۋە ئىبادەتلەرگە ئۆزگەرتىدۇ. ئىنساننىڭ قەلبىدە ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى كۈچلەنگەنسىرى، تائەت-ئىبادەت قىزغىنلىقى ئېشىپ بارىدۇ. بىز مۇبارەك رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونلىرىدا كېتىپ بارىمىز، بۇ كۈنلەردە گۇناھ-مەسىيەتلەرنى سادىر قىلىشتىن ھايا قىلىشىمىز كېرەك، ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتىمىزنى كۈچەيتىپ، ئاللاھتىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىش بىلەن بىرگە كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلىشىمىز لازىم. ئې ئەھلى مەككە (ئەسلى مەككە ئەھلى ۋە مەككىگە ئىبادەت ئۈچۈن كەلگەن بارلىق ئۆمرە قىلغۇچى، زىيارەتچىلەر كۆزدە تۇتىلىدۇ) سىلەردە ماكان ۋە زامان شەرىپى بىرلەشتى. بۇ مۇقەددەس ئورۇننىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاڭلار ۋە ۋاقتىڭلارنى ئىبادەت بىلەن مەشغۇل قىلىڭلار.
بۇ مۇقەددەس دۆلەت قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ئۈستىگە قۇرۇلغان دۆلەتتۇر. دۆلەتنى قۇرغۇچى پادىشاھ ئابدۇلئەزىز دۆلەت ئاساسىنى تىكلەپ بولۇپلا، ئىككى ھەرەم خىزمىتىنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى ۋە بۇرچى دەپ بىلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى دۆلەتكە ۋارىس بولۇپ، يەنىلا ئىككى ھەرەم خىزمىتىدىن ھېچقاچان قولىنى تارتمىغان. كۈنىمىزدە بولسا ئىككى ھەرەم خادىمىنىڭ مەسجىدىلھەرەمنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىغا ئۇل سېلىشى، بۇنىڭ جانلىق مىسالىدۇر. بۇ دۆلەت مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى بولغان كەئبە جايلاشقان، ۋەھىيىنىڭ مەنبىيى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەنىۋى مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ گۈللەندۈرۈشكە ھەسسە قوشۇشى لازىم بولغان بىر دۆلەتتۇر.
ئاللاھ بىزنى تۆۋبە قىلىشقا نېسىپ قىلسۇن، تۆۋبە-ئىستىغفارلىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن، ئامىن!!.
تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى
باشقا خىزمەتلەر