ھىجرىيە: | مىلادىي: 24 Eylül 2021

چىكىنىڭ
سەئىيد ئىبنى ئامر ئەلجۈمەھى

سەئىيد ئىبنى ئامر ئەلجۈمەھى

 سەئىيد ئىبى ئامر ئەلجۈمەھى بۇ دۇنياغا ئاخىرەتنى سېتىۋالغان، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويغان كىشى ئىدى.

— تارىخچىلار

 

ياش يىگىت سەئىيد ئىبنى ئامر ئەلجۈمەھى—مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسھابىلىرىدىن بىر- خۇبەيب ئىبنى ئەدىينى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن شۇنىڭ ئۆلۈمىنى كۆرۈش ئۈچۈن مەككىنىڭ سىرتىدىكى تەنئىم رايونىغا چىقىشقا تەشكىللەنگەن نەچچە مىڭ قۇرەيشلەر ئىچىدىكى بىرى ئىدى.

ئاللاھ سەئىيدنىڭ نەۋقىران ياشلىقى، پىشىپ يېتىلگەن يىگىتلىكى كىشىلەر بىلەن تەڭ تۇرۇش، ھەتتا ئەبۇسۇفيان، سەفۋان ئىبنى ئۇمەييەلەردەك قۇرەيش كاتتىۋاشلىرىغا ئوخشاش سەپنىڭ بېشىدا تۇرىدىغان قۇرەيش پىشقەدەملىرى بىلەن باراۋەر تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. بۇ ئۇنىڭغا قۇرەيشلەرنىڭ كىشەنلەنگەن ئەسىرى خۇبەيبنى كۆرۈش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەردى. ئاياللار، بالىلار ۋە ياشلار ئۇنى ئۆلتۈرۈپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن شەخسىي ئىنتىقامىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بەدىردە ئۆلگەن كىشىلىرىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆلۈم مەيدانىغا ئىتتىرىپ ئېلىپ كېتىۋاتاتتى.

بۇ جامائەت ئۆز ئەسىرىنى ئۆلتۈرۈش مەيدانىغا ئېلىپ بارغاندا سەئىيد ئۆزىنىڭ ئېگىز قامىتى بىلەن دار ئالدىغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقان خۇبەيبنى كۆرۈپ توختىدى ۋە ئاياللار، بالىلارنىڭ چۇقانلىرى ئارىسىدىن خۇبەيبنىڭ تەمكىن، كۆتۈرەڭگۈ ئاۋازىنى ئاڭلىدى:

— ئەگەر خالىساڭلار ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇۋالسام.

سەئىيد خۇبەيبكە قارىدى. خۇبەيب قىبلىگە قاراپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدى. بۇ ئىككى رەكئەت ناماز ھەقىقەتەن چىرايلىق ۋە مۇكەممەل ئوقۇلغان ئىدى. ئاندىن خۇبەيب قۇرەيشلەرنىڭ باشلىقلىرىغا ئالدىنى قىلىپ:

— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنى ‹ئۆلۈمدىن قورقۇپ نامازنى ئۇزۇن ئوقۇدى› دەپ قالمىسۇن دېمەيدىغان بولسام، تېخىمۇ ئۇزۇن ئوقۇيتتىم، — دېدى.

سەئىيد ئۆز قوۋمىنىڭ خۇبەيبنى تىرىك تۇرغۇزۇپ چاناۋاتقانلىقىنى، بەدىنىنى بىر ـ بىرلەپ يۇناۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار خۇبەيبكە:

— سەن قۇتۇلۇپ سېنىڭ ئورنۇڭدا مۇھەممەدنىڭ بولۇشىنى خالامسەن؟ — دەيتتى. ئۇنىڭ بەدىنىدىن قانلار ئېقىۋاتاتتى، خۇبەيب جاۋابەن:

— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۆيۈمدە بالىلىرىم بىلەن خاتىرجەم تۇرۇپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىر تال تىكەننىڭ كىرىشىگە قەتئىي رازى ئەمەس! — دېدى.

شۇ ھامان كىشىلەرنىڭ قوللىرى بوشلۇقتا پولاڭلاپ:

— ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار! ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار! — دېگەن چۇقانلىرى كۆككە كۆتۈرۈلدى.

سەئىيد خۇبەيبنىڭ دار ئۈستىدىن كۆزىنى ئاسمانغا تىكىپ دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ مۇنداق دەيتتى:

— ئى ئاللاھ! ئۇلارنى بىر پۈتۈن يىغقىن! بىر- بىرلەپ ئۆلتۈرگىن! بىرىنىمۇ قالدۇرمىغىن! — ئۇنىڭ شۇنداق دەپ ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ تۇرغان پېتى نەپسى ئۈزۈلدى. ئۇنىڭ جەسىتىدىكى قىلىچ ئۇرۇلغان نەيزە سانجىلغان جايلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايتتى.

*****

قۇرەيشلىكلەر مەككىگە قايتىشتى. چوڭ ۋەقەلەر قىستاڭچىلىقىدا خۇبەيب ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇنتۇپ كەتتى.

لېكىن خۇبەيب، قۇرامىغا يەتكەن سەئىيدنىڭ خاتىرىسىدىن بىر مىنۇتمۇ كۆتۈرۈلۈپ كەتمىدى. ئۇ خۇبەيبنى ئۇخلىسا چۈشىدە، ئويغانسا كۆڭۈل ئىكرانىدا كۆرەتتى. خۇبەيبنىڭ دار ئالدىدا خاتىرجەم، تەمكىن ھالدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىغا كېلەتتى. سەئىيدنىڭ قۇلاق تۈۋىدە خۇبەينىڭ قۇرەيشلەرنىڭ زىيىنىغا دۇئا قىلىۋاتقان ئاۋازى جاراڭلايتتى ـ دە، ئۆزىگە مۇشۇ ئىش تۈپەيلىدىن ئاللاھ تائالانىڭ غەزەپ قىلىشىدىن قورقاتتى.

خۇبەيب سەئىيدقا بۇندىن بۇرۇن بىلىمگەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىتىپ قويدى. ئۇنىڭغا ھەقىقىي ھاياتلىقنىڭ ئەقىدە ۋە شۇ ئەقىدە يولىدا ئۆلگۈچە كۈرەش قىلىش ئىكەنلىكىنى، مۇستەھكەم ئىماننىڭ ئاجايىپ ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى، مۆجىزىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغانلىقىنى[1] ئۆگىتىپ قويدى.

ئۇنىڭغا يەنە، ھەمسۆھبەتلىرى پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى كۆرىدىغان بۇ كىشىنىڭ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) ئاسماندىن كۈچلەندۈرۈلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىپ قويدى.

بۇ ۋاقىتتا ئاللاھ سەئىيدنىڭ قەلبىنى ئىسلام ئۈچۈن ئېچىۋەتتى. سەئىيد كىشىلەر ئارىسىدا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىنىڭ قۇرەيشلەرنىڭ يامانلىقلىرىدىن بىزار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇتلىرىدىن قول ئۈزگەنلىكىنى، ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەئىيد مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بېرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە تۇردى. خەيبەر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە ئۇرۇشلارغا قاتناشتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا سەئىيدتىن رازى ئىدى. سەئىيد شۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىككى خەلىپىسى ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر (ئاللاھ ئۇ ئىككىسىدىن رازى بولسۇن!) نىڭ قولىدىكى يالىڭاچلانغان قىلىچ بولۇپ تۇردى، ھەمدە دۇنياغا ئاخىرەتنى سېتىۋالغان، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ ساۋابىنى، كۆڭۈللەرنىڭ قىزىقتۇرۇشى، جىسىمنىڭ شەھۋەتلىرىدىن ئۈستۈن بىلگەن مۆمىنلەرنىڭ مىسلىسىز ئۈلگۈسى بولۇپ ياشىدى.

پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىككى خەلىپىسى سەئىيدنىڭ راستچىللىقى ۋە ئۇنىڭ تەقۋالىقىنى بىلەتتى، ئۇنىڭ نەسىھىيىتىگە قۇلاق سالاتتى. سۆزىگە كۆڭۈل بۆلەتتى. سەئىيد ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ:

— ئى ئۆمەر! مەن سېنىڭ كىشىلەر توغرىسىدا ئاللاھتىن قورقۇشۇڭنى، ئاللاھ توغرىسىدا كىشىلەردىن قورقماسلىقىڭنى، سۆزۈڭنىڭ ئىش- ھەرىكىتىڭگە قارشى بولماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن. چوقۇمكى، سۆزنىڭ ياخشىسى ئەمەلىيەتتە ئېلىپ بېرىلغىنى...

ــــ ئى ئۆمەر! ئاللاھ سېنى ئىشلىرىغا باشلىق قىلىپ قويغان يېقىن- يىراق جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىدا ئادىل بول! سەن ئۆزۈڭگە ۋە بالا- چاقىلىرىڭغا ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئۇلارغىمۇ ياخشى كۆر! ئۆزۈڭگە ۋە بالا ـ چاقىلىرىڭغا يامان كۆرگەن نەرسىنى ئۇلارغىمۇ يامان كۆر! ھەقىقەتكە چوڭقۇر چۆككىن! ئاللاھ توغرىسىدىكى پىتنىخورنىڭ پىتنىسىدىن قورقما! — دېگەنىدى، ئۆمەر:

ـــ ئى سەئىيد! بۇنىڭغا كىممۇ قادىر بولالايدۇ؟! — دېگەندە، سەئىيد:

— بۇنىڭغا، ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنىڭ ئىشىغا ئىگە قىلغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتە بولمىغان ساڭا ئوخشاش ئادەم قادىر بولالايدۇ، — دېدى.

ئۆمەر سەئىيدنى ھۇزۇرىغا چاقىرىتىپ:

ــــ ئى سەئىيد! بىز سېنى ھىمسە شەھىرىگە ۋالىي قىلماقچى، — دېدى.

ــــ ئۆمەر! مېنى ئازدۇرمىساڭ! مېنى دۇنياغا يېقىن يولاتمىساڭ! — دېدى سەئىيد. بۇ چاغدا ئۆمەر ئاچچىقلاپ:

— ۋاي ئىسىت سىلەرگە! سىلەر مۇشۇنچە ئىشلارنى مېنىڭ زېممەمگە قويۇپ قويدۇڭلار! ئاندىن مەندىن يىراقلاشتىڭلار! — دېدى ۋە ئۇنى ھىمسە شەھىرىگە ۋالىي قىلدى ۋە — سىزگە مائاش توختىتىپ بېرىمىزمۇ؟ — دېگەندە، سەئىيد:

ــــ ئەمىيرىل مۆمىن! مەن ئۇنى نېمە قىلىمەن؟ مېنىڭ بەيتۇل مالدىن كەلگەن نېسىۋەم ھاجىتىمدىن يېتىپ ئاشىدۇ — دېدى ـ دە، ھىمسەگە قاراپ يول ئالدى.

ئۇزۇن ئۆتمەي ھىمسە شەھىرىدىن بىر تۈركۈم ئىشەنچلىك كىشىلەر ئۆمەرنىڭ قېشىغا ئەلچىلىككە كەلدى، ئۆمەر ئۇلارغا:

ــــ سىلەر ماڭا ئاراڭلاردىكى كەمبەغەللەرنىڭ ئىسمىنى يېزىپ بېرىڭلار، مەن ھاجىتىدىن چىقاي — دېدى. ئۇلار بىر پارچە خەت كۆتۈرۈپ كېلىشتى، ئۇ خەتتە كەمبەغەللەرنىڭ ئىسمى بار بولۇپ، شۇ قاتاردا «سەئىيد ئىبنى ئامىر» دەپ بىر ئادەم بار ئىكەن، ئۆمەر، — سەئىيد ئىبنى ئامىر دېگەن كىم؟ — دەپ سورىدى.

ــــ بىزنىڭ باشلىقىمىز! — دەپ جاۋاب بېرىشتى ئەلچىلەر جاۋابەن.

ــــ باشلىقىڭلار كەمبەغەلمۇ؟ — دەپ سورىدى ئۆمەر.

ــــ ھەئە، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭ ئۆيىدە بىر نەچچە كۈن ئۇدا ئوت يېقىلمايدۇ، — دېيىشتى.

 ئۆمەر يىغلاپ كەتتى، ھەتتاكى ياشلىرى ساقىلىنى ھۆل قىلىۋەتتى. ئاندىن مىڭ دىنار تەييارلاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:

ــــ ئۇنىڭغا مەندىن سالام ئېيتىڭلار ۋە ئۇنىڭغا «مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى بۇ پۇللارنى ئىشلەتسۇن دەپ، سىزگە ئەۋەتتى» دەڭلار! — دېدى.

ئەلچىلەر سەئىيدنىڭ قېشىغا ھەمياننى ئېلىپ باردى. سەئىيد ھەمياندىكى پۇلنى كۆرۈپ ئۇنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، خۇددى ئازاب چۈشكەندەك:

ــــ بىز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىمىز، يەنە ئاللاھ تەرەپكە قايتىمىز[2]، — دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ئايالى يۈگۈرۈپ چىقىپ:

ــــ ئى سەئىيد ساڭا نېمە بولدى؟ ئەمىرۇلمۆمىن ۋاپات بوپتۇمۇ؟ — دەپ سورىدى.

ــــ ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق ئىش بوپتۇ، — دېدى سەئىيد.

ــــ مۇسۇلمانلار بىرەر ۋەقەگە دۇچ كەپتۇمۇ؟ — دەپ قايتا سورىدى ئايالى يەنە، — ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق نېمە ئىش بوپتۇ؟

ــــ ئاخىرەتلىكىمنى بۇزغىلى دۇنيا كىردى، ئۆيۈمگە پىتنە چۈشتى، — دېدى. ئايالى بۇنى ئاڭلاپ:

ــــ ئۇنىڭدىن يىراق بولۇڭ! — دېدى.

ــــ ماڭا مۇشۇ ئىشتا ياردەم بېرەمسەن؟:

ــــ ھەئە، — دېدى ئايالى دەرھال.

سەئىيد دىنارلارنى ھەميانغا سېلىپ كەمبەغەل مۇسۇلمانلارغا تارقىتىپ بەردى...

يۇقىرىدىكى ئىشلارغا ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب شام شەھىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرگىلى ھىمسە شەھىرىگە كەلگەندە، ھىمسە شەھىرىنىڭ مۆتىۋەرلىرى ئۆمەرنىڭ ئالدىغا سالامغا كەلدى. ئۆمەر ئۇلاردىن:

— باشلىقىڭلار قانداقكەن؟ — دەپ سورىدى.

ئۇلار سەئىيدنىڭ ئۈستىدىن تۆت ئىشنى شىكايەت قىلىشتى. ئۇ ئىشلار بىر ـ بىرسىدىن چوڭ ئىدى.

ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ:

«مەن سەئىيد ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى كىشىلەرنى يىغدىم ۋە ئاللاھ تائالادىن گۇمانىمنى ئىشقا ئاشۇرماسلىقنى تىلىدىم. مەن سەئىيدتىن چوڭ ئۈمىدتە ئىدىم. ئۇلار ھەممىسى يىغىلىپ بولغاندا مەن ئۇلاردىن:

— باشلىقىڭلاردىن نېمىنى شىكايەت قىلىسىلەر؟ — دەپ سورىدىم.

— ئۇ بىزنىڭ قېشىمىزغا كۈن چىقمىغۇچە چىقمايدۇ، — دېيىشتى.

ـــ سەئىيد! سەن بۇ توغرىسىدا نېمە دەيسەن؟ — دەپ سورىدىم سەئىيدتىن.

سەئىيد بىردەم جىم تۇرۇپ:

— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بۇ ئىشنى ئاشكارا قىلىشنى بەكمۇ يامان كۆرەتتىم. ئەمما دېمەي ئامال بولمىدى، مەن ئادەتتە خېمىر يۇغۇرىمەن، خېمىر ئۆرلەپ (تىنىپ) بولغۇچە كۈتۈپ تۇرىمەن، ئاندىن تاھارەت ئېلىپ كىشىلەرنىڭ قېشىغا چىقىمەن، — دېدى.»

ئۆمەر يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«مەن كىشىلەردىن ‹سەئىيدتىن يەنە قانداق ئىشلارنى شىكايەت قىلىسىلەر؟› دېسەم، ئۇلار:

— ئۇ كېچىدە ھېچكىمگە ئىشىكنى ئاچمايدۇ، — دېيىشتى.

— سەئىيد! سەن بۇ توغرىدا نېمە دەيسەن؟ — دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.

ــــ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بۇ ئىشنىمۇ ئاشكارا قىلىشنى ياقتۇرمايتتىم. مەن كېچىنى ئاللاھ ئۈچۈن، كۈندۈزنى كىشىلەر ئۈچۈن قىلغان ئىدىم، — دېدى.

— سىلەر سەئىيدتىن يەنە نېمىنى تەلەپ قىلىسىلەر؟ — دەپ سورىدىم مۆتىۋەرلەردىن.

— ئۇ قېشىمىزغا ھەر ئايدا بىر كۈن چىقمايدۇ، — دېيىشتى ئۇلار.

— سەئىيد! بۇ نېمە ئىش؟ — دەپ سورىدىم.

— ئى ئەمىرۇل مۆمىن! مېنىڭ ئۆيۈمدە خىزمەتچى يوق، كىيىۋاتقان كىيىمىمدىن باشقا كىيىمىممۇ يوق، مەن ئۇنى ھەر ئايدا بىر قېتىم يۇيىمەن، قۇرۇپ بولغۇچە كۈتۈپ تۇرىمەن، ئاندىن ئۇلارنىڭ قېىشىغا كەچ تەرەپتە چىقىمەن، — دېدى سەئىيد.

— سىلەر يەنە سەئىيد توغرىسىدا نېمىنى شىكايەت قىلىسىلەر؟ — دەپ سورىدىم. ئۇلار:

— ئۇ بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ، بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇ كىشىلەرنى تاشلاپ سورۇندىن چىقىپ كېتىدۇ، — دېيىشتى. مەن:

— سەئىيد! بۇ نېمە ئىش؟ — دەپ سورىدىم.

— مەن ئىلگىرى مۇشرىك ۋاقتىمدا خۇبەيبنىڭ ئۆلۈم مەيدانىدا ھازىر ئىدىم، قۇرەيشلەرنىڭ ئۇنىڭ جەسىتىنى پارچىلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. ئۇلار خۇبەيبكە: سەن قۇتۇلۇپ مۇھەممەدنىڭ سېنىڭ ئورنۇڭدا بولۇشىنى خالامسەن؟ دېگەندە، خۇبەيب جاۋابەن: ‹ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۆيۈمدە خاتىرجەم تۇرۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىر تال تىكەننىڭ سانجىلىپ قېلىشىغا رازى ئەمەسمەن› دېگەنىدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن مۇشۇ كۈننى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەرمىگەنلىكىمنى ئويلىسام، ئاللاھ مېنىڭ گۇناھلىرىمنى كەچۈرمەسمىكىن، دەپ ئويلاپ قالىمەن. مانا مۇشۇ ۋاقىتتا مەن خۇدۇمنى يوقىتىپ قويىمەن، — دېدى سەئىيد.»

بۇ ۋاقىتتا ئۆمەر: «گۇمانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغان ئاللاھ تائالاغا مىڭ شۈكرى» دەپ ئۆز ـ ئۆزىگە پىچىرلىدى.

ئاندىن سەئىيدنىڭ ئېھتىياجلىق ئورۇنلارغا ئىشلىتىشى ئۈچۈن مىڭ دىنار ئەۋەتىپ بەردى. بۇ پۇللارنى كۆرگەن ئايالى، سەئىيدقا:

— بىزنى، سىزنى خىزمەتكە سېلىشتىن بىھاجەت قىلغان ئاللاھ تائالاغا يۈزمىڭ شۈكرى، بىزگە ئاشلىق سېتىۋېلىپ، خىزمەتچى سېلىپ بېرىڭ! — دېۋېدى، سەئىيد:

— سىزگە بۇنىڭدىنمۇ ياخشىسى بولسا مەيلىمۇ؟ — دەپ سورىدى.

— نېمە ئۇ؟ — دەپ سورىدى ئايالى قىزىقىپ.

— بىز بۇ پۇللارنى قېشىمىزغا سوراپ كەلگەنلەرگە بېرىمىز، بىز بۇ پۇللار ئارقىلىق كېلىدىغان نەرسىگە بەك موھتاج.

— ئۇ نېمە؟

— بىز ئۇنى چىرايلىق قەرز سۈپىتىدە بېرىپ تۇرىمىز.

— بولىدۇ، ئاللاھ سىزگە ياخشى مۇكاپاتلارنى بەرسۇن.

سەئىيد ئورنىدىن يۆتكەلمەيلا دىنارلارنى ھەميانغا سېلىپ بالىلىرىدىن بىرىگە: «سەن بۇ پۇللارنى پالانىنىڭ تۇل ئايالىغا، پالانىنىڭ يىتىملىرىگە، پالانىنىڭ مىسكىنلىرىگە، پالانىنىڭ ھاجەتمەنلىرىگە، ئاپىرىپ بەرگىن!» دەپ تاپشۇردى.

ئاللاھ سەئىيد ئىبنى ئامر ئەل جۈمەھىدىن رازى بولسۇن! ئۇ ئۆزىنىڭ ھاجىتى بار تۇرۇقلۇق، ئۆزىدىن باشقىلارنى ئەلا بىلگەن كىشى ئىدى...

 

 

 



[1] تەھلىل: راست شۇنداق! خۇبەيب سەئىيدكە ھەقىقىي ھاياتلىقنىڭ قانونىيىتىنى، ھەر بىر ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك دۇنياۋى بىلىمنى ئۆگىتىپ قويدى. پەيلاسوپ كانت مۇنداق دەيدۇ: "ئىلاھنىڭ بارلىقى، روھنىڭ مەڭگۈلۈكلىكى، ئۆلگەندىن كېيىن ھېسابتىن ئىبارەت ئۈچ ئىشقا مۇنتىزىم ئېتىقاد قىلماي تۇرۇپ ھەقىقىي ئىنسانىي ھاياتلىق مەۋجۇت ئەمەس". يەنە بۇ توغرىسىدا فرانسىيەلىك مەشھۇر ئەدەبىياتچى پولتىر، ماددىرىمچ دىنسىزلار تەبىقىسىنى مەسخىرە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "سىلەر نېمىشقا ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقى توغرىسىدا گۇمان قىلىسىلەر؟ ئەگەر ئاللاھ بولمىغان بولسا ئايالىم مېنى ئالدىغان، خىزمەتچىم مېنىڭ نەرسە كېرەكلىرىمنى ئوغرىلىۋالغان بولاتتى".

مەككە ھەج ژورنىلىنىڭ 3 ـ سانىدا مۇنداق دېيىلگەن: «سىتالىننىڭ قىزى (سۋتلانا)نىڭ ئۆز ۋەتىنىدىن ۋە بالىلىرىدىن ئايرىلىشتىكى ھەقىقىي سەۋەب ‹دىن›. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىرەرسى پەرۋەردىگارىنى تونۇمايدىغان دىنسىز ئائىلىدە چوڭ بولغان ئۇلارنىڭ يېنىدا قەستەن ياكى سەۋەنلىك تۈپەيلىدىنمۇ خۇدا تىلغا ئېلىنىپ قالمايتتى. سۇتىللانا ھەقنى تونۇش يېشىغا يەتكەندە ئۆز ۋۇجۇدىدا سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرسىز، ئاللاھ تائالاغا ئىشەنمىگەن ھاياتنىڭ ھايات ئەمەسلىكى، ئىنسان سۇ ۋە ھاۋاغا موھتاج بولغىنىدەك ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىشكىمۇ موھتاج ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت توغرا سىزىمنى بايقىغان» ـــــ (تەربىيەتۇلئەۋلاد) تىن ئېلىندى.

[2] نورمال ئەھۋالدا بۇ بىرسىنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا.