ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023

چىكىنىڭ
ئوتتۇز ياشتا ئۆلۈپ ، ئاتمىش ياشتا يەرلىككە قويۇلىدىغان ئىنسانلار

 ئوتتۇز ياشتا ئۆلۈپ ، ئاتمىش ياشتا يەرلىككە قويۇلىدىغان ئىنسانلار  
مۇھەممەد يۈسۈپ
ئىنسان بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئەڭ ھۆرمەتلىك يارىتىلغان مەۋجۇدات. ئاللاھ تائالا بۇنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:  وَلَقَدْ كَرَّمْنَا بَنِي آَدَمَ وَحَمَلْنَاهُمْ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ وَرَزَقْنَاهُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ وَفَضَّلْنَاهُمْ عَلَى كَثِيرٍ مِمَّنْ خَلَقْنَا تَفْضِيلًا  يەنى «شەكسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ئەزىز قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (تۈرلۈك قاتناش ۋاسىتىلىرىغا)، دېڭىزدا (كېمە ۋە پاراخوتلارغا) چىقاردۇق. ئۇلارنى شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، يەنە ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئالاھىدە ئۈستۈن قىلدۇق» .
ئىنساننىڭ قىممىتى ئېرىشكەن مال – دۇنياسى ياكى نەسىبى ۋە ياكى ئابرۇيى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلغانلىرى بىلەن بەلگىلىنىدۇ. دۇنيادا شۇنداق قىممەتلىك ئىنسانلار باركى، ئۇلارنىڭ ھاياتى دۇنيا ئۈچۈن بەخت-سائادەت، ماماتى بولسا چوڭ قولدىن بېرىش ھېسابلىنىدۇ. يەنە شۇنداق ئىنسانلار باركى، ئۇلارنىڭ ھاياتلىقىنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ، ماماتىنىڭ ھەسرىتى بولمايدۇ، يەنى ھاياتى بىلەن ماماتىنىڭ پەرقى بولمايدۇ. ئۇلار دۇنيا ئۈچۈن يۈك، زېمىن ئۈچۈنمۇ يۈكتۇر. ئەپسۇسكى، ھازىرقى ئىقتىساد ھەممىنى بەلگىلەيدىغان بولۇپ قالغان دۇنيادا ئىنساننىڭ قىممىتى تەقدىم قىلغانلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئېرىشكەن مال-دۇنياسى بىلەن ئۆلچۈنىدىغان، ئادەمنىڭ باھاسى تاۋارنىڭ باھاسىغا ئوخشاش باھالىنىدىغان بولۇپ قالغان.
ئىنسان تاۋار ئەمەس ياكى سايمان ئەمەس، شۇڭا ئۇنىڭ باھاسى ماددىي نەرسىلەر بىلەن قىياسلانمايدۇ. قىممەت تاۋارلار ياخشى ۋە چىداشلىق بولغاندەك يۇقىرى مائاش ئېلىپ ئىشلەيدىغان ئىنسان ياخشى ئىشلەيدۇ دېيىلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ قەدىر –قىممىتى ئېرىشكەنلىرى بىلەن ئەمەس، ئالغان بىلىمى بىلەنمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تەقدىم قىلغان ۋە بەرگەنلىرى بىلەن ئۆلچۈنىدۇ. ئىنسانغا ئۇنىڭ مال –دۇنياسى ياكى يېشىنىڭ چوڭلۇقى بىلەن باھا بەرگىلى بولمايدۇ. يەتمىشكە كىرىپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۆزىنىڭ پائالىيەتچانلىقىنى ۋە تىرىشچانلىقى يوقىتىپ قويمىغان ئىنسانلار بىلەن يىگىرمە ياشقا كىرمەي تۇرۇپ خامۇشلاردىن بولۇپ قالغان، ئىشلىمەيدىغان، بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدىغان ئىنسانلارنى باراۋەر دېگىلى بولمايدۇ.
بىز قانداقلا بىر ئىنسانغا باھا بەرمەكچى بولساق، ئۇنىڭ ئېلىشتىكى ئەمەس، بېرىشتىكى قۇدرىتىگە قاراپ باھا بېرىشىمىز لازىم. بىر ئىنساننىڭ قەدىر- قىممىتى ئۆز ۋەتىنىگە، خەلقىگە، ئىنسانىيەتكە، ئەتراپىدىكىلەرگە تەقدىم قىلغان ماددىي ۋە مەنىۋى مەنپەئەتلىرىگە قاراپ بولىدۇ. تەقدىم قىلالىغان ئىنسان ئۆزى ئۆلسىمۇ نامى ئۆلمەيدىكەن. ئەمما بېرەلمىگەن ئىنسان قانچىلىك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسىمۇ ئۆلۈكنىڭ ئورنىدا تۇرۇۋېرىدۇ. بۇنداقلا ھەققىدە بىر دانىشمەن مۇنداق دېگەن ئىكەن: «بەزى ئادەملەرنىڭ قەبرە تېشىغا ‹30 ياشتا ۋاپات بولدى، 60 ياشتا يەرلىككە قويۇلدى› دەپ يېزىپ قويۇشقا تېگىشلىك».
 
 

باشقا خىزمەتلەر