ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023
قۇرئان كەرىم ئىسرا ۋە مىئراج ۋەقەسىنى تىلغا ئالغانمۇ؟
ئابدۇراھمان كاشىغەرى
قۇرئان كەرىم ئىسرا ۋەقەسىنى ئېنىق بايان قىلغان:"ئاللاھ (بارچە نۇقساندىن) پاكتۇر، ئۇ بەندىسىنى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) بىر كېچىدە مەسجىد ھەرامدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى"(ئىسرا سۈرىسى 1-ئايەت)، شۇڭا ئىسرا ھادىسىسىگە ئىشەنمىگەن ئادەم قۇرئان كەرىمنىڭ ئوچۇق ئايىتىگە قارشى تۇرغانلىق ھېسابلىنىپ، كاپىر بولىدۇ.
مىئراج ۋەقەسى بولسا قۇرئان كەرىمدە ئىشارە شەكلىدە بايان قىلىنغان ، يەنى سۈرە نەجمىنىڭ 11 ـ ئايىتىدىن 18- ئايىتىگىچە بولغان مەزمۇندا بۇ ئىشارە بار. شۇڭا مىئراج ھادىسىسىگە ئىشەنمىگەن ئادەم كاپىر بولماستىن بەلكى پاسىق، ئاسىي ۋە ئازغۇن ھېسابلىنىدۇ.
مىئراج ھەرەم مەسجىدىدىن باشلانماستىن، نېمىشقا ئەقسا مەسجىدىدىن باشلانغان؟ نېمە ئۈچۈن ئەقسا مەسجىدى ھۆرمەت بىلەن تەرىپلىنىپ، ئۇنىڭ ئەتراپى بەرىكەتلىك قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان؟
بۇنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بولۇپ، بىز چۈشىنىپ يەتكەنلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:
1 . بەيتۇلمۇقەددەس ئىبراھىم ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ پەيغەمبەرلىك قىلغان مەركىزىدۇر.
2 . مەككىدىن بەيتۇلمۇقەددەسكە سەپەر (ئىسرا) بولۇپ، ئۇ يەردىن ئاسمانلارغا ئۆرلەش(مىئراج) ـ ئاللاھ نىڭ دىنى بىرلا ئىسلام ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ:"ھەقىقەتەن دىن ئىسلام دىنىدۇر" (ئال ئىمران سۈرىسى، 19 -ئايەت).
3 . بۇنىڭدا ئىسلام دىنىنىڭ دۇنياۋىيلىقى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ مەككە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن پۈتۈن ئالەم ئۈچۈن قويۇلغانلىقى تەكىتلەنگەن.
4 . ئىسلام دىنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىنىڭ ۋە ئىلگىرىكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ داۋامىدۇر.
بۇخارى بىلەن مۇسلىم ئەبۇ ھۇرەيرەدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:"مەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەريەم ئوغلى ئيساغا ئەڭ يېقىنمەن". "پەيغەمبەرلەر باشقا ـ باشقا قورساقتىن بولغان قېرىنداشلاردۇر، ئۇلارنىڭ ئانىلىرى باشقا بولسىمۇ دىنى بىر".
رەسۇلۇللاھنى يالغانچىغا چىقىرىپ، ئۇنىڭ بەدىنى ۋە روھى بىلەن ئاسمانغا چىققانلىقى ھەققىدە غەۋغا قىلىدىغانلارغا قانداق رەددىيە بېرىمىز؟
بۇنداقلار شۇنى چۈشىنىشى كېرەككى، ئىسرا ۋە مىئراج ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەدگە كۆرسەتكەن مۆجىزسىدۇر.
مۆجىزە بولسا، ئىنسان ياكى باشقا ھەر قانداق مەخلۇقنىڭ قولىدىن تامامەن كەلمەيدىغان ئالاھىدە ھادىسىنى بىلدۈرىدۇ.
چۈنكى مۆجىزە ئىنسانىي سەۋەبلەرنىڭ ھەر قاندىقىدىن ۋە بۇ كائىناتنىڭ ئىنسان بىلەلەيدىغان ھەر قانداق قائىدە ـ قانۇنىيەتلىرىدىن خالى بولۇشى ، مۆجىزىگە ئىگە قىلىنغان پەيغەمبەر مەزكۇر مۆجىزىنى باشقىلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئوتتۇرىغا چىقاردى دېگەن گۇمانغا سەۋەب بولىدىغان ھەر قانداق ئىنسانىي كۈچ ـ قۇۋۋەتتىن يىراق بولۇشى لازىم بولىدۇ.
مانا بۇنىڭ بىلەن مۆجىزە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگىلا تەۋە بولىدۇ، شۇڭا، رەسۇل ئەلەيھىسسالامغا ئىتراز بىلدۈرۈپ ئۇنى يالغانچىقىغا چىقارغانلار خاتالىشىدۇ. بۇنداق بىر قىسىم كىشىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ ئاسمانغا چىققانلىقى توغرىسىدا ھەر خىل كاپشىپ بېقىشتى. رەسۇلۇللاھ ھەرگىزمۇ ئاسمانغا چىقتىم دېمىگەن، بەلكى ئاللاھ نىڭ ئۇنى ئاسمانغا چىقارغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئۇنى ئاسمانغا ئېلىپ چىققۇچى ئاللاھنىڭ ئۆزىلا بولىدىكەن، ئېتىراز بىلدۈرۈشنىڭ ئورنى قالمايدۇ، بىرەر مەخلۇقنىڭ ئاللاھغا ئېتىراز بىلدۈرۈشى، ئاللاھ نىڭ قۇدرىتى ھەققىدە ھەر خىل كاپشىشى توغرا ئەمەسلىكى ناھايىتى ئېنىق. بىر مىسال كەلتۇرەي:"بوۋاق بالامنى كۆتىرىپ ماشىنامغا سېلىپ ئۇنى ماشىنام بىلەن قاھىرەدىن ئىسكەندىرىيەگە ئېلىپ بارسام، ئەقىل ـ ھۇشى جايىدا بولغان بىرسى: بوۋاق بالاڭ بۇنداق ئۇزۇن مۇساپىنى قانداق بېسىپ ئۆتتى؟" دەمدۇ؟ پەقەت ئەقلى جەھەتتىن بىنورمال كىشىلا مۇشۇنداق دېيىشى مۇمكىن . دېمەك بوۋاق بالا بۇ مۇساپىنى مېڭىپ ئۇ يەرگە بارالمايدۇ، بەلكى مەن ئۇنى ماشىنام بىلەن ئاپارغانمەن ... ھېلىقىدەكلەر مۇنداق دەپ سورىسا توغرا بولار ئىدى: ماشىناڭ ئۇ يەرگە بارالامدۇ؟ مەن ئۇلارغا: شۇنداق، ماشىنام ھەر كۈنى بۇنداق مۇساپىنىڭ نەچچە ھەسسىسىنى ماڭالايدۇ، دەيتتىم. بۇنىڭغا بىنائەن، ھېچكىم كىچىك بوۋاق ئۇ مۇساپىنى قانداق مېڭىپ تۈگەتكەندۇ ، دەپ غۇلغۇلا قىلماسلىقى كېرەك.
بۇلار ئىنسان مەنتىقىسىگە ئۇيغۇن ۋە ئىنسان ھەرىكىتى سەۋىيەسىدىكى ئىشلار بولغانىكەن ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىشلىرى ھەققىدە ھېچكىمنىڭ غۇلغۇلا قىلمىغىنى تېخىمۇ توغرا. ئاللاھ تائالا:"بەندىسىنى ئېلىپ باردى ..."دەۋاتسا، ئۇ مەخلۇقلار قانداقمۇ بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ: ئاسمانغا قانداق چىقتىڭ؟ بۇنداق قىلالىشىڭ مۇمكىن ئەمەسقۇ؟ دەپ سورىيالايدۇ؟!
قۇرەيشلىكلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:"سەن بىر كېچىدىلا ئۇ يەرگە بېرىپ كەلدىم دەۋاتامسەن؟ ھالبۇكى بىز ئۇ يەرگە تۆگىنى قامچىلاپ بىر ئايدا ئاران بېرىپ بولالايمىز" دېيىشتى ...
ھەر قانداق ئىش ئۇنى قىلغۇچىنىڭ كۈچىگە ئوڭ نىسبەتتە بولىدۇ. ئەگەر قىلغۇچىنىڭ كۈچى چەكسىز بولىدىكەن، بىز ماتېماتىكىلىق تەڭلىمىلەر ئارقىلىق ھەر قانداق ئۇزۇن مۇساپە چەكسىزلىك بىلەن يانداشقاندا نۆلگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقالايمىز.
ھەر قانداق بىر ۋاقىت چەكسىزلىك بىلەن يانداشسا نۆلگە تەڭ بولىدۇ، شۇ جەھەتتىن ئىسرا ۋە مىئراج ھادىسىسى كۆزنى يۈمۈپ ـ ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا ياكى شۇنىڭغا يېقىن بىر مەزگىل ئىچىدە يۈز بېرىپ بولغان بولىدۇ. ئەگەر بىز تېخىمۇ ئىلمىي ئېنىقلىق نوقتىسىدىن ئېيتىدىغان بولساق، ئىسرا ۋە مىئراج ھادىسىسى ۋاقىت ئۇقۇمسىز يۈز بەرگەن.
قۇرەيشلىكلەرنىڭ ئېتىرازىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىسرا ۋە مىئراج ۋەقەسى چۈش ھالىتىدە ئۇيقۇدا يۈز بەرگەن ئەمەس، بەلكى بەدەن ۋە روھ بىلەن بىللە بولۇپ ئۆتكەن. رەسۇل ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا مىسال ۋە دەلىللەرنى كۆرسىتىپ، ئۇلارغا ئۆزى ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان ئەقسا مەسجىدىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن، شۇنداقلا ئۇلارغا شامدىن مەككىگە كېلىۋاتقان يول ئۈستىدىكى كارۋان ھەققىدە تەپسىلىي سۆزلەپ بەرگەن. بۇ كارۋان بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن مەككىگە يېتىپ كەلگەن ۋە قۇرەيشلىكلەر كارۋاندىكىلەردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىنى سورىغان چاغدا ئۇلار تامامەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئېيتىپ بەرگىنىدەك ئەھۋاللارنى بايان قىلىشقان.
ئىسرا بولسا ئىنسان ئەقلىنىڭ مىئراجىنى چۈشىنىپ قوبۇل قىلىشىغا يول ھازىرلىغان. دېمەك، ئىسرا ۋەقەسىدە رەسۇلۇللاھقا ۋاقىت ۋە مۇساپە قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتىپ بەرگەن ئاللاھ تائالا، مىئراجدىمۇ ۋاقىت ـ مۇساپە قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە قادىردۇر.
ئىسرا ھادىسىسى ھەققىدە بىلگەنلىرىگە ۋە ئۇ توغرىسىدا كۆرگەن دەلىللەرگە ئىشەنگەن كىشىلەر ، مىئراج ۋەقەسى ھەققىدە رەسۇلۇللاھ سۆزلەپ بەرگەن لېكىن ئۆزلىرى ئېنىق كۆرمىگەن ئىشلارغىمۇ چوقۇم ئىشىنىشى كېرەك.
مۆجىزىلەر ـ پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەقىقىي پەيغەمبەرلىك دەلىلىرىدۇر، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۆجىزىلەر ئاللاھ قەلبلىرىنى قاتۇرۇۋەتكەن بەزى پەيلاسوپلارغا ۋە ئۇلارنىڭ سەپسەتىلىرىگە ئازغانلارغا رەددىيە بىرىدۇ؛ بۇنداق سەپسەتىچىلەر دەيدۇكى، بىز بۇ كائىناتنى ئاللاھ نىڭ ياراتقانلىقىغا ۋە كائىناتتىكى قانۇنىيەتلىرىنىمۇ ياراتقانلىقىغا سىلىگە ئوخشاشلا ئىشىنىمىز، بىراق ئاللاھ شۇ قانۇنىيەتلەرنى كائىناتتىكى ئۆزگەرمەس ـ يۆتكەلمەس نىزامىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئۆزىنى ئەركىن باشقۇرۇتقۇزۇپ قويغان ...
ئۇلارنىڭ دېمەكچى بولغىنى، ئاللاھ كائىناتنى يارىتىپ بىر قېتىملا ھوقۇقنى بىۋاسىتە يۈرگۈزگەن، كائىنات قانۇنىيەتلىرىنى بولسا كائىناتنى باشقۇرۇشقا ياراتقان...دېگەنلەردىن ئىبارەت.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق ياكى بەزى يېقىن بەندىلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق "پەيلاسوپلار "نى ھەقىقەتكە قايتۇرىدىغانلىقىنى بايقايمىز، مۆجىزىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئىشلىرىنى غەپلەتتە قالماستىن ، ئۇخلىماستىن، بىر لەھزىمۇ تاشلاپ قويماستىن باشقۇرۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بارلىق ئىشلارنى ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. شۇڭا، ئىنسانلار كائىنات قانۇنىيەتلىرىنىڭ ئۈستىدە خالىسا ئۇلارنى ئۆزگەرتېۋېتىدىغان ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى بىلسۇن ئۈچۈن، مۆجىزىلەر ئالەم قانۇنىيەتلىرىنى ۋە ئىنسان ئادەتلىرىنى بىراقلا بۇزۇپ تاشلايدۇ.
ئەگەردە ئىسرا ۋە مىئراج مۆجىزىسى ھەققىدە گۇمان قىلىشقا بولسا، ئىبراھىم، مۇسا ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالاملارغا ئوخشاش ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرى ھەققىدىمۇ گۇمانلىنىشقا توغرا كېلىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ مۆجىزىلىرى ئىسلام دەۋىتىدە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. دېمەك، ئۇلارنىڭ ھېچقايسى مۆجىزىسىگە ئىشەنمىگەن ئادەم ئىسلام دىنىدىن چىققان ھېسابلىنىدۇ؛ مۆجىزىلەرگە ئىشەنمەسلىك كىشىلەرنى كۇفرى ۋە پىتنە ـ زالالەتنىڭ زۇلمەتلىرىگە باشلايدۇ.
مۆجىزىلەر ئىچىدىن بىرەرسىنى ئىنسانىيەت بىلىدىغان ئىلمىي قانۇنىيەتلەر ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ تەپسىرلەشكە ھەرىكەت قىلىدىغان ئالىملار زور خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ، چۈنكى مەزكۇر قانۇنىيەتلەرمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان مەخلۇق بولۇپ، يارالغۇچى قانۇنىيەتلەر ياراتقۇچىنىڭ ئىرادىسىنى باشقۇرالمايدۇ ھەم ياراتقۇچىنىڭ بۇيرۇقىغا توسالغۇ بولالمايدۇ، شۇنداقلا، ئىنسانىيەت بىلىملىرى سەۋەب ـ نەتىجە مۇناسىۋىتىگە باغلىق بولىدۇ، لېكىن مۆجىزىلەر سەۋەب ـ نەتىجە مۇناسىۋىتىگە باغلىق ئەمەس.
باشقا خىزمەتلەر