ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023

چىكىنىڭ
ئىشلەش بىلەن كۈرەش قىلىش ھاياتنىڭ قانۇنىيىتىدۇر

ئىشلەش بىلەن كۈرەش قىلىش ھاياتنىڭ قانۇنىيىتىدۇر
مۇھەممەد يۈسۇپ
ھاياتلىق __ ھەرىكەت ۋە كۈرەش دېمەكتۇر. ھاياتلىق ھەرىكەت بىلەنلا ئۆزىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ. چۈنكى ھەرىكەت تىرىكلەرنىڭ شوئارى، جىملىق ئۆلۈكلەرنىڭ بەلگىسىدۇر. ھايات تېز ئۆتۈپ كېتىشتە ئېقىۋاتقان سۇغا ئوخشايدۇ. ئاققان سۇنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولمىغاندەك ھاياتنىمۇ ئارقىغا قايتۇرغىلى بولمايدۇ. ئېقىپ تۇرغان سۇ سۈزۈك ۋە پاكىز تۇرغاندەك، ھەرىكەت قىلىپ تۇرغان جىسىم ساق ۋە جۇشقۇن تۇرىدۇ. ئاقمايدىغان سۇ ئۆزىنىڭ سۈزۈكلۈكىنى، پاكىزلىقىنى يوقاتقاندەك، ھەرىكەت قىلمىغان جىسىممۇ ئۆزىنىڭ ساقلىقىنى ۋە ھەرىكەتچانلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ھايات بىر نەرسىلەرگە ئېرىشىش يولىدا تىرىشىش ۋە ئىنتىلىش بىلەنلا ھۇزۇرلۇق ۋە بەختلىك ئۆتىدۇ. ھايات كۈرەش ۋە ئىنتىلىش بىلەنلا مەنىلىك ئۆتىدۇ.
ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ بەدىنىنى ھەرىكەت قىلىدىغان ۋە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ساقلىقىنى ساقلايدىغان قىلىپ ياراتقان. ئاللاھ تائالانىڭ ) يَا أَيُّهَا الْإِنْسَانُ إِنَّكَ كَادِحٌ إِلَى رَبِّكَ كَدْحًا فَمُلَاقِيهِ ( يەنى « ئى ئىنسان! شەكسىزكى، سەن رەببىڭنىڭ ئالدىغا بارغانغا قەدەر جاپالىق ئىشلەيسەن، ئاندىن ئەمەلىڭنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىسەن »[1]دېگەن سۆزى بۇنى ئىپادىلەيدۇ. ھەرىكەت قىلىش، تىرىشىش ۋە كۈرەش قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان بۇ ئىنسان بەدىنى ھەرىكەتتىن قېپقالسا، چوقۇم ئۇنىڭدىن چاتاق چىقىدۇ. ئادەم ئولتۇرمىغان ئۆينىڭ سۇۋاقلىرى چۈشۈپ، تاملىرى كۆرۈمسىز بولۇپ كەتكەندەك، ئىشلەتمىگەن پىچاق تاتىلىشىپ كېرەكتىن چىققاندەك، ھەرىكەتتىن قېپقالغان، تىرىشچانلىقىنى يوقاتقان جىسىممۇ كاردىن چىقىدۇ.
بۇ دۇنيادا ھايات قېلىش، ئۆز دۆلىتىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىشلەش ۋە كۈرەش قىلىش شەرت. شۇڭا ھەربىر ئىنسان، ھەربىر مىللەت مۇستەقىل، ئەركىن ۋە ئازادە ھايات كەچۈرۈش، ئۆز رىزقىنى ئۆزى ئىشلەپ تېپىپ يېيىش، ئۆزىنىڭ قەدىر– قىممىتى ۋە ئىززەت – ئابرۇيى بىلەن ياشاش ئۈچۈن، ھارماي- تالماي ئىشلەشكە ۋە ئۆلۈمدىن قورقماي كۈرەش قىلىشقا موھتاج. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: )وَأَنْ لَّيْسَ لِلْإِنْسَانِ إِلَّا مَا سَعَى( يەنى «ئىنسان پەقەت ئۆزى ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ» ([2]) دەپ كۆرسەتكەن. چۈنكى ئاللاھ تائالا دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ھەرقانداق بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ قانۇنىيىتىنى بېكىتكەن ۋە سەۋەبلىرىنى ياراتقان بولۇپ، ھەرقانداق بىر مەقسەتكە يېتىشنىڭ قانۇنىيىتى ئىشلەش ۋە كۈرەش قىلىشتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە «ئىنسان» دەپ كەلتۈرگەن بولۇپ، مۇسۇلمان ئىنسان ياكى كاپىر ئىنسان دەپ ئايرىمىغان. دېمەك، قانداقلا بىر ئىنسان ئىشلىسە، سەۋەب قىلسا نەتىجە قازىنىدۇ. شۇڭا ئەجدادلىرىمىز «ئىشلىگەن چىشلەيدۇ» دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغان ئىكەن.
ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى قانۇنى بار بولۇپ بىرى، تەبىئەت قانۇنى، يەنە بىرى شەرىئەت قانۇنىدۇر.
تەبىئەت قانۇنى — ئاللاھ تائالا كائىناتتا بېكىتىۋەتكەن قانۇنىيەت بولۇپ، ئۇ «ئىنسان پەقەت ئۆزى ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ» ياكى «ئىشلىگەن چىشلەيدۇ» دېگەن تەبىئىي قانۇنىيەتكە مەركەزلىشىدۇ. بۇ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلغانلار قايسى مىللەتتىن ۋە قانداق دىندا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ دۇنيادا نەتىجە قازىنالايدۇ ۋە قىلغان ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىنى كۆرەلەيدۇ، بۇ قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلغانلار قىلمىشىنىڭ جازاسىنى بۇ دۇنيادا ھەرخىل بەختسىزلىكلەرگە ئۇچراش ئارقىلىق تارتىدۇ.
شەرىئەت قانۇنى — قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ياكى سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن بەلگىلەنگەن شەرىئەت ئەھكاملىرى بولۇپ، بۇ «قىل» ۋە «قىلما» دېگەن ئىككى سۆزگە مەركەزلىشىدۇ. شەرىئەتتە «قىل» دەپ بۇيرۇلغان ئىشلارنى مۇكەممەل ئورۇنداش، «قىلما» دەپ مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى قەتئىي قىلماسلىق ھەربىر مۇئمىن، مۇسۇلمانغا پەرزدۇر. شەرىئەت قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت- سائادەتكە، ھۇزۇر- ھالاۋەتكە ئېرىشىدۇ، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار قىلمىشىنىڭ جازاسىنى ئاۋۋال بۇ دۇنيادا، ئاندىن ئاخىرەتتە تارتىدۇ.
ئەمگەك ئىنساننىڭ قىممىتى ۋە شەرىپىدۇر
زېمىندىكى مەۋجۇتلۇق ئىنسان ئارقىلىقلا مۇكەممەللىشىدۇ، ئىنسان زېمىندىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ سىرلىرىنى ۋە بەزى ھېكمەتلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق زېمىننى گۈللەندۈرۈشكە بۇيرۇلغان مەۋجۇداتتۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئۇنى يەر يۈزىنىڭ خوجايىنى قىلىپ ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا ئەقىل- پاراسەت، تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلغان. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە 70 تىن كۆپ ئايەتتە ئەمەل بىلەن ئىماننى بىرگە تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا، ئىشلەشكە، ئەمگەك قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. ئەرەب تىلىدىكى «العمل» (ئەمەل) دېگەن سۆز «ئىشلەش»، «ئەمگەك قىلىش»، «ئەمەل قىلىش» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر توپ كىشىنىڭ مەسجىدتە تۈۋرۈككە يۆلىنىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن: «سىلەر نېمە ئادەملەر؟» دەپ سورىغاندا، ئۇلار: «بىز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغۇچىلارمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇلارغا: «سىلەر تەۋەككۈلچىلەر ئەمەس، بەلكى تەييارتاپلار ئىكەنسىلەر»[3]دەپ كايىغان ۋە ئۇلارنى مەسجىدتىن قوغلاپ چىقارغان ئىكەن. چۈنكى سەۋەب قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالاغا تايىنىش (يەنى تەۋەككۈل قىلىش) ئۇچار قۇشنىڭ ئىككى قانىتىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇچار قۇش ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچالىغاندەك، مۇئمىن ئادەممۇ ئاللاھ تائالاغا ئىشەنچ قىلىپ تايىنىش ۋە يېتەرلىك سەۋەبلەرنى قىلىش بىلەنلا مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.
تەۋەككۈل— يېتەرلىك سەۋەبلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىشنىڭ نەتىجىسىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇش ۋە ئاللاھ تائالاغا تايىنىش دېگەنلىكتۇر. بۇ مەنىدىكى تەۋەككۈل كاتتا ئىبادەت سانىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بىزنى ئۆزىگە تايىنىشقا بۇيرۇغان. )وَعَلَى اللَّهِ فَتَوَكَّلُوا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ( يەنى «ئەگەر (ھەقىقىي) مۇئمىن بولساڭلار، ئاللاھقىلا تايىنىڭلار»[4]. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى بايان قىلىنغان مۇنۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالاغا تايىنىش ئىماننىڭ شەرتى قىلىپ كۆرسىتىلگەن: )يَا قَوْمِ إِنْ كُنْتُمْ آَمَنْتُمْ بِاللَّهِ فَعَلَيْهِ تَوَكَّلُوا إِنْ كُنْتُمْ مُسْلِمِينَ( يەنى «ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئۇنىڭغا بويسۇنغان بولساڭلار، ئۇنىڭغىلاتايىنىڭلار»[5].
ئەپسۇسكى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئاللاھ تائالاغا تايىنىش بىلەن سەۋەب قىلىش مەسىلىسىدە ئىككى پىرقىغا بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، ئىككىلىسى ئېزىپ كەتكەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى، «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدۇق» دەپ، سەۋەبكە ئەھمىيەت بەرمىگەن، يەنە بىر پىرقىسى، «سەۋەب قىلدۇق» دەپ، ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلەشتىن ۋە ئۇنىڭغا تايىنىشتىن ئۆزىنى بىھاجەت سانىغان. ھەقىقەت شۇكى، ھەقىقىي تەۋەككۈل قولىدىن كەلگەن سەۋەبلەرنى قىلىش بىلەن بىللە ئاللاھ تائالاغا تايىنىشتۇر. ئاددىي بىر دېھقاننىڭ ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىشى ئالدى بىلەن يەرگە ئۇرۇقنى سېلىپ، ئۇنى سۇغىرىپ، ئۇنىڭغا يېتەرلىك ئۇغۇت قاتارلىقلارنى سېلىپ، دېھقانچىلىققا كېرەك پەرۋىشلەرنى تولۇق قىلىپ، ئاندىن ئاشلىقنىڭ چىقىشىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەۋەب بىلەن تەۋەككۈلنى بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «احْرِصْ عَلَى مَا يَنْفَعُكَ وَاسْتَعِنْ بِاللَّهِ» يەنى «ئۆزۈڭگە مەنپەئەتلىك ئىشقا تىرىشقىن ۋە ئاللاھتىن ياردەم تىلىگىن»[6]. بۇ ھەدىستىكى «ئۆزۈڭگە مەنپەئەتلىك ئىشقا تىرىشقىن» دېگەن جۈملە مەيلى دۇنيالىق بولسۇن ياكى ئاخىرەتلىك بولسۇن، ئۆزۈڭگە پايدىلىق بولغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قولۇڭدىن كېلىدىغانلىكى سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلغىن، نىيىتىڭدە، ھىممىتىڭدە، ئىش- ھەرىكىتىڭدە ۋە تەدبىرلىرىڭدە ئاكتىپ ۋە جىددىي بولغىن دېگەننى، «ئاللاھتىن ياردەم تىلىگىن» دېگەن جۈملە ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە ۋە ساڭا ياردەم قىلىدىغانلىقىغا چىن دىلىڭدىن ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا تايانغىن، ئىشىڭنىڭ نەتىجىسىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرغىن، دېگەنلىكتۇر. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن «ئاۋۋال تۆگەمنى باغلاپ ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلايمۇ ياكى تۆگەمنى قويۇپ بېرىپ ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلايمۇ؟» دەپ سورىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئاۋۋال تۆگەڭنى باغلىغىن، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن»[7]دېگەن. سەۋەبكە چوقۇش كۇفرىلىق، تەييارتاپلىق ئاسىيلىق، سەۋەب قىلىش بىلەن بىللە ئاللاھقا تايىنىش ھەقىقىي مۇئمىنلىكتۇر.
[1] ئىنشىقاق سۈرىسى: 6- ئايەت.
([2]) نەجم سۈرىسى: 39- ئايەت.
[3] «المجالس وجوهر العلم» 7- توم، 132- بەت، 3027- ھەدىس.
[4] مائىدە سۈرىسى:23- ئايەت.
[5] يۇنۇس سۈرىسى: 84- ئايەت.
[6] «صحيح مسلم» 4- توم، 2052- بەت، 2664-ھەدىس.
[7] «سنن الترمذي» 4- توم، 249- بەت، 2517- ھەدىس.

باشقا خىزمەتلەر