مۇھەممەد يۈسۈپ
بەزى قېرىنداشلار مەندىن «ئاللاھ بىزنى تاشلىۋەتتىمۇ؟» دېگەن سوئاللارنى سورىدى. ئۇلارغا يازغان جاۋابىمنى كەڭ ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشىغا سۇندۇم.
ئاللاھ بىزنى تاشلىۋەتمىدى ۋە تاشلىۋەتمەيدۇ، بىز ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىن بەندىلىرى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئەلۋەتتە بىزنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەت مەسىلىسىدە ئاللاھ تائالا بېكىتىۋەتكەن ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت بار. ئۇ بولسىمۇ، «ئىنسان پەقەت ئۆزى ئىشلىگەن ئىشىنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ» دېگەندىن ئىبارەتتۇر. بىز قەد كۆتۈرۈش ئۈچۈن سەۋەب قىلماي، قانچىلىك كۆپ ئىبادەت قىلىپ كەتسەكمۇ ئاللاھ تائالا بىزگە ياردەم قىلمايدۇ. چۈنكى بىزدىن تەلەپ قىلىنغىنى ئالدى بىلەن قولىمىزدىن كەلگەنچە سەۋەب قىلىش، ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە تايىنىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا ئەڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىمۇ بۇ قانۇنىيەت بويىچە مۇئامىلە قىلغان. مەسىلەن: مۇسۇلمانلار بەدرى غازىتىدا پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش كۆرگەنلىكى ۋە ئاللاھ تائالاغا چىن ئىشەنچ بىلەن تايانغانلىقى ئۈچۈن غەلىبە قىلغان، ئەمما ئۇھۇد غازىتىدا بولسا، ئۇلار پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلمىغانلىقى ۋە غەنىيمەت ئېلىشقا ئالدىراپ ئىستىھكامنى بوشاتقانلىقى سەۋەبلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان.
«قۇرئان كەرىم» بىزگە كائىناتتا ھەرقانداق ئىشنىڭ ئاللاھ تائالا بېكىتىۋەتكەن قانۇنىيەت بويىچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھ تائالا نەتىجىلەرنى سەۋەبلەرگە باغلىق قىلىپ بېكىتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن سەۋەب قىلىشنىڭ نەتىجە قازىنىشتا ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. دۇنيادا ھەرقانداق بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا شۇ ئىشنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن شەكىلدە ئىش كۆرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئۇرۇش، سودا _ سېتىق، دېھقانچىلىق قاتارلىق ھەرقانداق بىر ئىشتا، شۇ ئىشنىڭ قانۇنىيىتى ۋە قائىدە - پىرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرگەن ئادەم گەرچە ئاللاھ تائالاغا ئىشەنمەيدىغان كاپىرلاردىن بولسىمۇ، قىلغان ئىشىدا نەتىجە قازىنالىغىنىدەك، قىلغان ئىشىنىڭ قانۇنىيىتى ۋە قائىدە - پىرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرمىگەن ۋە يېتەرلىك سەۋەبنى قىلمىغان ئادەم گەرچە مۇسۇلمان ۋە ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىن كىشىلەردىن بولسىمۇ، قىلغان ئىشىدا نەتىجە قازىنالمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى سەۋەبلەرگە باغلىق قىلغان. بىزدىمۇ «ئىشلىگەن چىشلەيدۇ» دەيدىغان ھېكمەت بار.
مۇسۇلمانلار بېشىمىزغا كەلگەنلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ. ھەربىر مىللەتنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەندەك، ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق پۇرسىتىمۇ كېلىدۇ. لېكىن قاچان بولىدۇ، بىز ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتىنى بىلمەيمىز، تارىخلارغا قارايدىغان بولساق، نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ تارىخ يۈزىدىن ئۆچۈرۈپ كېتىشكە ئاز قالغاندا قەد كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز. مەسىلەن: يەھۇدىيلار ئەسىرلەردىن بېرى ۋەتەنسىز قالغىنىغا، پولشالىقلارنىڭ ۋەتىنى 19- ئەسىردە خەرىتىدىن ئۆچۈرۈلۈپ كەتكىنىگە قارىماي، ئۇلارنىڭ قەد كۆتۈرگەنلىكى بۇنىڭ مىسالى.
ئۇزۇن تارىخلارغا قارايدىغان بولساق، پىرئەۋن ئۆزىنىڭ تەختىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئىسرائىل ئەۋلادىدىن تۇغۇلغان بارلىق ئوغۇل بوۋاقلارنى ئۆلتۈرگەن بولسىمۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئولتۈرەلمىگەن ۋە كۆرگەن چۈشىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. چۈنكى بۇ ئالەمنىڭ ئىگىسى بار، زالىملارنىڭ پىلانى ئەمەلگە ئېشىۋەرمەيدۇ.
دەسلەپكى مۇسۇلمانلار مەككىدە تەسۋىرلىگۈسىز ئازاب- ئوقۇبەتلەرگە ئۇچرىغان، كاپىرلار ئۇلارنى دىندىن ياندۇرىمىز دەپ شۇنداق ۋەھشىلىكلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنى ياندۇرالمىغان ۋە ئۆزلىرى مەغلۇب بولغان.
ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلارمۇ ئاللاھنىڭ ياردىمى قاچانمۇ كېلەر دەيدىغان دەرىجىگە يەتكەن. ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە تايىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا قولىدىن كەلگەن سەۋەبلەرنى قىلىش نەتىجىسىدە غەلىبە قىلغان ۋە مۇرادىغا يەتكەن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە «بوشىشىپ قالماڭلار ۋە قايغۇرماڭلار، ئەگەر (ھەقىقىي) مۇئمىن بولساڭلار، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىسىلەر» دەپ تەلىم بېرىدۇ. بىز «ئاللاھنىڭ ياردىمى بىزگە نېمىشقا كەلمەيدۇ؟» دەپ سوئال قويۇشتىن ئاۋۋال، ئۆزىمىزگە سوئال قويۇشىمىز، بىز ئاللاھ تائالا ئىستىگەن دەرىجىدە مۇئمىن بولالىدۇقمۇ؟ ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە لايىق بولالىدۇقمۇ؟
بۇ ئەھۋال ھەربىر مۇسۇلماننى ئويلىنىشقا، چىقىش يولى ئىزدەشكە ۋە «زادى خاتالىق نەدە؟ بىز نەدە كەتكۈزۈپ قويدۇق؟» دېگەن سوئال ئۈستىدە باشقا قاتۇرۇشقا قىستايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا نۇسرەت بېرىشنى، ئۇلارنى ئەزىز قىلىشنى ۋە ئۇلارنى ياخشى ياشىتىشنى ۋەدە قىلغان. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ئەر _ ئايال مۇئمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە ئوبدان ياشىتىمىز دېگەن. يەنە: شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبەلىرىمىزگە، مۇئمىنلەرگە ھەم دۇنيا ھاياتىدا ھەم گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان كۈندە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز دېگەن . يەنە: مۆمىنلەرگە ياردەم قىلىش بىزگە تېگىشلىكتۇر دېگەن.
يۇقىرىقى ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىن بەندىلىرىگە بەرگەن ۋەدىسىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىدا شەك يوق. چۈنكى ئاللاھ تائالا ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا بىزگە بۇنىمۇ بىلدۇرۇپ: «ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ» دېگەن. ئەمدى بۇ ۋەدىلەر ئەمەلگە ئاشتىمۇ؟ دېگەن سوئالغا كەلسەك، دەيمىزكى، بۇ ۋەدىلەر ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشقان. بۇنىڭغا دەلىل كەلتۈرۈش ھاجەتسىز. چۈنكى ھەركىم بىلىدۇكى، مۇسۇلمانلار دەسلەپتە خۇددى ھازىرقى بىزدەك ئاجىز، چارىسىز ئىدى. پەيغەمبىرىمىز دەسلەپتە بۇ دىننى تۆت كىشى بىلەن دەۋەت قىلىشقا باشلىغان. بۇ چاغلاردا كاپىرلا مۇسۇلمانلارنى ئىماندىن ياندۇرۇش ئۈچۈن زۇلۇملارنى سالغان ۋە ئۇلارنى ئادەم تاقەت قىلالىغۇسىز دەرىجىدە قىينىغان، نۇرغۇنلىرىنى قىيناپ ئولتۈرۈۋەتكەن. ھەزرىتى بىلال، ئەممار، سۇمەييە قاتارلىق ساھابىلەرنىڭ قىسسىسى ھەممىمىزگە مەلۇم. پەيغەمبىرىمىز 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىنىڭ 13 يىلىنى زۇلۇم، قىينىلىش ۋە بوزەك قىلىنىشلار ئاستىدا ئۆتكۈزگەن. ئاللاھ تائالا شۇ چاغدا پەيغەمبىرىمىزگە ۋە شۇ چاغدىكى مۇئمىنلەرگە بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم غەلىبە ۋە نۇسرەتنىڭ بارلىقىدىن بېشارەت بەرگەن ۋە يۇقىرىقى ئايەتلەردىكى ۋەدىلەرنى بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرۇشقا بۇيرۇغان. مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە قىيىنچىلىقلارغا، جەۋر _ زۇلۇمغا بەرداشلىق بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا غەلىبە قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىنىمۇ قولدىن بەرمىدى. نەتىجىدە، ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى ۋە ئۆزلىرىنى ئەزگەن، بوزەك قىلغان، ھەق _ ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغان كاپىرلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدىلا بارلىق ئەرەب يېرىم ئارىلى ئىسلام بايرىقى ئاستىدا بىرلەشتى، كۇفرى ۋە زۇلۇم تۈگىدى، ئۇنىڭ ئورنىنى ئىمان ۋە ئادالەت ئالدى. شۇنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمانلار قۇدرەت تېپىپ، ئاسىيا _ ئافرىقا ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت ئۈچ قەتئەدە ھاكىمىيەت يۈزگۈزدى.
غەلىبە ئاسان قولغا كەلمەيدۇ
مۇسۇلمانلار بۇ غەلىبىگە ئاسانلىق بىلەن ئېرىشمىگەن ئىدى، نۇسرەت ئۇلارغا بىر كۈندىلا كېلىپ قالمىغان ئىدى. مۇسۇلمانلار خەندەك ئۇرۇشىدىن ئىبارەت ئەڭ قىيىن شارائىتتىكى ئۇرۇشتىمۇ كەينىگە قايتمىدى، چىدامچانلىقىنى قولدىن بەرمىدى. ئۇ چاغدا ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەنلەر ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى قورشىۋالغان، ھاۋا قاتتىق سوغۇق، ئاچلىق ۋە سۇسىزلىق دېگەندەك بىر قاتارلىق قىيىنچىلقلار ئۇلارنى ئورىۋالغان ئىدى. شۇ چاغدىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇلارغا غەلىبىنى ۋەدە قىلىپ، ئۇلارنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىگەن ۋە مۇنۇ ئايەتنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى روھلاندۇرغان ئىدى: (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەر تېخى ئىلگىرىكى (مۇئمىنلەر) نىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر سىلەرنىڭمۇ بېشىڭلارغا كەلمەي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ ئۇلارنىڭ بېشىغا شۇنداق قاتتىق يوقسۇللۇق ۋە زور قىيىنچىلىقلار كەلگەنكى، ھەتتا پەيغەمبەر بىلەن مۇئمىنلەر: «ئاللاھنىڭ ياردىمى قاچانمۇ كېلەر؟» دەيدىغان دەرىجىدە تولغىنىپ كەتكەن ئىدى. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر» . راستتىنلا ئۇلارنىڭ بېشىغا ئادەم تاقەت قىلغۇسىز قىيىنچىلىقلار كەلگەن ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار يۇقىرى تەرىپىڭلاردىنمۇ، تۆۋەن تەرىپىڭلاردىنمۇ (ھۇجۇم قىلىپ) كەلگەن چاغدا، كۆزۈڭلار چەكچىيىپ قالغان، يۈرىكىڭلار ئاغزىڭلارغا قاپلىشىپ قالغان، ئاللاھ توغرۇلۇق تۈرلۈك گۇمانلاردا بولغان ئىدىڭلار. ئەنە شۇ يەردە مۆمىنلەر سىناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ۋە قاتتىق بىر سىلكىنىش بىلەن سىلكىنگەن ئىدى .
دېمەك، ئۇلار قىيىنچىلار ئالدىدا تىز چۆكمىدى، ئۈمىدسىزلەنمىدى، ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىگە ئىشەندى، سەۋەبنىمۇ قولدىن بەرمىدى، ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇردى. نەتىجىدە غەلىبىگە ئېرىشتى.
ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسى ھەقىقىي مۇئمىنلەرگە خاس
شۇنىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتلەردىكى ۋەدىلىرىدە «مۇئمىن» سۆزىنى قوللانغان. يەنى بۇ ۋەدىلەرنى ھەقىقىي مەنىدىكى مۇئمىنلەرگە ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىگە چىن قەلبىدىن ئىشەنچ قىلغان كىشىلەرگە بەرگەن. مەلۇمكى، «مۇئمىن» بىلەن «مۇسۇلمان»نىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق بار. ھەر ئىككىلىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خەلقلەرگە ئىشلىتىلسىمۇ، ھەر قانداق مۇسۇلمان مۇئمىن بولالمايدۇ، ئەمما ھەر قانداق مۇئمىن مۇسۇلمان بولالايدۇ. چۈنكى بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئومۇم ۋە خاسلىق پەرقى بار. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: سەھرالىق ئەرەبلەر: ‹ئىمان ئېيتتۇق› دەيدۇ، ئېيتقىنكى، «سىلەر تېخى ئىمان ئېيتمىدىڭلار، لېكىن ‹مۇسۇلمان بولدۇق› دەڭلار، ئىمان تېخى قەلبىڭلەرگە يەرلەشمىدى .
شۇڭا بىز كەمچىلىكنى دىنىمىزدىن ئىزدىمەي، بەلكى ئۆزىمىزدىن ئىزدىشىمىز كېرەك. ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسى تا قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە. قاچانىكى بىز ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىگە سالاھىيەتلىك بولىمىزگەن، نۇسرەت ۋە غەلىبە بىزنى تاپىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ ئىمانىنى ئۆلچەپ كۆرەيلى، ئۇنى ساھابىلەرنىڭ ئىمانىغا سېلىشتۇرۇپ باقايلى، دىنىمىزنىڭ تارازىسىغا سېلىپ باقايلى. شۇ ۋاقىتتا بىز ئۆزىمىزنىڭ ئاللاھ تائالا بىزدىن تەلەب قىلغان دەرىجىدە مۇئمىن بولالمىغانلىقىمىزنى ۋە ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشقا موھتاج ئىكەنلىكىمىزنى بىلىپ قالىمىز.
بىز ئىمانىمىزنى كۈچەيتىشكە موھتاج
بۇ ئەھۋالدا بىز ئىمانىمىزنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلەشكە موھتاجمىز. ئاللاھ تائالا بىزنى: سەۋر قىلىش ۋە ناماز بىلەن ئاللاھتىن ياردەم تىلەڭلار» دەپ بۇيرۇغان. مەلۇمكى، كۆپ سانلىق كىشىلەر سەۋرنىڭ مەنىسىنى ئاددىي ۋە دۇگما مەنىسىدە چۈشىنىۋالىدۇ. شۇڭا «سەۋر قىلىڭ»دېسە، زۇلۇمغا ۋە ھەقسىزلىققا باش ئېگىپ ياشاڭ دېگەنلىك دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ئەمما «سەۋر» سۆزى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەنىلەرنى بىلمەيدۇ. «سەۋر» دېگەن سۆز قۇرئان كەرىمدە ئەڭ كۆپ تەكرارلانغان سۆزلەرنىڭ بىرى. بۇ ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زورلىقىدىن بولسا كېرەك. سەۋرنى مۇنداق تۆت تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ: بىرىنچىسى، ئۆزىنى تۇتىۋېلىش مەنىسىدىكى سەۋر، ئىككىنچىسى، ساقلاش ۋە كۈتۈش مەنىسىدىكى سەۋر، ئۈچىنچىسى، قايتۇرۇپ كېلىش مۇمكىن بولمايدىغان قولدىن بېرىشلەرنى ئۇنتۇپ كېتىش مەنىسىدىكى سەۋر، تۆتىنچىسى، چىدام كۆرسىتىش مەنىسىدىكى سەۋردۇر. قۇرئان كەرىمدىكى: سەۋر قىلغۇچىلارغا، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق مۇكاپات بېرىمىز دېگەن ئايەت سەۋر قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە قارىتىلغان ئومۇمىي ئايەتتۇر. «سەۋر بىلەن ناماز بىلەن ئاللاھتىن ياردەم تىلەڭلار» دېگەن ئايەتتىكى سەۋر چىدام كۆرسىتىش مەنىسىدىكى سەۋردۇر.
شۇڭا بىز چىدامچانلىق ۋە ئۈمىدۋارلىق بىلەن قوراللىنىش ئارقىلىق پارلاق كېلەچەك ئۈچۈن ھارماستىن تىرىشىشقا موھتاجمىز. ئىسلامنىڭ كېلەچېكى ھەقىقەتەن پارلاقتۇر. زۇلۇم داۋام قىلمايدۇ، كېچىنىڭ ئارقىسىدا كۈندۈز بولغاندەك، بۇ قىيىنچىلىقلار ئارقىسىدا چوقۇم ئوڭايلىق بار. ئاللاھ تائالا: ئەلۋەتتە ھەربىر مۇشەققەتنىڭ يېنىدا بىر ئوڭايلىق بار دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىلگىنكى، غەلىبە چىدامچانلىق بىلەن قولغا كېلىدۇ» دېگەن. ئاللاھ تائالا ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەسەللى بېرىپ مۇندا دېگەن: سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ ئىنكار قىلىنغان ئىدى. ئۇلار ئىنكار قىلىنغانلىقىغا ۋە ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلدى، ئاخىر ئۇلار بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشتى . ئەمما شۇ پەيغەمبەرلەر ئۈچۇن ۋە ئىلگىرىكى سائادەتلىك ئەسىرلەردە ياشىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشى ئوڭايغا توختىغان ئەمەس. بۇ ياردەم ئۇلارغا دۇئا بىلەنلا كەلگەن ئەمەس، بەلكى چىدامچانلىق بىلەن، ئۇمىدۋارلىق بىلەن تۇرماستىن تىرىشىش نەتىجىسىدە كەلگەن. ئۇلار ئۆزلىرى ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلار ۋە جاپا _ مۇشەققەتلەر چېكىگە يەتكەنلىكتىن: «ئاللاھنىڭ ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟» دېيىش دەرىجىسىگە يەتكەندە، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا: بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر دەپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرغان ۋە ئارقىدىن ۋەدە قىلىنغان ياردەمنى ئاتا قىلغان.