مۇھەممەد يۈسۈپ
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە كاپىرلارنىڭ ھىدايەت نۇرىدىن يىراقلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى دېڭىزنىڭ ئىچىدىكى قاتمۇقات دولقۇنلارنىڭ قاراڭغۇلۇقىغا ئوخشىتىپ مۇنداق دېگەن: ﴿ياكى (ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى) چوڭقۇر دېڭىزدىكى قاراڭغۇلۇققا ئوخشايدۇكى، ئۇنى قاتمۇقات دولقۇنلار ۋە دولقۇنلارنىڭ ئۈستىدىكى قارا بۇلۇتلار قاپلاپ تۇرىدۇ. بۇ شۇنداق قاتمۇقات قاراڭغۇلۇقلاركى، ئىنسان قولىنى ئۇزاتسا بارماقلىرىنى كۆرەلمەيدۇ، ئاللاھ بىراۋغا نۇر ئاتا قىلمىسا، ئۇنىڭ يورۇقلۇقتىن نېسىۋىسى يوقتۇر﴾( ).
ئىلمىي ھەقىقەت
كىشىلەر دېڭىزلارنىڭ سۇ ئۈستى دولقۇنلىرىدىن باشقا ئىچكى دولقۇنلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلمەيتتى، شۇنداقلا سۇ ئۈستى دولقونلىرىنىڭ يۇقىرىدىن چۈشكەن يورۇقلۇقنى توسۇۋېلىپ، سۇ تېگىدە قاراڭغۇلۇق پەيدا قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. پەقەت ئون سەككىزىنچى ئەسىرگە كەلگەندىلا ئىنسانلار پەن ـ تېخنىكىنىڭ سايىسىدا دېڭىزلارنىڭ ئەڭ ئاستىغا كىرىشنى ئۆگەندى، شۇنداق قىلىپ ئۇلار دېڭىزلارنىڭ ئىچكى دولقۇنلىرىنىڭ بارلىقىنى كەشپ قىلىپ چىقتى. يەنە ئۇلار دېڭىزلارنىڭ سۇ ئۈستى قىسمى ۋە ئىچكى قىسمىدىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈنىدىغانلىقىنى ۋە دېڭىزنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىكەنلىكىنى كەشپ قىلىپ چىقتى. ئەمما قۇرئان بۇنى مۇندىن 14 ئەسىر ئىلگىرى سۆزلىگەن ئىدى.
قۇرئان كەرىم مۆجىزىسى
ئۆتمۈشلەردە دېڭىزلار مەجھۇل ئالەملەردىن سانىلاتتى. چۈنكى كىشىلەر دېڭىزلارنىڭ ھەقىقىتى توغرۇلۇق ھېچ نەرسە بىلمەيتتى، دېڭىزلار ھەققىدە نۇرغۇنلىغان خۇراپىي ئېتىقادلار مەۋجۇت ئىدى. شۇنداق بىر زاماندا، كىشىلەرنىڭ دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە شۇڭغۇپ كىرىش ئىمكانىيىتى يوق بىر شارائىتلاردا، قۇرئان كەرىم دېڭىزلارنىڭ ئىچكى دولقۇنلىرىنىڭ بارلىقىدىن ۋە دېڭىزلارنىڭ ئىچىدىكى قاراڭغۇلۇقلاردىن خەۋەر بەرگەن ئىدى. ئەگەر ئاللاھ تائالا بۇ ھەقىقەتتىن خەۋەر بەرمىگەن بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك خەت يېزىشنى ۋە ئوقۇشنى ئۆگەنمىگەن بىر كىشىنىڭ بۇ ھەقىقەتلەردىن سۆز ئېچىشى مۇمكىنمىدى؟ بۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ھەممىنى بىلىدىغان ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلمامدۇ؟
سۈتنىڭ تەركىبلىنىشى
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: (شەكسىزكى، ھايۋانلاردىمۇ سىلەر ئۈچۈن چوڭ بىر ئىبرەت بار. سىلەرنى ھايۋانلارنىڭ قارنىدىكى غىزادىن ئايرىلىپ چىققان پاكىز ۋە تەملىك سۈت بىلەن سۇغىرىمىز) دېگەن. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەت ئارقىلىق ھايۋانلاردا ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەرنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى ئىنتايىن پايدىلىق ۋە تولىمۇ پاكىز سۈتنى چىقىرىش بۇ ئەقىلسىز ھايۋانلارنىڭ ئىشى بولماستىن، بەلكى ياراتقۇچىنىڭ كاتتا نېمەتلىرىدىن بىرىدۇر.
ئىلمىي ھەقىقەت
ئىلىم-پەن سۈتنىڭ تەركىبلىنىشىدىكى تۆت باسقۇچنى كەشپ قىلىپ چىققان. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. ھايۋانلارنىڭ قارنىدىكى ھەزىم قىلىنىش باسقۇچى بولۇپ، بۇنىڭدا ھايۋاننىڭ يېگەن ئوت-چۆپلىرى غىزاغا ئايلىنىدۇ.
2. غىزادىن سۈتنىڭ ئايرىلىش باسقۇچى بولۇپ، بۇنىڭدا ھايۋانلارنىڭ ئۈچەيلىرى غىزالىق ماددىلارنى سۆمۈرۈپ ئالىدۇ، ئاندىن بۇ ماددىلار قان تومۇرلارغا بېرىپ يېتىدۇ، ئاندىن قانغا ئارىلىشىدۇ.
3. قان ئۆزىگە كەلگەن غىزالىق ماددىلارنى جىسىمنىڭ ھەر تەرىپىگە ئەۋەتىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ھايۋاننىڭ ئەمچىكى قان ئارىسىدىن سۈت ماددىلىرىنى ئۆزىگە سۆزۈپ ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سۈت ھاسىل بولىدۇ.
4. ئەمچەكتە سۈتنىڭ ياسىلىشى بولۇپ، ھايۋانلارنىڭ ئەمچىكى مىليونلارچە دوۋساقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دوۋساقلار خالتىلارغا ئوخشاش بولۇپ، ھەربىر دوۋساق مىڭلارچە ھۇجەيرىدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. ھەربىر ھۇجەيرە ئۆزىگە قاندىن كەلگەن ماددىلارنى سۈت خالتىلىرىغا ئەۋەتىدۇ. نەتىجىدە، بۇ مىليونلارچە دوۋساقلارغا ئەۋەتىلگەن سۈت ماددىلىرىدىن ساپ ۋە پاكىز سۈت مەيدانغا كېلىدۇ.
قۇرئان كەرىم مۆجىزىسى
ئىنسانلار يېقىنقى زامانلارغىچە سۈتنىڭ قانداق ھاسىل بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئەمما قۇرئان كەرىم مۇندىن 14 ئەسىردىن كوپرەك ۋاقىت ئىلگىرى ئەڭ ئىخچام ۋە ئەڭ بەدىئىي سۆزلەر بىلەن سۈتنىڭ تەركىبلىنىشىدىكى سىرلارنى بايان قىلغان ئىدى. ئەگەر بۇ ھەقىقەتلەردىن ئاللاھ تائالا خەۋەر بەرمىگەن بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇلارنى نەدىن بىلەتتى؟