ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023

چىكىنىڭ
غەيۋەت قۇرئان ھەدىسنىڭ روھى بويىچە كەسكىن ھارامدۇر

غەيۋەت قۇرئان ھەدىسنىڭ روھى بويىچە كەسكىن ھارامدۇر

ھۆرمەتلىك ئۇستاز دوكتور/ سالىھ بىن ھۇمەيد

2011 – يىلى 2 – ئاينىڭ 5 - كۈنى

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا:

 «غەيۋەت قۇرئان ھەدىسنىڭ روھى بويىچە كەسكىن ھارامدۇر» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

جەمئىيەتتە ئەڭ خەتەرلىك ۋە قەبىھ بىر ئىللەت بولۇپ، ئۇبولسا، دىيانەتنىڭ ئاجىزلىقى، تەقۋالىقنىڭ كەملىكى ۋە دىندارلىق ئۇقۇمىدا خاتالىقنىڭ بارلىقىدۇر. دىننى خاتا چۈشىنىۋېلىش ئىنساننى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان ۋە دىننى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلايدىغان ھالاكەتلىك ئىللەتتۇر. چۈشەنچىدە خاتالاشقان ئىنسانلار كىشىلەرنىڭ ئابرۇيىنى كولاپ، تاتىلايدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ شەرىپىنى تۆكىدۇ. ئۇ ئەڭ ناچار خىسلەتلەردىن بىر خىسلەت ۋە جەمئىيەتتىكى بارلىق سورۇنلاردا كەڭ ئومۇملاشقان بىر ئىللەت بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھېچكىم مۇستەسنا ئەمەس. ئالىملار، ئاۋام كىشىلەر، ئەرلەر، ئاياللار، چوڭلار ۋە كىچىكلەر ھەممىسى ئورتاق مۇپتىلا بولغان ساقايماس كېسەللەردىن سانىلىدۇ. بۇ كېسەل جەمئىيەت ئالاقىسىنى بۇزىدۇ، مۇھەببەت ۋە ئۈلپەتنى بىتچىت قىلىدۇ، ئوتتۇرىدىن دوستلۇق ۋە قىزغىن ئالاقىلارنى قوغلاپ چىقىرىدۇ، ئىنسانلار ئارىسىدا ئاداۋەت ۋە ئۆچىمەنلىك پەيدا قىلىدۇ، ئۇ بولسا «غەيۋەت» تىن ئىبارەت گۇناھى كەبىيرە دۇر.

غەيۋەتتىن ئىبارەت بۇ گۇناھ، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى پەردىنى يىرتىپ تاشلايدىغان، پاسىقلار ۋە ئاجىزلار قوللىنىدىغان قورالىدۇر ھەمدە ئادەم گۆشى يەيدىغان پەسكەشلەرنىڭ ئۇزۇقلىنىش يايلىقىدۇر.

 غەيۋەت قىلىش بولسا، ئۆز قېرىندىشىڭنىڭ گۆشىنى يىگەنلىكىڭ، قېرىندىشىڭنىڭ ئەيىبىنى كولاپ، ئۆزۈڭنى ياخشىچاق كۆرسىتىپ، قېرىنىدىشىڭنىڭ مەرتىۋىسىنى، ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈشكە ئورۇنغانلىقىڭدىن ئىبارەت رەزىل ئىللەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غەيۋەتنى چۈشەندۈرۈپ: «غەيۋەت، قېرىندىشىڭنى ئۇ يامان كۆرىدىغان نەرسە بىلەن تىلغا ئېلىشىڭدۇر» دېگەن.

غەيۋەت؛ تىل، سۆز، تەسۋىرلەش، ھەرىكەت، ئىشارەت، كۆز ئىشارىتى، قول ئىشارىتى ئارقىلىق سادىر بولىشى مۇمكىن. غەيۋەتنىڭ تۈرى ۋە ئۇسۇللىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ھەممىنى ئەسلەپ بولۇش قىيىن. غەيۋەتخورلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار دىندارلىق، ئەخلاق ۋە ئىپپەت-نومۇس قېلىپىدىنمۇ چىقىپ كېتىدۇ. غەيۋەتخورلار بەزىدە ئۆزنىڭ قېرىندىشىنىڭ ئەيىبىنى زىكىر قىلغاندا خۇددى ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلغان قىياپەتتە پالانىنى ئاللاھ كەچۈرسۇن، ئۇنداق قىلىدىكەن، مۇنداق قىلىدىكەن، تۆۋە دېمەك لازىم، دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن غەيۋەت قىلىدۇ. غەيۋەتنىڭ ئۇسۇلى نېمە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئۇ غەيۋەتتۇر.

ئالىملار باشقىلاردىن يامان گۇمان قىلىشنىمۇ غەيۋەت قاتارىغا كىرگۈزگەن. گۇمان قىلغان بولساڭ، گۇمان بىلەن كشىلەرگە باھا بەرمىگىن، غەيۋەتنىڭ ئۇسۇلىنىڭ چەك-دائىرىسى يوق، غەيۋەتنىڭ دەرۋازىسىنى تاقاشمۇ قىيىندۇر.

 بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئى رەسۇلۇللاھ،! ئادەمدە بار ئىللەتنى دېسەممۇ غەيۋەت بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭدا بار ئىللەتنى دېسەڭ، غەيۋەت قىلغان بولىسەن، ئۇنىڭدا يوقنى دېسەڭ بۆھتان چاپلىغان بولىسەن» دېگەن.

قارايدىغان بولساق، ئىنسانلار كۆپلىگەن سورۇنلاردا، ئىنتېرنېت تورلىرى ۋە مۇنبەرلەر ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئېچىشتىن تەپ تارتماستىن ئېغىزىنى كەلسە-كەلمەس قويىۋەتكەن. بەزى تەقۋادار ۋە ياخشى مۇسۇلمان دەپ نام ئالغان كىشىلەرمۇ باشقىلارنىڭ غەيۋىتىدىن تىلىنى يىغالمايدۇ، ئۇ ئۇزۇن، بۇ قىسقا، ئۇ ئەخمەق، بۇ پاسىق، پالانى مۇناپىق، پۇستانى خائىن، دېگەندەك كىشىلەرنىڭ شەرىپىگە داغ تەككۈزىدىغان سۆزلەرنى تەپ تارتماستىن دەيدۇ. غەيۋىتىنى قىلىشتا تىرىكلەر ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆلۈكلەرمۇ ساق قالمايدۇ.

غەيۋەت-شىكايەت مەجلىسلىرى پىتنە-پاسات ۋە بالايى-ئاپەت مەجلىسى بولۇپ، ئىنساننىڭ ياخشىلىقلىرىنى خۇددى ئوت ئوتۇننى يىگەندەك يەپ تۈگىتىدۇ. غەيۋەت، قۇرئان ھەدىسنىڭ ئوچۇق ھۆكمى بىلەن ھارامدۇر. ئىنساننىڭ تەبىئىتىمۇ غەيۋەتنى رەت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىراجغا چىققاندا ئاسماندا ئىنسانلارنىڭ بەزىسى تۆمۈر تىرناقلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ يۈزلىرى، مەيدىلىرىنى تاتىلاپ، يۈزلىرىنى قىيما-ياما قىلغاننى كۆرگەندە، جىبرىل ئەلەيھىسسالامدىن ئۇلارنىڭ كىملىكىنى سورىغان، جىبرىل: «ئۇلار ئادەملەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ، گۆشلىرىنى يېگەنلەر» دەپ جاۋاپ بەرگەن.

ئىمام خۇتبىسىدە يەنە: ئەگەر غەيۋەتخور ئۆزىدىن ھېساب ئالىدىغان بولسا، ئۇ غەيۋەت ئارقىلىق ئۆزى ۋە مەجلىس ئەھلىنى ھالاك قىلغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. غەيۋەتخورنىڭ غەيۋىتىنى توسماستىن ۋە ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلماستىن، غەيۋەتنى ئاڭلاپ لەززەتلىنىپ ئولتۇرغان ئادەم، غەيۋەتنىڭ گۇناھىغا شېرىك بولغان بولىدۇ. مۇئمىن-مۇسۇلمانلارنىڭ شەرىپىنى ساقلاش ۋە دىنىي قېرىندىشىنىڭ شەرىپىنى غايىبانە ھىمايە قىلىش ۋاجىپتۇر. ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ شەرىپىنى مۇداپىئە قىلغان كىشىنىڭ يۈزىنى قىيامەتتە ئوتتىن ساقلايدۇ. قېرىندىشىنىڭ ئەۋرىتىنى ئېچىشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ ئەۋرىتىنى ئېچىپ، خالايىق ئالدىدا شەرمەندە قىلىدۇ. قانداق بىر ئورۇندا غەيۋەت ئومۇملاشسا، قېرىنداشلىق يوقىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ نۇمۇسى ئولتۇرۇشلارنىڭ ئىشتىھا بىلەن يەيدىغان مىۋىسى ۋە داستىخانلارنىڭ گۆشىگە ئايلانماسلىقى كېرەك. غەيۋەت مۇسۇلماننىڭ جىسمىنى خورىتىشتا قۇرتتىنمۇ ياماندۇر.

غەيۋەت قىلىش گۇناھى كەبىرە قاتارىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىنساننىڭ ياخشى ئەمەل، ناماز، روزا، زاكات، سەدىقە ۋە باشقا ھەسەناتلىرى كافارەت بولالمايدۇ. غەيۋەت قىلغان ئادەم گۇناھىغا تۆۋبە قىلىپ پۇشايمان قىلىشىدىن باشقا چارە يوقتۇر. غەيۋەت ئىنساننى ئىمان ۋە تەقۋالىقتىن يىراقلاشتۇرىدىغان ئىللەت بولۇپ، قانچە تەقۋادار كىشىمۇ غەيۋەتنى تاشلىمىسا، پاسىقلىق تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ. ھاكىمىيەت بېشىدىكى ۋەلى ئەمرلەر، سالىھ، پازىل، ئۆلىمالارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش، تېخىمۇ ئېغىر گۇناھتۇر. غەيۋەت كۆپ بولغان جەمئىيەتتىن بەرىكەت كۆتىرىلىپ كېتىدۇ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر يېتىپ قالايمىقانچىلىق پەيدا بولىدۇ.

ئەھلى ئىلىملار، زالىمنىڭ زۇلۇمىنى پاش قىلىدىغان، ئوچۇق-ئاشكارا گۇناھ-مەسىيەتلەرنى سادىر قىلىپ، جەمئىيەتكە يامان تەسىر بېرىدىغان، بىدئەت ۋە شېرىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، پىتنە ئۇرۇغىنى چاچىدىغان ئەخلاقسىزلارنىڭ يامانلىقلىرىدىن مۇسۇلمانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى نىيەت بىلەن سۆزلەنگەن سۆزلەرنى غەيۋەت قاتارىدىن سانىمىغان. ئەمما شۇنداقتىمۇ زالىم، گۇناھكار ۋە ئەخلاقسىزلارنىڭ ئەپتى بەشرىسىنى ئېچىشتىن بۇرۇن، تۆھمەت قىلىپ سالماسلىق ئۈچۈن تەكشۈرۈپ كۆرۈش كېرەك. ئەگەر گۇناھكارلارنىڭ ۋە زالىملارنىڭ زۇلۇملىرىغا قارىتا گۇمانى قاراش بولىدىغان بولسا، سۈكۈت قىلغان ئەۋزەلدۇر.

ئاللاھ ھەممىمىزنى غەيۋەت-شىكايەتتىن ساقلىسۇن، ئامىن!

تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى

باشقا خىزمەتلەر