ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
قەلبنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى
مۇھەممەد يۈسۈپ
قەلبنىڭ ساغلام بولۇشىدىن مەقسەت ئۇنىڭ ئىسلام ئېتىقادىغا زىت كېلىدىغان ئېتىقاد، پىكىر ۋە ئېقىملەردىن، ئىسلام ئەخلاقىغا زىت كېلىدىغان ھەسەتخوقلۇق، تەكەببۇرلۇق، ئاچكۆزلۈك، ئىچى تارلىق، رەھىمسىزلىق، ئۆچمەنلىك قاتارلىق مەنىۋى ئىللەتلەردىن پۈتۈنلەي خالىي بولۇپ، قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ نۇرى بىلەن پارلىغان بولۇشى دېگەنلىكتۇر.
قەلبنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش ئەڭ ئالدىنقى تەلەپلەرنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى قەلبنىڭ ساغلام بولۇشى جەننەتكە كىرىشنىڭ شەرتىدۇ. ] يَوْمَ لَا يَنْفَعُ مَالٌ وَلَا بَنُونَ. إِلَّا مَنْ أَتَى اللَّهَ بِقَلْبٍ سَلِيمٍ[ « قىيامەت كۈنىدە مال _ دۇنيامۇ، بالىچاقىلارمۇ پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ساغلام قەلب بىلەن كەلگەن ئادەملا (پايدا تاپىدۇ)» .
ئىنساننىڭ قەلبى تۈزۈلسە، ئۇنىڭ باشقا ئورگانلىرىنىڭ ئىشلىرىمۇ تۈزۈلىدۇ، ئۇنىڭ قەلب بۇزۇلسا، ئۇنىڭ بارچە ئىشلىرىمۇ بۇزۇلىدۇ. چۈنكى قەلب قوماندان، باشقا ئورگانلار ئەسكەردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئۇنۇتماڭلاركى، تەندە بىر پارچە گۆش بار بولۇپ، ئۇ تۈزۈلسە، جىمى بەدەن تۈزۈلىدۇ، ناۋادا ئۇ بۇزۇلسا، جىمى بەدەن بۇزۇلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ قەلبتۇر» دېگەن ھەدىسى بۇنى ئىپادىلەيدۇ.
ئىماننىڭ تاكامۇللىقىمۇ قەلبنىڭ ساغلام بولۇشىغا باغلىقتۇر. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بەندىنىڭ قەلبى تۈزەلمىگىچە ئۇنىڭ ئىمانى تولۇقلانمايدۇ، ئۇنىڭ تىلى تۈزەلمكىگىچە ئۇنىڭ قەلبى تۈزەلمەيدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
قىيامەت كۈنىدە ئەسقاتىدىغىنمۇ ساغلام قەلبتۇر. ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان ئايەتلەردە «ساغلام قەلب» ئىككى ئورۇندا زىكىر قىلىنغان ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇددى جىمى پەيغەمبەرلەرنىڭ پېشۋاسى بولغىنىدەك، ساغلام قەلب بابىدىمۇ ئىنسانىيەتكە پېشۋا ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان.
قەلبنى ئىسلاھ قىلىش ھەرقانداق بىر ئورگاننى ئىسلاھ قىلىشتىن قىيىن ۋە مۇشەققەتلىك كۈرەشتۇر. چۈنكى قەلبنى ئىسلاھ قىلىش نەپسنىڭ ئىسيانكارلىقىغا قارشى تۇرۇپ ئۇنى يېڭىش بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش. شۇڭا نەپسنىڭ شەھۋەتكە، شۆھرەتكە، مال-دۇنياغا ۋە ھەرقانداق دۇنيالىق ھەۋەسكە بولغان ھېرىسمەنلىكىنى يېڭەلمىگەنلەر نەپسنى ئىسلاھ قىلىش جېڭىدە يېڭىلىپ قالىدۇ. نەپسنىڭ ئىسيانكارلىقىنى يېڭەلمىگەن ئادەم قەلبىنىمۇ ئىسلاھ قىلالمايدۇ.
قەلب ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرى چۈشىدىغان جايدۇر
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ تەقى -تۇرقۇڭلارغا ياكى مال-دۇنيايىڭلارغاس قارىمايدۇ. بەلكى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ۋە ئەمەلىڭلارغا قارايدۇ» دېگەن. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، قەلب ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرى چۈشىدىغان جاي.
يۈزنى سوۋۇنلاپ پاكىز يۇيۇپ، كىيىمنىڭ ئەڭ ئېسىلىنى كىيىپ، ئۆزىگە خۇشپۇراقلارنى چېچىپ تاشقى قىياپەتنى كىشىلەرگە چىرايلىق ۋە پاكىز قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن كۆپ چىقىم ياكى كۆپ تىرىشچانلىق كەتمەيدۇ. ئەمما قەلبتىكى ئۆچمەنلىك، كۆرەلمەسلىك، دۈشمەنلىك، ئىچى تارلىق قاتارلىق ئىللەتلەرنى تەۋبە-ئىستىغفارنىڭ سۈيى بىلەن يۇيۇپ، نەپسنىڭ ئىسيانكارلىقىنى يېڭىپ، ئۇنى ئاللاھ تائالاغا پاك پاكىز قىلىپ كۆرسىتىش ئوڭاي ئىش ئەمەس.
ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تۈزەپ، ئۇنى ئىسلام ئەخلاقى بىلەن بېزەشكە ئەھمىيەت بەرمەستىن، پەقەت تاشقى كۆرۈنۈشىگىلا ئەھمىيەت بېرىدىغان، كىيىنىش، گەپ-سۆز ۋە يۈرۈش- تۇرۇش قاتارلىق ئىشلىرىدا بىرەر ئەيىب-نۇقسان كۆرۈلۈپ قېلىشىدىن ياكى بىرەر يولسىزلىقى پاش بولۇپ قېلىپ ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا رەسۋا بولۇپ قېلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەپ، ئۆزىنىڭ تاشقى ئەيىبلىرىنى يۆگەشكە شۇنچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغان ياكى قىسقا بىر تەبىر بىلەن ئېيتقاندا، ئاللاھ تائالا ئەڭ ئاۋۋال قارايدىغان جاينى چىرايلىق كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بەرمەستىن، ئىنسانلار قارايدىغان جايلارنى چىرايلىق، پارقىراق قىلىپ كۆرسىتىشكىلا ئەھمىيەت بېرىدىغانلار رىياكار ئىنسانلادۇر.
زامانىمىزدىكى مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالا نەزەر سېلىپ تۇرىدىغان قەلبىنى ئۇنىڭغا چىرايلىق ۋە پاكىز كۆرسىتىشكە، ئىنسانلار قارايدىغان تاشقى ئەزالىرىنى چىرايلىق، ئېسىل ۋە كۆركەم كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بەرگەنچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغان بولسا ئىدى، ئەھۋال باشقىچە بولغان بولار ئىدى.
قەلب ئەڭ ئۆزگىرىشچان ئوگاندۇر
مىقداد ئىبنى ئەسۋەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئادەم بالىسىنىڭ قەلبى خۇددى قايناۋاتقان قازاندىنمۇ بەك ئۆزگىرىشچاندۇر»دېگەن. بۇنىڭدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمىشە«ئى قەلبلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ! مېنىڭ قەلبىمنى دىنىڭدا مەھكەم قىلغىن»دەپ دۇئا قىلىشىدىكى ھېكمەت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. قەلب سۆزى ئەرەب تىلىدا «ئۆزگىرىش» دېگەن سۆز يىلتىزىدىن چىققان بولۇپ، لۇغەت ئېتىبارى بىلەن ئۆرۈپ چۆرۈگەننى ئىپادىلەيدۇ.
قەلبنى ئىسلاھ قىلىش دېگەن خۇددى ئۆينى سۈپۈرگەندەك كۆڭۈلدىكى يامانلىقلارنى، ئۆچلۈك-ئاداۋەتلەرنى ۋە بارچە يامان ئىللەتلەرنى بىر قېتىمدىلا سۈپۈرۈپ تاشلاپ قۇتۇلىدىغان ئوڭاي ئىش ئەمەس. بەلكى ئاللاھ تائالادىن ياردەم سوراش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەپسنىڭ ئىسيانكارلىقى ۋە شەيتاننىڭ كۈشكۈرتىشىنى باستۇرۇپ، قەلبنى ھەمىشە ئۆز كونترولىدا تۇتۇپ، سەگەك، ھوشيار بولۇش، سىرتتىن كىرىدىغان مەنىۋى مىكروب تۇمانلىرىدىن قەلبنى قوغداش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
قەلبتە بولىدىغان زىددىيەتلەر
بەزى ئۆلىمالار دەيدۇكى، ئىنسان قەلبى ھەر خىل زىددىيەتلىك سۈپەتلەرگە ئىگە بولۇپ، بەزىلەرنىڭ قەلبى يۇمشاق كەلسە، بەزىلەرنىڭ تاشتەك قاتتىق كېلىدۇ، بەزىلەرنىڭ سۈتتەك ئاپئاق كەلسە، بەزىلەرنىڭ قاپقارا كېلىدۇ. قەلبنىڭ يۇمشاقلىقى ئىماننىڭ ئەسىرى بولغىنىدەك، ئۇنىڭ قاتتىقلىقى كۇفرىنىڭ ئەسىرىدۇر. شۇنىڭدەك، قەلبنىڭ ئاقلىقى ياخشى ئەمەلنىڭ ئىزى بولغىنىدەك، ئۇنىڭ قارىلىقى گۇناھ-مەسىيەتنىڭ ئىزىدۇر. شۇڭا گۇناھ-مەسىيەتلەرنى ئىككىلەنمەستىن قىلىدىغان ئادەملەرنى كىشىلەر «قەلبى قارا ئادەم» دەيدۇ. گۇناھ-مەسىيەنىڭ قەلبنى قارايتىۋېتىدىغانلىقى ۋە ياخشى ئەمەللەرنىڭ قەلبنى يۇرۇتىدىغانلىقى ھەققىدە كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەر بۇنى كۈچلەندۈرىدۇ.
بىراۋنىڭ قەلبىدىكى زىددىيەتلەر ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىشىنى ياكى دوزاخقا كىرىشىنى بەلگىلەيدۇ. بىر مۆمىن ئايالنىڭ بىر مۈشۈكنى نان، سۇ بەرمەي باغلاپ قويغانلىقى ئۈچۈن دوزاخ ئەھلى بولۇپ كەتكەنلىكى ۋە يەنە بىر بۇزۇق ئايالنىڭ ئۇسسۇزلىقتىن ھالسىراپ قالغان بىر ئىتقا ئىچ ئاغرىتىپ ئۇنى سۇغۇرۇپ قويغانلىقى يۈزىسىدىن جەننەت ئەھلى بولغانلىقى بۇنىڭ مىسالى.
قەلبنىڭ ساغلاملىقى جەننەتنىڭ كاپالىتىدۇر
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلغان:«بىز بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق. ئۇ"ھازىر سىلەرگە جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر ئادەم كېلىدۇ"دېدى. راستىنلا ئەنسارلاردىن بىر ئادەم كەلدى. ئۇ تاھارەت ئېلىپلا كەلگەنلىكىدىن ئۇنىڭ ساقىلىدىن سۇ تامچىلاپ تۇراتتى. ئەتىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە شۇنداق دېدى، يەنە شۇ ئادەم شۇ ھالىتىدە ھازىر بولدى، ئۈچىنچى كۈنىمۇ شۇنداق بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆھبەتتىن تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر ھېلىقى ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدى ۋە ئۇنىڭغا"دادام بىلەن قېيىدىشىپ قېلىپ، ئۈچ كۈنگىچە ئۇنىڭ يېنىغا كىرمەسلىككە قەسەم قىلغان ئىدىم. شۇڭا سەن مېنى ئۈچ كۈن قوندۇرغان بولساڭ"دەپ ئۆتۈندى، ئادەممۇ قوبۇل قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كەتتى. كېيىن ئابدۇللانىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ ھېلىقى ئادەم بىلەن ئۈچ كۈن بىللە تۇرۇش جەريانىدا، ئۇنىڭدا سەھەر ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ بامدات ۋاقتىغىچە ئاللاھ تائالاغا زىكىر ۋە تەكبىر ئېيتىشتىن باشقا ھېچقانداق ئارتۇقچىلىق كۆرمىگەن، پەقەت ئۇنىڭ ھەمىشە ياخشى سۆز قىلدىغانلىقىدىن تەسىرلەنگەن. ئابدۇللا مۇنداق ھېكايە قىلىپ بەرگەن«ئۈچ كۈن توشقاندىن كېيىن، مەن ئۇ ئادەمنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرىنى ئاددى ساناپ قالدىم ۋە ئۇ ئادەمگە" ئەي ئاللاھنىڭ بەندىسى! مەن راستىمنى ئېيتسام مەن دادام بىلەن قېيىدىشىپ قالغان ئەمەسمەن. پەقەت رەسۇلۇللاھتىن سېنىڭ جەننەت ئەھلىدىن ئىكەنلىكىڭىزنى ئارقا-ئارقا ئۈچ كۈن ئاڭلاپ ساڭا قىزىقىپ قالغانتىم. شۇڭا سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى ئۆگىنىپ ساڭا ئەگىشەي دىگەن مەقسەتتە سېنىڭ ئۆيۈڭگە كەلگەنتىم. ئەمما قارىسام چوڭ بىر ئىشلارنى قىلغىنىڭنىمۇ كۆرمىدىم. سېنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھلى جەننىتى دېيىشىگە سازاۋەر قىلغان ئىشىڭ زادى قايسى؟"دەپ سورىدىم. ئادەم"مېنىڭ ئەمەللىرىم پەقەت سەن ئۈچ كۈندىن بېرى كۆرگىنىڭ شۇ، دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ يېنىدىن قايتىۋاتقانتىم. ئۇ مېنى چاقىردى ۋە مۇنداق دېدى" مېنىڭ قىلىدىغان ئەمەللىرىم سەن كۆرگەنلىرىڭنىڭ ئۆزى. باشقىسى يوق. پەقەت مەن مۇسۇلمانلاردىن ھېچكىمگە يامانلىق سېغىنمايمەن، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ياخشىلىقلىرىغا كۆز قىزارتمايمەن". شۇ ۋاقىت مەن ئۇنىڭغا"ھە، ئەمدى بىلدىم. سېنى بۇ دەرىجىگە يەتكۈزگەن ۋە بىزنىڭ قولىمىزدىن كەلمەيدىغان ئىش بۇ ئىكەندە"دېدىم.»
قەلب تۈزەلسە ھەممە تۈزىلىدۇ
قەلبنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ئەمەل _ ئىبادەتلەرنىڭ دۇرۇس شەكىلدە ئادا قىلىنىشىغا باغلىقتۇر. ئەمەل _ ئىبادەتلەرنىڭ دۇرۇس شەكىلدە ئادا قىلىنىشى نىيەتنىڭ دۇرۇسلۇقىغا ۋە ئەمەل _ ئىبادەتنىڭ ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە ئادا قىلىنىشىغا باغلىقتۇر. ئەمەل _ ئىبادەتنىڭ ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە بولۇشى ئىچىڭىز تېشىڭىزدىن پارلاق بولۇشىغا باغلىقتۇر. ئىچىڭىزنىڭ پارلاق بولۇشى دېگەنلىك قەلبىڭىزنىڭ ساغلام بولۇشى دېگەنلىكتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا سىزنىڭ قەلبىڭىزگە قارايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ سىلەرنىڭ تەقى _ تۇرقۇڭلارغا ياكى شەكلىڭلارغا قارىمايدۇ، بەلكى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا قارايدۇ» . ئەللامە سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە مۇنداق دېگەن: «ئىچىڭىز بىلەن تېشىڭىز ئوخشاش بولسا، بۇ سىزنىڭ دۇرۇس ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەگەر ئىچىڭىز تېشىڭىزدىن ئەۋزەل بولسا، بۇ سىزنىڭ ئەخلاق _ پەزىلىتىنىڭىزنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئەگەر تېشىڭىز ئىچىڭىزدىن پارلاق بولۇپ كەتسە، بۇ سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز زۇلۇم قىلغانلىقىڭىزنىڭ بەلگىسىدۇر». چۈنكى قەلب ئەمەللىرى ئەمەل_ ئىبادەتنىڭ ئەسلىسى، جىسمانىي ئەمەل_ ئىبادەتلەر بولسا ئەمەل_ ئىبادەتنىڭ شاخچىلىرىدۇر. قەلب ئەمەللىرى _ نىيەت، ئىخلاس، تەقۋالىق، سۆيگۈ_ مۇھەببەت قاتارلىقلاردۇر. جىسمانىي ئەمەل_ ئىبادەتلەر_ ناماز، روزا، زاكات، ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەردۇر.
ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكنى تەرىپلەپ: «ئاللاھ بۇ كىشىنىڭ مەرتىۋىسىنى پەقەت ئۇنىڭ مەخپىي ئەمەللىرى بىلەنلا يۇقىرى قىلدى. چۈنكى ئۇ بارلىق ياخشى ئەمەللىرىنى كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن يوشۇراتتى، كىشىلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى ياقتۇرمايتتى» دېگەن. باغداتنىڭ مەلۇم بىر مەھەللىسىدە يىللاردىن بېرى ئۆزلىرىگە خالىسانە كېلىۋاتقان مەخپىي ياردەملەرنى كىمنىڭ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمىگەن خەلق ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكنىڭ ۋاپاتى بىلەنلا ئۇنى بىلگەن ئىكەن.
بەزى كىشىلەرنىڭ قىلغان ئاز_ تولا خەير_ ساخاۋىتىنى كىشىلەرگە ئاڭلىتىش ۋە كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلمىغانلىرى قالمايدۇ. ئۇلار بۇ رىياكارلىقنى نېمە ئۈچۈن قىلىدۇ؟ پەقەتلا يۈز_ ئابرۇي تېپىش ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قەلبىدە مەرتىۋە قازىنىش ئۈچۈن قىلىدۇ. ئەمما ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى قاتتىق بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەن نەرسىلەردەكلا يوق قىلىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى كىچىك ۋە قەدىرىسىز قىلىپ قويىدۇ، ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى يوق قىلىۋېتىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەللەرنى ئىنسانلارنى رازى قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قىلغان كىشىگە غەزەپ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا غەزەپ قىلغان كىشىنى بەربات قىلىۋېتىدۇ، ئۇنى ھېچكىم ھۆرمەتلىمەيدۇ. ئەمما ياخشى ئەمەللىرىنى يوشۇرۇپ قىلىدىغان ۋە قىلغان ھەربىر ئىشىدا ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغان ئادەمنى ئاللاھ تائالا سۆيىدۇ_ دە، ئۇنىڭ يۈز_ ئابرۇيىنى يۇقىرى، مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن، كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى يۈكسەك قىلىدۇ. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ دىللىرى ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىغا بىراۋنىڭ مۇھەببىتىنى ياكى نەپرىتىنى سېلىش ئاللاھ تائالاغا نىسبەتەن ناھايىتى ئوڭايدۇر. بىر ھەدىستە مۇنداق دەپ كەلگەن: «ئاللاھ بەندىلىرىدىن بىرىنى ياخشى كۆرسە، جىبرىلنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا بۇنى ئېيتىدۇ، ئاندىن جىبرىل ئاسمان ئەھلىگە (يەنى پەرىشتىلەرگە) نىدا قىلىپ ‹ئاللاھ پالانىنى ياخشى كۆردى، سىلەرمۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈڭلار› دەپ جاكارلايدۇ. ئاندىن ئاسمان ئەھلى ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن زېمىن ئەھلى (يەنى ئىنسانلار) ئۇنى ياخشى كۆرۈشكە باشلايدۇ» .
باشقا خىزمەتلەر