ھىجرىيە: | مىلادىي: 19 Ekim 2021

چىكىنىڭ
ئاللاھ تائالا توغرىسىدا قارىسىغا سۆزلەش

 ئاللاھ تائالا توغرىسىدا قارىسىغا سۆزلەش

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا قارىسىغىلا سۆزلەش؛ ئاللاھنى ئۆزى سۈپەتلىگەن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈپەتلىگەن سۈپەتلەرگە زىت سۈپەتلەش قاتارلىقلار ئاللاھ تائالانىڭ يارىتىش ۋە بۇيرۇشتىن ئىبارەت كامالىتىگە تۈپتىن زىت كېلىدىغان ۋە ئىنكار قىلىدىغان ئەڭ ئېغىر جىنايەتتۇر. يەنە كېلىپ ئاللاھنىڭ زاتى ۋە پەرۋەردىگارلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى كۆزگە ئېلمىغانلىقتۇر. ناۋادا بىر ئادەم يۇقىرىقى ئىشلارنى بىلىپ تۇرۇپ قىلغان بولسا، ئۇ ئەڭ قەبىھ بويۇنتاۋلىق ۋە ئەڭ ئېغىر جىنايەت قىلغان بولىدۇ.

شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۈپەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ئادەمنىڭ مۇشرىكلىقى پەرۋەردىگارنىڭ كامالى سۈپەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان ۋە تانىدىغان ئادەمنىڭ مۇشرىكلىقىدىن يەڭگىلرەك بولىدۇ. شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالانىڭ بىردىنبىر پادىشاھ ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلدىغان، ئاللاھ تائالانىڭ پادىشاھلىقىنى ۋە پادىشاھلىقىغا مۇناسىۋەتلىك سۈپەتلەرنى ئىنكار قىلمايدىغان، لېكىن بىر قىسىم ئىشلاردا ئاللاھقا يىقىنلاشتۇرار دېگەن ئۈمىدتە ئاللاھقا باشقا نەرسىلەرنى شېرىك قىلىۋالىدىغان ئادەمنىڭ جىنايىتى ئاللاھنىڭ بىردىنبىر پادىشاھلىقىنى ۋە پادىشاھلىققا خاس سۈپەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان ئادەمنىڭ جىنايىتىدىن يەڭگىلرەك بولىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ كامالەت سۈپەتلىرىنى كۆزگە ئېلمىغان ۋە ئۇلارنى ئىنكار قىلغانلار بىلەن ئاللاھنى كاتتا بىلىپ، ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ تۇرۇپ، «ئاللاھقا يىقىنلاشتۇرىدۇ» دېگەن مەقسەتتە ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئارىسىغا ۋاستە شەكىللەندۈرۈۋالغانلارنىڭ قانچىلىك پەرقى بار-ھە؟!

ئاللاھنىڭ زاتى ۋە كامالەت سۈپەتلىرىنى ئىنكار قىلىش مىسلىسىز ئېغىر جىنايەتتۇر. بۇ خىلدىكى جىنايەتنىڭ پېشۋاسى بولغان پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئاللاھ ئاسماننىڭ ئۈستىدە» دېگەن خەۋىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ئاللاھ پىرئەۋننىڭ ئىنكار قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا – ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى.»[1]

ئاللاھ تائالا ھەققىدە قارىسىغا سۆزلەش بىلەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ئىككىسى قوشكېزەكتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىنى بىلمەسلىك ۋە ئاللاھ تائالا ئۆزىنى سۈپەتلىگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن سۈپەتلەرنى يالغانغا چىقىرىش بويۇنتاۋلىق ۋە جاھىللىق بولۇپ، گەرچە كاپىرلىق دەرىجىسىگە ئاپارمىسىمۇ، ئەمما بۇلار شەيتانغا باشقا چوڭ گۇناھلاردىنمۇ سۆيۈملۈك بىلىنىدىغان ئىشلاردۇر.

بەزى سەلەپ ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: «بىدئەت شەيتانغا باشقا گۇناھ-مەئسىيەتلەردىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر. چۈنكى، گۇناھ-مەئسىيەت ئۆتكۈزگەنلەر توۋا قىلىدۇ، بىدئەتخورلار توۋا قىلمايدۇ.»

ئىبلىس مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىنسانلارنى گۇناھلار ئارقىلىق ھالاك قىلسام، ئۇلار ئىستىغفار ئېيتىپ ۋە كەلىمە تەۋھىدنى تولا ئېيتىپ مېنى ھالاك قىلدى. مەن بۇنى كۆرگەندىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ ھاۋايى-ھەۋىسىگە كۈچۈمنى مەركەزلەشتۈردۈم. ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ بىدئەت ئىشلارنى قىلغانلار توۋا قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز دەپ ئويلايدۇ.»

شۇنىسى ناھايىتى ئېنىقكى، گۇناھكار بىرەر گۇناھ قىلسا ئۇنىڭ زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ. ئەمما بىدئەتخورنىڭ زىيىنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولىدۇ. بىدئەتخورلار دىننىڭ يېلتىزىغا پالتا چاپقۇچىلاردۇر. باشقا گۇناھكارلار شەھۋەتلىرىگە قۇل بولغۇچىلاردۇر. بىدئەتخور كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ توغرا يولىدىن توسىدۇ. گۇناھكار پەقەت ئۇنداق ئەمەس. بىدئەتخور پەرۋەردىگارنىڭ كامالەت سۈپەتلىرىگە داغ كەلتۈرىدۇ، ھاقارەت قىلىدۇ. گۇناھكار ئۇنداق قىلمايدۇ. بىدئەتخور كىشىلەرنى ئاخىرەتنىڭ خەيرىلىكلىرىدىن مەھرۇم قويىدۇ. ئاسىي-گۇناھكارلار بولسا گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئاخىرەت ياخشىلىقلىرىغا كىچىكىپ ئىرىشىدۇ.

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم



[1] سۈرە غافىر 36-37-ئايەتلەر

باشقا خىزمەتلەر