ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
ئاللاھ بارلىق جانلىق-جانسىز مەخلۇقلارنى مۇكەممەل قانۇن-ئىنتىزام ئىچىدە ياراتقان بولۇپ، ھەربىر مەخلۇقنىڭ ئۆزىگە لايىق خىزمىتى بار
ھۆرمەتلىك شەيخ دوكتور/ سالىھ بىن ئابدۇللا بىن ھۇمەيد
(16/10/14310ھـ )
ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا:
«ئاللاھ ئىنسان، جىن ۋە باشقا بارلىق جانلىق-جانسىز مەخلۇقلارنى مۇكەممەل قانۇن-ئىنتىزام ئىچىدە ياراتقان بولۇپ، ھەر بىر مەخلۇقنىڭ ئۆزىگە لايىق خىزمىتى بار» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.
ئاللاھ ئىنساننى يەر يۈزىدە ئورۇنباسار قىلىپ ياراتتى. ئىنساندىن زېمىننى گۈللەندۈرۈشنى، زېمىننىڭ يەرئاستى، يەر ئۈستى بايلىقلىرىدىن مۇكەممەل پايدىلىنىشنى تەلەپ قىلدى. شۇ ئاساستا ئاللاھ ئىنساننى ئەقىللىق، تەدبىرلىك ياراتقاندىن تاشقىرى، ئۇنىڭغا زېمىننى گۈللەندۈرۈش ۋە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى. ئاللاھ ئىنساننىڭ ھىدايىتى ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى، كىتابلارنى چۈشۈردى. ئىنسان، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بىلەن بىرگە يەر يۈزىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىلدى. دۇنيانىڭ ياخشىلىقلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن، ئەقىل نېمىتىنى ئاتا قىلدى. يەر ئاستى، يەر ئۈستى بايلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنساننىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بويسۇندۇرۇپ بەردى. شۇڭا ئىنسان ئاللاھنىڭ ئالدىدا زېمىننى گۈللەندۈرۈشكە ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا مەسئۇلدۇر. يەنە بىر تەرەپتىن شۇ ئىنسان جەمئىيەتتە يۈز بېرىدىغان بۇزۇقچىلىق، ئازغۇنلۇق ۋە ۋەيرانچىلىقلاردىنمۇ مەسئۇلدۇر.
ئاللاھ بۇ ھەقىقەتنى دۇنياغا ئاشكارىلاش ئۈچۈن، ئۆز ھېكمىتى بىلەن بارچە مەخلۇقلارنى ئىنچىكە ئۆلچەم ۋە مۇكەممەل تەدبىر ئىچىدە ياراتتى. ئاللاھ ئىنسانغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن نېمەتلەر ئۈستىدە ئويلانغان ئىنسان، ئاللاھنىڭ كائىناتنى يارىتىشتىكى مۇراد-مەقسىتىنى بىلىۋالالايدۇ. ئاللاھ زېمىننىڭ ياخشىلىقلىرى ۋە بايلىقلىرىنى يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستىگە يەرلەشتۈرگەن بولۇپ، سۇلار، ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانلار، باغۇ-بوستان، جاڭگاللار، ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ساغلاملىق مۇھىتىدۇر. چۈنكى ئاللاھ ئۇنى ئىنسانىيەت ئۈچۈن نېمەت قىلىپ ياراتتى. دۇنيانىڭ تەڭپۇڭلۇق تۈزۈمى ئاللاھ ئورۇنلاشتۇرغان ئىنچىكە قانۇنىيەت بولۇپ، ئاللاھنىڭ نەقەدەر ھېكمەتلىك، تەدبىرلىك ۋە ئەزىمەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دۇنيادىكى بارلىق ئېلىمېنتلار، چوڭ-كىچىك، رەڭگارەڭ ھايۋانلار، قۇرت-قوڭغۇزلار تەدبىرلىك، ھېكمەتلىك ئاللاھنىڭ ئىنچىكە ئىلاھىي قانۇنىيىتى ئىچىدە ئىنتايىن رەتلىك، سىستېمىلىق ھەرىكەت قىلىدۇ.
دۇنيانىڭ ئىنتايىن سېستىمىلىق، ئىنچىكىلىك بىلەن يارىتىلىپ يەنە شۇنداق باشقۇرۇلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى بۇ دۇنياغا ئورۇنباسار قىلىپ، دۇنيانى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئىنساننىڭ شۇ پرىنسىپ بويىچە دۇنيانىڭ بارچە نېمەتلىرىدىن مۇكەممەل پايدىلىنىشى، پاك مۇھىت يارىتىشى ۋە شۇ مۇھىتنى ئاسرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
ناھايىتى ئەپسۇسكى، بۈگۈنكى دۇنياغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ھازىرقى زامان ئىنسانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مۇشكۈللەر ئەقىل ئىگىلىرىگە دۇنيانىڭ خەتەرلىك بىر ھاڭ تەرەپكە قاراپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنسانلار مۇھىت بۇلغاش، ئاللاھ ياراتقان كائىناتنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىش، سۇ، ھاۋا، تۇپراقنىڭ ئەسلى ھالىنى ئۆزگەرتىپ، ئىنسانىيەت دۇنياسىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇشتەك ئەھۋاللار ئېغىر دەرىجىدە كۆرۈلمەكتە. ئۇنىڭ نەتىجىسىدە يالغۇز ئىنسانلار ھاياتىلا ئەمەس، ھايۋانلارنىڭ ھاياتىمۇ تەھدىت ئىچىدە قالماقتا. يېقىنقى زامانلاردا مۇھىت ئۆزگىرىشى، ھاۋا كېلىماتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكى، ئوزۇقلۇقلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىتنىڭ ساپلىقىنى بۇلغىماقتا.
يېمەك-ئىچمەك، ئوزۇقلۇق ياسايدىغان فابرىكىلارمۇ ئۆز مەنپەئەتىنى بىرىنجى ئورۇندا قويۇپ، ئوزۇقلۇقلاردا بۇلغىنىش پەيدا قىلىپ، شەكلىنى گۈزەللەشتۈرۈش، رەڭگىنى ياخشىلاش ئۈچۈن خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ، تاشقى كۆرۈنىشىگە ئەھمىيەت بەرگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئوزۇقلۇقلار ئىنسانغا پايدا قىلماستىن، سالامەتلىكنى بۇزىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە. ئىنسان ئۆزىنىڭ تەبىئىتىدە مۇھىتنى تۈزىمەستىن، ئۇنى بۇلغاشقا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بىرى مۇستەملىكىچى، مۇشتۇمزور كۈچلەر، ئاجىز مىللەتلەرنى مونۇپول قىلىش ئارقىلىق ئىشغال قىلىش، بايلىقلىرىنى سۈمۈرۈش ئۈچۈن ئىنسانىيەتكە ۋە يەر شارى مۇھىتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان، خەلقئارادا چەكلەنگەن قوراللارنى قوللىنىپ، يەر شارى مۇھىتىغا ئېغىر زىيان سالغاندىن تاشقىرى، ئىنسانلار ئارىسىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ۋە داۋالاش ئۈنۈم بەرمەيدىغان كېسەللەرنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. زەھەرلىك قوراللار سەۋەبىدىن دۇنيادا مىليونلىغان گېكتار زىمىن، مىليونلىغان گېكتارلىق ئورمانلار ۋەيران بولۇپ، دۇنيانى قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ۋە سۇ ئاپىتى قاپلىماقتا. نەتىجىدە دۇنيا خارابىلىققا قاراپ ماڭماقتا.
«ۋەلا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھىل ئەلىييىل ئەزىم».
ئىنساننى ئەخلاقلىق، ياخشىلىققا ئالدىرايدىغان، يامانلىقتىن قاچىدىغان قىلىپ تەربىيىلەش ئۈچۈن، ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە ئىمان بولۇپ، ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن ئادەم، ئاللاھقا يېقىن بولىدۇ. بارلىق ئىنسانلارغا ياخشىلىقنى خالايدۇ، ياخشىلىققا چاقىرىدۇ. ئىنسان زېمىننىڭ ساغلاملىقى ۋە مۇھىتنىڭ تازىلىقىغا مەسئۇلدۇر. زېمىننى گۈللەندۈرۈش ۋە مۇھىتنى ئاسراش ئەنە شۇ ئىنساننىڭ بۇرچىدۇر. ئىكولوگىيەلىك سىستېمىنىڭ ئۆزگىرىشى، ھاۋا كېلىماتىدىكى ئۆزگىرىشلەر، كېلىماتنىڭ كۈنسېرى ئىسسىپ بېرىشىدەك ئامىللارنىڭ سەۋەبچىسى يەنىلا ئىنسانلاردۇر. دۇنيانىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەلق ئاممىسى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىدۇر.
دۆلەتلەر ۋە خەلقئارادىكى جەمئىيەتلەر، مۇھىتنى ئاسراشقا دېققەت قىلىشى ۋە ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە كېپىللىك قىلىشى كېرەك. ھاكىمىيەتتىكىلەرنىڭ بارلىق غايىسى، ئىنسان ۋە ئىنساننىڭ ھاياتىنىڭ ساغلاملىقى بولىشى كېرەك. شۇڭا سەھىيە ۋە ئىقتىساد مەيدانلىرىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش لازىم. ھەر قانداق شارائىتتا ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكى ھېسابىغا بايلىق توپلاش، قەتئىي توغرا ئەمەس. قارايدىغان بولساق سانائەتتە ۋە ئىقتىسادتا دۇنيانىڭ ئالدىن قاتارىدا تۇرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ، ئەدەپ-ئەخلاق ۋە ئىنسانىي پەزىلەت جەھەتلەردە ئارقىدا قالغانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بىزلەر ئاللاھ تەرىپىگە قايتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قانۇنىيىتىدىن مەھرۇم قالماسلىق ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك.
ئاللاھ ھەممىمىزنى ئىسانىيەتكە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا نېسىپ قىلسۇن! دۇنيانى گۈللەندۈرگۈچىلەردىن قىلسۇن!
ئۇنى ۋەيران قىلغۇچىلاردىن قىلمىسۇن، ئامىن!
سىراجىددىن ئەزىزى تەرجىمىسى.
باشقا خىزمەتلەر