ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023

چىكىنىڭ
قۇرئان كەرىمنى ئاللاھ بەندىلەرگە نېمەت ۋە ھىدايەت قىلىپ ئەۋەتتى

قۇرئان كەرىمنى ئاللاھ بەندىلەرگە نېمەت ۋە ھىدايەت قىلىپ ئەۋەتتى

ھۆرمەتلىك ئۇستاز دوكتور/ ئۇسامە بىن ئابدۇللا خەييات

 

2011 – يىلى 8 – ئاينىڭ 14 - كۈنى

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «قۇرئان كەرىمنى ئاللاھ بەندىلەرگە نېمەت ۋە ھىدايەت قىلىپ ئەۋەتتى» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئاللاھ تائالا ئۈممىتى مۇھەممەدىيەگە قۇرئان كەرىمنى نېمەت ۋە ھىدايەت قىلىپ نازىل قىلدى. قۇرئان كەرىمدە خاتالىق، ناقىسلىق ۋە ئەيىب-نۇقسان يوقتۇر. قۇرئان توغرا يولنى خالىغانلارغا ھىدايەتتۇر. قۇرئان كەرىم ئارقىلىق بەندىلەرنىڭ تۇرمۇشى نورماللىشىدۇ، دىللىرى بەخىت-سائادەت ھېس قىلىدۇ ۋە ئىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولىدۇ. قۇرئان كەرىم ئۆلۈك دىللارنى ياشارتىدۇ ۋە قاراڭغۇ يوللارنى يۇرۇتۇپ بېرىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ بەرىكىتى چەكسىز بولۇپ، ئۇنىڭغا يېتىشنىڭ يولى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش ئارقىلىق قولغا كىېىدۇ. قۇرئان كەرىمنى ھاياتىمىزنىڭ يول مىزانى قىلىشنى خالىساق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە مۇستەھكەم ئېسىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە قۇرئان كەرىمدىن قانداق پايدىلىنىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىنى ئۆگەتتى. قۇرئان كەرىمگە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش، دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ بەخت-سائادىتىنىڭ ئاچقۇچىدۇر. قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش بولسا، ئالاھىدە بىر لەززەت بولغاندىن سىرت، كاتتا ئەجرى-ساۋاپقا ئېرىشتۈرىدۇ ۋە ئالىي ماقاملارغا يەتكۈزىدۇ. قىيامەتتە بولسا، ئاللاھ تەييارلىغان شەرەپلىك جەننەتكە كىرگۈزىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىڭلار، چۈنكى قۇرئان كەرىم قىيامەتتە قۇرئاننى ئوقۇغانلارغا شاپائەتچى بولىدۇ» دېگەن.

بىز ياشاۋاتقان مۇبارەك رامىزان ئېيى قۇرئان  ۋە بەرىكەت ئېيىدۇر، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتىن مەقسەت، ئۇنىڭ مەنالىرىنى تەدەببۇر(تەپەككۇر)قىلىش ۋە ئۇنىڭ نازىل بولۇش مەقسىتىنى چۈشىنىشتۇر. قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىش ئارقىلىق قۇرئاننىڭ روھىغا ئەمەل قىلىش ئاساسىي غايىدۇر. مۇبارەك رامىزان ئېيى، قۇرئان كەرىمنى ھەقىقىي رەۋىشتە ھاياتىمىزدا ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئەمەل قىلىش پۇرسىتى بولۇپ، مۇبارەك رامىزاندىن پايدىلانمىغانلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.

 ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە قۇرئاننى نوقۇل ھالدا ئوقۇپ تىلاۋەت قىلىپ قويۇش ئەمەس، بەلكى قۇرئان ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

 {أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ ٱلۡقُرۡءَانَ أَمۡ عَلَىٰ قُلُوبٍ أَقۡفَالُهَآ}

 {ئۇلار (ھەقنى تۇنۇش ئۈچۈن) قۇرئاننى پىكىر قىلمامدۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بار (شۇڭا ئۇلار چۈشەنمەيدۇ)}[1].

ئاللاھ يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېگەن:

{شَهۡرُ رَمَضَانَ ٱلَّذِيٓ أُنزِلَ فِيهِ ٱلۡقُرۡءَانُ هُدٗى لِّلنَّاسِ وَبَيِّنَٰتٖ مِّنَ ٱلۡهُدَىٰ وَٱلۡفُرۡقَانِۚ فَمَن شَهِدَ مِنكُمُ ٱلشَّهۡرَ فَلۡيَصُمۡهُۖ وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوۡ عَلَىٰ سَفَرٖ فَعِدَّةٞ مِّنۡ أَيَّامٍ أُخَرَۗ يُرِيدُ ٱللَّهُ بِكُمُ ٱلۡيُسۡرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ ٱلۡعُسۡرَ وَلِتُكۡمِلُواْ ٱلۡعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُواْ ٱللَّهَ عَلَىٰ مَا هَدَىٰكُمۡ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ}

 {رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بۇلۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، (ئاغزىڭلار ئۇچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا اﷲنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكرى قىلىشىڭلارنى خالايدۇ}[2].

مۇبارەك رامىزاننىڭ كېچىلىرى قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، تاراۋىھ ناماز ئوقۇش ۋە تەھەججۇد نامازلىرىنى ئوقۇش بىلەن ئۆتىدۇ، بۇ مۇبارەك ئاي ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئالتۇن پۇرسەتتۇر. بۇ ئاينىڭ قەدرىنى بىلگەن ئادەم، چەكسىز پايدا-مەنپەئەتكە ئىگە بولىدۇ. ئاللاھ بىزنى قۇرئان كەرىمنى ئوقۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغۇچىلاردىن قىلسۇن، مۇبارەك رامىزان ئايدا ئابىد ۋە سائىملاردىن قىلسۇن، ئامىين!!.

 

تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى



[1]   سۈرە مۇھەممەد:  24- ئايەت

[2]   سۈرە بەقەرە: 185- ئايەت

باشقا خىزمەتلەر