ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023

چىكىنىڭ
قۇرئان كەرىمگە قايتىش (1)

قۇرئان كەرىمگە قايتىش (1)
 
خەۋەرنى ئېنىقلاش
 
مۇھەممەد يۈسۈپ
 
ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ھەرقانداق مەسىلىسى قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىسىگە قايتىش ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش بىلەنلا ھەل بولىدىغانلىقىغا ھەربىر مۇسۇلمان قايىل. شۇنىڭدەك، مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ھەرقانداق بەختسىزلىك قۇرئاننىڭ روھىدىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكتىن بولىدىغانلىقىغىمۇ ھەممە قايىلدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىزگە تەلىمات بېرىپ مۇنداق دېگەن: « يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا إِنْ جَاءَكُمْ فَاسِقٌ بِنَبَأٍ فَتَبَيَّنُوا أَنْ تُصِيبُوا قَوْمًا بِجَهَالَةٍ فَتُصْبِحُوا عَلَى مَا فَعَلْتُمْ نَادِمِينَ » يەنى «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ تېگى _ تەكتىنى بىلمەستىن) بىرەر قەۋمگە يامانلىق قىلىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇ خەۋەرنى ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار» .
بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى
بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەلىد ئىبنى ئۇقبە دېگەن ئادەمنى بەنى مۇستەلەق قەبىلىسىنىڭ زاكىتىنى يىغىپ كېلىشكە بۇيرۇغان بولۇپ، بۇنى ئاڭلىغان بەنى مۇستەلەق قەبىلىسىنىڭ ئادەملىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىسى ۋەلىدنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ھازىرلانغان. ئەمما ۋەلىد يولدا كېتىۋاتقاندا جاھىلىيەت دەۋرىدە ئۆزى بىلەن بۇ قەبىلە ئارىسىدا بولغان ئاداۋىتىنى ئويلايدۇ، شەيتان ئۇنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىپ ئۇنى يامان ئويغا سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەنى مۇستەلەق قەبىلىسىنى ئۆزى بىلەن ئۇرۇشۇشقا تەييارلانغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قېلىپ يولدىن قايتىپ كېتىدۇ. ۋەلىد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىپ، يالغاندىن بەنى مۇستەلەق قەبىلىسىنى زاكات بېرىشتىن باش تارتتى دەپ چېقىشتۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنىڭغا ئاچچىقى كېلىدۇ. شۇ ئارىدا بەنى مۇستەلەق قەبىلىسىنىڭ ئادەملىرى ۋەلىدنىڭ يولدىن قايتىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، دەرھال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىدۇ ۋە: «يارەسۇلۇللاھ! ئۆزلىرىنىڭ بىزدىن زاكات يىغىشقا ئادەم ئەۋەتكەنلىكلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنى كۈتۈۋېلىشقا ھازىرلانغان ئىدۇق. كېيىن بىزگە ئۇنىڭ يولدىن قايتىپ كەتكەنلىك خەۋىرى كېلىشى بىلەن ئۆزلىرىگە ئەمەلىي ئەھۋالدىن خەۋەر بىرەيلى دەپ كەلدۇق» دەيدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يۇقىرىقى ئايەت نازىل بولىدۇ .
تەپسىرى
ئى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەنلەر! دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئانچە ئەمەل قىلىپ كەتمەيدىغان، يالغان ئېيتىشتىن قورقمايدىغان ئادەملەردىن بىرەرسى سىلەرگە بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، ئاۋۋال ئۇ خەۋەرنىڭ راست _ يالغانلىقىنى ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار. بۇ سىلەرنىڭ خاتالىقلارغا چۈشۈپ قالماسلىقىڭلار ۋە يالغانغا ئىشىنىپ كېتىپ، ئىشنىڭ تېگى _ تەكتىنى بىلمەي تۇرۇپ، بىرەر قەۋمگە ياكى جامائەگە ۋە ياكى بىرەر شەخسكە زىيان يەتكۈزۈپ قويماسلىقىڭلار ۋە بۇ سەۋەبلىك پۇشايماندا قالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر. بىر قېتىملىق يالغان تۈپەيلىدىن قانچىلىغان يېقىن دوستلارنىڭ دۈشمەنلىشىپ ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى، قانچىلىغان ئىناق ئائىلىلەرنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ۋە قانچىلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قۇرۇق تۆھمەتنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ يالغان خەۋەرنى ئېنىقلىماستىن ئۇنىڭغا ئىشىنىپ كېتىشنىڭ بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان پالاكەتلىرى بار.
يالغانچى ئادەم پاسىق، گۇناھكار ئادەمدۇر. مۇنداق ئادەملەرنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىش چوڭ خاتالىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يالغانچىلىقنى سۆكۈپ، راستچىللىقنى ماختاپ: «عَلَيْكُمْ بِالصِّدْقِ، فَإِنَّ الصِّدْقَ يَهْدِي إِلَى الْبِرِّ، وَإِنَّ الْبِرَّ يَهْدِي إِلَى الْجَنَّةِ، وَمَا يَزَالُ الرَّجُلُ يَصْدُقُ وَيَتَحَرَّى الصِّدْقَ حَتَّى يُكْتَبَ عِنْدَ اللهِ صِدِّيقًا، وَإِيَّاكُمْ وَالْكَذِبَ، فَإِنَّ الْكَذِبَ يَهْدِي إِلَى الْفُجُورِ، وَإِنَّ الْفُجُورَ يَهْدِي إِلَى النَّارِ، وَمَا يَزَالُ الرَّجُلُ يَكْذِبُ وَيَتَحَرَّى الْكَذِبَ حَتَّى يُكْتَبَ عِنْدَ اللهِ كَذَّابًا» يەنى «ھەمىشە راستچىل بولۇڭلار! چۈنكى راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ، ياخشىلىق جەننەتكە باشلايدۇ. كىمكى ھەمىشە راست گەپ قىلسا ۋە راستچىللاردىن بولۇشنى مەقسەت قىلىۋەرسە، ئاخىر ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا راستچىل بەندە بولۇپ يېزىلىدۇ؛ سىلەر قانداقلا بىر يالغانچىلىقتىن ساقلىنىڭلار! چۈنكى يالغانچىلىق كىشىنى ئاسىيلىققا، ئاسىيلىق دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ. كىمكى ھەمىشە يالغانچىلىق قىلسا ۋە يالغانچىلىقنى مەقسەت قىلىۋەرسە، ئاخىر ئۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا يالغانچى بولۇپ يېزىلىدۇ»( ) دېگەن.
ھەرقانداق بىر خەۋەرنىڭ راست _ يالغانلىقىنى ئېنىقلىماي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ كېتىش كىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز يامان ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەت ئارقىلىق بەندىلىرىگە خەۋەرلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىدۇ ۋە ئېنىقلىماي تۇرۇپ، بىرەر خەۋەر ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلماسلىقنى ئالدىراپ ھۆكۈم چىقارماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

باشقا خىزمەتلەر