ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023

چىكىنىڭ
ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى خاتالاشقانلارنى جازالاش، توغرا ئىش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش ئۈستىگە قۇرۇلغان

ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى خاتالاشقانلارنى جازالاش، توغرا ئىش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش ئۈستىگە قۇرۇلغان

ھۆرمەتلىك ئەللامە دوكتور/ سەئۇد بىن ئىبراھىم شۈرەيم 

(26/1/1432هـ 1/1/2011م مەككە مۇكەررەمە)

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى خاتالاشقانلارنى جازالاش ۋە توغرا ئىش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش ئۈستىگە قۇرۇلغان» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

تارىختىن بىرى ھەر نەرسىنىڭ ئىجابىي-سەلبىي تەرىپى بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ. بىز ئۆزىمىزگە قارايدىغان بولساقمۇ، مەيلى ماددىي-ھېسسىي جەھەتتە بولسۇن، مەيلى ئەقلىي-مەنىۋىي جەھەتتە بولسۇن، ياخشى بىلەن ياماننى، كۇپۇر بىلەن ئىماننى، ئىتائەت بىلەن ئاسىيلىقنى، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى، ھالال بىلەن ھارامنى، ئادالەت بىلەن زۇلۇمنى روشەن پەرق ئېتەلەيمىز.

 بىز مەزكۇر زىتلىقلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىگە ئىنچىكىلىك بىلەن دېققەت قىلىدىغان بولساق، مەزكۇر زىتلىقلارنىڭ ماھىيىتىگە ئىنسانىيەت ئالىمىدە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش، رادىكاللىق بىلەن كەڭ قورساقلىق ئوتتۇرىسىدىكى ئوتتۇراھاللىق (مۆتىدىللىك) نى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت يۈكسەك غايە يۇشۇرۇلغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. بۇ تەڭپۇڭلىقنى ساقلاش، پەقەتلا خاتالاشقاننى جازالاش ۋە توغرا قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ئاللاھنىڭ دىنىغا تېنىپ كاپىر بولغان، چەكلەنگەن، ھارام ئىشلارنى سادىر قىلغان ۋە زۇلۇم قىلغانلار جازاغا تارتىلىشى كېرەك، ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلغان، ئادالەتلىك بولغان، ئىتائەت قىلغان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار مۇكاپاتلىنىشى كېرەك. ئەقلىي جەھەتتىن بولسۇن، ياكى شەرىئەت پرىنسىپى جەھەتتىن بولسۇن، ئۇلۇغ دىنىمىز روشەن مەيدان ئۈستىگە قۇرۇلغان. چەكلەنگەن ئىشلارنى سادىر قىلغانلارنى جازالاش، بۇيرۇلغان ۋاجىپ ۋە مۇستەھەبلەرنى ئورۇندىغانلارنى  مۇكاپاتلاش پرىنسىپىنى بېكىتكەن.

ئىسلام ياخشى بىلەن ياماننى پەرق ئېتىشكە چاقىرغان. شۇنداقلا ياخشى ئىش قىلغانلار بىلەن يامان ئىش قىلغانلار ئوتتۇرىسىنىمۇ پەرقلەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پۈتۈن دۇنياغا رەھمەت بولۇپ ئەۋەتىلىشىمۇ ئەنە شۇ كاتىگورىيە دائىرىسىگە كىرىدۇ.

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «مەن ئېسىل ئەخلاقلارنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم».

شۇ ئاساستا ھەر قانداق بىر جەمئىيەتتە ياخشىنى مۇكاپاتلاش ۋە ياماننى جازالاش پرىنسىپى يولغا قويۇلمىسا، مۇقىملىق بەرپا قىلىنمايدۇ. ساۋاپلىقتىن باشقىنى بىلمەيدىغان جەمئىيەتمۇ ۋە گۇناھ-مەسىيەتتىن باشقىنى بىلمەيدىغان جەمئىيەتمۇ روناق تاپالمايدۇ. ئىسلام دىنى ھەر ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلىقنى ساقلىيالايدىغان ئوتتۇراھال ئۈممەت بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئوتتۇراھال ئۈممەتنى ماختىغان. ئۈممەتى مۇھەممەدىيەنى ماختاشتىكى سىرمۇ ئۇلارنىڭ ئەنە شۇ تەڭپۇڭلىقنى ساقلاپ قالغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ياخشى بىلەن ياماننىڭ، مۇئمىن بىلەن كاپىرنىڭ، ئادىل بىلەن زالىمنىڭ، راستچىل بىلەن يالغانچىنىڭ نېمە پەرقى؟!

بەزى ئەقلى چولتا، كالتا پەم ئىنسانلار، ئىسلام شەرىئىتىنى پەقەتلا جازالاشقا تۇرغان، قورقىتىشنىلا بىلىدىغان، ئىنساننى قارىلاشقا ئورۇنىدىغان دىن دەپ قارايدۇ. ئۇلار ھەقىقەتنى ئاڭقىرالمىغان، شەيئىلەرنى بىر كۆزىدىلا كۆرىدىغان ئىنسانلاردۇر. شۇڭلاشقا بەزىلەر ئىسلام شەرىئىتىدىكى جازا قانۇنلىرىغا قارشى چىقىۋاتىدۇ، شەرىئەتنىڭ ھەد (جازا) دىن ئىبارەت ئاساسىي پىرىنسىپىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، دىنغا قارشى بىلجىرلىماقتا. ئۇلار شەرىئەتتىكى قىساس، ئوغرىنىڭ قولىنى كېسىش، توي قىلغان زىناخورنى چالما كىسەك قىلىش ۋە ھاراق ئىچكەننى قامچىلاشتەك جازا قانۇنلىرىغا قارشى چىقىۋاتىدۇ. ئۇلار بىر پۇتلۇق ئاقساقتەكلا مېڭىشنى خالايدۇ، چۈنكى ئۇلار مۇكاپات بېرىمىز دەيدۇ، جازالاشنى خالىمايدۇ. دېمەك، ئۇلار جىنايەتچىنى مۇكاپاتلايدۇ. ئەمىليەتتە ئۇلار تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك ئىشتا خاتالاشقان؛

بىرىنجىسى: ساۋابنى جازا ئورنىدا قويغان، شۇڭا ئۇلار خاتالاشقانلارنى مۇكاپاتلىغان، قانداقمۇ ئاسىيلىق قىلغان ئادەم مۇكاپاتلانسۇن؟!.

ئىككىنجىسى: ئۇلار جازانى ساۋاپ ئورنىغا قويغان، شۇڭا ئۇلار ياخشىلىق قىلغان كىشىنى مۇكاپاتتىن مەھرۇم قىلغان.

ئۈچىنجىسى: ئۇلار جازالاش ۋە مۇكاپاتلاشتا ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىنى تەبىقىگە ئايرىپ پەرقلەندۈرگەن، يەنى قوش ئۆلچەم قوللانغان.

تۆتىنجىسى: مۇكاپاتلاشتىمۇ ۋە جازالاشتىمۇ ھەددىدىن ئاشۇرۋەتكەن.

يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى خاتالاشقانلىق بولۇپ، ئىسلام شەرىئىتى ھەممە ئىشتا ئوتتۇراھال بولۇشنى تەشەببۇس قىلغاندۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى

باشقا خىزمەتلەر