ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
ئىلمىي تەنقىدمۇ ياكى گەپ تارقىتىشىمۇ ياكى ئىدىيە ھۇجۇمىنىڭ بىر قىسمىمۇ؟
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى
بەزى كىشىلەر تەكشۈرمەستىن ياكى ئېنىقلىماستىن بەزى خەۋەرلەرنى يېزىپ قويۇپ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ ۋە ئۈمىدسىزلىك روھىنى چاچىدۇ.
بەزى كىشىلەر بار بولۇپ باشقىلارنى تۆۋەن كۆرسىتىش، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋە تۆھمەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئورنىنى تىكلەشكە ئۇرۇنىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىدىن باشقا نەرسىنى كۆرسەتمەيدۇ.
يەنە بەزىلەر باھا بەرگەندە ھەممە ئادەمنى بىر تاياقتا ھەيدەيدۇ، باھا بەرمەكچى بولغان ئادەملەرنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلالمايدۇ، قۇرئان كەرىمنىڭ ئەھلى كىتاب بولسىمۇ ئوخشاش ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى ئېنىق كۆرسەتمىسىگە ئاسىيلىق قىلىدۇ:«ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئەمەس…» (ئال ئىمران سۈرىسى، 113-ئايەت).
يەنە بەزىلەر پەيغەمبەرلەرنىڭ مىراسخورلىرى ۋە ئۈممەتنىڭ ئىدىيە يېتەكچىلىرى بولغان ئۈممەت ئۆلىمالىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرىنى ئازايتىش ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتنى يېتەكلەش ساھەلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك يوللار بىلەن ئۇلارنىڭ خەلق ئالدىدىكى ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ.
شۇنى بىلىش كېرەككى، ھەققانى ئۆلىمالار پەيغەمبەرنىڭ ئىزباسارلىرى، ئاللاھ بۇلارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى قىلغان. ئۇلار ئەقىدە، شەرىئەت ۋە ئەخلاقنىڭ ھامىيلىرىدۇر. ئۇلار چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچىلەرنىڭ چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشى، باتىل ئەھلىنىڭ شەرىئەتتە يوق نەرسىلەرنى پەيدا قىلىشى ۋە ئازغۇنلارنىڭ ئورۇنسىز ئىزاھاتلىرىدىن ئاللاھنىڭ دىنىنى قوغدايدۇ. ئۇلار مىللەتنىڭ ئۈمىدى، ھامىيلىرى، نۇرلىرى ۋە يول باشلىغۇچىلىرى.
ئىبنى قەييۇم:«ئۆلىمالار ئاللاھ يولىدىكى كۆرەشنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىنى قىلغۇچىلاردۇر»دېگەن. ھەم بۇ توغرىدىمۇ قۇرئاندىن دەلىل بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈممەتنىڭ ھەققانى ئۆلىمالىرىنى ھۆرمەتلەش دىننى ھۆرمەتلىگەنلىكتۇر، ئۇلارنى كەمسىتىش ياكى مەسخىرە قىلىش دىنغا قارىتا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكتۇر.
(1)
خەۋەرنى ئېنىقلاش مېتودى
ئىسلام دىنى ھەقىقەتكە يېتىشتە بۈيۈك قائىدىنى بېكىتىپ بەرگەن:«ئەگەر سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، پاكىت كەلتۈرۈڭلار» (نەمل سۈرىسى، 64-ئايەت).
ئالىملىرىمىز مەرىپەت قۇرۇلمىسى توغرىسىدا مېتود بەلگىلەپ:«نەقىل قىلساڭ تەكشۈرۈپ توغرا نەقىل قىل، دەۋا قىلساڭ دەلىل كەلتۈر»دېگەن.
قۇرئان كەرىم ئاڭلىغان خەۋەرلەرنى ئەسلى مەنبەسىدىن تەكشۈرۈشكە بۇيرۇپ:«ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا بىر پاسىق ئىشەنچىسىز ئادەم خەۋەر كۆتۈرۈپ كەلسە تەكشۈرۈڭلار، ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەستىن ئېنىق بولمىغان خەۋەر سەۋەبىدىن بەزىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزۈپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇ خەۋەرنى ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار»دېگەن(ھوجۇرات سۈرىسى، 6-ئايەت).
بۇ ئايەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن بىرەر خەۋەرنى ئاڭلىغاندا ھېكايە قىلىپ سۆزلەش ياكى يېزىشتىن ئىلگىرى مەنبەسىنى تەكشۈرۈش لازىم، چۈنكى نەقىل قىلغۇچىنىڭ خاتالىقى ئىسپاتلىنىپ قالسا، كىشىلەر نەزىرىدە ئادىمىگەرچىلىكى نەزەردىن چۈشۈپ كېتىدۇ.
رەسۇلۇللاھ:«بىر ئادەمنىڭ ئاڭلىغان نەرسىنىڭ ھەممىسىنى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق سۆزلەپ يۈرۈشى يالغانچىلىق جەھەتتە يېتەرلىك»دېگەن (مۇسلىم رىۋايىتى).
رەسۇلۇللاھ:«بىر ئادەمنىڭ ئاڭلىغان ھەممە گەپلەرنى دەپ يۈرۈشى ياكى ھېكايە قىلىپ يۈرۈشى(ياكى يېزىپ يۈرۈشى)گۇناھ جەھەتتە يېتەرلىك»دېگەن(ھاكىم رىۋايىتى).
(2)
نېمە ئۈچۈن ئىدىيە يېتەكچىلىرىنىڭ ئوبرازىغا ھۇجۇم قىلىنىدۇ؟
ئىدىيە يېتەكچىلىرى جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئىلغار ئۆرنەكلىرى ۋە يول باشچىلىرى ھېسابلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا تەنە قىلىش، ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، شەكلەندۈرۈش ۋە كىشىلەرنى ئۇلاردىن يىراقلاشتۇرۇش ھۇجۇملىرى يۈز بەرمەكتە.
ھۇجۇمنىڭ نىشانى:
2.ئۆلىمالارنىڭ ئىجتىھاتنى قوبۇل قىلىدىغان كۆز-قاراشلىرى بولسا بىر-بىرىگە سوقۇشتۇرۇپ ئۇلارنى ئىتتىپاقسىز كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش.
3.ئۆلىمالارنى تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەتكە ماسلىشالمايدۇ دېگەندەك سۆزلەرنى تارقىتىش ياكى ئۇلار ئۆزلىرىگە تونۇشلۇق بولمىغاندىن باشقا نەرسىنى قوبۇل قىلمايدۇ، دەپ ئىغۋا تارقىتىش…
4.ھەقىقى ئىدىيە يېتەكچىلىرىنى يىقىتقاندىن كېيىن شۆھرەتپەرەس، قورقۇنچاق، مەنسەپپەرەس ۋە ئىدىيە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئادەملەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش مەقسەتتۇر.
نەتىجىدە يۇقىرىقىدەك قۇرۇق ئۆسەك سۆزلەر خەلق ئارىسىدا ئېقىپ يۈرسە، كىشىلەر ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلمەي يالغان خەۋەر تارقاتقۇچىلار ياكى مۇبالىغلاشتۇرۇپ تەشۋىق قىلغۇچىلار ياكى خۇنۇكلەشتۈرگۈچىلەرنىڭ خەۋەرلىرىگە ئالدىنىپ قېلىپ، بىلىمسىز ئادەملەرنى يېتەكچى قىلىۋالىدۇ، سەنئەتچىلەرنى ئەمىر قىلىۋالىدۇ، شەرىئەتتىن خەۋىرى قارا-قورساقلارنى مۇپتى ۋە قازى قىلىۋالىدىغان ئىش كېلىپ چىقىدۇ. يەنە بەزىلەر بىلىمسىزلىكى ياكى ئاڭسىزلىقى تۈپەيلىدىن ئىدىيىسى بۇزۇق ئاخۇنۇملارنى ياكى كوممۇنىستپەرەسلەرنى ئىدىيە يېتەكچىسى قىلىپ داموللام قاتارىغا كۆتۈرۈۋالىدۇ.
ھەققانى ئۆلىمالارنىڭ يۈزىنى تۆكۈش ياكى ئۇلارنىڭ سۈرىتىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئەمەلىيەتتە دەۋەتكە دۈشمەنلىك قىلغانلىقتۇر، دەۋەت قىلغۇچىلارغا توسقۇنلۇق قىلىش بولسا دىنغا قىلىنغان ھۇجۇمدۇر.
خەلقنى ھەققانى ئۆلىمالارنىڭ تەسىرىدىن ئايرىغاندا بىلىمسىزلەرنىڭ يولى ئېچىلىدۇ، شەرىئەتنىڭ ئەھكاملىرى ۋە مەقسەتلىرىدىن بىخەۋەرلەر بىلەرمەن ئادەملەرنىڭ قالايمىقان پەتىۋالىرى ياكى غەلىتە ئىدىيەلىرى ئارقىلىق خەلقنى ئاسان ئازدۇرغىلى بولىدۇ.
بۇنىڭ دەلىلى شۇكى يەھۇدىلار، خرسىتىئانلار ۋە باشقا دىن دۈشمەنلىرى ئۆلىمالارنىڭ ئابرۇيلىرىنى سەتلەشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن. مەسىلەن“يەھۇدىلار شەرتنامىسى“ناملىق كىتابنىڭ 17-كېلىشىمنامىسىدە مۇنداق دېيىلگەن:«بىز ئۆلىمالارنىڭ ئوبرازىنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا چۈشۈرۈۋېتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردۇق، مۇشۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتەلىدۇق. ئۆلىمالارنىڭ نوپۇزى كۈندىن-كۈنگە تۆۋەنلەشكە باشلىماقتا»(187-بەت).
دېمەك، ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈش، خەلقنى ئويغىتىش، خەلقنىڭ كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ھىمايە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆمۈر بۇيى كېچە-كۈندۈز تىنىمسىز ھالدا ئۆتەۋاتقان ھەققانىي شەرىئەت ئۆلىمالىرىنى مەسخىرە قىلىش ئاللاھنىڭ دىنىنى مەسخىرە قىلغانلىقتۇر. ئۇلارغا قىلىنغان ئورۇنسىز ۋە دەلىلسىز ھۇجۇم دىنغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن ئىبارەت.
شۇنىڭ ئۈچۈن قايسى بىر ساھەدىكى قېرىنداشلار بولسۇن، ئۆلىمالار توغرىسىدا گەپ قىلغاندا پاكىت ئاساسىدا گەپ قىلىش، ئۇلارنى تەنقىد قىلغاندا تېگىشلىك بولغانلارنى ئىلمىي ۋە ئىجابىي ئۇسۇل بىلەن تەنقىد قىلىش، تەنقىد قىلغۇچىدا تەنقىد قىلغۇدەك كەسپى ئىلمىي ساپا بولۇش، تەنقىد قىلىش ئارقىلىق يۈزىنى تۆكۈش ياكى نوپۇزىنى چۈشۈرۈشنى كۆزلىمەستىن ھەقىقەتنى يېتىشنى مەقسەت قىلىش، ئۆلىمالارنىڭ ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەي كىم ھەققانىي شەرىئەت ئۆلىمالىرى، كىم سۇلتان ئۆلىمالىرى بۇنى پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا دىن دۈشمەنلىرىنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىغانلىق ۋە ئۇلارنىڭ مەقسەتلىرىنى بىلىپ-بىلمەي ئىشقا ئاشۇرغانلىق بولۇپ قالىدۇ.
خەلققە بىر نەرسە تەقدىم قىلغاندا پايدا-زىيىنىنى ئويلاپ ئىش قىلىش لازىم، شۇنداقلا پرىنسىپال مەسىلە بىلەن ئۆزگىرىشچان مەسىلىنى ئايرىپ قاراش كېرەك. ئىلىمنىڭ زاكىتى دېگەن باھانە بىلەن پىتنە تېرىش، ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن ئاۋارە قىلىش ۋە باشقىلار ھەققىدە پاكىتسىز قۇرۇپ گەپ تارقىتىش ئارقىلىق ئۆزىنى بازارغا سېلىش رەت قىلىنىدىغان بۇزغۇنچىلىق ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا خەلققە تەقدىم قىلغان نەرسىنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولسا گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.
ھەر بىر سۆزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار. شۇڭا سۆزلەنگەن ياكى يېزىلغان ھەر بىر ئېغىز سۆز خاتا بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ ھېسابىنى بېرىدىغانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.
سەيپۇڭ دوختۇرلۇق كەسپىگە ئارىلىشىۋالسا، ياكى يازغۇچى فىزىكا بىلمىگە ئارىلىشۋالسا قوبۇل قىلىنامدۇ؟ شۇنىڭدەك ھايات پەلسەپىسى ۋە ھايات تۈزۈمى بولغان دىنى كەسپكە مۇشۇ ساھەنى چۈشىنىدىغان ئادەمدىن باشقىسى باھا بېرىپ ئولتۇرسا، ئەدەبسىزلىك بولماسمۇ؟ تەبىئى پەننىڭ ھۆرمىتى بار يەردە، دىنى بىلىمنىڭ ھۆرمىتى يوقمۇ؟
ئەلۋەتتە ھەر ئادەم دىنىمىز توغرىسىدا بىلىدىغان دائىرىدە بىر نەرسە دېسە ياكى يازسا بولىدۇ. بىراق ياخشى چۈشەنمەيدىغان دائىرىدە سۆزلەش ياكى بىر نەرسە يېزىش بىلەرمەنلىك كېسىلىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئاللاھ ھەممىزگە ئىنساپ، ساغلام پىكىر، توغرا چۈشەنچە، سەمىيمەت ۋە گۈزەل ئەخلاق ئاتا قىلسۇن!
2016. 6.20 كۈنى
.قاھىرە شەھىرى، مىسىر
ئىلمىي تەنقىدمۇ ياكى گەپ تارقىتىشىمۇ ياكى ئىدىيە ھۇجۇمىنىڭ بىر قىسمىمۇ؟ – ئەزھەرىي تورى (azheri.com)
باشقا خىزمەتلەر