ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023

چىكىنىڭ
ئاللاھ ئىنسانغا ئاتا قىلغان نېمەتلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئىسلام نېمىتىدۇر

 

ئاللاھ ئىنسانغا ئاتا قىلغان نېمەتلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئىسلام نېمىتىدۇر

ھۆرمەتلىك ئەللامە  دوكتور/ سالىھ بىن مۇھەممەد ئالى تالىب

 

(2010 – يىلى 11 – ئاينىڭ 19 - كۈنى مەككە)

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «ئاللاھ ئىنسانغا ئاتا قىلغان نېمەتلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئىسلام نېمىتىدۇر، دىننىڭ يىلتىزى بولغان كەلىمە شاھادەتكە مۇستەھكەم ئېسىلىش، مەنىسىنى بىلىش ۋە شاھادەت ئېيتقانلارغا مۇھەببەت قىلىش، دىننىڭ ئاساسىدۇر» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

 ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئى مۇسۇلمانلار! سىلەر ھەج پەرىزىنى تاماملىدىڭلار، ئەرەفاتتا تۇرغاندىن كېيىن مۇزدەلىفىگە كېلىپ قوندۇڭلار، مىنادا شەيتانلارغا تاش ئاتتىڭلار، كەبىنى تاۋاپ قىلىپ، زەمزەم سۈيىدىن ئوتلىدىڭلار، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ۋەھىيىنىڭ مەنبىيى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك قەدەملىرى تەگكەن ئۇلۇغ زېمىنلاردا تۇرۇۋاتىسىلەر. شېرك ئەقىدىسىگە خاتىمە بېرىلگەن ۋە ئىسلام دىنى كېلىش ئارقىلىق ساماۋى دىنلارغا خاتىمە بېرىلگەن مۇقەددەس زېمىندا بولۇشۇڭلار، تاھارەت ئېلىشىڭلار، ھەرەمدە ناماز ئوقۇشۇڭلار ۋە قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىشىڭلار ئۇلۇغ ئىبادەت ۋە نۇر ئۈستىگە نۇردۇر ھەمدە ئەڭ بۈيۈك نېمەتتۇر.

ئاللاھ بىزگە بەرگەن نېمەتلەر ئىچىدە ئىسلام نېمىتىنى ئاتا قىلىپ، مۇسۇلمانلار سېپىدە قىلغاندىنمۇ ئۇلۇغ نېمەت يوقتۇر. ئاللاھ بىزگە ئىمان نېمىتىنى ئاتا قىلدى. باشقىلار ئېزىپ كەتكەندە بىزنى توغرا يولغا باشلىدى. باشقىلار گاڭگىراپ قالغاندا

بىزنىڭ ماڭىدىغان يولىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى.

مۇسۇلمانلار تائەت-ئىبادەتلەر بىلەن ئوزۇقلىنىشى ۋە سۈننەتلەرگە بىجانىدىل ئەمەل قىلىشى كېرەك، بىدئەتلەردىن يىراق بولۇش، ئاللاھ بۇيرىمىغان ۋە پەيغەمبىرىمىز كۆرسەتمىگەن ئىشلارغا شەرىئەت نامىنى بەرمەسلىك لازىم. دىندا يوق بىدئەتلەرنى دىندىن قىلىپ كۆرسىتىش ياكى ئۇنى يولغا قويۇشتەك ئىشلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ئىسلامنىڭ گۈزەللىكىنى خۇنۇكلەشتۈرىدىغان خەتەرلىك ئىشلاردۇر. بىدئەتلەرنى دىن قاتارىدا كۆرسىتىپ، ئىبادەت دەپ قىلغاندا، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئىنسانلارنىڭ ئېڭىدا ئىبادەت قاتارىدا سانىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەھلى كىتابلار (يەھۇدى، ناسارالار) مۇ دىنىنى ئۆزگەرتىشنى خالىسا، دىندا يوق ئىشلارنى دىن قاتارىدا يولغا قوياتتى. ئۇ ئىشلار ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۆزلىكىدىن دىنغا ئايلىنىپ قالاتتى. شۇنداق قىلىپ خرىستىيان دىنىنىڭ شەكلى زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن تامامەن ئۆزگىرىپ كەتكەن.

مۇسۇلمانلار دىننىڭ يىلتىزىغا مۇستەھكەم ئېسىلىشى لازىم، دىننىڭ بېشى «لا ئىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» تىن ئىبارەت كەلىمە شاھادەتتۇر. ھەر بىر مۇسۇلمان كەلىمە شاھادەتنىڭ مەنىسىنى بىلىشى، مۇھەببەت قىلىشى ۋە كەلىمە شاھادەت ئەھلىگە مۇھەببەت قىلىشى لازىم. كەلىمە شاھادەت ئېيتقان ھەر بىر كىشى دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە بولۇشتىن قەتئىينەزەر مۇسۇلمانلىق رىشتىسى بىلەن قېرىنداشتۇر. مۇسۇلمانلار تەۋھىد ۋە سۈننەت ئاساسىدا بىرلىشىش كېرەك، چۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى، شەيتاننى يېڭىدۇ، ئىنسان ۋە جىندىن بولغان شەيتاننىڭ دوستلىرىنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى پىلانلىغان ھىلە -مىكىرلىرىنى بىتجىت قىلالايدۇ.

مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىرلىك تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك، مۇسۇلمانلار ئۆز-ئارا غەم - قايغۇ بولسۇن، ياكى خۇشال-خۇراملىقلاردا بولسۇن، ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا بولسۇن، بىرلىك، ھەمكارلىق تۇرغۇزۇش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ھەقىقىي بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ سىمىۋولىنى تىكلىيەلەيدۇ. توغرا، مۇسۇلمان مىللەتلەر باي-كەمبەغەللىك، كۈچ-قۇدرەت، بىلىم-سەۋىيە، مەدەنىيەت-ساپا جەھەتلەردە بىر-بىرىدىن پەرقلىق. لېكىن بۇ تەڭپۇڭسىزلىق كۈچلۈكنىڭ ھاكاۋۇرلىقى، ئاجىزنىڭ ھەسەت قىلىشىغا سەۋەب بولماسلىقى كېرەك. بارلىق تەرەپ باشقىلارغا قارىتا ياخشى گۇمان قىلىشى ۋە كۈچلۈك ئاجىزغا ھېسداشلىق قىلىشى كېرەك.

مۇسۇلمانلار ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ئارقىلىق تاكامۇللۇق ھاسىل قىلالايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىملىرىنىڭ غېمى خەلقنىڭ ھەر ساھەدىكى مەرتىۋىسىنى كۆتۈرۈش ۋە ئورنىنى مۇستەھكەملەش بولىشى كېرەك، كۆڭۈللەردە ئاداۋەت ساقلىماسلىققا تىرىشىش ئاقىللارنىڭ ئىشىدۇر. ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ھەر ساھەدىكى مەرتىۋىسىنى كۆتۈرۈش، ئۈممەت ئىچىدىكى ھەر بىر شەخسنىڭ ئۈستىدىكى ۋاجىبتۇر. بىز ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقىمىزنى ياخشىلىمىساق، ئاندىن ئىخلاس ۋە سەمىمىيلىك بىلەن خىزمەت قىلمىساق، كۆزلىگەن مەخسىتىمىزگە يېتەلمەيمىز، چۈنكى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆتۈشۈۋاتقان كۈچ-ئىنىرگىيەلەر بىر-بىرىنى تاكامۇللۇققا ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

بۈگۈن جۈمە، كۈن ئولتۇرۇش بىلەن تەڭ ئۇلۇغ ھەج ئىبادىتىنىڭ مۇھىم قىسمى بولغان تەشرىق كۈنلىرىنىڭ سەھىپىسى ئاخىرلاشقان بولىدۇ. بۇ يىلقى ھەج ئىبادىتى نىھايىتىگە يەتكەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇربانلىق كۈنلىرىنىڭمۇ ۋاقتى تۈگىگەن بولىدۇ. ھاجىلار يۇرتىغا قايتىشنى خالىسا تاۋاپ ۋىدا قىلغاندىن كېيىن قايتىپ كەتسە بولىدۇ. تاۋاپ ۋىدا ۋاجىپتۇر. تاۋاپ ۋىدا قىلغان ئادەم سافا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلمايدۇ ۋە چاچ كەسمەيدۇ. ھەجنىڭ قوبۇل بولۇش ئۆلچىمى ئىبادەتتە قىلىنغان ئىخلاسقا باغلىقتۇر. ياخشى ئەمەلنىڭ قوبۇل بولغانلىقى شۇ ياخشىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشتا ئەكس ئېتىدۇ. ھەجنىڭ مەقبۇل بولىشى ھەجدىن قايتقاندىن كېيىن ئىلگىرىكىدىن ياخشىراق ئىبادەتكە بېرىلگەنلىكتە نامايەن بولىدۇ. ئۆزىنى ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى بىلەن پاكلىغان ئادەم، گۇناھ-مەئسىيەتلەر بىلەن ئۆزىنى قايتا كىرلەشتۈرمەيدۇ.

ئاللاھ ھەممىمىزنى ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىلىرى ئىچىدە مېڭىشقا، ھەقىقىي ئىسلامىي ھاياتتا ھايات كەچۈرۈشكە نېسىپ قىلسۇن، ئامىن!.

سىراجىددىن ئەزىزى تەرجىمىسى.

باشقا خىزمەتلەر