ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023

چىكىنىڭ
قانداق قىلغاندا ئۆيدىكى ۋاقىتىمىزنى مەنپەئەتلىك ئۆتكۈزگىلى ۋە كەيپىياتىمىزنى ئۈستۈن تۇتقىلى بولىدۇ؟

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

قانداق قىلغاندا ئۆيدىكى ۋاقىتىمىزنى مەنپەئەتلىك ئۆتكۈزگىلى ۋە  كەيپىياتىمىزنى ئۈستۈن تۇتقىلى بولىدۇ؟

ئابدۇلئەھەد ئۇجات

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ۋىرۇسى دۇنياغا تارقالغاندىن كېيىن، خەلقئارادىكى بارلىق سەھىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كۆپىنچە دۆلەتلەر يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم تەدبىرلىرى سۈپىتىدە كىشىلەر بىلەن توپلاشماسلىق، باشقىلار بىلەن ئۇچراشقاندا ئەڭ ئاز دېگەندە بىر مېتىردىن ئىككى مېتىرغىچە مۇساپە قويۇش، قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەسلىك، پات- پات يىگىرمە سىكونتتىن قىرىق سىكونتقىچە قولنى سۇپۇنلاپ ئۇۋىلاپ يۇيۇش ۋە كەيپىياتنى ياخشى تۇتۇش قاتارلىقلارنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىقنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كەلمەكتە. بۇ سەۋەبتىن كۆپىنچىمىز ئۆيدە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتىمىز.

كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆيدە ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرىنى مەنىلىك، مەنپەئەتلىك ۋە كەيپىياتى ياخشى ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، يەنە بەزى كىشىلەر ئىچى سىقىلىش، تىت–تىت بولۇش، ئىچىدە ۋەھىمىلىك ئۆتكۈزمەكتە. بولۇپمۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھە دېسىلا خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش تېزلىكى ۋە بۇ ۋىرۇس بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى توختىماستىن تارقىتىشى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىنىڭ تېخىمۇ بۇزۇلۇشىغا ۋە تېخىمۇ قاتتىق ئەندىشىگە چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولماقتا.

بۇ ھەقتە مەندىن باشقا كۆپ قېرىنداشلار بىر نەرسە يازغان ياكى سۆزلىگەن بولسىمۇ، تولۇقلىما بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن مەقسەتتە، قانداق قىلغاندا ئۆيدىكى ۋاقتىمىزنى مەنپەئەتلىك ئۆتكۈزگىلى ۋە كەيپىياتىمىزنى ئۈستۈن تۇتۇپ تۇرغىلى بولىدۇ؟ دېگەن تىيمىدا بىر قانچە تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

ئۆيدە ئولتۇرغان ۋاقىتلىرىمىزنى مەنپەئەتلىك ۋە  كەيپىياتىمىز ياخشى ئۆتكۈزۈشنىڭ يوللىرى:

1- ھەر بىرىمىز ئۈزىمىز تۇرغان دۆلەتنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەت تەرىپىدىن، خىتاي ۋىروسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چىقىرىلغان كۆرسەتمە ۋە تەدبىرلەرگە قەتئىي رىئايە قىلىش.

2- ئۆزىمىزدىن ھېساب ئېلىش: يەنى ئۆزىمىزگە مەن دۇنياغا كېلىپ، ھازىرغىچە نېمىلەرنى قىلدىم؟ بۈگۈن نېمە ئىش قىلىشىم كېرەك؟ كەلگۈسىدە نېمە قىلىشىم كېرەك؟ دېگەندەك سوئاللارنى قويۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزدىن ھېساب ئېلىش. ئاللاھ بىلەن بولغان  ئالاقىمىزنى كۈچەيتىش، ئۆزىمىزنى ئىمانىي جەھەتتىن ئىسلاھ قىلىشقا تىرىشىش.

3- سەھەر تۇرۇش: بامدات نامىزىنى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن جامائەت بولۇپ ئۇقۇش، ھەتتا بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرىشتىن ئەڭ ئاز دېگەندە يېرىم سائەت ئىلگىرى تۇرۇپ، تەۋبە ئىستىغپار ئېيتىش ۋە تەھەججۇد نامىزى  ئۇقۇش ئارقىلىق پەزىلەتلىك ۋاقىتنى قولدىن بەرمەسلىك. «ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى، ئۇلار سەھەرلەردە (پەرۋەردىگارىدىن) مەغپىرەت تىلەيتتى»، «سەھەرلەردە ئىستىغپار ئېيتقۇچىلاردۇر». دەپ سۈپەتلەنگەن مۇئمىنلەرنىڭ جۈملىسىدىن بولۇشقا تىرىشىش. بەش ۋاقىت نامازنى ۋاقتىدا ئائىلە ئەزالىرى بىلەن جامائەت بولۇپ ئوقۇش، دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى نەپلە روزا تۇتۇش، كۆپلەپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش.

4- بالىلىرىمىزنىڭ يىراقتىن ئوقۇشىغا ياردەم بېرىش: خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن كۆپ ساندىكى دۆلەتلەردە مەكتەپنىڭ دەرسلىرى يىراقتىن ئوقۇش بىلەن داۋام قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز بالىلىرىمزنىڭ دەرس سائەتلىرىگە رىئايە قىلىش، ئۆيدە شارائىت ھازىرلاپ بېرىش ۋە دەرسلىرىگە قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەملىشىشمىز لازىم.

5-ئۈزىمىزدىكى ئىلمىي كەمچىلىكلەرنى تۇلۇقلاش ۋە ئىلمىي قابىلىيىتىمىزنى ئاشۇرۇش: مەسىلەن بۇرۇن ئۈگىنىپ ئۇنتۇپ قالغان چەتئەل تىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ھەرخىل كۇرسلارغا قاتنىشىش قاتارلىق ئىلمىي ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش.

6-ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىرگە كىتاب ئوقۇش: بىزنىڭ ئۆيدە قىلالايدىغان ئەڭ ياخشى پائالىيەتلىرىمىزنىڭ بىرى كىتاب دۇنياسىدا ساياھەت قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىش بولۇپ، ئەگەردە ئائىلە ئەزالىرى ياكى بالىلىرىمىز بىرگە جەم بولۇپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدىغان ياخشى كىتابلارنى ئۇقۇپ چىقساق، بىر كىتاب تۈگىگەندىن كېيىن بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن مۇكاپاتلىيالىساق، كۈنىمىز تېخىمۇ ھۇزۇرلۇق ۋە مەنپەئەتلىك بولىدۇ. شۇڭا، ئۈزىمىز كىتاب ئوقۇش بىلەن بىرگە، بالىلىرىمىز بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ كىتاپ ئوقۇشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگىنىمىزدە ئائىلىدىكى زېرىكىشلىك كەيپىياتقا خاتىمە بەرگىلى بولىدۇ.

7- ئائىلىدىكىلەر بىلەن كۆپلەپ سۆھبەت ئېلىپ بېرىش: بالىلار بىلەن بىرگە كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ۋە پاراڭلىشىش، ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەر بولسا بىللە ئولتۇرۇپ چىرايلىقچە ھەل قىلىش، ئائىلە ئىشلىرىغا ھەمكارلىشىش ۋە كۆپلەپ مۇڭدىشىش ئارقىلىق مېھىر- مۇھەببەتنى كۈچەيتىش.

8-يېشىمىزغا ۋە ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان بەزى تەنھەرىكەتلەرنى قىلىش، بالىلار بىلەن بىرگە ئوينىشىپ بېرىش. چۈنكى، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بالىلارغا بولغان مېھرى مۇھەببىتىمىز ۋە دوستلۇقىمىز كۈچىيىدۇ.

9- ئىنتېرنېت ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق تارقىلىۋاتقان، دىنىي دەرسلەر، ھەرخىل لىكسىيەلەرنى كۆرۈش ۋە ئەستايىدىل ئاڭلاش.

10- كىشىلەرنىڭ روھىي كەيپىياتىنى بۇزىدىغان، خىتاي ۋىروسىغا مۇناسىۋەتلىك تارقالغان خەۋەر ۋە يازمىلارنى ئوقۇماسلىق ۋە كۆرمەسلىك، باشقىلارغىمۇ تارقاتماسلىق. چۈنكى، خىتاي ۋىرۇسى ھەققىدە توختالغان مۇتەخەسسىس دوختۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى، خىتاي ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىممىنۇت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى، ئۇيقۇنى ياخشى ئۇخلاپ ئارام ئېلىشنى ۋە روھىي كەيپىياتنى ئۈستۈن تۇتۇشنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكتە.

شۇڭا، روھىي كەيپىياتنى ياخشى تۇتۇش ئۈچۈن، كەيپىياتىمىزنى بۇزىدىغان خەۋەر ۋە يازمىلاردىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە، ئۆينىڭ ئومۇمىي تازىلىقىغا، شەخسىي تازىلىقىمىزغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ئۆيدە ئولتۇرمەنغۇ دەپ ئۇخلاش كىيىمى ياكى كونا كىيىملەرنى كىيىپ ئولتۇرماي، خۇددى سىرتتا كىينگەندەك پاكىزە رەتلىك كىيىنىپ ئولتۇرىشىمز كېرەك.

جانابى ئاللاھ تائالا ۋەتىنىمزدىكى ۋە مۇھاجىرەتتىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنى خىتاي ۋىروسىدىن ۋە بارلىق بالا مۇسىبەتلەردىن ساقلىسۇن. ھەممىزنى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى كۈرۈشكە نائىل قىلسۇن، ئامىن.

2020-يىلى 04-ئاينىڭ 02-كۈنى.

ئىستانبۇل- تۈركىيە.

باشقا خىزمەتلەر