ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023

چىكىنىڭ
ئىسلام شەرىئىتى ئىنسانلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى تازىلاشقا چاقىرغان بولۇپ، تەۋھىد ئەقىدىسى دىللارنى پاكلايدىغان دىننىڭ جەۋھىرىدۇر

ئىسلام شەرىئىتى ئىنسانلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى تازىلاشقا چاقىرغان بولۇپ، تەۋھىد ئەقىدىسى دىللارنى پاكلايدىغان دىننىڭ جەۋھىرىدۇر

ھۆرمەتلىك ئۇستاز دوكتور/ ئۇسامە ئابدۇللا خەييات

 

2011 – يىلى 7 – ئاينىڭ 9 - كۈنى

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا:

 «ئىسلام شەرىئىتى ئىنسانلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى تازىلاشقا چاقىرغان بولۇپ، تەۋھىد ئەقىدىسى دىللارنى پاكلايدىغان دىننىڭ جەۋھىرىدۇر»

 دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. داۋاملىق ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلەپ تۇرۇش، ئاللاھقا بولغان ئىماننى يېڭىلاپ تۇرۇش، تۆۋبىگە ئالدىراش ۋە ئاللاھقا بولغان ساداقەتمەنلىكتە سەمىمىي بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئىنسانلار ئۆزىنىڭ روھىي دۇنياسىنى تازىلاش، دىللارنى ئىسلاھ قىلىش ۋە پاكلاشقا بۇيرۇلغان بولۇپ، روھىي دۇنياسىنى تازىلاش بارلىق دىنلار ۋە مەدەنىيەتلەرگە مەنسۇپ ئىنسانلار ئارىسىدا ئوخشاس تەشەببۇس قىلىنغاندۇر. قەدىمقى زامانلاردىن بىرى بارلىق مەدەنىيەتلەر ئىنسانلارنى روھىي دۇنياسىنى تازىلاشقا ۋە مەنىۋىي پاكلىققا چاقىراتتى ھەمدە ئىنسانلارنىڭ روھىيىتىنى پاكلاش ئۈچۈن مۇمكىن بولغان چارە-تەدبىرلەرنى قوللانغان ئىدى. ئىنسانلار روھىيىتىنى تازىلاش يولىدا ئوخشاش بولمىغان يول- چارىلەرنى ئىزدەپ كۆرگەندىن سىرت، مەنىۋىيىتىنى تازىلاشنى ئىنساننىڭ ئاساسىي غايىسى دەپ قارىغان.

ئەقىل ئىگىلىرى ۋە ئەقەللىي ھېس-تۇيغۇغا ئىگە بولغان كىشىلەر، ئۆزىنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى تازىلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. چۈنكى ئۇلار ھەقىقىي بەخت-سائادەت ئىنساننىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنىڭ سائادىتى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان. روھنى تازىلاشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس- شەرىفلەر ئىنتايىن روشەن ئىبارە بىلەن بايان قىلغان. ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ۋە كىتابلارنى نازىل قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارغا ئۆزىنىڭ روھىي دۇنياسىنى قانداق تازىلاشنىڭ يوللىرىنى ئۆگەتتى، دىللارنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈردى، چۈنكى روھىيەتنى تازىلاش، ئاللاھقا ھەقىقىي قۇلچىلىق قىلىش ۋە خالىس ئىبادەت قىلىش ئارقىلىقلا قولغا كېلىدۇ. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

{وَمَا خَلَقۡتُ ٱلۡجِنَّ وَٱلۡإِنسَ إِلَّا لِيَعۡبُدُونِ مَآ أُرِيدُ مِنۡهُم مِّن رِّزۡقٖ وَمَآ أُرِيدُ أَن يُطۡعِمُونِ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلرَّزَّاقُ ذُو ٱلۡقُوَّةِ ٱلۡمَتِينُ}

{جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم. ئۇلاردىن مەن رىزق تىلىمەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ مىنى ئۇزۇقلاندۇرۇشىنى تىلىمەيمەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر، (اﷲنىڭ) قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر}[1].

ئاللاھنىڭ كىتابىدا روھىيەتنى پاكلاش ۋە تازىلاشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى يېزىلغان. چۈنكى ئىنسان ئۈچۈن روھىي دۇنياسىنى تازىلىماستىن نىجاتلىق يوقتۇر. ئاللاھ قۇرئان كەرىمنى دىللارنى ياشارتىدىغان روھ ۋە مەنىۋى كۈچ قىلىپ نازىل قىلدى. شۇ روھنىڭ نۇرى ئارقىلىق دىللار يورۇيدۇ، قاراڭغۇلۇقلار سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئىسلامدا روھىي دۇنيانى تازىلاشنىڭ ئاساسى، ئاللاھنىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت تەۋھىد ئەقىدىسىنى دىلدا مۇجەسسەملەشتۇر. تەۋھىد ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى بىر قانچە تۈرلۈك بولۇپ، تەۋھىدى ئۇلۇھىيەت، تەۋھىدى رۇبۇبىيەت ۋە «تەۋھىدى ئەسما ۋەسسىفاتتىن» ئىبارەتتۇر.

ئىنسانغا پايدا-زىيان يەتكۈزۈش، ئىنئام ئاتا قىلىش-مەھرۇم قىلىش، ھەدىيە-ئىنئام قىلىش ۋە بەختلىك ياكى بەدبەخت قىلىش  قاتارلىقلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىگە چىن ئىمان كەلتۈرۈش، تەۋھىدنىڭ جەۋھىرىدۇر. دىللارنى ئۆزگەرتىشمۇ ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر.

ئاللاھنىلا مەبۇد تىكلىگەن دىل ئەڭ ساغلام، مېھرىبان، مۇلايىم، ساپ ۋە ئەڭ يۇمشاق دىلدۇر. ئاللاھقا ھەقىقىي مۇھەببەت قىلغان دىلدا باشقا ھەر قانداق كىشىنىڭ مۇھەببىتى ئاجىزلىشىدۇ، ئاللاھتىن ھەقىقىي قورققان ئادەم بەندىدىن قورقمايدۇ. دىللارنى تازىلاش ئۈچۈن ئىنسان داۋاملىق ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلىشى كېرەك. ۋاھالەنكى، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھ بەندىگە ئاتا قىلغان بارلىق نېمەتلەر ئاللاھنىڭ بەندىگە بەرگەن ئىنئامىدۇر. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلەش بولسا، بەندىنى ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ ۋە قەلىبلەردە ئاللاھقا بولغان مۇھەببەتنى زىيادە قىلىدۇ. بەندىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلەر ئىچىدە سالامەتلىك، بايلىق ۋە بالا-چاقا ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان مەرھەمىتىدۇر. شۇڭا بەندە داۋاملىق ئاللاھ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقى، خارلىقى ۋە بىچارىلىكىنى ئىزھار قىلىش كېرەك. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلىگەن ئادەم، ئۇنىڭ چەكلىمىلىرىگە يېقىن كەلمەيدۇ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ.

روھىيەتنى تازىلاشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرى تۆۋبە قىلىشتۇر. ئىنسان گۇناھتىن خالى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئىنسان داۋاملىق خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ تۇرىدۇ، گۇناھلىرىغا تۆۋبە قىلغان ئادەم، روھىيىتىنى پاكلىيالايدۇ ۋە قەلبىنى ئىسلاھ قىلالايدۇ. ئاللاھ بەندىسىنىڭ تۆۋبىسىدىن ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ ۋە تۆۋبە قىلغۇچىلارنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھ بەزى بەندىلىرىنى ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭ تۆۋبىسىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى بەزى گۇناھلارغا مۇبتىلا قىلىدۇ. بەندە ئاللاھقا تۆۋبىنى كۆپ قىلغانسىرى ئاللاھ تۆۋبە قىلغۇچى بەندىنى تىخىمۇ ياخشى كۆرۈشكە باشلايدۇ. ئاللاھنىڭ نەزىرىدە تۆۋبىنىڭ ئورنى ئىتائەتتىنمۇ يۇقۇرىدۇر.

ئاللاھ بىزنى روھيىتىمىزنى تازىلاشقا ۋە مەنىۋىيتىمىزنى پاكلاشقا نېسىپ قىلسۇن! تۆۋبە قىلغۇچىلاردىن قىلسۇن ۋە تۆۋبىلىرىمىزنى قۇبۇل قىلسۇن! ئامىين.

تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى



[1]   سۈرە زارىيات: 56 – 58 ئايەتلەر.

باشقا خىزمەتلەر