ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023
ئىسلام نېمىتىدىن قالسا ئەڭ بۈيۈك نېمەت نەسىھەت نېمىتىدۇر
ھۆرمەتلىك ئۇستاز دوكتور/ ئۇسامە ئابدۇللا خەييات
2011 – يىلى 2 – ئاينىڭ 11 - كۈنى
ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «ئىسلام نېمىتىدىن قالسا ئەڭ بۈيۈك نېمەت نەسىھەت نېمىتىدۇر» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.
ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنىڭ ئەڭ بۈيۈكى، ئاللاھنىڭ دىنىغا ھىدايەت قىلىش نېمىتى بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى 2- بۈيۈك نېمەت، سادىق ۋە سەمەمىي نەسىھەتچى ئالىملارنىڭ نەسىھىتىدۇر. سەمىمىي ئالىملار ئۆزىنىڭ دىنى قېرىنداشلىرىغا ئاللاھنىڭ دىنىنى ۋە دىندىكى ياخشى يامان ئىشلارنى ئەسلىتىش ئارقىلىق نەسىھەت قىلىدۇ. ئالىملار بولسا، جامائەتكە دىننىڭ ھەقىقىتى، توغرا-خاتا ئىشلار، ئاپەت ۋە ھالاكەتنىڭ ئامىللىرىنى ئەسلىتىپ، ئاگاھلاندۇرىدۇ. نەسىھەت قىلىشتا دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە نىيەتنىڭ خالىسلىقى ۋە سەمىمىيەتتۇر. نەسىھەتنى قوبۇل قىلىش، خاتالىقنى تونۇش بولسا ئالىجاناپلىق، ئىسىل سۈپەت، ئەقىلنىڭ كامالىتى ۋە قەلبنىڭ پاكلىقىدۇر.
ئادەمدە كەمچىلىك بولۇشى تەبىئىي. چۈنكى ئىنسان خاتالىشىدۇ ۋە خاتالىق داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئەمما خاتالىقنى تونۇش، ئاللاھنىڭ پەزلى ئارقىلىق بولمىسا، خاتلىقنى ئېتىراپ قىلىش تېخىمۇ قىيىن، شۇڭا خاتالىقنى تونۇش ئۈچۈن ھەقىقىي نەسىھەتچى ئالىملارغا موھتاجمىز.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەسىھەتنىڭ مۇھىملىقىدىن خەۋەر بېرىپ، تۆۋەندىكى ھەدىسنى بىزلەرگە يەتكۈزگەن: «دىن نەسىھەتتۇر»، ساھابىلار، ئى رەسۇلەللاھ! كىم ئۈچۈن نەسىھەت؟ دېگەندە؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبىرى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئالىملىرى ۋە ئاممىۋى خەلق ئۈچۈن نەسىھەت قىلىشتۇر» دېگەن.
نەسىھەتنىڭ مەنىسى بولسا، ئاللاھنىڭ تەۋھىدى، ئىسىم-سۈپەتلىرى، بارلىق مەخلۇقلارغا ئاللاھنىڭ رىزىق بەرگۈچى، تىرىلدۈرگۈچى، ئۆلتۈرگۈچى ئىكەنلىكى ۋە خالايىقنى ئۆز نېمىتى بىلەن تەربىيەلىگۈچى ئىكەنلىكىگە نەسىھەت قىلىشتۇر. ئاللاھنىڭ كىتابىغا نەسىھەت بولسا، كىتابنى ئۆگىنىش، باشقىلارغا ئۆگىتىش، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش، ئۇنى ھەرىپمۇ-ھەرىپ تەتبىقلاش، بەلگىلىمىلىرىنى ھىمايە قىلىش، دۈشمەنلەرنىڭ سۈيقەستلىرىدىن ھىمايە قىلىش ۋە جاھىللارنىڭ بۇرمىلاشلىرىدىن ھىمايە قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئۈچۈن نەسىھەت قىلىش بولسا، رەسۇلۇللاھقا مۇھەببەت قىلىش، ئىتائەت قىلىش، سۈننىتىگە ئەگىشىش، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆگىتىش، ئەمەل قىلىش، ئۇنىڭ سۆزىنى باشقا ھەر قانداق مەخلۇقلار نىڭ سۆزى ئۈستىگە قويۇش بىلەن بولىدۇ.مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرىغا نەسىھەت قىلىش بولسا، ئۇلارغا ياردەملىشىش، غەپلەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇش، ئۇلار ھەققىدە ياخشى گۇمان قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى ئەسلىتىپ تۇرۇش بىلەن بولىدۇ.
نەسىھەتنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى شۇنداق چوڭكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەيئەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ساھابىلارغا ئاللاھ يولىدا نەسىھەت قىلىشنى شەرت قىلاتتى. نەسىھەت بولسا، سەمىمىيەت-ساداقەتسىز تەسىر قىلمايدۇ. نەسىھەت قىلغۇچى ئالىم، ياكى ھەر قانداق بىر شەخسنىڭ نىيىتى خالىس بولىشى، كىشىلەرگە مېھرىبان بولىشى، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇندا قويالىشى، نىجاتلىق يولىغا باشلىيالىشى، ئىشلارنىڭ سىرلىرىنى بىلىشتە ھېكمەتلىك بولىشى، ئىشلارنى ئىلگىرى-كېيىن قىلماسلىقى ۋە بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتى بىلەن زىيانلىرىنى ئىتىبارغا ئېلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
نەسىھەتچى، جامائەتنىڭ ياكى نەسىھەت قىلىنماقچى بولغان شەخسنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنماسلىق، مۇلايىم بولۇش ۋە دىلىغا ئازار بەرمەسلىكى كېرەك. ئىلگىرىكى سەلەف ئالىملىرى نەسىھەتچىنىڭ ھەقىقىتىنى چەشەندۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: بىلىڭكى، سىزگە نەسىھەت قىلغان كىشى، سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن نەسىھەت قىلىدۇ، سىزنى ئۆچ كۆرگەن كىشى نەسىھەت قىلمايدۇ، نەسىھەت قىلغان تەقدىردىمۇ توغرا نەسىھەت قىلمايدۇ. نەسىھەت ئارقىلىق كېسەلنىڭ ھەقىقىتى ئاشكارىلىنىدۇ ۋە دورىسى مۇئەييەنلىشىدۇ. نەسىھەت مۇئمىننىڭ قورالىدۇر ۋە مەنىۋى كېسىلىگە شىپادۇر.
ئاللاھ ھەممىمىزنى مۇسۇلمانلارغا نەسىھەت قىلىدىغان، ھەقكە تەۋسىيە قىلىدىغان، باتىلدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ۋە نەسىھەت قوبۇل قىلىدىغانلار قاتارىدىن قىلسۇن، ئامىن!.
تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى
باشقا خىزمەتلەر