ھىجرىيە: | مىلادىي: 24 Temmuz 2021

چىكىنىڭ
قۇرئان كەرىمدىكى ئىلمىي مۆجىزىلەر

                              قۇرئان كەرىمدىكى ئىلمىي مۆجىزىلەر
تاغلارنىڭ قوزۇق ئىكەنلىكى ۋە يەرنىڭ يېرىق ئىكەنلىكى
 
مۇھەممەد يۈسۈپ
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن:« يەر يۈزىنى(سىلەر ئۈچۈن) بىسات قىلمىدۇقمۇ؟ تاغلارنى قوزۇق قىلمىدۇقمۇ؟» دەيدۇ. بىزنىڭ بۇ ئايەتلەردىن توختالماقچى بولغىنىمىز (قوزۇق) دېگەن سۆز بولۇپ، ئاللاھ تائالا تاغلارنى قوزۇققا ئوخشاتقان. بۇ ئايەت تاغلارنىڭ بىز كۆرۈۋاتقاندەك ئەمەس، بەلكى يەرگە قېقىلغان قوزققا ئوخشاش بولۇپ، خۇددى قوزۇق چېدىرلارنى بوران-چاپقۇنلارنىڭ ئۆرۈۋېتىشىدىن ساقلاپ قالغىنىدەك، زېمىننى تەۋرەپ كېتىشتىن ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ.
ئىلمىي ھەقىقەت
ئىنسانلار ئون توققۇزىنچى ئەسىرگە كەلگۈچىلىك تاغلار توغرۇلۇق ھېچ نەرسە بىلمەيتتى، پەقەت تاغلارنى كۆپلىگەن تاشلاردىن تەركىپ تاپقان بىر ئىگىزلىك دەپلا بىلەتتى. ئۇلار تاغلارنىڭ ئاستىدا ئۆزىنىڭ سىرتتا كۆرۈنۈپ تۇرغان قىسمىدىنمۇ ئۇزۇن بولغان قىسمى بارلىقىنى بىلمەيتتى. ئىنسانلار گيولوگىيە ئىلمىنىڭ سايىسىدا تاغلارنىڭ يەر يۈزىدە كۆرۈنۈپ تۇرغان قىسمىدىن نەچچە ھەسسە ئۇزۇنلۇقتا، ھەتتا ئۆزىدىن 15 ھەسسىگىچە ئۇزۇنلۇقتا يىلتىزى بارلىقىنى بايقاپ چىقتى. ھازىرقى ئىلىم- پەن يەنە زېمىن پوستىنىڭ بىر قانچە قەۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ۋە شۇ قەۋەتلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى بىلەن ھەرىكەتلىنىشى سەۋەبلىك يەر تەۋرەش ھادىسىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى، تاغلارنىڭ يەر تەۋرىگە چاغدا خۇددى قوزۇقلاردەك قادىلىپ تۇرۇپ زېمىن پوستىدىكى قەۋەتلەرنىڭ تەۋرەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى كەشىپ قىلغان.
قۇرئان كەرىم مۆجىزىسى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ھېچكىم تاغلارنىڭ يەر ئاستىدىكى يىلتىزى ياكى زېمىننىڭ پوستى ھەققىدە ھېچ نەرسە بىلمەيتتى. ئىنسانلار بۇ ھەقىقەتنى پەقەت 19-ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەنلا ئۆگەندى. ئۇنداقتا، قۇرئان كەرىمدىكى بۇ ئىلمىي ھەقىقەتنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كىم ئېيتىپ بەرگەن؟ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك خەت يېزىشنى ياكى ئوقۇشنى ئۆگەنمىگەن بىر پەيغەمبەر بۇ ئىلمى ھەقىقەتنى زادى نەدىن ئۆگەندى؟ بۇ ئەھۋال قۇرئان كەرىمنىڭ چوقۇم ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟!
يەرنىڭ يېرىق ئىكەنلىكى
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «يېرىق زېمىن بىلەن قەسەمكى» دەيدۇ. بۇ ئايەتتىن توختىلىدىغىنىمىز «يېرىق زېمىن » دېگەن سۆز بولۇپ، ئاللاھ تائالا يەرنىڭ ئۆسۈملۈكلەرنى چىقىرىش بىلەن، دەل –دەرەخلەرنى چىقىرىش بىلەن ۋە دېڭىز- ئوكيانلار بىلەن يېرىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
ئىلمىي ھەقىقەت
زېمىننىڭ تاش پوستى بولۇپ، ئۇ زېمىندا ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر ئەھۋالدۇر. ھازىرقى ئىلىم-پەن زېمىننىڭ ھەر تەرپىدىن يېرىق ھالىتىنى كەشپ قىلغان.
زېمىننىڭ يېرىق بولغانلىقىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پايدىسى
1. زېمىندىكى بۇ يېرىقلار يەر ئاستىدىكى ھارارەتنىڭ ئۆتۈشى ئۈچۇن زور ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. ئەگەر زېمىندا مۇنداق يېرىق بولمىغان بولسا ئىدى، زېمىن ئىچىدىكى ھارارەت سەۋەبلىك پارتلاپ كەتكەن بولاتتى.
2. زېمىندىكى بۇ يېرىقلار ئارقىلىق يەر ئاستىدىكى گاز ۋە ھور قاتارلىقلار چىقىپ، زېمىننىڭ گاز ۋە سۇ قاتلىمىنى ھاسىل قىلىدۇ. مەلۇمكى، ھاۋا بىلەن سۇ ھاياتلىق ئۈچۇن زۆرۈردۇر.
3. زېمىندىكى بۇ يېرىقلار زېمىننىڭ تاش پوستىنى ۋە تاغ تىزمىلىرىنى ھاسىل قىلىشىغا ياردەمچى بولىدۇ، شۇنداقلا يەر يۈزىدە دېڭىز ۋە دەريالارنى ھاسىل قىلىش ئارقىلىق سۇنى يىراق جايلارغا ئېلىپ بېرىشقا ياردەمچى بولىدۇ.
4. زېمىندىكى بۇ يېرىقلار ئارقىلىق قىممەتلىك يەر ئاستى بايلىقلىرىنى چىقىرىشقا بولىدۇ.
قۇرئان كەرىم مۆجىزىسى
ئاللاھ تائالا (يېرىق زېمىن بىلەن قەسەمكى) دېگەن سۆزى ئارقىلىق زېمىننىڭ ھەر تەرىپىدە يېرىقلارنىڭ بارلىقىدىن ئىبارەت ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك كائىنات ھەقىقەتلىرىدىن بىرىگە ئىشارەت قىلغان. بۇ ھەقىقەتنى ئىنسانلار پەقەت ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن بېرى بىلىپ يەتكەن بولدى. ئەمما قۇرئان كەرىم بۇ ھەقىقەتكە مۇندىن 14 ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى ئىشارەت قىلغان. ئەگەر قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى بولمايدىغان بولسا، ئىنسانلار ئىلىم-پەن سايىسىدا ئەمدىلا بىلىپ يەتكەن بۇ ھەقىقەتنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇندىن 14 ئەسىر ئىلگىرى نەدىن بىلدى؟
 
 
 
 

باشقا خىزمەتلەر